ماڭلاي يېزىسى
ماڭلاي يېزىسى قاراقاش ناھىيەسى نىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاينىڭ ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 5 كىلومېتىر كېلىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ماڭلاي يېزىسى قاراقاش ناھىيەسى نىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاينىڭ ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 5 كىلومېتىر كېلىدۇ. شەرقتە قاراقاش بازىرى، غەربتە كۇيا يېزىسى، شىمالدا پۇرچاقچى يېزىسى، جەنۇبتا توخۇلا يېزىسى ۋە ئاقساراي يېزىسى قاتارلىقلار بىلەن قوشنا. كۆلىمى 24 كۋادرات كىلومېتىر. يېزىنىڭ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى19322 مو، كىشى بېشىغا 0.95 مودىن تېرىلغۇ يەر توغرا كېلىدۇ.
يېزا تەۋەسىدە 15 مەمۇرىي كەنت بار بولۇپ، بازار كەنتى، باش ماڭلاي كەنتى، تۆۋەن ماڭلاي كەنتى، تاكشا كەنتى، بۇدۇشۇغ كەنتى، چاقاركەنتى، باش قارىلا كەنتى، تۆۋەن قارىلا كەنتى، قۇرغۇي كەنتى، ئالتۇنچى كەنتى، ئاقتام كەنتى، چىنارباغ كەنتى، داخان كەنتى، قاياش كەنتى قاتارلىقلار. يەنە 76 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى، 5265 ئاھالە، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا ئاھالىسى 4915، غەيرىي يېزا ئاھالىسى 350، 21137 نوپۇس، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 21116 ئادەم بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %99.90 نى ئىگەلەيدۇ، خەنزۇلار 21 ئادەم بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %0.10 نى ئىگەلەيدۇ.
ھەرخىل كەسپىي تېخنىكا خادىمىدىن 170 ئادەم بار، يەنە بىر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ بار بولۇپ، ئوقۇغۇچىسى 1379 نەپەر، ئوقۇتقۇچىسى 77 نەپەرگە يەتكەن؛ 9 باشلانغۇچ مەكتەپ بار بولۇپ، ئوقۇغۇچىسى 3071 نەپەر، ئوقۇتقۇچى 102 نەپەرگە يەتكەن. 2006-يىلى مائارىپ ئاساسىي قۇرۇلۇشىغا 300 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان. يىل ئاخىرىدا رادىيونىڭ نوپۇسنى قاپلاش نىسبىتى %100 كە يەتكەن، رادىيو بىلەن تېلېۋىزىيەنىڭ نوپۇسنى قاپلاش نىسبىتى يەنە ئوخشاشلا %100 كە يەتكەن، 18 كۇتۇپخانا بار، ھەر خىل كىتابلار 7500 دانە، مەدەنىيەت پائالىيەت ئۆيى، بىر ئامبولاتورىيە، 20 نەپەر تېببىي خادىم، 30 دانە كېسەل كارىۋىتى بار. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.