بىت تەڭگىسى

بىت تەڭگىسى

بىت تەڭگىسى ، ئىنگىلىزچىسى Bitcoin ، قىسقارتىپ يېزىلىشى : BTC ، پۇل بەلگىىسى : ฿ ، ئۇ بىر خىل يېڭى تىپتىكى ئابونت ئۆزى ياسىغان ، خەلىقئارادا بىردەك ئىشلىتىشكە بولىدىغان مەخپىيلەشتۈرۈلگەن مەۋھۇم پۇل.

نامى بىت تەڭگىسى
چەتئەلچە ئاتىلىشى Bitcoin
خەنزۇچە ئاتىلىشى 比特币
تۈرى ئېلېكتىرونلۇق پۇل

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بىت تەڭگىسى ، ئىنگىلىزچىسى Bitcoin ، قىسقارتىپ يېزىلىشى : BTC ، پۇل بەلگىىسى : ฿ ، ئۇ بىر خىل يېڭى تىپتىكى ئابونت ئۆزى ياسىغان ، خەلىقئارادا بىردەك ئىشلىتىشكە بولىدىغان مەخپىيلەشتۈرۈلگەن مەۋھۇم پۇل. ئۇنىڭ نەزەرىيسىنى 2008 – يىلى ياپونىيىلىك Satoshi Nakamoto ئوتتۇرىغا قويغان ، ئۇ ئوچۇق ، باراۋەر ، بىرلىككە كەلگەن ، بىۋاستە قاتنىىشىش ئىددىيلىرىنى ئۆلچەم قىلىپ تۇرۇپ، ئوچۇق كودلۇق يۇمشاق دېتال ۋە مەخپىي شىفىر بۆلىكنىڭ خىزمەت پىرىنسىپىغا بىرلەشتۈرۈپ ، P2P باراۋەت تورى ۋە تارقىلىشچان سانلىق مەلۇمات سۇپىسىدا بىت تەڭگىسىنى ئېچىش ، سودىلىشىش سۇپىسىنى بەرپا قىلىپ چىققان . ئۇنىڭ سىستېمىسى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئابونتلار بۆلىكىگە كەڭ تارقالغان بولۇپ ، ئۆزىنىڭ ئۇرۇق ھۆججىتى ئارقىلىق بىت تەڭگىسىنىڭ تارقىتىش ، باشقۇرۇش ، سودىلىشىش باسقۇچلىرىنىڭ باراۋەر ، بىخەتەر بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان . بىت تەڭگىسىنىڭ ئومومى سانى ئەسلىدىكى پروگراممىدا ئالدىن بېكىتىلگىنى بويىچە بارا – بارا ئازىيىپ 2140 – يىلىغا بارغاندا 21 مىليۇنلۇق ئەڭ يۇقىرى چەككە يىتىدۇ ، ئۇنىڭدىن كۆپ بولمايدۇ.

1. بىت تەڭگىسى مەركەزسىزلەشتۈرۈلگەن بولىدۇ : مەسىلەن سىز بارلىق ئىقتىسادىڭىزنى دوللار ياكى خەلق پۇلىغا ئايلاندۇرۇپ يىغسىڭىز ئاشۇ پۇلنى تارقاتقان ئورگاننى شۇ پۇلنىڭ مەركىزى دەپ بىلسەك بولىدۇ ، ئەگەر ئۇ ئورگان ۋەيران بولۇپ يوقىسا سىزنىڭ يىغقان پۇللىرىڭىزنىڭ ھېچقانداق قىممىتى بولمايدۇ . ئەمما بىت تەڭگىسى ئۇنداق ئەمەس ، يەنى سىز «بىت پۇلى گوروھى» نىڭ ۋەيران بولۇپ تاقىلىپ قىلىشىدىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ، چۈنكى بۇنداق بىر ئورگان مەۋجۇت ئەمەس . پەقەت دۇنيادا باشقا بىر ئادەم ئىنتېرنېت ئارقىلىق سىز بىلەن ئالاقىلىشالايدىغان بولسا سىز بىت تەڭگىسىنى ئىشلىتەلەيسىز . مىسال كەلتۈرسەك : بىز ئىشلىتىۋاتقان پۇللارنى مەلۇم بىر تور بېكەتتىن چۈشۈرسەك بولىدۇ دەپ قارىساق ئەگەر ئۇ بېكەت تاقىلىپ قالسا سىز داۋاملىق چۈشۈرەلمەيسىز دىگەن گەپ ، ئەمما بىت تەڭگىسى ئۇرۇق ھۆججىتى ئارقىلىق نەرسە چۈشۈرىدۇ ، خالىغان بىر ئادەم شۇ نەرسىنى چۈشۈرۈپ باققان بولسا سىزمۇ چۈشۈرەلەيسىز دىگەن گەپ ، بېكەت مۇلازىمىترى بىلەن مۇناسىۋەتسىز .

2. بىت تەڭگىسىنىڭ ئومومىي سانى مۇقىم بولىدۇ : بىت تەڭگىسىنىڭ ئومومىي سانى جەمئىي 21 مىليۇن ، بۇ ئاشۇ بىت تەڭگىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا پروگراممىغا مۇقىم يىزىۋىتىلگەن بولىدۇ . يەنە كىلىپ ئالدىدا ئېيتقاندەك بىت تەڭگىسى مەركەزسىزلەشتۈرۈلگەن بولغاچقا بۇ ئىككى ئالاھىدىلىك بىت تەڭگىسىنى ياخشى بولغان كاپالەتكە ئىگە قىلغان ، بەزىلەر ھەتتا بىت تەڭگىسىنى ئالتۇنغا ئوخشىتىدۇ .

3. بىت تەڭگىسىنى پارچىلاشقا بولىدۇ : خۇددى بىز ئادەتتىكى پۇلنى بىر مو ھەتتا بىر سىنىت دەپ كىچىك بىرلىك بىلەن ئاتىغانغا ئوخشاش بىت تەڭگىسىنىمۇ پارچىلاشقا بولىدۇ ، ئەمما ئۇ بىر مەۋھۇم پۇل ، شۇڭا پارچىلاش ئۇسۇلى ئالاھىدىرەك ، مەسىلەن : mBTC نى ئىشلىتىپ پارچىلاش (0.001 BTC = 1 mBTC) ، دىگەندەكلەر .

4. بىت تەڭگىسىنى سودىلىشىش ناھايتى قولايلىق : مەيلى سىز دۇنيانىڭ قايسى ئورنىدا بولۇڭ ، تور ئارقىلىق خالىغان ئادەم بىلەن بىت تەڭگىسى ئارقىلىق سودىلىشالايسىز ، خۇددى ئەلىپاينى ئىشلىتىپ توردىن مال سېتىۋالغاندەك . ئەلۋەتتە ئۇ بىت تەڭگىسىنى قوبۇل قىلىشى لازىم ، بولمىسا يەنىلا خەلق پۇلى ياكى دوللار بېرىشىڭىزگە توغرا كىلىدۇ .

5. بىت تەڭگىسى ئارقىلىق سودىلاشقاندا ھەر قېتىمغا 0.0001BTC ھەق ئېلىنىدۇ ، ئادەتتە سىز چوقۇم ئابونتلار تېرمىنالى ئارقىلىق سودىلىشىسىز ، ھەم بۇ تېرمىنال ھەقسىز تەمىنلەنگەن بولىدۇ ، شۇڭا بۇ رەسمىيەت ھەققى بىت تەڭگىسىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان تور بايلىقنى ئاسراش ئۈچۈن خىراجەت قىلىنىدۇ .

بىت تەڭگىسى پورتمالى

سىز ئادەتتە بىت تەڭگىسىنى ساقلاش ئۈچۈن ئابونتلار تېرمىنالى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ ، ئەلۋەتتە بۇ تېرمىنال ئارقىلىق بىت تەڭگىسىنى باشقىلارغا تۆلەشكە ھەم باشقىلار تۆلىگەن بىت تەڭگىسىنى قوبۇللاشقا بولىدۇ . 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    33.3%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    66.7%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#