يېرىم باش ئاغرىش

يېرىم باش ئاغرىش

يېرىم باش ئاغرىش(شەقىقە)-بۇ كېسەللىك، پۈتۈن بەدەندىكى ياكى قىسمەن ئەزادىن ئۆرلەپ چىققان بۇسلار باشنىڭ قايسى تەرىپى ئاجىز بولسا، شۇ تەرىپىدە ئورۇن ئېلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان بولۇپ باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش، چېكە شىريان تومۇرلىرى لوقۇلداپ سېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىغان كېسەللىكتۇر. 

غەرب تېبابىتى نامى يېرىم باش ئاغرىش
كېسەللىك سەۋەبى بەدەندىكى بۇسلار باشنىڭ ئاجىز تەرىپىدە ئورۇن ئېلىش
كۆپ كۆرۈلىدىغانلار ئاياللار
يۇقۇملىنىشى يۇقمايدۇ
ئىنگلىزچە نامى migraine
ئاساسلىق ئالامىتى باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش
خەنزۇچە نامى 偏头痛
تەۋە بۆلۈم نېرۋا ئىچكى بۆلۈمى
كېسەللىك ئورنى باش قىسمى
خەنزۇچە باشقا نامى 偏头风

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سەۋەبى

بۇ كېسەللىك، پۈتۈن بەدەندىكى ياكى قىسمەن ئەزادىن ئۆرلەپ چىققان بۇسلار باشنىڭ قايسى تەرىپى ئاجىز بولسا، شۇ تەرىپىدە ئورۇن ئېلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

① قان خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى ۋە ئوفۇنەتلىنىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 

② تەمسىز بەلغەم خىلىتى ۋە شورلۇق بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

 ③ روھى ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 

④ ئىرسىيەت سەۋەبىدىن كېلىپ چىقدۇ. ئالامىتى باشنىڭ يېرىمى بولۇپمۇ ئىككى چېكە لوقۇلداپ، تەكرار تۇتقاقلىق ئاغرىيدۇ.

ئالامىتى: باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش، چېكە شىريان تومۇرلىرى لوقۇلداپ سېلىش، قول بىلەن تومۇرنى بېسىۋالسا ئاغرىقى بىر ئاز پەسەيگەندەك بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.كېسەللىك تۇتۇشقا باشلىغاندا مىجەزى سۇسلىشىپ، ھورۇن بولۇپ قالىدۇ. يورۇقلۇقتىن قاچىدۇ، كۈندۈزى ئاغرىق كۈچىيىپ، كېچىسى پەسىيىدۇ. بەزىدە ئوڭ تەرەپ، بەزىدە سول تەرەپ ئالمىشىپ ئاغرىيدۇ. چىرايى تاتىرىپ، كۆز ئالمىسى چىڭقىلىپ قىزىرىدۇ. كۈن نۇرىغا قارىيالمايدۇ، كۆزى تورلىشىدۇ. تومۇرى ئاجىز، ئاستا سوقىدۇ. كۆڭلى ئېلىشىپ، قۇسىدۇ، بەزى كىشىلەردە ئاغرىق 3-2 كۈنگىچە داۋاملىشىپ، كېيىن پەسىيىپ بىمار ئۇخلاپ قالىدۇ. ئۇخلىغاندىن كېيىن ساقىيىپ قالىدۇ.

1-رېتسېپ

تەركىبى: گاۋزىبان ھىندى، ئاقلانغان يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، تازىلانغان پىلە غوزىسى، بالەنگۇ ئۇرۇقى، ئاق بەھمەن، سەندەل، پەرەنجىمىشكى 30 گىرامدىن، مەرۋايىت، ئىپار 5. 2 گىرامدىن، ئەنبەر بەش گىرام، ناۋات 1200 گىرام، سۇ 10 ھەسسە.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى چالا سوقۇپ، سۇغا بىر كېچە چىلاپ، ئەتىسى سۈيىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى قالغۇچە قاينىتىپ، سۈزۈپ، سۈيىگە 5. 1 ھەسسە ناۋات سېلىپ قىيام قىلىنىدۇ. قىيام سوۋۇپ ئىلمان ھالەتكە كەلگەندە ئۈستىگە ئىپار، ئەنبەر، مەرۋايىتلارنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ

يېرىم باش ئاغرىشتەركىبى: كابۇل ھېلىلىسى، ئامىلە، بەلىلە پوستى، قارا ھېلىلە 30 گىرامدىن، ئاق تۇربۇت، بىستىپايەج، سېرىق ئوت، ئۈستقۇددۇس 15 گىرامدىن، غارىقۇن توققۇز گىرام، نارمىشىك، سۇمبۇل، لاچىندانە، مەستىكى، گاۋزىبان، ئاپېلسىن پوستى، رەۋەن، زەپەر ئۈچ گىرامدىن، قىزىلگۈل، رۇببىسۇس 15 گىرامدىن، ھەسەل 750 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلانى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى: ئامىلە مۇقەششەر، بەلىلە پوستى، سېرىق ھېلىلە پوستى، كابۇل ھېلىلىسى پوستى، قارا ھېلىلە 15 گىرامدىن، پوستى ئاقلانغان بادام مېغىزى 40 گىرام، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى 75 گىرام، ھەسەل ئۈچ ھەسسە.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

يېرىم باش ئاغرىش

http://baike.baidu.com/view/9619.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    66.7%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    33.3%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#