ھازىرقى زامان قىشلىق ئىككى تۈر
ھازىرقى زامان قىشلىق ئىككى تۈر دالىدا قار تېيىلىش بىلەن قارىغا ئېتىش بىرلەشتۈرۈلگەن قىشلىق قار ئۈستى تەنھەرىكەت تۈرىدۇر. تەنھەرىكەتچىلەر مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان ماناپولكا ئېلىپ، بىر بۆلەك ئارىلىقنى تېيىلىپ بولغاندىن كېيىن بىر قېتىم قارىغا ئاتىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ھازىرقى زامان قىشلىق ئىككى تۈر دالىدا قار تېيىلىش بىلەن قارىغا ئېتىش بىرلەشتۈرۈلگەن قىشلىق قار ئۈستى تەنھەرىكەت تۈرىدۇر. تەنھەرىكەتچىلەر مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان ماناپولكا ئېلىپ، بىر بۆلەك ئارىلىقنى تېيىلىپ بولغاندىن كېيىن بىر قېتىم قارىغا ئاتىدۇ. ۋاقىت خاتىرىلەشتە، باش پەللىدىن ئاخىرقى پەللىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋاقىت خاتىرىلىنىپ، قارىغا ئېتىپ تەگكۈزۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن ۋاقىت جازاسى قوشۇلۇپ، تەنھەرىكەتچىنىڭ ئومۇمىي ۋاقتى ھېسابلىنىدۇ، ئومۇمىي ۋاقتى قىسقا بولغانلار غەلىبە قىلغان بولىدۇ.
بۇ ئوۋچىلارنىڭ پايانسىز كەتكەن قارلىق دالىدا ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلىشىدىن كېلىپ چىققان بىر خىل تەنھەرىكەت تۈرى بولۇپ، ئەڭ دەسلەپتە نورۋېگىيىدە بارلىققا كەلگەن. 1767-يىلى نورۋېگىيە بىلەن شۋېتسىيە چېگرىسىنى قوغداۋاتقان نورۋېگىيە چېگرا چارلىغۇچىلىرى تۇنجى قېتىم مۇسابىقە ئۆتكۈزگەن. 1877-يىلى نورۋېگىيىدە دۇنيا بويىچە تۇنجى قار تېيىلىش كۇلۇبى قۇرۇلغان. 1924-يىلى فرانسىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا بۇ ھەرىكەت ھەربىي چارلاش تۈرى سۈپىتىدە رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن. كېيىن ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا نەچچە قېتىم كىرگۈزۈلۈپ ۋە نەچچە قېتىم بىكار قىلىنىپ، 1960-يىلىغا كەلگەندىلا ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن 8-نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا قايتىدىن رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن ھەمدە ھازىرقى زامان قىشلىق ئىككى تۈر دەپ ئاتالغان. 1958-يىلى ئاۋسترالىيىدە تۇنجى نۆۋەتلىك ھازىرقى زامان قىشلىق ئىككى تۈرنىڭ دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپ، كېيىن ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى يىلىدىن باشقا يىللاردا ھەر يىلى بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلىدىغان بولغان.
ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ھازىرقى زامان قىشلىق ئىككى تۈرىنىڭ مۇسابىقە تۈرلىرىدىن يەككىلەر 20 كىلومېتىرلىق، 10 كىلومېتىرلىق دالىدا قار تېيىلىپ، قارىغا ئېتىش ۋە كوللېكتىپ 5.7×4 كىلومېتىرلىق دالىدا قار تېيىلىپ، قارىغا ئېتىپ كۈچ ئۇلاش دەپ ئۈچ تۈرى بار. دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى چوڭلار گۇرۇپپىسى بىلەن ياشلار گۇرۇپپىسىغا بۆلۈنىدۇ. چوڭلار گۇرۇپپىسىنىڭ مۇسابىقە تۈرى قىشلىق ئولىمپىك يىغىنىنىڭ تۈرلىرى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ياشلار گۇرۇپپىسىدا يەككىلەر 15 كىلومېتىرلىق، 10 كىلومېتىرلىق دالىدا قار تېيىلىپ، قارىغا ئېتىش ۋە كوللېكتىپ 5.7×3 كىلومېتىرلىق دالىدا قار تېيىلىپ، قارىغا ئېتىپ كۈچ ئۇلاش دەپ ئۈچ تۈرى بار.
بۇ تۈرنىڭ ئۈستۈنلۈكى ئىزچىل تۈردە ياۋروپادا بولماقتا. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تەنھەرىكەتچىسى ئالىكساندىر تېخونوف 1968-يىلىدىن 1980-يىلىغىچە 13 يىل ئىچىدە 11 قېتىم دۇنيا چېمپىيونى بولغان، ئۇ تا بۈگۈنگىچە دۇنيا چېمپىيون بولۇش قېتىم سانى ئەڭ كۆپ ھازىرقى زامان قىشلىق ئىككى تۈر تەنھەرىكەتچىسى ھېسابلىنىدۇ.
ئېلىمىزنىڭ ھازىرقى زامان قىشلىق ئىككى تۈرنى رەسمىي قانات يايدۇرۇشى مۇشۇ ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن باشلانغان. 1961-يىلى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىدىن تاللىنىپ تەشكىللەنگەن ئېلىمىزنىڭ تۇنجى ھازىرقى زامان قىشلىق ئىككى تۈر كوماندىسى پولشادا ئۆتكۈزۈلگەن سوتسىيالىستىك دۆلەتلەر ئىتتىپاقداش ئارمىيە قىشلىق تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشقان. 1980-يىلى ھازىرقى زامان قىشلىق ئىككى تۈر مەملىكەتلىك قار تېيىلىش مۇسابىقىسى چوڭ يىغىنىنىڭ رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن. شۇ يىلى ئېلىمىز تۇنجى قېتىم دۆلەت كوماندىسى ئەۋەتىپ، ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن 13-نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشقان. ئەڭ ياخشى نەتىجىسى كوللېكتىپ 12-لىككە ئېرىشكەن.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.