بېيداچۈ يېزىسى

شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 21 كىلومېتر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى 6.9 كىلومېتىر، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 10 كىلومېتىر. كۇچا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ۋە ئۆلكە يولىنىڭ 206-لېنىيەسىنى كېسىپ ئۆتىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى بېيداچۈ يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
يەر مەيدانى 138 كىۋادىرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 北大渠乡
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
رايۇن نۇمۇرى 0996

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بېيداچۈ يېزىسىشەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 21 كىلومېتر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى 6.9 كىلومېتىر، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 10 كىلومېتىر. كۇچا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ۋە ئۆلكە يولىنىڭ 206-لېنىيەسىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. 2006-يىلى قارىمىقىدا بېيداچۈ كەنتى، ليۇشىخۇ كەنتى، باباخۇ كەنتى، شىخاۋچۈي كەنتى، بېيچۈي كەنتى، تەيپىڭچۈي كەنتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى، بىر دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق مەيدانى، 39 كەنت ئاھالىلىرى گۇرۇپپىسى قاتارلىقلار بار ئىدى. يىل ئاخىرىدىكى نوپۇس سانى 9932 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا نوپۇس 7986 ئادەم، ئاز سانلىق مىللەت نوپۇس سانى 6953 ئادەم، ئاساسلىقى خەنزۇ، ئۇيغۇر، خۇيزۇ قاتارلىق ئۈچ مىللەتتىن تەركىب تاپقان. نوپۇسنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى %17.3، نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى %15.4، 4000 گېكتار تېرىلغۇ يەر بار. 2006-يىلى ئاشلىق زىرائىتى تېرىلغۇ كۆلىمى 1 مىڭ 400 گېكتار ؛ 2667 گېكتار يەرگە ئىقتىسادىي زىرائەت تېرىلغان . ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن مۇچ، گازىر، تاۋۇز، قىزىلچا، ئاق گازىر قاتارلىقلار تېرىلغان.

تېرىقچىلىق ئىشلىرىيېزا بويىچە ھازىر بار بولغان تېرىلغۇ يەر 61 مىڭ موغا يەتكەن، بۇ يېزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، دېھقانلار ئۆزگىچە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىقتىسادىي زىرائەت، يەم-خەشەكلەرنى ئۈچ مۇھىم نۇقتا بولغان «ئۆزگىچە كەسىپلەشتۈرۈش، كەسىپ ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئۆزگىچە كەسىپلەر كۆلەملەشكەن» تەلىپى بويىچە كەسىپلەشتۈرۈپ، باشقۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، زىرائەتنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرغان، سېلىنما-ھاسىلات نىسبىتى ئۆستۈرۈلگەن، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە كۆپ كۈچ سەرپ قىلىپ، يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى زور كۈچ بىلەن تەڭشەش ئېلىپ بارغان، قىزىلچا، مۇچ، ئاق گازىر قاتارلىقلار كۆپ مىقدارلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى ئاساس قىلغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقارغان. 

ئاپتونوم ناھىيەسى بويىچە چارۋىچىلىق ئومۇمىي تەرەققىيات پىلانى يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، چارۋا، ئۆي قۇشلىرىنىڭ نەسلىنى ئاشۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى كېڭەيتىپ، ئىگىلىك باشقۇرۇشنىڭ كەسىپلىشىشى، مەھسۇلاتنىڭ بازارلىشىشى، تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يېزا چارۋىچىلىق تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، مۇۋاپىق بولغان ئۆي قۇشلىرىنى بېقىش، يەم-خەشەك تۈرلىرىنى سەرخىلاشتۇرۇپ، سېغىن ئىنەك، ئىنىچكە يۇڭلۇق قوي، تۇخۇم توخۇسى، كالا، قوي بورداش بازىسى قۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن يېزىدىكى چارۋىچىلىقنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات جەريانىدا، تۇخۇم توخۇسى باقمىچىلىقىنى پۈتۈن يېزىدىكى چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق مەركىزىگە ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.

يېزىلاردىكى كۆرىنىشلەرئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش خىزمىتى ئاپپاراتلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش خىزمىتىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش كېرەك، تېخنىكا نازارەتچىلىكى سېستىمىسى فونكىسيىسىنى كۈچەيتىپ، يەنىمۇ تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەش، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش ۋە تەربىيىلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تەشكىللىنىش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش، ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش خىزمىتى توغرىسىدىكى يېڭى پىكىر يولىنى ئېچىش، يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىمىنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە دەۋەت قىلىپ، ئۈچتىن بىر قىسىمىنى باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللاندۇرۇش، ئۈچتىن بىر قىسىم سېلىنمىنى بۇ يېزىدىكى تېرىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىشلىرىغا ئىشلىتىش.[0] 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    100%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#