ئارتۇر شوپېنخاۋېر

ئارتۇر شوپېنخاۋېر

ئارتۇر شوپېنخاۋېر (1788-1860) گېرمانىيەلىك ئاقسۆڭەك پومشىك ۋە ئەكسىيەتچىل بۇرژۇئا ئىدىيىسىنىڭ ۋەكىلى. ئۇ كانتنىڭ سۇبېكتىپ ئىدېئالىزمى، ئەپلاتوننىڭ ئوبېكتىپ ئىدېئالىزمى ۋە ھىندىستاننىڭ بۇددىزىمىنى بىر قىلىپ يۇغۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئىرادىچىلىك پەلسەپىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئارتۇر شوپېنخاۋېر
دۆلەت تەۋەلىكى گېرمانىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1788-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى
كەسپى پەيلاسوپ
چەتئەلچە نامى Arthur Schopenhauer
خەنزۇچە ئاتىلىشى 亚瑟·叔本华
يۇرتى پولشا دانزىگ رايونى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1860-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى گوتتىنگېن ئۇنىۋېرسىتېتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئارتۇر شوپېنخاۋېرئارتۇر شوپېنخاۋېر (1788-1860) گېرمانىيەلىك ئاقسۆڭەك پومشىك ۋە ئەكسىيەتچىل بۇرژۇئا ئىدىيىسىنىڭ ۋەكىلى. ئۇ كانتنىڭ سۇبېكتىپ ئىدېئالىزمى، ئەپلاتوننىڭ ئوبېكتىپ ئىدېئالىزمى ۋە ھىندىستاننىڭ بۇددىزىمىنى بىر قىلىپ يۇغۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئىرادىچىلىك پەلسەپىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئىرادىچىك ـ ھازىرقى زامان بۇرژۇئا ئەكسىيەتچىل پەلسەپە ئېقىملىرىدىن بىرى، فاشىزىم ئىدىيىسىنىڭ ئاساسى.

 شوپېنخاۋېر كانت پەلسەپىسىنىڭ «ئۆزىدىكى نەرسە» توغرىسىدىكى ماتېرىئالىسىتىك قىسىمىنى يوققا چىقىرىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئىدىئالىزىمنى، سىرلىقلارشتۇرۇلغان «ئىرادە» نى دەسسىتىپ، ئىرادە دۇنيانىڭ ماھىيىتى، ماكاندىن، زاماندىن، سەۋەپتىن خالى ھەركەت، مۇشۇنداق ھەركەت تۈپەيلىدىن دۇنيادا كۈرمىڭلىغان كونكىرىت شەيئىلەر بارلىققا كېلىدۇ، دەپ قارايدۇ. شوپېنخار بىمەنىلىك بىلەن ئىرادە ـ ئالدى بىلەن ياشاش ئارزۇسىدىن ئىبارەت، ھاياتلىق ئىرادىنىڭ ئىپادىسىدىنلا ئىبارەت، ھاياتلىق ئىرادىسى قاننىڭ ئايلىنىشىنى ھاسىل قىلغان، بىلىم ئېلىش ئىرادىسى چوڭ مېڭىنى شەكىللەندۈرگەن، قولغا كەلتۈرۈش ئىرادىسى ئىككى قولىنى شەكىللەندۈرگەن، ئوزۇقلىنىش ئىرادىسى ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنى شەكىللەندۈرگەن، ھاياتلىقنى داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىسى جىنسىي ئەزالارنى شەكىللەندۈرگەن، ئادەمنىڭ ئورگانىزىمى ۋە سەزگۈ ئەزالىرى ئىرادىنىڭ قورالى، «پۈتۈن بەدەن ئىرادىنىڭ ئوبېكتىپلاشتۇرۇلىشىدىنلا ئىبارەت» دەپ دەۋا قىلىدۇ. ئۇ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ پۈتكۈل تەبىئەتمۇ ئىرادىنىڭ ئوبېكتىپلاشتۇرۇلۇشى، كۈچ دىگەن نىمە ئىرادىنىڭ بىر خىل شەكلىدىنلا ئىبارەت خالاس، دەيدۇ. شوپېنخاۋېر ئىرادىنىڭ رولىنى ھەجۋى رەسىم سۈپىتىدە مۇبالىغە قىلىپ، ئىرادىچىلىكنى تەرغىپ قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەقىلنى جېنىنىڭ بېرىچە چۆكۈرۈپ: ئىدىيە بىلەن ئەقىل پەقەت ئىرادىنىڭ پوستى ۋە قورالى، ئۇلار سىرلىق، بىلگىلى بولمايدىغان ئىرادىگە بويسۇنىشى كېرەك، دەپ قارايدۇ. قىسقىسى، شوپېنخاۋېرنىڭ بۇ نەزىرى ئوبېكىت شەيئىلەرنى ئىنكار قىلىدۇ، ئوبېكتىپ قانۇنىيەتنى ئىنكار قىلىدۇ، كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسى ۋە ئەقلىي دۇنيانى بىلىشى مۈمكىنلىگىنى ئىنكار قىلىپ، قارغۇلارچە ئىرادە ھەممىدۇر، دەپ ھىساپلايدۇ. بۇنداق نەزىرىيە پۈتۈنلەي ئىدىئالىستىك، ئەقىلغا ۋە پەنگە قارشى سىرلىقلاشتۇرمىچىلىق تۇقتىئنەزىرىدىن ئىبارەت. شوپېنخاۋېر يەنە تارىخنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغانلىغىنى ئىنكار قىلىپ، ئۈمتسىزلىكنى تەرغىپ قىلىدۇ. ئۇ مۇنداق قارايدۇ: ئىرادە ياشاشنى تەلەپ قىلىدۇ، ۋاھالەنكى «ياشاش ئىرادىسى» مەڭگۈ شەخسى مەنپەئەتنى كۆزلەيدۇ؛ شۇڭلاشقا، ياشاش ئۈچۈن، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا ئۈزلۈكسىز تۈردە كۆرەش بولۇپ تۇرىدۇ. «ياشاش كۆرىشى» تۈپەيلىدىن، ئۆزلۈكسىز رەۋىشتە غەم ـ قايغۇ، ئازاپ ـ ئوقۇبەت ۋە بالايى ـ ئاپەت يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. «ياشاش ئىرادىسى»نىڭ ماھىيىتى قارغۇلارچە ئارزۇ ۋە مەڭگۈ توختىمايدىغان ھاياجانلىنىشتىن ئىبارەت، مۇنداق ھاياجانلىنىش مۇۋەپپەقىيەتلەر ئۈچۈن مەڭگۈ ئاراملىق بەرمەيدۇ، كىشىلەر قانائەتلىنىشتىن مەڭگۈ بەھرىمان بولالمايدۇ، شۇڭا، ھاياتلىق تاكى ئۆلگەنگە قەدەر ئازاپ ـ ئوقۇبەت بىلەن تولغان بولىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئادەم بۇ دۇنيادا ئۆلۈمگە قارشى داۋاملىق كۆرەش قىلىدۇ، ھەر بىر تىنىق ئۆلۈمگە قارشى ھەر بىر دەقىقىلىق كۆرەشنىڭ دەلىلى. ھاياتلىق ئازاپ ـ ئوقۇبەت بىلەن تولغان بولۇشىغا قارىماي، كىشىلەر ئۆلۈمدىن بەرىبىر خالى بولالمايدىغانلىغىنى ئېنىق بىلسىمۇ، ياشاش ئۈچۈن تۈرلۈك چارە ـ ئاماللارنى ئىزدەيدۇ، ھەقىقەتەن ئالغاندا، تۇرمۇش مەپتۇن بۇلۇشقا ئەرزىمەيدۇ. ئازاپ ـ ئوقۇبەتتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى «ياشاش ئىردىسى»دىن ۋاز كېچىپ، ئۇزۇل ـ كېسىل قۇتۇلۇپ، تامامەن ھەركەت قىلمايدىغان، ئىنتايىن تېپ ـ تىنچ «نىرۋانا» دەرگاھىغا بېرىش لازىم. ئۇ: ئۆلۈمدىن قورقۇش پەلسەپىنىڭ باشلىنىشى، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش ـ كىشىلىك تۇرمۇشتا ئازاپ ـ ئوقۇبەتتىن قۇتۇلۇش يولى، ياشاش ئىرادىسى ئۈستىدىن غەلىبە قىلغانلىق، دەپ ھىساپلايدۇ. شوپېنخاۋېرنىڭ بۇنداق ئۈمىتسىزلىك سەپسەتلىرى خۇددى ئېكىسپالاتتاتسىيە قىلغۇچى سىنىپلارنىڭ چىرىكلەشكەن ئېڭىنىڭ ئىپادىسى.

ئارتۇر شوپېنخاۋېر ھەيكىلىشوپېنخاۋېر ــ ئىنسانىيەت تەرەققىياتى جەريانىدا نۇر چاقناپ تۇرىدىغان يۇلتۇز، ئۇنىڭ ئىدىيىسىگە قارا داغ تەككۈزمەسلىك كېرەك، ئۇنىڭ ئىدىيەسى كىشىلەر مەڭگۈ ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدىغان چوڭقۇر پىكىرلىك پەيلاسوپ. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/440746.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#