بىرلەشمە مۇداپىئە ئۇرۇشى

بۇ ھەممىلا ئادەم ئەسكەر بولىدىغان جەڭ ئۇسۇلى بولۇپ، بىر كەنتتە ۋەقە چىقسا، باشقا كەنتتىكىلەر ياردەم بېرىدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بىرلەشمە مۇداپىئە ئۇرۇشىنى جۇڭگودىكى خەلق ئەسكەرلىرى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە ئىجاد قىلغان، ئەينى چاغدا ياپون تاجاۋۇزچى ئارمىيىسى خەلق ئۇرۇشىنىڭ دېڭىزىغا غەرق بولۇپ، ھەر تەرەپتىن پەشۋا يېگەن.

بۇ ھەممىلا ئادەم ئەسكەر بولىدىغان جەڭ ئۇسۇلى بولۇپ، بىر كەنتتە ۋەقە چىقسا، باشقا كەنتتىكىلەر ياردەم بېرىدۇ؛ بىر كەنتتە جەڭ بولسا، ھەممە كەنتتىكىلەر ئاۋاز قوشىدۇ. ئۇنىڭدا ئالدىن كېلىشىۋېلىنغان روشەن بىرلەشمە مۇداپىئە دائىرىسى، ئورتاق رىئايە قىلىدىغان بىرلەشمە مۇداپىئە ئەھدىسى، بىرلىككە كەلگەن بىرلەشمە مۇداپىئە قوماندانلىق ئاپپاراتى ۋە ئالاقىلىشىش سىگنالى بولىدۇ.

بىرىنچى، بىرلەشمە  مۇداپىئە مۇھاپىزىتى

  بۇنىڭدا، تەبىئىي يەر شەكلى شارائىتىغا ئاساسەن، مۇھاپىزەت بۆلەكلىرى ئايرىلىپ، بۆلەكلەردىكى قاراۋۇلخانىلارغا ھەر خىل ئالاقىلىشىش قوراللىرى سەپلىنىدۇ، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى، بىر تۇتاش مەلۇمات بېرىش سىگنالى بېكىتىلىدۇ. 

ئىككىنچى، بىرلەشمە مۇداپىئە ئۇرۇشى 

بۇنىڭدا، دۈشمەن مەلۇم كەنتكە بېسىپ كىرگەندە، دۈشمەننىڭ يۈرۈش يولىنىڭ ئىككى تەرىپىگە مۆكۈۋالغان بىرلەشمە مۇداپىئە خەلق ئەسكەرلىرى ئەسلىدىكى پىلان بويىچە ياكى شۇ چاغدىكى كونكرېت ئەھۋالغا ئاساسەن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، دۈشمەننى تۇتۇپ تۇرىدۇ، ئەدەپلەيدۇ ۋە يوقىتىدۇ.

 ئۈچىنچى، بىرلەشمە مۇداپىئە بۇزغۇنچىلىقى

بۇنىڭدا، ھەرقايسى كەنتلەردىكى خەلق ئەسكەرلىرى بىر تۇتاش قوماندانلىق ئارقىسىدا، دۈشمەننىڭ قاتناش، خەۋەرلىشىش لىنىيىسى ۋە ھەربىي ئەسلىھەلىرىگە پىلانلىق بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ.

 تۆتىنچى، بىرلەشمە مۇداپىئە مۇھاسىرىسى

بۇنىڭدا، مەلۇم تەنھا دۈشمەن بازىسىنى يوقىتىش ئۈچۈن، خەلق ئەسكەرلىرى يۇقىرىنىڭ مۇددىئاسىغا ئاساسەن، دۈشمەن بازىسىنى قاتمۇقات مۇھاسىرىگە ئېلىپ، «ئىشىكنى تاقاپ ئىت ئۇرۇش» ئۇسۇلى بويىچە دۈشمەننى تەلتۆكۈس يوقىتىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#