بەش بۇرجەكلىك بىنا

بەش بۇرجەكلىك بىنا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تۇرۇشلۇق جايى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىغا جايلاشقان، ئۇنىڭ ئالاھىدە فۇنكسىيىسى  بەزىدە « بەش بۇرجەكلىك بىنا » ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى، ھەتتا ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى بولۇپ قالغان. بەش بۇرجەكلىك بىنا ئامېرىكا ئارخىتېكتورلار جورجى تروميېگان، پىنسىلۋانىيە فىلادىلفىيە شەھىرى قۇرۇلۇش سودىگىرى جون ئۈستىگە ئالغان. 

ئۇيغۇرچە نامى بەش بۇرجەكلىك بىنا
چەتئەلچە نامى The Pentagon
باشقا نامى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى
خەنزۇچە نامى 五角大楼
ئورنى ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بەش بۇرجەكلىك بىنائامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ خىزمەت بىناسى ۋاشىنگىتونغا جايلاشقان، بەش بۇلۇڭلۇق قۇرۇلۇشلار دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يەككە مەمۇرىي بىناكارلىق. بەش بۇرجەكلىك بىنا ۋاشىنگتون كولۇمبىيە ئالاھىدە رايونى جايلاشقان غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان دولقۇن دورماك دەرياسى بويىدىكى ئارلىڭتون رايونى، ئامېرىكا ئەڭ ئالىي ھەربىي ئىشلار قوماندانلىق ئورگىنى بولغان ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باش شىتابى جايلاشقان شەھەر. 

بەش بۇرجەكلىك بىنا1941-يىلىنىڭ باشلىرىدا، گېتلىر ياۋرۇپادىكى كۆپ قىسىم دۆلەت ۋە رايونلارنى كونترول قىلىۋالغاچقا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى روزۋېلىت پۈتۈن دۆلەتنىڭ جىددىي ھالەتكە كىرگەنلىكىنى جاكارلىغان. شىددەتلىك كۆپەيگەن ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى يېڭى بىر قوماندانلىق بازىسىغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان، شۇنداق قىلىپ بەش بۇرجەكلىك بىنا قۇرۇلۇشقا باشلىغان.

بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ قۇرۇلۇش ئورنى ئىنتايىن ناچار بولۇپ، ئەسلىدە دەريا بويىدىكى ئادەمسىز سازلىق ئىدى. شۇڭا، قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى 41 مىڭ 492 تال سىمونت تۈۋرۈك ئورنىتىپ، ماتېرىيالنى ئۆز جايىدىن ئېلىپ، يېقىن ئەتراپتىكى پوتوماك دەرياسىدىن 680 مىڭ توننا قۇم-شېغىل قېزىپ، 300 مىڭ كۇب مېتىرلىق پۇلات-چىۋىقلىق بېتون قۇرلۇش ماتېرىيالى ياسايدۇ. بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ لايىھىلىنىشى، ئۇرۇش دەۋرىدىكى بىر ئۇرۇش پاراخوتى ياساشقا كېتىدىغان پۇلات ماتېرىيالىنى تېجەپ قالغان. قۇرلۇش ئومۇمىي كۆلىمى 29 ئېنگىلىز مو بولۇپ، 5 ئامېرىكا پارلامېنتىغا توغرا كېلىدۇ.

بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ لايىھەسىنى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ برگادا گېنېرالى بروۋىن.بۇرك.سومېرۋىل ئۈستىگە ئالغان. ئۇ ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغاندا، ئوت ئۆچۈرۈش ئەسلىھەلىرى ۋە پۈتۈن ھاۋا تەڭشەش ئىقتىدارى بولغان 40 مىڭ كىشىلىك مەمۇرىي بىنا لايىھىسىنى تاپشۇرۇشقا، پەقەت تۆت كۈنلا مۆھلەت بەرگەن. سۇمېرۋىلسۇ كەسكىنلىك بىلەن نام چىقارغان بولۇپ، ئۇنىڭ ھەمكارلاشقۇچىلىرى كېيىن ئۇنىڭغا باھا بېرىپ: «ئۇ كومزەكتىكى پارتىلاتقۇچ دورىغا ئوخشاش» دېگەن ئىدى. سۇمېرۋىل ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە قىسمىنىڭ ۋاشىنگىتوندىن پوتوماك دەريا بويىدىكى ئالىنگتون بازىرىغا يۆتكىلىشىنى قەتئىي تەشەببۇس قىلغان.

1941-يىلى 7-ئايدا، بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ ستېرېئولۇق قۇرۇلۇش لايىھىسى مۇۋەپپىقىيەتلىك سىزىلدى. گەرچە ئۇنىڭ شەكلىنىڭ تەرتىپسىزلىكى نۇرغۇن مەسلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسىمۇ، لېكىن ئوبيېكتىپ مۇھىتنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ لايىھىيە نۇسخىسى يەنىلا ئەڭ ياخشى تاللاش ئىدى. چىرتىيوژ سىزغۇچى سوقرات.توماس كېيىن ئەسلەپ: « بەش بۇرجەكلىك بىنا بۇ يەر شەكلىگە ئەڭ ماس كېلىدۇ » دېگەن.

بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ كۆلىمى 235 مىڭ 900 يۈز كۋادىرات مېتىر، ئېگىزلىكى 22 مېتىر، جەمئىي بەش قەۋەتلىك بولۇپ، ئومۇمىي قۇرلۇش كۆلىمى 608 مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدۇ، ئىشلىتىلدىغان كۆلىمى 344 مىڭ كۋادرات مېتىر، 17.5 ئېنگىلىز مىل (تەخمىنەن 28 كلومېتىر) ئوزۇنلىقتىكى كارىدورى، 7754 دانە دېرىزىسى بار. ئەينى ۋاقىتتىكى پۈتۈش باھاسى 8 مليون 7 يۈز مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، 1943 –يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى تاماملانغان. شۇ يىلى 5-ئايدا ئىشلىتىلىشكە باشلىغان، 23 مىڭ كىشى خىزمەت قىلالايدۇ. بىنانىڭ جەنۇب -شىمال ئىككى تەرىپىدە ئايرىم-ئايرىم ماشنا تۇختىتىش مەيدانى بار بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا 10 مىڭ ماشنىنى توختاتقىلى بولىدۇ.

1947-يىلى 9-ئايدا، ئامېرىكىنىڭ 33- نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى ترومىن قۇرغان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى مۇشۇ بىنادا ئىشقا كىرىشكەن. شۇنىڭدىن باشلاپ، بەش بۇرجەكلىك بىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ ۋاكالىتەن ئاتىلىشى بولۇپ قالغان. بىنادا دۆلەت مىنىستىرلىكىدىن باشقا، يەنە ئۇنىڭغا قاراشلىق شىتاب باشلىقى بىرلەشمە يىغىنى ۋە قورۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا ئارمىيەسىدىن ئىبارەت ئۈچ باش ئىشتاب تۇرغان.

بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ بىر قەۋەت چوڭ زالىدا بانكا، پوچتىخانا،كىتابخانا، ئامبۇلاتورىيە، تېلېگراف ئىدارىسى ھەمدە ھەرخىل دۇكانلار بار. «دۆلەت مۇداپىيىسىنىڭ تۈۋرۈكى» دەپ ئاتالغان شىتات باشلىقى بىرلەشمە يىغىنى ئىككىنچى قەۋەتتە بولۇپ، بۇ قەۋەتكە ئالتۇن رەڭلىك گېلەم سېلىنغان بولۇپ، «ئالتۇن زال» دەپ ئاتىلىدۇ. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىىرلىكى باشلىقىنىڭ ئىشخانىسى ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيە قىسمى ئۈچىنچى قەۋەتتە ئىدى.

ئۈچىنچى قەۋەت كارىدورنىڭ بىر بولۇڭىدا «قەھرىمانلار زالى» بار بولۇپ، مۇستەققىللىق ئۇرۇشىدىن بۇيانقى «ئەڭ يۇقىرى شان-شەرەپ ئوردىنى» غا ئېرىشكۈچىلەرنى خاتىرلەش ئۈچۈن لايىھىلەنگەن. بۇ يەرگە ئۈچ مىڭدىن كۆپرەك ئوردىن ئېسىلغان بولۇپ، ئۈستىگە ئۇلارنىڭ ئىسمى، دۆلىتى،تارىخى ئۇيۇلغان. يەنە مارشېل، ئېزىنخاۋېر ۋە ماكئارتور قاتارلىق بەش يۇلتۇزلۇق ئۈچ گېنرالنىڭ «ئەسلەش كارىدورى» بار، ئۇلارنىڭ ھەر قايسى دەۋرلەردىكى رەسىملىرى، ھەربىي فورمىلىرى، ئوردىنلىرى، تاپانچىلرى ھەمدە ئىمزا قويغان بۇيرۇقلىرى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تېزىپ قۇيۇلغان. ئۈچىنچى قەۋەتنىڭ ئۈستىدە، دېڭىز ئارمىيە ۋە ھاۋا ئارمىيە قىسملىرى تۇرغان.

بەش بۇرجەكلىك بىنا ئېكىسكورسىيە قىلىشنى قارشى ئالىدۇ. ئەلۋەتتە، ئاممىغا ئۇنىڭ چوڭلۇقىنى كۆرگەزمە قىلىش ئەمەس. بىناغا كىرگەندىن كېيىن، ئەمەلىيەتتە، چوڭ بىر ھەربىي ئىشلار كۆرگەزمىخانىسىغا كىرگەنگە ئوخشايدۇ. ھەر بىر ئارمىيە تۈرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە ئورگىنىنىڭ خىزمەت رايۇنىدا، ئازادە كارىدورلارنىڭ ئىككى تەرىپىدە، ئارمىيە تۈرىنىڭ تارىخى، ئۇرۇش تارىخى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ماي بۇياق رەسىم، نەپىس فوتو-سۆرەت، دىئاگرامما ۋە ھەر خىل ماددى بۇيۇملار تېزىلغان بولۇپ، ھەرقايسى دەۋرلەر ۋە ئۇرۇشلاردا ئىشلىتىلگەن قۇرال، دوبۇلغا قاتارلىق قۇرال-ياراغلار؛ داڭلىق ھەربىي شەخسلەر كىيگەن ھەربىي فورمىلار، ئىشلەتكەن تاپانچىلار، تېلېسكوپ، قەلەم قاتارلىق بويۇملار؛ داڭلىق ئۇرۇش قەھرىمانلىرى، قۇربان بولغانلارنىڭ ئىش ئىزلىرى ۋە يادىكارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا، ساياھەتچى مېھمانلار ھەربىي يولباشچىغا ئەگىشىپ بەش بۇرجەكلىك بىنادىن چىققاندا، بىلىپ-بىلمەيلا بىر قېتىملىق دۆلەت مۇداپىيىسى ۋە ھەربىي بىلىملىرى تەربىيىسىگە ئىگە بولىدۇ. بۇ بەلكىم بەش بۇرجەكلىك بىنانى ئاممىغا ئېچىۋىتىشتىكى ھەقىقىي مەقسىەتتۇر.

1993-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئامېرىكا ئىچكى كابېنتى بەش بۇرجەكلىك بىنانى دۆلەت تارىخىنىڭ بەلگىسى قىلىپ بىكىتتى.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (4 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#