ۋۇ جيەنشۇڭ

ۋۇ جيەنشۇڭ

فىزىكا ئايال پادىشاھى دەپ ئاتالغان ۋۇ جيەنشۇڭ (1912-) شاڭخەي دە تۇغۇلغان، 1936-يىلى ئامېرىكا كالىفورنىيە شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتقا ئوقۇشقا كىرگەن، دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئامېرىكىدا قېلىپ، ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى مەشھۇر جۇڭگولۇق فىزىكقا ئايلانغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ۋۇ جيەنشۇڭ
باشقا نامى Chien-shiung Wu
تۇغۇلغان ۋاقتى 1912-يىلى
كەسپى فىزىكا ئالىمى
خەنزۇچە ئىسمى 吴健雄
يۇرتى شاڭخەي
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1997-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ۋۇ جيەنشۇڭفىزىكا ئايال پادىشاھى دەپ ئاتالغان ۋۇ جيەنشۇڭ (1912-) شاڭخەي دە تۇغۇلغان، 1936-يىلى ئامېرىكا كالىفورنىيە شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتقا ئوقۇشقا كىرگەن، دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئامېرىكىدا قېلىپ، ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى مەشھۇر جۇڭگولۇق فىزىكقا ئايلانغان. 1956-يىلى ياڭ جېننىڭ بىلەن لى جېڭداۋ تۇنجى قېتىم «تەڭ ۋالېنتلىق ساقلانماسلىق قانۇنى» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇزاقتىن بۇيان كىشىلەر ئۆزگەرمەس قانۇن دەپ كەلگەن «تەڭ ۋالېنتلىق ساقلىنىش قانۇنى» نى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. ۋۇ جيەنشۇڭ ياڭ جېننىڭ − لى جېڭداۋ نەزەرىيىسىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، كۈن بويى دېگۈدەك تەجرىبىخانىدىن چىقمىغان، قورسىقى ئاچسا بولكا يەپ، ئۇسسىسا سۈت ئىچكەن، كۈنىگە تۆت سائەتلا ئۇخلىغان. مېھنەتلىك ئەمگەك ئاخىرى مول مېۋە بېرىپ، ياڭ جېننىڭ − لى جېڭداۋ قانۇنىنىڭ توغرىلىقى ئىسپاتلىنىپ، خەلقئارا فىزىكا ساھەسىنى زىلزىلىگە سالغان. بەزىلەر، ۋۇ جيەنشۇڭ ئاتوم فىزىكىسى ۋە يادرو فىزىكىسىنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق سىرىنى ئاچتى، دېيىشىدۇ. 

ۋۇ جيەنشۇڭ ئاتوم سپېكترى، كۋانت مېخانىكىسى قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن ئەھمىيىتى زور تەجرىبىلەرنى تاماملىغاچقا، بىر قاتار شەرەپلەرگە سازاۋەر بولغان. 1974-يىلى، ئۇنىڭغا ئامېرىكا ئىلىم-پەن ساھەسى تەرىپىدىن «بۇ يىلقى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئالىم» دېگەن نام بېرىلگەن، ۋۇ جيەنشۇڭ مۇشۇ تۈردىكى شەرەپكە ئېرىشكەن تۇنجى ئايال. ۋۇ جيەنشۇڭ 1975-يىلى، ئامېرىكا فىزىكا ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلانغان. ئىستېدات ئىگىلىرى بىلەن تولغان ئامېرىكىنىڭ فىزىكا ساھەسىدە فىزىكا ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقلىقىنى بىر ئايالنىڭ ئۈستىگە ئېلىشى مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىش. شۇ يىلى ئامېرىكا زوڭتۇڭى فورتېر ئاقسارايدا ئۇنىڭغا دۆلەت ئىلىم-پەن ئوردېنىنى بەرگەن. 1978-يىلى ئۇ يەنە ۋولف ئىلمىي جەمئىيىتى تارقاتقان 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى لىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. بۇ مۇكاپات ئىلىم-پەن ۋە ئىنسانلار ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە تۆھپە قوشقان كىشىلەرگىلا بېرىلىدۇ. ۋۇ جيەنشۇڭ − بۇ تۈردىكى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تۇنجى فىزىك. ۋۇ جيەنشۇڭ دۇنيادىكى 15 مەشھۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پەخرىي دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. غەرب ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەر ئۇنى فىزىكا ئايال پادىشاھى دەپ ئاتىشىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#