چارەك دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. چارەك ()
  2. چارەك ()

چارەك-پارچە سۆز بولۇپ، «تۆتتىن بىرى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ ئادەتتە، ۋاقىت، ئېغىرلىق، مەيدان ۋە ئۇزۇنلۇق بىرلىكى قىلىپ قوللىنىلىدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شاۋ ئەپەندىنىڭ «سۆزلۈك لۇغىتى» دە مۇنداق دېيىلگەن: «شىنجاڭدا ئۈچ خىل چارەك ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭ بىر خىلى خام يىپەك، بوياق ماتېرىياللىرى، خۇشپۇراق ماتېرىياللار ۋە چايلارنى ئۆلچەشتە ئىشلىتىلىدۇ. بۇنىڭ بىر چارىكى تۆت جىڭ ياكى بەش قاداققا باراۋەر؛ ئىككىنچى بىر خىلى ھەر خىل مەھسۇلاتلارنى ئۆلچەشتە ئىشلىتىلىدۇ ئۇ «ئاشلىق تېشى» ، ئاشلىق تارازىسى ياكى «تۆت تاش» يەنى «تۆت تارازا» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭ بىر چارىكى 12.5 جىڭ ياكى 16 قاداق كېلىدۇ. يەنە بىر خىلى «بەش تاش» ياكى «بەش تارازا» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭ بىر چارىكى 16 جىڭغا ياكى 20 قاداققا تەڭ بولغان.

كروپاتكىننىڭ تەكشۈرىشىگە ئاساسلانغاندا چارەك ئەينى دەۋردە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئۆلچەيدىغان چارەك ۋە مېتال بۇيۇملار، سۇيۇقلۇقلار ۋە ئىمپورت قىلىنىدىغان ماللارنى ئۆلچەيدىغان چارەك دەپمۇ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنگەن. ئالدىنقىسى 16 جىڭ ياكى 24 قاداققا، كېيىنكىسى 12.5 جىڭ ياكى 18.75 قاداققا تەڭ بولغان.

يۇقىرىقىلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، چارەك ئۈچ خىل ئۆلچەم بىرلىكىنىڭ نامى بولۇپ ھەم ئۆلچەش ئەسۋابى ھەم ئېغىرلىقىنى ھەم يەر كۆلىمىنى بىلدۈرگەن. شۇڭا ئادەتتە «چارەك» ، «بىر چارەك ئاشلىق» «بىر چارەكلىك يەر» دېگەندەك ناملار كېلىپ چىققان. چارەكنىڭ قانداق شەكىلدىكى ئۆلچەش ئەسۋابى توغرىسىدا چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن چۈن يۈەننىڭ «71 خاتىرە» ناملىق ئەسىرىدە: «ئۇيغۇرلار تارازىنىڭ ئىككى بېشىغا ئوخشاش نەرسە قويۇپ، ئىككى تەرەپ تەڭپۇڭلاشقاندىن كېيىن، بۇ نەرسىلەرنى ئالماشتۇرىدۇ. بۇنى» چارەك «دەپ ئاتايدۇ» دەپ خاتىرىلەنگەن. يەر مەيدانىغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا بىر چارەك بىر مو يەرگە تەڭ بولغان. sfsef

جى داجۇن ئەپەندى چارەكنىڭ ھەر قايسى جايلاردا ئوخشاش بولمىغان قىممىتىگە ئىگە بولغانلىقىنى(مەسىلەن: ئازادلىقتىن كېيىن، 50-يىللارنىڭ باشلىرىدا خوتەن، قاراقاش، گۇما قاتارلىق جايلاردا بىر چارەكنى 16 جىڭغا، قەشقەر كونا شەھەردە 20 جىڭغا، ئاقسۇ ۋە كۇچادا 24 ۋە 25 جىڭغا تەڭ قىلىپ ھېسابلىغان) ئاساس قىلىپ مۇنداق تۆت تىپقا ئايرىغان.

A تۈردىكى چارەك 9 2.7 كىلوگرام ياكى 4.52 جىڭ

B تۈردىكى چارەك 7.297 كىلوگرام ياكى 12.128 جىڭ

C تۈردىكى چارەك 9.939 كىلوگرام ياكى 16.63 جىڭ

D تۈردىكى چارەك 41.639 كىلوگرام ياكى 24.5 جىڭ

بۇنىڭ ئىچىدە A تىپتىكى چارەك 1900-يىللاردا، B تىپتىكى چارەك 1900 يىللاردىن 1930-يىللارغىچە، C تىپتىكى چارەك 50-يىللارددىن 50-يىللارغىچە، D تىپتىكى چارەك 50-يىللاردىن كېيىن قوللىنىلغان. ئازادلىقتىن كېيىن چارەك شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بىر مەزگىل قوللىنىلغان بولۇپ، ھەر قايسى جايلاردا ئوخشاش بولمىغان، يەنى بەزى جايلاردا 10 كىلوگرام، بەزى جايلاردا 15 كىلوگرام، بەزى جايلاردا سەككىز كىلوگرام ۋە بەى جايلاردا 11 كىلوگرام بولغان. تەتقىقاتچىلارنىڭ سۇندۇرۇپ ھېسابلاپ چىقىشىچە، ئەينى دەۋردە چارەك «كونا چارەك» ۋە «يېڭى چارەك» دەپ ئايرىلغان. بىر كونا چارەك 1.84 كىلوگرامغا، يېڭى چارەك 40 كىلوگرامغا تەڭ بولغان. \u2461 يەر مەيدان ئۆلچەم بىرلىكى «چارەك \u2161» گە؛ \u2462 ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى «چارەك \u2162» گە قاراڭ. \u2463 ۋاقىت ئۆلچەم بىرلىكى «چارەك \u2163» قاراڭ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#