بالىياتقۇ بوينى راكى

بالىياتقۇ بوينى راكى

بالىياتقۇ بوينى راكى كېسلى ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بالىياتقۇ بوينىدىكى ھۈجەيرە توقۇلمىلار تەرتىپسىز ئۆسۈپ، كلىنكىدا جىنسىي يولدىن تىگىش خاراكتېرلىك قان كېلىش، شىرىلىك قانلىق ئاجرالمىلار كېلىش، ئاغرىش، قان ئازلىق، سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپىيىش، چوڭ تەرەت قىستاش، داش بوشلۇقى ۋە قورساق پەردىسى ياللۇغىلىنىش ئالامەتلىرى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

جۇڭيى تىبابىتى نامى بالىياتقۇ بوينى راكى
كۆپ كۆرۈلىدىغانلار 30 ~ 50 ياشلىق ئاياللار
يۇقۇملىنىشى يۇقمايدۇ
ئىنگىلىزچە نامى cervical cancer
خەنزۇچە نامى 宫颈癌
تەۋە بۆلۈم ئۆسمە بۆلۈمى
كېسەللىك ئورنى بالىياتقۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بالىياتقۇ بوينى راكىبالىياتقۇ بوينى راكى كېسلى ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بالىياتقۇ بوينىدىكى ھۈجەيرە توقۇلمىلار تەرتىپسىز ئۆسۈپ، كلىنكىدا جىنسىي يولدىن تىگىش خاراكتېرلىك قان كېلىش، شىرىلىك قانلىق ئاجرالمىلار كېلىش، ئاغرىش، قان ئازلىق، سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپىيىش، چوڭ تەرەت قىستاش، داش بوشلۇقى ۋە قورساق پەردىسى ياللۇغىلىنىش ئالامەتلىرى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك. ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «سەرتانى ئونوقۇر رەھىم» دەپ ئاتىلىدۇ. بالىياتقۇ بيونى راكى ئاياللار جىنسىي ئەزالىرىدىكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمىلەر ئىچىدە پەيدا بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ 50 ~ 30 ياشقىچە بولغان ئاياللاردا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدۇ.

بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ پەيدا بولۇش، تەرەققىي قىلىشىنىڭ بەلگىلىك باغلىنىشلىقى بولىدۇ. ئەڭ دەسلەپتە بالىياتقۇ بوينى تەڭگىسىمان (بېلىق قاسرىقىسىمان) ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈش جەريانى جانلىنىپ، تىپىك بولمىغان ئۆسۈشكە تەرەققىي قىلىدۇ. تىپىك بولمىغان ئۆسۈش بىرنەچچە يىلدىمۇ ئۆزگەرمەسلىكى ھەم ئەسلىگە قايتىپ نورماللىشىشى مۇمكىن ياكى ئېغىر دەرىجىلىك تىپىك بولمىغان ئۆسۈشكە ئۆزگىرىپ ئەسلى ئورۇنلۇق راكقا تەرەققىي قىلىشى مۇمكىن. ئەسلى ئورۇنلۇق راك ئىنفېلتىراتسىيىلىك (ئىچىگە ئۆسۈش تىپلىق) راكقا ئۆزگىرىدۇ . ھەر قايسى تۈردىكى بالىياتقۇ بوينى كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭتەرەققىيات جەريانىنى كۆزىتىش سخېمىسى بالىياتقۇ بوينى راكىدا بېلىق قاسرىقىسىمان (تەڭگىسىمان) ئېپىتېلىيە ھۈجەيرە راكى ئاساسلىقى بولۇپ، تەخمىنەن %90 ~ %95 نى، بالىياتقۇ بوينى بېزى راكى %5 ~%10 نى ئىگىلەيدۇ.

تىپىك بولمىغان ئۆسۈش راكى

  تىپىك بولمىغان ئۆسۈش نىگىز قەۋەت ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆسۈشىدە ئىپادىلىنىدۇ، يەنى نورمالدىن 2~1 نىگىز قەۋەت ھۈجەيرىلەر ئۆسۈپ كۆپ قەۋەتكە ئايلىنىدۇ. ھۈجەيرىدىكى ئاساسلىق ئۆزگىرىش ھۈجەيرە يادورىسىدا بولىدۇ. يادرو پىلازمىسىدا غەيرىيلىشىش ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ، يەنى يادروسى چوڭ، رەڭگى قېنىق، خىروما تېنىنىڭ تارىلىشى تەكشىسىز، قۇتۇپلىشىش يوقالغان بولىدۇ. ئۇنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ يەڭگىل، ئوتتۇراھال، ئېغىر دەپ ئۈچ دەرىجىگە بۆلىنىدۇ. يەڭگىل دەرىجىدىكىدە غەيرىي تىپلىق ئېپتىلېيىلەر ئېپتىلېيە قەۋىتىنىڭ 1 3 ئىگىلەيدۇ، غەيرىيلىشىش يەڭگىل، ھۈجەيرە تىزىلىشى سەل قالايمىقان بولىدۇ. ئوتتۇرا دەرىجىلىكىدە غەيرىي تىپلىق ئېپتىلېيە قەۋىتىنىڭ 2 3 سىنى ئىگىلەيدۇ، غەيرىيلىشىشى روشەن، ھۈجەيرە تىزىلىشى قالايمىقان بولىدۇ. ئېغىر دەرىجىلىكىدە غەيرىي تىپلىق ھۈجەيرىلەر ئېپتىلېيە قەۋىتىنىڭ 2 3 قىسمىدىنمۇ كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ، شۇڭا ئەسلى ئورۇنلۇق راك بىلەن ئاسانلىقچە پەرقلەندۈرگىلى بولمايدۇ. بالىياتقۇ بوينى نورمال ئېپتىلېيىسى-تىپىك بولمىغان ئۆسۈش-راك 1. نورمال ئېپتىلېيە؛ 2. تىپىك بولمىغان ئۆسۈش؛ 3.ئەسلى ئورۇنلۇق راك؛ 4. دەسلەپكى دەۋرلىك ئىنفىلتراتسىيىلىك راك؛ 5. ئىنفىلتراتسىيىلىك راك؛

ئەسلى ئورۇنلۇق راك

بۇ ئادەتتە ئېپتىلېيە ئىچكى راكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. راك ھۈجەيرىسى بىلىق قاسرىقىسىمان ئېپتىلېيىنىڭ ھەممە قەۋىتىنى ئىگىلەيدۇ، ئەمما ئاساسىي پەردىدىن ئاشمايدۇ، ئارىلىق ماددىغا ئىنفىلتراتسىيىلەنمەيدۇ، راك ھۈجەيرىسى بالىياتقۇ بويۇن بەز ئېغىزىنى بويلاپ، بەز تېنىگە كىرىپ بەز تېنى تۈۋرۈكسىمان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەيدۇ، لېكىن بەز تېنىنىڭ ئاساسىي پەردىسى ساق بولغاچقا بۇ يەنىلا ئەسلى ئورۇنلۇق راك دائىرىسىگە كىرىدۇ.

دەسلەپكى دەۋرلىك ئىنفلتراتسىيىلىك راك

راك ھۈجەيرىسى ئاساسىي پەردىدىن ئۆتۈپ ئارىلىق ماددىغا كىرىدۇ، لېكىن چوڭقۇرلۇقى 5mm دىن ئاشمايدۇ، ئىنفىلتراتسىيە ئوچىقى يالغۇز ياكى كۆپ بولۇپ، بىر-بىرى بىلەن تۇتاشمايدۇ. ئارىلىق ماددا لىمفا كانىلى ياكى قان تومۇرلارغا تاجاۋۇز قىلمايدۇ، بۇ دەسلەپكى دەۋرلىك ئارىلىق ماددا ئىنفىلتراتسىيىلىك راكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

تەڭگىسىمان ئېپتىلېيە ئىنفىلتراتسىيىلىك راكى

 بۇنىڭدا راك ھۈجەيرىلىرى تەڭگىسىمان ئاساسىي پەردىسىدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ، ئارىلىق ماددىغا كىرىش چوڭقۇرلۇقى بەش مىللىلىتىردىن ئېشىپ لىمفا كانىلى ۋە قان تومۇرغا تاجاۋۇز قىلىدۇ.

بەز راكى

 بۇ بالىياتقۇ بوينى كانىلى يۈزى ۋە بالىياتقۇ بوينى كانىلى بېزىنى يېپىپ كلىنكىدا دەۋرلەرگە بۆلۈنىشى: بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ كلىنىكىلىق دەۋرلەرگە بۆلۈنۈشى ئىنفېلتراتسىيىلىنىشتىن ئاۋۋالقى راك O دەۋرى: ئەسلى ئورۇنلۇق راك ئىنفېلتراتسىيىلەنگەن راك Ⅰ دەۋرى: راك ئارىلىق توقۇلمىغا ئىنفېلتراتسىيىلەنگەن، لېكىن بالىياتقۇ بوينىدىلا چەكلەنگەن بولىدۇ (بالىياتقۇ تېنىگە تارالغىنى دەۋرگە بۆلۈنمەيدۇ) Ⅰa مىكروسكوب ئاستىدىكى دەسلەپكى دەۋرلىك ئىنفېلتراتسىيىلەنەن راك 5mm ئىچىدە. Ⅰb بالىياتقۇ بوينىدىلا چەكلەنگەن باشقا راك (ئىنفېلتراتسىيە 5mm دىن ئاشىدۇ). Ⅱ دەۋرى: راك جىنسىي يولغا كىرگەن، لېكىن تۆۋەنكى 1 3 گە يەتمىگەن؛ بالىياتقۇ ئەتراپ توقۇلمىلىرىغا تاجاۋۇز قىلغان، ئەمما داس دىۋارىغا يەتمىگەن. Ⅱa راك جىنسىي يولغا كىرگەن، لېكىن بالىياتقۇ ئەتراپىغا تاجاۋۇز قىلمىغان. Ⅱb بالىياتقۇ ئەتراپىغا ئىنفېلتراتسىيىلەنگەن، لېكىن داس دىۋارىغا يەتمىگەن. Ⅲ دەۋرى: راك جىنسىي يولىنىىڭ ئاستىنقى 1 3 گە تاجاۋۇز قىلغان ياكى داس دىۋارىغا يەتكەن Ⅲa جىنسىي يولنىڭ تۆۋەنكى 1 3 گە تاجاۋۇز قىلغان. Ⅲb راك داس دىۋارىغا يەتكەن، راك ئۆسمىسى بىلەن داس دىۋارى ئارىلىقىدا بوشلۇق بولمايدۇ. 1Ⅳ دەۋرى: راك داس بوشلۇقى سىرتىغا تارقىلىپ بولغان ياكى كلىنىكىدا دوۋساق ياكى تۈز ئۈچەي شىللىق پەردىسى بۇزۇلغان بولىدۇ، لېكىن كۆپۈكسىمان سۇلۇق ئىششىق 1Ⅴ دەۋرگە كىرمەيدۇ. 1Ⅳa دوۋساق ياكى تۈز ئۈچەي شىللىق پەردىسى زەرەرلەنگەن. 1Ⅳb راك داس بوشلۇقى سىرتىدىكى يىراق ئەزالارغا كۆچكەن.

بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى شەلۋەرەش تىپلىق سوزۇلما بالىياتقۇ بوينى ياللۇغىغا ئوخشاش بولۇپ، بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ شەلۋەرەش تىپى دېيىلىدۇ. تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئېنفىلتراتسىيە تىپلىق راكقا تەرەققىي قىلغاندا گۈل سەي تىپلىق ياكى ئىنفىلتراتسىيە (ئىچىگە ئۆسۈش) تىپلىق راك شەكىللىنىدۇ، بۇ ئىككىسىلا يارا تىپلىق راكقا ئۆزگىرىدۇ.

شەلۋەرەش تىپى

بۇ بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولۇپ، بالىياتقۇ بوينى دانچىسىمان شەلۋەرەيدۇ، چېگرىسى تەرتىپسىز، چۈرۈك بولۇپ، ئوڭاي قانايدىغان بولىدۇ. بالىياتقۇ بوينى راكى سىرتقا ئۆسۈش تىپى. بالىياتقۇ بوينى راكى ئىچىگە ئۆسۈش تىپىم. بالىياتقۇ بوينى راكى يارا تىپى

سىرتىغا ئۆسۈش تىپى

بۇ سىرتقا ئۆسۈش تىپى ياكى گۈل سەي تىپى دەپ ئاتىلىدۇ. راك توقۇلمىسى ئاساسەن سىرتقا قاراپ ئۆسۈپ، ئەمچەك شورىغۇچىسىمان ھۇددەكلەردىن تەدرىجى گۈلسەيسىمان ھالەتكە ئۆزگىرىدۇ. رەڭگى قىزىل بولۇپ، ئاسان قانايدۇ، قەدىمكى تىۋىپلىرىمىزنىڭ قارىشىچە: سىرتىغا ئكسۈش تىپلىق راك سەۋدا، بەلغەم خىلىتلىرىنىڭ كۆيۈشىدىن ھاسىل بولغان غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بالىياتقۇ بوينى راكىدا كۆرۈلىدۇ، بۇنىڭ تەرەققىياتىمۇ ئاستا بولىدۇ.

ئىچىگە ئۆسۈش تىپى

بۇ ئىنفىلتراتسىيە تىپى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاساسەن بالىياتقۇ بوينىنىڭ چوڭقۇر توقۇلمىلىرىغا ئىنفىلتراتسىيىلىنىپ (سىڭىپ كىرىپ) ، بالىياتقۇ بوينى يوغىناپ قاتىدۇ. ھەتتا بالىياتقۇ بوينى بۆلىكى توملىشىپ چىلەكسىمان بولۇپ قالىدۇ. لېكىن بالىياتقۇ بوينى يۈزى تېخى سىلىق ياكى يۈزە يارىلارلا بولىدۇ. قەدىمقى ھۆكۈما (تىۋىپلىرىمىز) لارنىڭ قارىشىچە: ئىچىگە ئۆسۈش تىپلىق راك كۆپىنچە سەپرا خىلىتىنىڭ كۆيۈشىدىن ھاسىل بولغان غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

يارا تىپى

بۇ يانار تاغ تىپى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سىرتىغا ئكسۈش تىپى، ئىنفالتراتسىيە تىپى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەرەققىي قىلغاندا بىر قىسىم راك توقۇلمىلىرى نىكروزلىنىپ تۆكۈلۈپ يارا شەكىللىنىدۇ. ھەتتا كاۋاك بولۇپ قالىدۇ، ھەمىشە ئىككىلەمچى يۇقۇملىنىدۇ.

بالىياتقۇ بوينى راكى1. كۆيگەن سەۋدا خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتى قان ئايلىنىش ئارقىلىق بالىياتقۇ بوينىغا تەسىر قىلسا يەرلىك ئورۇنغا توقۇلما ئارىلىق بوشلۇقلىرىغا چۆكمىگە چۈشۈپ قۇۋۋىتى مۇۋەللىدە (شەكىللەنگۈچى قۇۋۋەت) نىڭ خىزمىتىنى بۇزۇپ، يەرلىك ئورۇننىڭ ماددا ئالمىشىشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ، يەنى ھۈجەيرىلەرنى تەكرار غىدىقلاپ، ئۇلارنىڭ نورمال ئۆسۈپ-كۆپىيىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ. نەتىجىدە شەكىل-تۈزۈلۈشى، كۆپىيىشى (نۇسخىلىنىشى) نورمالسىز بولغان ھۈجەيرىلەر يامان سۈپەتلىك ئۆسمىلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

2. قان خىلىتىنىڭ ئوفۇنەتلىنىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە ئۇلۇغ ئالىم ئىبىن سىنا «بالىياتقۇ بوينى راكىنى ئادەتتىكى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان ئۇششاق جانلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان» دەپ كۆرسەتكەنلىكى يېزىلغان. نۆۋەتتە زامانىۋى تېخنىكىلىق تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا بالىياتقۇ بوينى راكى قاننىڭ ئادەم تىپلىق قوقاق Ⅱ ۋىرۇسى تەرىپىدىن ئوفۇنەتلىنىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. دېمەك، ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن قان ىىلىتىنىڭ ھارارىتى ئۆرلەش، قان خىلىتى چىرىش ياكى ئادەم تىپلىق قوقاق Ⅱ ۋىرۇسىنىڭ سىرتتىن قانغا قوشۇلۇپ قان خىلىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆزگەرتىشى نەتىجىسىدە ھاسىل بولغان بۇزۇق ماددىلار بالىياتقۇ بوينى توقۇلما بوشلۇقلىرىغا يىغىلىپ، ھۈجەيرىلەرنى نورمالسىز غىدىقلاش، ھۈجەيرە پەردىسى ئىچىگە كىرىپ قۇۋۋىتى مۇۋەللىدە (شەكىللەندۈرگۈچى قۇۋۋەت) نىڭ نۇسخىلاش ۋە باشقا خىزمەتلىرىنى بۇزۇپ ئاخىرىدا ھۈجەيرىلەرنىڭ شەكىل تۈزۈلۈشى، ئكسۈپ كۆپىيىشىنى نورمالسىز رەۋىشتە تېزلىتىپ يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. بالىياتقۇ بوينىدىكى سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. سوزۇلما خاراكتېرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىشى نەتىجىسىدە يەرلىك ئورۇندىكى ماددا ئالمىشىشى قالايمىقانلىشىپ، تەبىئەت كۈچى ئاجىزلايدۇ ھەمدە يەرلىك ئورۇندىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ نورمال ببۆلۈنۈپ، كۆپىيىشى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشىدە نورمالسىزلىق پەيدا بولۇپ يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.

4. بالدۇر توي قىلىش، بالدۇر تۇغۇش، كۆپ تۇغۇش، بالىياتقۇ بوينى زەخىملىنىش ۋە فىزىكا-خىمىيىلىك ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.

بالىياتقۇ بوينى ئەسلى ئورۇنلۇق راكى، Ⅰa دەۋرلىك راكلاردا ھېسسىي ئالامەتلەر ۋە ئادەتتىكى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان ئالامەتلەر بولمايدۇ. Ⅱ دەۋردىن كېيىنكى ھەرقايسى دەۋرلىك راكلارنىڭ ئالامىتى جىنسىي يولدىن قان كېلىش، سۇيۇقلۇق ئېقىش ۋە ئاغرىشتىن ئىبارەت.

جىنسىي يولدىن قان كېلىش ئالامىتى 

ئەڭ دەسلەپكى ئىپادىسى جىنسىي مۇناسىۋەتتە قاناش ياكى ئاياللار بۆلۈمىدە ئىككىنى بىرلەشتۈرۈپ تەكشۈرگەندە قاناش بولۇپ، بۇلار تېگىش خاراكتېرلىك قاناش دەپ ئاتىلىدۇ. ئادەتتە ئاۋۋال ئاز، كېيىن كۆپ بولۇپ، ئۆسۈش تىپىدىكىلەردە قاناش ئەڭ بالدۇر، مىقدارىمۇ كۆپرەك بولىدۇ. ئىنفىلتراتسىيە تىپىدىكىلەردە قاناش كېيىن ھەم مىقدارى ئاز بولىدۇ.

جىنسىي يولدىن سۇيۇقلۇق ئېقىش

بۇ ئادەتتە قاناشتىن كېيىن بولىدۇ، دەسلەپتە شىرلىك سۇيۇقلۇق بولۇپ مىقدارى ئاز، پۇراقسىز بولىدۇ، كېيىن راك توقۇلمىسى يۇقۇملىنىپ، نىكروزلىنىپ تۆكۈلگەنلىكتىن كۆپ مىقداردىكى يىرىڭلىق ياكى گۈرۈچ سۈيىدەك پاسكىنا، سېسىق ئاق خۇنغا ئۆزگىرىدۇ.

ئاغرىش

بۇ ئاخىرقى دەۋردىكى ئالامەتتۇر. كۆپىنچە قورساقنىڭ تۆۋەن قىسمى ۋە بەل توققۇزكۆز قىسمىدا بولۇپ، راك ئۆسمىسىنىڭ داس بوشلۇقىدىكى نېرۋىلارنى بېسىشىدىن ياكى بالىياتقۇ ئەتراپى بىرىكتۈرگۈچى (قوشقۇچى) توقۇلما ياللۇغىنىڭ قوشۇلۇپ كېلىشىدىن بولىدۇ. ئەگەر يېپىق تۆشۈك نىرۋىسى بېسىلسا ئاغرىش پۇتقا تارقىلىدۇ، ئەگەر يانپاش لىمفا تۈگۈنىگە كۆچسە ياكى يانپاش قان تومۇرى بېسىلسا بىر پۇت ئىششىش ۋە ئاغرىش يۈز بېرىدۇ.

باشقا ئالامەتلىرى

ئۇزۇن مەزگىل قاناش ياكى كۆپلەپ قان كېلىش سەۋەبىدىن قان ئازلىق كېلىپ چىقىدۇ. سوزۇلما خوراشتىن ئورۇقلاش، چىرايى سارغىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. راك دوۋساققا بىۋاسىتە تاجاۋۇز قىلسا ياكى راك ئۆسمىسى ئۇلارنى بېسىش سەۋەبىدىن سۈيدۈك قېتىمى كۆپىيىش، سىيىش قىيىنلىشىش، قان، يىرىڭ ئارىلاش سىيىش، تۈز ئۈچەيگە بىۋاسىتە تاجاۋۇز قىلسا ياكى ئۆسمە بېسىش سەۋەبىدىن چوڭ تەرەت قىيىنلىشىش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بەزىدە بالىياتقۇ بوشلۇقىدا يىرىڭ يىغىلىپ قېلىپ داس بوشلۇقى، قورساق پەردىسى ياللۇغىنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى ئىپادىلىنىدۇ.

بەدەن بەلگىلىرى:

1) شەلۋەرەش تىپىدا بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەيدۇ، ئەمما پارقىراق كۆرۈنىدۇ.

2) سىرتقا ئكسۈش تىپىدا راك توقۇلمىسى ئاساسەن سىرتقا قاراپ ئۆسۈپ ئەمچەك شورىغۇچسىمان ھۇررەككلەر شەككىلىنىدۇ، تەدرىجىي گۈلسەيسىمان بولۇپ، رەڭگى قىزىل بولىدۇ.

3) ئىچىگە ئۆسۈش تىپىدا بالىياتقۇ بوينى يوغىناپ قاتىدۇ، ھەتتا بالىياتقۇ بوينى بۆلىكى توملىشىپ چىلەكسىمان بولۇپ قالىدۇ، بالىياتقۇ بوينى يۈزى سىلىق ياكى پەقەت يۈزە يارىلارلا بولىدۇ.

4) يارا تىپلىقتا بىر قىسىم راك توقۇلمىلىرى نىكروزلىنىپ تۆكۈلۈشتىن يارا شەكىللەنگەن بولىدۇ، بەزىدە كاۋاك بولۇپ قالىدۇ.

كېسەللىك تارىخى، تىپىك بولغان كلىنىك ئالامەتلىرى ۋە قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

كېسەللىك تارىخىغا قاراپ دىئاگنوز قۇيۇش 

ئىلگىرى سوزۇلما خاراكتېرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى بىلەن ئاغرىش، بالدۇر توي قىلىش، بالدۇر تۇغۇش، كۆپ تۇغۇش، بالىياتقۇ بوينى زەخىملىنىش … قاتارلىق كېسەللىك تارىخى بولىدۇ.

كلىنىك ئالامىتىگە قاراپ دىئاگنوز قۇيۇش 

بىماردا تېگىش خاراكتېرلىك قان كېلىش، شىرلىك-قانلىق ئاجرالمىلار كېلىش، ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ، ئاخىرقى دەۋرىدە ئومۇمىي بەدەنلىك ئالامەتلەردىن قان ئازلىق، سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپىيىش، چوڭ تەرەت قىستاش، داس بوشلۇقى ۋە قورساق پەردە ياللۇغلىنىش كۆرۈلىدۇ. 

1. بالىياتقۇ بوينى ياللۇغىدىكى شەلۋەرەشتىن پەرقلەندۈرىلىدۇ. بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى ۋە دەسلەپكى دەۋرلىك راكتا ئوخشاشلا شەلۋەرەش، تېگىش خاراكتېرلىك قاناش كۆرۈلىدۇ، لېكىن يەرلىك ئورۇندىن ئۈلگە ئېلىپ تەكشۈرگەندە ياكى تىرىك توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرگەندە بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى بولسا راك ھۈجەيريلىرى مەنپىي بولىدۇ.

2. بالىياتقۇ بوينى مونچاق گۆشىدىن پەرقلەندۈرىلىدۇ. بۇ مونچاق گۆشنىڭ ئىنچىكە ساپىقى بولۇپ، بالىياتقۇ بويۇن كانىلى شىللىق پەردىسى بىلەن تۇتاشقان بولىدۇ. بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا (سىرتىغا ئۆسۈش) راك ئۆسمىسى مونچاق گۆشسىمان ئۆسۈدىغان بولغاچقا پەرقلەندۈرۈش تەس. شۇنىڭ ئۈچۈن مونچاق گۆشنى تولغاپ ئۈزۈپ ئېلىپ پاتىلوگىيىلىك تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىدۇ.

3. بالىياتقۇ شىللىق پەردە ئاستى مۇسكۇل ئكسمىسىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. بۇنىڭدا ئۆسمە جىنسىي يولىغا چىقىپ قېلىپ، يۇقۇملىنىش قوشۇلۇپ كەلگەندە ۋە يۈزى نىكتوزلانغاندا بالىياتقۇ بوينى راكىدەك كۆرىنىدۇ. ئەمما شىللىق پەردە ئاستى مۇسكۇل ئۆسمىسى سوقىچاق بولۇپ، سېپى بالىياتقۇ بوشلۇقى بىلەن تۇتاشقان بولىدۇ. ئىككىنى بىرلەشتۈرۈپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۆسمە سېپىنى ئورىۋالغاندا بالىياتقۇ بوينىنى تۇتقىلى بولىدۇ. ئۆسمىنىڭ ساپىقى بالىياتقۇ بوينى ئېغىزى بىلەن تۇتاشمايدۇ.

4. بالىياتقۇ بوينى سىلىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. بالىياتقۇ بوينىنىڭ سىل بولغان ئورنى گۈلسەيسىمان بولىدۇ ياكى يارا شەكىللىنىدۇ. ئومومىي بەدەندە كېچىدە ئوغرى تەرلەش، چۈشتىن كېيىن تۆۋەن قىزىتما بولۇش، ئىشتىھاسىزلىق، بەدەن ئورۇقلاش ئالامەتلىرى كۆرۈىلىدۇ. پەرقلەندۈرۈش قىيىن بولغاندا تىرىك توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرۈلسىلا دىئاگنوز ئېنىقلىنىدۇ.

بالىياتقۇ بوينى راكىدەسلەپكى دەۋرلىك راك (ئەسلى ئورۇنلۇق راك) بولغان كىشىلەردە ئۆزى سېزەلەيدىغان بەلگە ئالامەتلەر ۋە ئاددىي كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان راك ئۆزگىرىشى بولمايدۇ. كۆپىنچە ھاللاردا ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، ھۈجەيرە ئىلمىلىك تەكشۈرۈش قاتارلىقلار ئارقىلىق بايقىلىدۇ. ئەگەر بالىياتقۇ بوينى راكىدا «ئۈچتە بالدۇر بولۇش» نى ياخشى ئىشلىيەلىسە، داۋالاپ ساقىيىش نىسبىتىنى %100 كە يەتكۈزگىلى بولىدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا سەرتان ئۆسمىسى چوڭىيىپ، بەدەندىكى باشقا ئەزا-توقۇلمىلارغا كېڭىيىپ دەرەخنىڭ يىلتىزىدەك يامراپ كېتىدۇ، كېسەلنىڭ ئاقىۋىتى خەيرلىك بولمايدۇ. بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ كېڭىيىشى (كۆچۈش يوللىرى) توقۇلمىلارغا بىۋاسىتە تاجاۋۇز قىلىش ۋە لىمفا ئارقىلىق كۆچۈشنى ئاساس قىلىدۇ.

1. بىۋاسىتە يامراش: راك ھۈجەيرىلىرى شىللىق پەردىنى بويلاپ ئاستىدا جىنسىي يولغا، ئۈستىگە بالىياتقۇ بوشلۇقى شىللىق پەردىلىرىگە يامرايدۇ، ئاساسىي تارىمۇشنى بويلاپ ئىككى يانغا قاراپ تارىلىپ داس بوشلۇقى دىۋارىغا قەدەر بارىدۇ. ئالدى-كەينىگە قاراپ تەرەققىي قىلىپ دوۋساق ۋە تۈز ئۈچەيگە تاجاۋۇز قىلىدۇ.

2. لىمفا ئارقىلىق كۆچۈش: راك ھۈجەيرىلىرى ئالدى بىلەن كېسەللىك ئوچىقى يېنىدىكى لىمفا يوللىرى ئارقىلىق بالىياتقۇ بوينى ئەتراپى، يېپىق تۆشۈك، يانپاش ئىچى ۋە سىرتىدىكى لىمفا تۈگۈنلىرىگە تارىلىدۇ. يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ توققۇزكۆز ئالدى، يانپاش غول ئارتېرىيىسى، قورساق غول ئارتېرىيىسى ۋە يېرىق لىمفا تۈگۈنلىرىگە كۆچىدۇ. ئاخىرقى دەۋرلىك راكتا سول ئوقۇرەك ئۈستى لىمفا تۈگۈنىگە كۆچۈش كۆرۈلىدۇ.

3. قان ئارقىلىق كۆچۈش: بۇ ئازراق ئۇچرايدۇ ھەم ئاخىرقى دەۋرىدە يۈز بېرىدۇ. راك توقۇلمىسى ئۇششاق ۋېنالارنى بۇزغاندىن كېيىن، راك ھۈجەيرىلىرى بەدەن قان ئايلىنىشى ئارقىلىق ئۆپكە، بۆرەك ياكى ئومۇرتقا قاتارلىقلارغا كۆچىدۇ.

1. خىلىتلرنىڭ غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا تەڭشەش ۋە تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

2. راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشىنى تورمۇزلاش، ياللۇغ قايتۇرۇش قاتارلىق مەقسەتلەردە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

3. كېسەللىك جەريانىدا ئالامەتلەرگە قارىتا دورا ئىشلىتىلىدۇ.

4. راك ئۆسمىسى كېسىپ ئېلىۋېتىلىدۇ.

كۆيگەن سەۋدا خىلىتىنى پىشۇرۇش مەقسىتىدە خاس سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلاردىن سەرسىبىل، چۆپچىن، يەرلىك شوخلا، ئەفتىمۇن، ماىرانچىنى، شاھتەررە، ئامىلە … قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن 15 ~ 45 كۈنگە قەدەر بېرىپ، ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار بەلگە ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن، يۇقىرىقى مۇنزىچ نۇسخىسىغا سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 60 ~ 80 مىللىلىتىردىن 3~5 كۈنگىچە بېرىپ، غەيرىي تەبىئىي خىلىتلار بەدەندىن تازىلىنىدۇ. قان خىلىتىنىڭ ئوفۇنەتلىشىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا، چىلان شەربىتى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 60 ~ 80 مىللىلىتىر؛ ئەرقى چۆپچىن كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن؛ شەربىتى ئۆشبە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن؛ مەتبۇخى شاھتەررە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 ~ 80 مىللىلىتىر؛ ئىترىفىل چۆپچىن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن … قاتارلىقلارنى بېرىپ قان خىلىتى تازىلىنىدۇ. ياللۇغ قايتۇرۇش، راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشىنى تورمۇزلاش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلر تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ. ئەرقى شوخلا كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن، ئەرقى سەندەل كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن؛ ئەرقى مۇسەپپى خۇن كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 ~ 100 مىللىلىتىردىن؛ ئىترىفىل چۆپچىن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ مەجۈنى ئۆشبە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، مەجۈنى ئەفئى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، سۇفۇپى سەرتان كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن 10 گرامدىن؛ سۇفۇپى مەرۋايىت كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ سۇفۇپى مارى ئەفئا كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ قۇرسى سەرتان كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا ب−ەش دانىدىن … قاتارلىقلار تاللاپ بېرىلىدۇ ياكى يۇقىرىقى مەقسەتلەردە تۆۋەندىكى ئۇسۇللار قوللىنىلىدۇ. 

يىلان بىلەن داۋالاش

يىلان مەجۈنى تەييارلاپ بېرىلىدۇ. تەركىبى: يىلان گۆشى، زەنجىۋىل، دارچىن، خۇلىنجان ھەر بىرى 70 گرامدىن، پىلپىل 30 گرام، ۋاڭ ئۇرۇقى 20 گرام، بىخ كەبىر 30 گرام، دورىلرنى كۆرسەتمە بويىچە ئېلىپ مەجۈن تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن بېرىلىدۇ. يىلان شورپىسى تەييارلاپ بېرىلىدۇ.

تەركىبى: يىلان گۆشى 20 گرام، ياش موزاي گۆشى ياكى قوي گۆشىدىن 100 گرام ئېلىپ، ئىككىسىنى ئىككى لىتىر ئەتراپىدا سۇغا سېلىپ يىلان گكشى ئېزىلىپ كەتكەنگە قەدەر قاينىتىپ، بۇنىڭ شورپىسىنى ئىككىگە بۆلۈپ كۈندە بىر قېتىم قىزىق ھالدا ئىچكۈزۈلىدۇ، كالا گكشى چايناپ تېرىپى تاشلىۋېتىلىدۇ. يىلان گۆشىنىڭ غەيرىي پۇرىقىنى يوقىتىش مەقسىتىدە ئازراق زەنجىۋىل، كاۋاۋىچىن، تاشاڭ خولىنجان، دارچىن قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق تاللاپ شورپىغا قېتىپ قاينىتىلسا بولىدۇ ياكى يۇقىرىقى ئىككى گۆشتە چۆچۈرە تۈگۈپ يېگۈزسىمۇ بولىدۇ. يىلان گۆشىدىن قۇرسى تەييارلاپ بېرىلىدۇ. تەركىبى: زەھەرلىك يىلان (ئەگئى كىچىك) نىڭ بېشىنى كېسىپ تاشلاپ، ئىچىنى يېرىپ تازىلاپ قۇرۇتۇپ، يېرىمى بىلەن تەڭ زەنجىۋىل، ئادراسمان ئۇرۇقى، يەرلىك شوخلا قوشۇپ، قائىدە بويىچە قۇرس تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ئالتە گرام ئەتراپىدا بېرىلىدۇ. يىلاندىن ھاراق تەييارلاپ بېرىلىدۇ. يېڭى تۇتۇلغان زەھەرلىك يىلاننىڭ بېشىنى كېسىپ تاشلاپ، ئىچىنى تازىلاپ ئاشلىق ھارىقى ياكى ئۈزۈم ھارىقىغا چىلاپ، 7~10 كۈنگىچە ئاپتاپتا تۇرغۇزۇپ، كۈندە ئىككى قېتىم (چۈش ۋە كەچتە) بىر قوشۇقتىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ. يىلان گۆشى بىلەن 1000 مىللىلىتىر ھارىقىغا 15g كەسمە زەنجىۋىل قوشۇپ چىلانسا، يىلان گۆشىنىڭ پۇرىقىنى يوقىتىدۇ ھەمدە ئىشتىھانى تۇتۇپ قويمايدۇ. سىماب كۇشتىسى ياكى سىماب ياسالمىسى بىلەن داۋالاش: سىماب كۇشتىسىنىڭ تەركىبى: سىماب، شورا (قارا مىلتىق دورىسى ياسايدىغان شورا) ، زەمچە قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 100 گرامدىن ئېلىپ، زەمچە، شورىنى ئايرىم-ئايرىم تالقانلاپ (شورىنى ھاۋانچىدا كۈچ بىلەن سوقسا پارتلاش ئېھتىمالى بار) ئارىلاشتۇرۇپ، كىچىك قازانغا قويۇپ ئۈستىگە سىمابنى قويۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە چىنە تەخسە يېپىپ چاكلىرى (ئەتراپى) قەغەز بىلەن ھىم چاپلىنىدۇ. قازان ئاستىغا ئوت قالىنىدۇ (ئوت دەسلەپتە ناھايىتى سۇس، بارغانسېرى كۈچىيىشى كېيىن يەنە سۇسلىشىشى لازىم) . مۇشۇنداق تەخمىنەن بىر سائەت ئەتراپىدا قىزىتقاندىن كېيىن قازان ئوتتىن ئېلىپ سوۋۇتىلىدۇ. ئاندىن لاينى ئاۋايلاپ ئېلىۋېتىپ تەخسىنى ئاچقاندا تەخسە يۈزىگە يىڭنىگە ئوخشاش، كرىستاللانغان ئاچ قىزىل رەڭلىك تالقان چاپلىشىپ قالغان بولىدۇ. مانا بۇ سىماب كۇشىتىسى بولۇپ، ئۇنى ئاۋايلاپ تېرىۋېلىپ ساقلاپ ئىشلىتىلىدۇ، بۇنى ھەپتىدە بىر قېتىم بىر پۇڭدىن، بىر ھەپتىدىن كېيىن تەدرىجى مىقدارنى ئاشۇرۇپ 2.5 پۇڭغا قەدەر يېگۈزۈلىدۇ. دورىنى يېگەندىن كېيىن قۇسۇۋېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئارقىدىنلا پودىنە قاينىتىلىمىسى بېرىلىدۇ. 

ئەسكەرتىش: سىماب كۇشتىسى ئۆتكۈر زەھەرلىك ئېغىز ئىچىدىكى پەردىلەرنى بۇزۇش (چىرىتىش) خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. شۇڭا ئېھتىيات بىلەن ئىشلىتىش كېرەك. يېگەن چاغدا ھورنان ياكى گىردە ناننىڭ يۇمشىقىغا يۆگەپ چاينىماي يۇتۇۋېتىش، ئەگەر قۇسۇش كۆرۈلسە دەرھال ئېغىزىنى پاكىز چايقىۋېتىش لازىم. كۇچۇلا بىلەن داۋالاش: مەجۈنى كۇچۇلا تەييارلاپ بېرىلىدۇ. تەركىبى: سۈتكە چىلاپ تىلى ئېلىۋېتىپ لايىقلاشتۇرۇپ تالقانغان كۇچۇلا 100 گرام، چايان (قۇيرۇقى ئېلىنمىغان، تۇزلۇق سۇدا يېرىم سائەت قاينىتىپ قۇرۇتۇلغان) 40 دانە، يىلان گكشى 300 گرام، قىزىل سىر 60 گرام، دورىلارنى كۆرسەتمە بويىچە ئېلىپ، دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ (قىزىل سىر ئالاھىدە يۇمشاق سوقۇلىدۇ) ، تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، قائىدە بويىچە مەجۈن تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 3~5 گرام ئىستېمال قىلدۇرۇلىدۇ. ئادەتتىكى مەجۈنى ئازاراقى، ھەببى ئازاراقىنىڭمۇ راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەش تەسىرى بار. ھەرە كۆنىكى بىلەن داۋالاش: ھەرە كۆنىكى مەجۈنى تەييارلاپ بېرىلىدۇ. تەركىبى: ھەرە كۆنىكى 100 گرام، يىلان قاسرىقى (پوستى) 100 گرام، ئۆلۈپ قاتقان پىلە قۇرتىدىن 100 گرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە مەجۈن تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن بېرىلىدۇ. شاپتۇل مېغىزى قاينىتىلمىسى بېرىلىدۇ. تەركىبى: شاپتۇل مېغىزى، ئىزخىر، بوزۇغا، قانىسە قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 10 گرام، كەتىرا 30 گرام، رەۋەن 10 گرام، زۇلۇك قۇرتى 5 گرام، كۆكۈيۈن 5 پۇڭ، دورىلارنى كۆرسەتمە بويىچە ئېلىپ، 1000 مىللىلىتىر سۇدا يېرىمى قالغىچە قاينىتىپ، سۈزۈپ، سۈيىگە شېكەر قوشۇپ، ئۈچكە بۆلۈپ بىر كۈندە ئىچكۈزۈلىدۇ. ئەسكەرتىش: سەرتان ئۆسمىسى شەكىللىنىپ چىققاندىن كېيىن ئۇنى يۇمشىتىپ، ماددىنى تارقىتىدىغان دورىلارنى ئىشلەتمەسلىك لازىم. ئەكسىچە سەرتان ماددىسى (راك ھۈجەيرىلىرى) نى بىر يەرگە توپلايدىغان، تورمۇزلايدىغان ياكى يوقىتىدىغان ۋە ماددىنى سوۋۇتىدىغان بولۇش لازىم. كۈچلۈك كۆيدۈرگۈچى دورىلار سەتان ماددىسىنىڭ ھەرىكەتچانلىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ھۆكۈمالارنىڭ قارىشىچە سەرتان كېسىلىدە قان ئېلىش پايدىلىق دەپ قارالغان، ھەمدە ھەيز توختاپ قالغان بولسا ھەيز ماڭدۇرۇش ۋە تەرەتنى راۋان قىلىش چارىسىنى قىلىش پايدىلىق دەپ قارايدۇ. چوڭ تەرەتنى راۋان قىلىش ئۈچۈن شۇمشا ئۇرۇقى، سېمىز ئوت ئۇرۇقى 10 گرامدىن، تەرەنجىۋىل 15 گرام، گۈل يېغىدىن 10 مىللىلىتىر. دورىلارنى كۆرسەتمە بويىچە ئېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ، سۈزۈپ، گۈل يېغىنى قوشۇپ كلىزما قىلىنىدۇ. ئادەت (ھەيز) توختاپ قالغان بولسا ئادەتنى راۋان قىلىش ئۈچۈن: شاھتەررە، يەرلىك شوخلا، پىرسىياۋشان، چىلان بەش گرامدىن، سېرىق ھېلىلە پوستى، نېلۇپەر گۈلى، كاسىنە ئۇرۇقى، تۇخۇمى خىيارىن، تەمرى ھىندى قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 10 گرامدىن ئېلىپ، 500 مىللىلىتىر قايناق سۇغا سەككىز سائەت چىلاپ، ھەر كۈنى ئەتىگەندە 100 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ. 15 دانە چىلاننى 50 مىللىلىتىر ئەرقى مۇسەپپى خۇنغا بىر كېچە چىلاپ، سۈزۈپ، ئۈچ گرام بىھى ئۇرۇقىنىڭ لوئابى ۋە نېلۇپەر شەربىتىدىن 10 مىللىلىتىر قوشۇپ، كۈندە ئىككى قېتىم تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا، 10~20 مىللىلىتىر ئىچكۈزۈلىدۇ، كېيىن تۆۋەندىكى مۇسھىل بېرىلىدۇ، تەركىبى: گۈلبىنەپشە، نېلۇپەر گۈلى، پىرسىياۋشان، قىزىلگۈل، كاسىنە ئۇرۇقى، سېمىزئوت ئۇرۇقى، چىلان، سەرپىستان، قۇرۇق ئەنجۈر ھەر بىرى بەش گرام، سانا مەككى 10 گرام، يەرلىك شوخلا 10 گرام، خىيارشەنبەر، تەرەنجىۋىن ھەر بىرىدىن بەش گرام. دورىلارنى كۆرسەتمە بويىچە ئېلىپ، قائىدە بويىچە مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 60 مىللىلىتىرغا خېمىرى بىنەپشىدىن بەش گرام قوشۇپ ئىچكۈزۈلىدۇ. كېيىن خېمىرى گاۋزىبان ھىندى كۈندە ئىككى قېتىم 10 گرامغا ئەرقى مۇسەپپى خۇندىن 20 مىللىلىتىر، چىلان شەربىتىدىن 50 مىللىلىتىر قوشۇپ بېرىلىدۇ. سەرتان يىرىڭلىغان بولسا، ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى ئۇسۇللار تاللاپ قوللىنىلىدۇ. ئاق لەيلى يوپۇرمىقى، چەلەڭ يوپۇرمىقى، زىغىرلارنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قاينىتىپ، ئابىزەن قىلىنىدۇ. بىنەپشە، نېلۇپەر، ئەفتىمۇن، زىغىر ھەر بىرىدىن 20 گرام، شۇمشا، يەرلىك شوخلا، شاھتەررە، سەرسىبىل، چۆپچىن، ئەفتىمۇن ئۇرۇقى، ئاق لەيلى ئۇرۇقى ھەر بىرىدىن 15 گرامدىن، ئىكلىلمىلىك، ئەينۇلا ھەر بىرىدىن 30 گرام ئېلىپ ۋاننا قىلىنىدۇ. تۆۋەندىكى سۇفۇپ تەييارلاپ بېرىلىدۇ. تەركىبى: قاپاق ئۇرۇقى، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى، چىلغوزا مېغىزى، تەرخەمەك ئۇرۇقى، بادام مېغىزى ھەر بىرىدىن 10 گرام، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، ئاقاقىيا، گاۋزىبان، ئانار گۈلى، سەرتان ھەر بىرىدىن بەش گرام، تاباشىر تاۋۇز ئۇرۇقى سەمغىئەرەبى، ئاقخەشخەش ئۇرۇقى، بېھى ئۇرۇقى، بىشاستە، رۇببىسۇس، كەتىرا ھەر بىرىدىن 15 گرام، تۇخۇمى خىرگە، لوبىيا ھەر بىرىدىن 25 گرام ئېلىپ سۇفۇپ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا ئالتە گرامدىن بېرىلىدۇ. ھەيزنى، چوڭ-كىچىك تەرەتنى راۋان قىلىش ئۈچۈن مەجۈنى خىيارشەنبەر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن بېرىلىدۇ. كېسەللىك جەريانىدا خۇنى تەۋرەپ كەتسە ياكى راك ئۆسمىسىدە قاناش يۈز بەرسە قان توختىتىش مەقسىتىدە قۇرسى كەھرىبا كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن 7 ~ 5 دانىغىچە، شەربىتى ئەنجىباھار كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن بېرىلىدۇ. ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش: بالىياتقۇ بوينى راكىنى ئوپېراتسىيە قىلىش دائىرىسى (كېسىپ ئېلىۋېتىش دائىرىسى) راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ تاجاۋۇزش قىلىش ئورنى، كېسەل كىشىنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالى قاتارلىقلارغا ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ. كۆپ ساندىكىلەر Ⅱa ۋە 0 دەۋردىكى راكنى ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاشقا مۇۋاپىق دەپ تونۇيدۇ، بەزى ماتېرىياللارنى ئانالىز قىلىش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، كېسەللىك ئوچىقىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى تاجاۋۇز قىلىش دائىرىسىگە قاراپ ئوپېراتسىيە قىلىش دائىرىسىنى بەلگىلەش ھەمدە ئوپېراتسىيىنىڭ ئۈزۈل كېسىللىكىگە، بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك دەپ قارىلىدۇ. بىرىنچى تۈردىكى ئوپېراتسىيە: بالىياتقۇنى قىسمەن دائىرىدە كېسىۋېتىش (بالىياتقۇنىڭ بىر قىسمى) : جىنسىي يولدن 2 ~ 1 سانتىمېتىرنى كېسىپ ئېلىۋېتىشنى كۆرسىتىدۇ، بۇ ئەسلى ئورۇنلۇق راكنى داۋالاشقا ماس كېلىدۇ. ئىككىنچى تۈردىكى ئوپېراتسىيە: بالىياتقۇنى قىسمەن كەڭ دائىرىدە كېسىۋېتىش: (بالىياتقۇنىڭ كۆپ قىسمى) جىنسىي يولدىن 3 ~ 2 سانتىمېتىر، بالىياتقۇ يېنىدىكى توقۇلمىلاردىن 2 سانتىمېتىر كېسىېتىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ Ⅰa دەۋردىكى يامراش راكىغا قوللىنىلىدۇ. داس بوشلۇقىدىكى لىمفالارنى تازىلاش ئېلىپ بېرىلمىسىمۇ بولىدۇ. ئۈچىنچى تۈردىكى ئوپېراتسىيە: بالىياتقۇنى كەڭ دائىرىدە كېسىۋېتىش (بالىياتقۇنى كەڭ دائىرىدە) : بالىياتقۇ يېنىدىن ئىككى سانتىمېتىردىن يۇقىرى ۋە جىنسىي يولدىن 3 ~ 2 سانتىمېتىر كېسىۋېتىشنى كۆرسىتىدۇ، بۇ Ⅰ دەۋردىكى راكنى داۋالاشقا ماس كېلىدۇ، ئەھۋالغا قاراپ داس بوشلۇقىدىكى لىمفالار تازىلىنىدۇ. تۆتىنچى تۈردىكى ئوپېراتسىيە: بالىياتقۇنى كەڭ دائىرىلىك كېسىۋېتىش: (بالىياتقۇنى پۈتۈنلەي دېگەنلىك) داس بوشلۇقى يان دىۋارىنى بويلاپ بالىياتقۇ ئەتراپىدىكى توقۇلمىلارنى ۋە جىنسىي يولدىن ئۈچ سانتىمېتىردىن يۇقىرى كېسىۋېتىشنى كۆرسىتىدۇ ھەمدە ئوخشاش ۋاقىتتا داس بوشلۇقىدىكى لىمفالارنى تازىلاش ئوپېراتسىيىسى ئىشلىنىدۇ، بۇ Ⅱa دەۋرىدىكى راكنى داۋالاشتا قوللىنىلىدۇ. يۇقىرىقى ئۇسۇللار بىلەن بىرلىكتە لازېر نۇرى، X نۇرى، توك دەزمىلى بىلەن داۋالاش ۋە توڭلىتىپ داۋالاش ئۇسۇللىرى مۇۋاپىق قوللىنىلىدۇ، قەدىمكى تىۋىپلىرىمىز راك ئۆسمىلىرىنى ئوپېراتسىيە قىلىشتا راكنىڭ يىلتىزلىرىنى قالدۇرماي كېسىپ تاشلاش ۋە ئەتراپىنى داغلاش لازىم دەپ كۆرسەتكەن. كېسەللىك ئۆزگىرىشى جەريانىدا رەئىس ئەزالارنى ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش، بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش، ھەزىمنى ياخشىلاپ بەدەننى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار تاللاپ بېرىلىدۇ. ئەۋرىشىم شەربىرى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن بۇرۇن، ھەر قېتىندا 10 مىللىلىتىردىن؛ ئالما شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن بۇرۇن، ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن؛ داۋائىمىشكى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن بۇرۇن ھەر قېتىمدا 5 ~ 3 گرام؛ ئامىلە نۇشدارى لۆئلۈۋى كۈندە ئىككى قېتىنم تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرام؛ جاۋارىش مىشكى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن … قاتارلىقلار تاللاپ بېرىلىدۇ.

1. تەستە سىڭىدىغان، يەللىك، ئۆتكۈر غىدىقلىغۇچى يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ، بولۇپمۇ ۋەھشى (يىرتقۇچ) ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرى، پىدىگەن، كالا گۆشى قاتارلىقلار زىيانلىق.

2. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئورۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەك-ئىچمەكلەر بىلەن ئوزۇقلاندۇرىلىدۇ. مەسىلەن: ئارپا سۈيى، يېڭى بېلىق، چالا پىشۇرۇلغان تۇخۇم سېرىقى، مائۇللەھمى … قاتارلىق بەدەننى قۇۋۋەتلەپ يېڭى قان پەيدا قىلىدىغان، ھۆللۈك يەتكۈزىدىغان يېمەكلىكلەر ھەم پاقلان گۆشى، چۈجە گكشى قاتارلىقلار بىلەن ئوزۇقلاندۇرىلىدۇ.

3. پائال ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

1) ئاياللار كېسەللىكلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ داۋالاشنى قەرەللىك قانات ياۇدۇرۇش، بالدۇر بايقاش، بالدۇر دىئاگنوز قويۇش، بالدۇر داۋالاشتىن ئىبارەت «ئۈچتە بالدۇر بولۇش» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، 30 ياشتىن ئاشقان نىكاھلانغان ئاياللار ئاياللار بۆلۈمىگە كۆرۈنسە قائىدە بويىچە ھەممىسىنىڭ بالىياتقۇ بوينى قىرىندىسىنى تەكشۈرۈش لازىم.

2)بالىياتقۇ بوينى سوزۇلما ياللۇغى، بولۇپمۇ ئېغىر دەرىجىدىكى بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرىگەنلەرنى پائال داۋالاش لازىم.

3) جىنسىي تۇرمۇشتا تازىلىققا دىققەت قىلىش لازىم (ئەر تەرەپ جىنسىي تازىلىقىنىڭ ياخشى بولۇشىمۇ ئالدىنقى شەرت).

4)كېچىكىپ توي قىلىش، ئاز تۇغۇشنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك. 5)ئىككىلا تۇخۇمدېنىنى ئېلىۋېتىشكە توغرا كەلگەن كېسەللىكلەردە بالىياتقۇسىنىمۇ قوشۇپ ئېلىۋېتىش كېرەك. بالىياتقۇ بوينى قالدۇق راكىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئادەتتە بالىياتقۇنىڭ كۆپ قىسىمنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيىسى ئىشلەنمەيدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1285

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/38904.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#