ئېلىزابېت پورتى

ئېلىزابېت پورتى

ئېلىزابېت پورتى ئازانىيە(جەنۇبىي ئافرىقا) نىڭ جەنۇبىي قىسمىغا، ھىندى ئوكيان بويىدىكى ئالگوئا قولتۇقىنىڭ غەربىي ياقىسىغا جايلاشقان مۇھىم پورت. ئازانىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى مۇھىم سانائەت رايونلىرىنىڭ بىرى.

نامى ئېلىزابېت پورتى
تەۋە رايون جەنۇبىي ئافرىقا
خەنزۇچە نامى 伊丽莎白港
قۇرۇلغان ۋاقتى 1799-يىل قۇرۇلغان

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئېلىزابىت پورتىئازانىيە(جەنۇبىي ئافرىقا) نىڭ جەنۇبىي قىسمىغا، ھىندى ئوكيان بويىدىكى ئالگوئا قولتۇقىنىڭ غەربىي ياقىسىغا جايلاشقان مۇھىم پورت. ئازانىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى مۇھىم سانائەت رايونلىرىنىڭ بىرى. بۇ شەھەر 1820-يىلى ئەنگلىيىلىك كۆچمەنلەر تەرىپىدىن سېلىنغان. بۇ جاي ئەسلى بىر ھەربىي قەلئە بولۇپ، شۇ ئاساستا تەرەققىي قىلغان. شەھەر ئاھالىسى 469 مىڭدىن ئاشىدۇ. 

ئېلىزابىت پورتىئېلىزابېت پورتى ئازانىيىنىڭ ئەڭ چوڭ قوي يۇڭى بازىرى، مۇھىم سانائەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى. بۇ جايدا كۆلىمى چوڭ بولغان ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇراشتۇرۇش زاۋۇتى، بالون زاۋۇتى، كۆن-خۇرۇم زاۋۇتى، توقۇمىچىلىق، ماشىنىسازلىق، خىمىيە-سانائەت قاتارلىق سانائەت تارماقلىرى بار. ئېلىزابېت شەھىرىنىڭ سانائەت مەھسۇلات قىممىتى پۈتۈن ئازانىيە سانائەت مەھسۇلات قىممىتىنىڭ % 5 تىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ. پورت ئارقىلىق مارگانېتس رۇدىسى، تۆمۈر رۇدىسى، قوي يۇڭى، كۆن-خۇرۇم، ئاشلىق قاتارلىق مەھسۇلاتلار ئېكسپورت قىلىنىدۇ. بۇ پورت ئارقىلىق زىمبابۋىنىڭ ئېكسپورت قىلىنىدىغان بىر قىسىم ماللىرى بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. ئېلىزابېت پورتىدىن ئازانىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى بلوم فونتېئىن شەھىرىگە غەربتىكى كېپتائون شەھىرىگە، شەرقتىكى شەرقىي لوندون شەھەرلىرىگە بارىدىغان بىرنەچچە تارماق تۆمۈريول، تاشيوللار بار. شەھەرنىڭ يېنىدا ئايرودرومى بار. ئېلىزابېت پورتى ئازانىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى ھېسابلىنىدۇ.

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#