ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى دېھقانچىلىق مەدەنىيىتى

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى دېھقانچىلىق مەدەنىيىتى
ئۇيغۇرلار خېلى بۇرۇنلا شەھەرلىشىپ، ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىقتىن تەدرىجىي دېھقانچىلىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسپىگە يۈزلەنگەن ۋە ئىپتىدائىي تېرىقچىلىقتىن تەدرىجىي ھالدا ئۆزىگە خاس ئولتۇراقلاشقان دېھقانچىلىق ئىگىلىكىنى بەرپا قىلىش بىلەن بىرگە، نۇرغۇن دېھقانچىلىق سايمان-جابدۇقلىرىنىمۇ بارلىققا كەلتۈرگەن.

ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى دېھقانچىلىق مەدەنىيىتى
دېھقانچىلىق سايمان-جابدۇقلىرى قولقا سايمانلىرى ۋە كۆلۈك سايمانلىرى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 维吾尔族传统农业文化

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى دېھقانچىلىق مەدەنىيىتىيېقىنقى يىللاردىن بۇيان دىيارىمىزدىن تېپىلغان زور مىقداردىكى ئارخېئولوگىيەلىك ماتېرىياللار بىزگە، بۇنىڭدىن تەخمىنەن نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردىن باشلاپ كوئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىن تارتىپ تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي ئېتەكلىرىگىچە بولغان بۇ بىپايان زېمىندىكى تاغ قاپتاللىرى، جىلغا تۆپىلىكلىرى ۋە ئىپتىدائىي بوستانلىقلاردا دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىگىلىكى ۋۇجۇدقا كېلىپ، بۇغداي، تېرىق، ئاق قوناق، چۈيگۈن، ئارپا قاتارلىق ئۇنلۇق زىرائەتلەردىن باشقا، پۇرچاق تىپىدىكى زىرائەتلەردىن ماش، قارا پۇرچاق؛ مايلىق زىرائەتلەردىن زىغىر، قىچا، كۈنجۈت؛ تالالىق زىرائەتلەردىن كەندىر، پاختا قاتارلىقلارنىڭ تېرىلىشقا باشلىغانلىقىنى ئېنىق ھالدا دەلىللەپ كۆرسىتىپ بېرىدۇ. دېمەك ئۇيغۇرلار خېلى بۇرۇنلا شەھەرلىشىپ، ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىقتىن تەدرىجىي دېھقانچىلىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسپىگە يۈزلەنگەن ۋە ئىپتىدائىي تېرىقچىلىقتىن تەدرىجىي ھالدا ئۆزىگە خاس ئولتۇراقلاشقان دېھقانچىلىق ئىگىلىكىنى بەرپا قىلىش بىلەن بىرگە، نۇرغۇن دېھقانچىلىق سايمان-جابدۇقلىرىنىمۇ بارلىققا كەلتۈرگەن. 

دېھقانچىلىق سايمانلىرىقەدىمدىن تارتىپ خەلقىمىز ئىختىرا قىلغان ۋە ئىشلەتكەن دېھقانچىلىق سايمانلىرىدىن يالغۇز ئوغۇل، كەتمەن، كۈرەك، ئورغاق، سۈپۈرگە، تۈرگە، ئارا، ئوتىغۇچ، تىزلاق، ئويماق، باغلىق، غەلۋىر، ئۆتكەمە، قاپ، تاغار، خالتا، زەمبىل، چۈراڭ، سېۋەت، قوشام، تۇلۇق، قوش (سوقا، ساپان، بوقۇسا ئومۇملاشتۇرۇلۇپ قوش دەپ ئاتىلىدۇ)، تىرنا، سۆرەم قاتارلىقلارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئەنئەنىۋى دېھقانچىلىق سايمانلىرى ئىشلىتىلىش ئۇسۇلىغا ۋە رولىغا قاراپ قولقا سايمانلىرى ۋە كۆلۈك سايمانلىرى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

ئەنئەنىۋى قولقا سايمانلىرى تۈرىگە يالغۇز ئوغۇل، كەتمەن، كۈرەك، ئورغاق، سۈپۈرگە، تۈرگە، ئارا، ئوتىغۇچ، چالغا، تىزلاق، ئويماق، باغلىق، غەلۋىر، ئۆتكەمە، قاپ، تاغار، خالتا، زەمبىل، چۈراڭ، سېۋەت قاتارلىقلار كىرىدۇ.

ئەنئەنىۋى كۆلۈك سايمانلىرى تۈرىگە تۇلۇق، سوقا، ساپان، بوقۇسا، تىرنا، سۆرەم قاتارلىقلار كىرىدۇ.

ئەنئەنىۋى قولقا سايمانلىرى

يالغۇز ئوغۇل ­­­­­—  قاپ تاغارلارنىڭ ئېغىنى ئېچىپ بېرىش رولىنى ئوينايدىغان مۇئەييەن ئۆلچەمدە ياسالغان T شەكىللىك قۇرۇلما بولۇپ، قاپ-تاغارغا دانلىق زىرائەت ۋە توپا، قىغ قاچىلاشتا قاپ-تاغارنىڭ ئېغىزىنى ئېچىپ بېرىدىغان ئادەم بولمىغان ئەھۋالدا ئىشلىتىلىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭغا يالغۇز ئوغۇل دەپ نام بېرىلگەن.

كەتمەنكەتمەن —  تۆمۈر قاتارلىق مېتاللاردىن ياسىلىدىغان، يۈزى چوڭ ۋە يۇمىلاق، ئارقا تەرىپىگە دەستە بېكىتىش ئۈچۈن كوزا چىقىرىلغان يەر چېپىش سايمىنى بولۇپ، كەتمەن يۈزى، كەتمەن بىسى، كەتمەن چولدىسى، كەتمەن كوزىسى ۋە كەتمەن دەستىسىدىن ئىبارەت تەركىبلەردىن تۈزۈلىدۇ. كەتمەننىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، دېھقانچىلىق ئىشلىرىدىكى ئىشلىنىش ئورنى ۋە رولى ناھايىتى مۇھىم. كەتمەن خەلقىمىزنىڭ چەبدەسلىك ۋە ئەمگەكچانلىق روھىنىڭ سىمۋولى بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «كەتمەن چاپقان جىگدە يەپتۇ، ئوڭدا ياتقان گىردە يەپتۇ»، «ھۇد، كەتمەن سېپىنى تۇت»، «كېلىدىكەن يىراق كەتكەنلەر، كەلمەيدىكەن كەتمەنلەنگەنلەر»، «ئۆستەڭنى چېپىۋېتىپ، كەتمەن قايرىلىپ كەتتى. كەمبەغەل ھاشار بىلەن، يۇرتتىن ئايرىلىپ كەتتى»، «كەتمەننى مەن چاپسام، يېتىپ يەيدۇ خىيموزا»، «قىزىل گۈلۈم قات-قات ئېچىل، ياڭزاڭنى كۆرسەت. يىگىت بولساڭ كەتمەن ئېلىپ، بىڭساڭنى كۆرسەت»، «دولاڭدىكى كەتمەنمۇ، ئۇچاڭدىكى چەكمەنمۇ، ناخشا ئېيتسام يىغلايسەن، سەنمۇ مەندەك دەرتمەنمۇ؟» دېگەندەك ماقال ۋە قوشاقلارمۇ كەڭ تارقالغان.

ياغاچ كۈرەكياغاچ كۈرەك —  قارا سۆگەت ياكى كىگىز تېرەكنىڭ تىلما ھەرىدە ناھايىتى نېپىز قىلىپ تىلىنغان پېنىدىن ياسىلىدۇ. ئاساسەن ئارا چەش قىلىنغان زىرائەت دېنىنى قىزىلداش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. قىش كۈنلىرى قار ئادالاش ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

سۈپۈرگەسۈپۈرگە— سۈپۈرگە ياسالغان ماتېرىيالىغا ئاساسەن چىغ سۈپۈرگە، تىۋىلغا سۈپۈرگە، شىۋاق سۈپۈرگە، قىزىل قوناق سۈپۈرگىسى دەپ تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ. سۈپۈرگە دېھقانچىلىق ئەمگىكى ۋە تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان تازىلىق قورالى بولۇپ، ئۇنىڭ ياسىلىش ئۇسۇلى مۇئەييەن چوڭلۇقتىكى تۆمۈر ياكى سىمدىن قىلىنغان توڭكىغا(ئىلگىرى ئەجدادلىرىمىز خام تاسمىدىن توڭكا قىلغان دېيىلىدۇ) پاتقۇدەك چىغ ياكى تىۋىلغا تېلىنى چىڭداپ تىقىۋالغاندىن كېيىن، تەتۈر قوزۇق(بۇ ئاچىماق بادرىنىڭ بىر ئاچىسى ئازراق قالدۇرۇلۇپ كېسىۋېتىلىپ، كېسىلمىگەن ئاچىسى ئۇچلۇق قىلىنىپ ياسىلىدىغان سۈپۈرگە ياساش جابدۇقى)نى توڭكىغا تىقىۋالغان چىغ ياكى تېۋىلغا تېلىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا توغرىلاپ تىقىپ، تەتۈر قوزۇقنىڭ بېشى تاشقا ئۇرۇلۇپ قاتتىق قېقىلىدۇ. ئاندىن قېقىلىپ چىڭىغان تەتۈر قوزۇق چوت ياكى پالتىنىڭ چۇلدىسى بىلەن ئاستا ئارقىسىغا ئۇرۇپ ياندۇرۇلىدۇ. تەتۈر قوزۇقنىڭ يېنىشىدىن ھاسىل بولغان بوشلۇقنى قوغلاپ، ئالدىن تەييارلانغان چىغ ياكى تېۋىلغا تېلى توڭكىغا ئاۋۋال كىرگۈزۈلگەن چىغ ياكى تېۋىلغا تېلى ئارىسىغا تىقىپ كىرگۈزۈلىدۇ. مۇشۇ تەرىقىدە بىر قانچە قېتىم قېقىش، كىرگۈزۈش تاماملانغاندىن كېيىن، ئالدىن ئۇلاپ تەييارلانغان دەستە خۇددى تەتۈر قوزۇق قېقىلغاندەك قېقىلىپ ساپلىنىدۇ. سۈپۈرگە بۇ ھالەتكە كەلگەندىن كېيىن چىغ ئوتقا تۇتۇلۇپ، چىغنىڭ ساقاللىرى كۆيدۈرۈلىدۇ. ئاندىن توڭكا تۆۋىنىدىن مۇئەييەن ئارىلىق قالدۇرۇلۇپ شوينا يىپ بىلەن چىغ ياكى تېۋىلغا تېلىنىڭ ئاسان سۇنۇپ كاردىن چىقماسلىقى ئۈچۈندۇر.

تۈرگە — تۈرگە كۆلۈك تۈرگۈسى، قول تۈرگۈسى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. كۆلۈك تۈرگۈسى ئۇلاق قېتىلىپ خامان يىغقاندا توپاننىڭ ئېغىر قىسىمىنى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. كۆلۈك تۈرگىسى ئۇزۇنلۇقى ئىككى مېتىر، كەڭلىكى يېرىم مېتىر كېلىدىغان تاختاينىڭ ئىككى تەرىپىدىن مۇۋاپىق ئارىلىق قالدۇرۇلۇپ، كەڭرەك تۇرۇم ئېلىنىپ، ئىككى تال تېرەك بېكىتىلىپ، تېرەكلەر بىر تال توغرا بالداق بىلەن چېتىلىپ تەييارلىنىدۇ. قول تۈرگۈسى يەڭگىل، ئەمما سۈپۈرگىنىڭ كۈچى يەتمەي سۈپۈرۈشكە قىيىنچىلىق تۇغدۇرغان توپانلارنى تۈرۈش ۋە قىش كۈنلىرى قار تۈرۈش ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلىدۇ. قول تۈرگۈسى ئۇزۇنلۇقى 40-50 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 20-30 سانتىمېتىر تاختاينىڭ دەل ئوتتۇرىسىدىن تىك تۇرۇم ئېلىنىپ، ئېلىنغان تۇرۇمغا ساپ بېكىتىش يولى بىلەن تەييارلىنىدۇ.

ئارائارا — ئارىنىڭ ئىككى قوللۇق ئارا، ئۈچ قوللۇق ئارا، بەش قوللۇق ئارا، يەتتە قوللۇق ئارا ۋە سەككىز قوللۇق ئارا دېگەن تۈرلىرى بار. ئۇيغۇر دېھقانلىرى دېھقانچىلىق ئەمگىكىدە ئاساسەن ياغاچتىن ياسالغان ئارا ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەن. ئارا ئاساسەن ئىرغاي ياغىچى بەزى جايلاردا يۇلغۇن تېلىدىن ياسىلىدۇ. ياغاچ ئارا ياساش ئۇسۇلى ئاۋۋال ئىرغاي ياكى يۇلغۇن تېلى قۇرۇتۇلۇپ، سۇغا چىلىنىدۇ. سۇغا چىلىنىپ، تالالىرى يۇمشىغان ئىرغاي ياغىچى ۋە يۇلغۇن تاللىرى كۆيۈپ كەتمىگۈدەك تەپتى بوشراق ئوتقا كۆمۈپ پۇچىلىنىدۇ. پۇچىلانغان ئىرغاي ۋە يۇلغۇن تاللىرى ئارا قوللىرىنى ئىگىپ كەلتۈرۈش قېلىپىغا سېلىنىپ، يان قوللىرىغا ئالاھىدە مۈرە چىقىرىلىپ، يان قول ۋە ئوتتۇرا قوللارنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى تەڭشىلىپ، سىستېمىلاشتۇرۇلۇپ، ساپقا ئېلىنىدۇ. ساپقا ئېلىشتا ئارا قوللىرىنىڭ ساپقا ئۇلىنىدىغان يېرى ئارا سېپىغا جىپىسلاشتۇرۇلۇپ، پاتاڭ بىلەن مۇستەھكەم تېڭىلىدۇ. پاتاڭ-كالا پاتىڭى بولۇپ، كالا سويۇلغاندا ئۇزۇن ھالىتىدە ئېلىنىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇلۇپ، ئىشلىتىلىدىغان ۋاقىتتا سۇغا چىلاپ يۇمشىتىلىپ، ئىنچىكە يىپ شەكلىدە تىلىنىش ئارقىلىق تەييارلىنىدۇ. ئارا ساپقا ئېلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئارا قوللىرىنىڭ بىر يەرگە يىغىلىۋالماسلىقى ئۈچۈن، ئوشۇقچە سېلىنىدۇ. ئوشۇقچە ئارا قوللىرىنىڭ كەڭلىكىنى ئۆلچەم قىلىپ تەييارلانغان تۆت قىرلىق سىپتا ياغاچ بولۇپ، ئارا قوللىرىنىڭ ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش  رولىنى ئوينايدۇ. ئارا قولى قانچە بولسا ئوشۇقچىنىڭ شۇنچە يېرىدىن تۇرۇم ئېلىنىپ، ئارا قوللىرى شۇ تۇرۇملارغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ياغاچ ئارا ياسىلىپ بۇ ھالەتكە كەلگەندىن كېيىن، ئارا قوللىرى يەنە بىر قېتىم ئىتتىك تىغلىق ئەسۋابتا سىپتىلىنىپ قېلىپقا ئېلىنىدۇ. ئارا قوللىرىنى قېلىپقا ئېلىش ئارىنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاش، ئىشلىتىشكە قولايلىق بولۇش ۋە ئارا قوللىرىنىڭ قېيىپ كاردىن چىقماسلىقى ئۈچۈندۇر. ئىككى قوللۇق ئارا تۆمۈردىنمۇ ياسىلىدۇ. بەزى جايلاردا ئۈجمە ياكى قارىياغاچنىڭ قاۋۇلراق ئاچا بادرىلىرىدىنمۇ ياسىلىدۇ. تەننەرخى تۆۋەن، ئىشلىتىشكە ئەپلىك بولۇپ، ئاساسەن باغ بېسىش، زىرائەت ئۈنچىلىرىنى يېيىتىپ ئاياق سېلىشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئۈچ قوللۇق ئارا ئاياق ئۆرۈش، پاخال چىقىرىش ۋە پاخال بېسىش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. بەش قوللۇق ئارا، يەتتە قوللۇق ئارا، سەككىز قوللۇق ئارىلار مەخسۇس توپان سورۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

ئوتىغۇچ — زىرائەت ئارىسىغا ئۈنگەن تۈرلۈك ئوت-چۆپلەرنى ئوتاش ۋە توپىنى يۇمشىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان دېھقانچىلىق سايمىنى بولۇپ، ھەرخىل شەكىللەردە نېپىزلىتىلگەن تۆمۈردىن يۈزلۈك، بىس، بويۇن ۋە دەستە بېكىتىش كوزىسى چىقىرىلىپ ياسىلىدۇ. ئۇنىڭ يەنە كۆكتات ئوتاشتا ئىشلىتىلىدىغان كىچىك قالاقسىمان تۈرىمۇ بولۇپ، ئۇنىڭ يۈزلۈكى ئالقانچىلىق، سېپى چوكا توملۇقىدا، ئۇزۇنلۇقى 15-20 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، كالا مۈڭگۈزى ياكى ياغاچ بىلەن توغرىسىغا ياكى تىكىگە مۇۋاپىق دەستىلىنىدۇ.

تىزلاق — ئورما مەزگىللىرىدە ئورمىچىلار ئورۇغان بۇغداي ئەنجىلىرىنى باغلىغۇچە، تىزىنى ۋە ئىشتان پۇشقىقىنى ئاسراش ئۈچۈن تىزىغا تارتىۋالىدىغان ياغاق تېرىدىن ئىبارەت.

چالغا چالغا— ئوت-چۆپ، بۇغداي، زىغىر، سېرىق پۇرچاق، ئارپا، تېرىق قاتارلىق زىرائەتلەرنى ئورۇش ئۈچۈن مەخسۇس ياسالغان ئۇزۇن دەستىلىك، شەكلى 7 گە ئوخشايدىغان دېھقانچىلىق سايمىنى بولۇپ، چالغا بىسى، چالغا ئۇچى، دەستە تۆڭگىسى دەستە، تۇتقۇچ ۋە ساداقتىن تەركىبلىنىدۇ. چالغا دەستىسى باش تەرىپىدىن ئاياغ تەرىپىگە قاراپ تەدرىجىي ئىنچىكىلىتىلىپ، ئۇچ قىسمى قوۋزۇق شەكلىدە ياسىلىدۇ. ساداق بۇغداي ئارپا، تېرىق ئورىغاندا ئىشلىتىلىدۇ. ئىشلىتىش جەريانىدا پات-پات سوقىچاق تاش بىلەي ياكى ئىكەك بىلەن قايرىلىدۇ. تۆش-بولقا بىلەن قەرەللىك چىڭدىلىدۇ. تۆش سەلدەلنىڭ ئەڭ كىچىكى بولۇپ، كىچىكرەك ياغاچ كۆتىكىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئۇيغۇرلاردا «چالغا چىڭدىغان بولقا، قولۇمغا تېگىپ كەتتى. ئەزەلدىن بىۋاپا يايرىم، كۆڭلۈمنى چىگىپ كەتتى» دېگەندەك قوشاقلار بار.

ئورغاقئورغاق — دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى، ئوت-چۆپ قاتارلىقلارنى ئورۇش ئۈچۈن مېتالدىن ھىلال ئاي شەكلىدە تىغ چىقىرىلىپ ياسالغان دەستىلىك سايمان بولۇپ، ئورغاق دەستىسى، ئورغاق بوينى، ئورغاق بىسى، ئورغاق چۇلدىسى ۋە ئورغاق ئۇچىدىن تەركىب تاپىدۇ. ئۇيغۇرلاردا «ئورغاق تۇتۇپ ئاتاڭ قالغۇچە، ئويماق تۇتۇپ ئاناڭ قالسۇن» دېگەن ماقال بار.

ئويماق — خام تېرىدىن مۇئەييەن ئۆلچەمدە تىكىلىپ، ئورمىچىلار ئورما ئورۇش جەريانىدا ئەنجە تۇتىدىغان قول بارماقلىرىغا ئورغاق بىسىنىڭ تېگىپ كېسىۋېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كىيىۋالىدىغان قوغدىنىش بۇيۇمى. بىزدە ئويماق خۇسۇسىدا «ئويماق سالمىغان قولنى، ئورغاق كېسىدۇ ئاخىر. ئويلاپ ئوينىمىساق يار، بارار يېرىمىز تاقىر» دېگەندەك شېئىرلار ئۇچرايدۇ.

باغلىق — شاخ-شۇمبا، شادا، بېدە، بۇغداي ۋە پاخال قاتارلىق ئوت-چۆپ ھەم زىرائەت پايزىلىرىنى باغلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، ئۆزىدىن ياكى كەندىر، قىياق، لىگەن، چىغ، قارىياغاچ ۋە سۆگەتلەرنىڭ يۇمران تېلىدىن بەلگىلىك قانۇنىيەت بويىچە ئېشىلىدىغان باغ باغلاش بۇيۇمى. ئۇيغۇرلاردا «ئايدىڭدا ئورىغان ئورما، ئېتىزلاردا باغ قالدى. ئاز كۈن ئويناپ ئايرىلدۇق، يۈرەكلەردە داغ قالدى.»، «بۇغداي باغلىغان باغلىق، يۈرەكنى داغلىغان ياغلىق، يۈرىكىمدە ساقلاقلىق، يايرىم بەرگەن قولياغلىق» دېگەن ناخشا-قوشاقلار كەڭ ئومۇملاشقان.

غەلۋىر، ئۆتكەمەغەلۋىر، ئۆتكەمە — بۇلار ئاساسەن زىرائەت دانلىرىنى ئوت ئۇرۇقى، ئەخلەت-چاۋارلاردىن پاكىزلاش ۋە ئۈگۈت قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ياسىلىش ئۇسۇلى: نېپىز تىلىنىپ قۇرۇتۇلغان سۆگەت پېنى تەپتى تۆۋەن قوقاسقا قاقلىنىپ، سىپتىمىلىق بىلەن ئىگىلىپ قاسقان ھالىتىگە كەلتۈرۈلۈپ، قاسقان تېگىدىن مۇئەييەن ئارىلىق قالدۇرۇلۇپ، كىچىك-كىچىك تۆشۈكچىلەر ئېچىلىدۇ. ئاندىن ئاشلىنىپ ئەيلەنگەن ئۆچكە تېرىسىدىن تىلىنىپ، يىپچە ھالىتىگە كەلتۈرۈلگەن تاسمىلار پىشۇلدۇرۇلۇپ، قاسقان تۆشۈكچىلىرىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، بەلگىلىك تەرتىپ بويىچە توقۇپ تەييارلىنىدۇ. غەلۋىر قېلىنراق، ئۆتكەمە شالاڭراق توقۇلىدۇ. خەلق ئىچىدە غەلۋىر ئۆرۈيەلمىگەن دېھقاننى، ھەقىقىي دېھقان ئەمەس، دەپ قارايدىغان ئادەت بار. بۇنىڭدىن غەلۋىر بىلەن ئۆتكەمىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى پاكىزلاش قورالىنىڭ خەلقىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىدىكى ئورنىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرىلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

قاپ —  يەنە بىر ئاتىلىشى كىچىك تاغار بولۇپ، ئاشلىق ۋە باشقا نەرسە-كېرەكلەرنى ئىچىگە قاچىلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان رەختتىن تىكىلگەن ياكى يۇڭ، پاختا ۋە چىگىنىڭ چاق ئارقىلىق پىشۇلدۇرۇلغان يىپلىرىدا توقۇش ئۇستىلىرى تەرىپىدىن مۇئەييەن قانۇنىيەت بويىچە توقۇلغان قولقا بۇيۇمى. ئۇيغۇرلاردا «گەپ دېسە قاپ-قاپ، ئىش دېسە يىراق تاغدىن تاپ»، «تەڭ تېڭى بىلەن، تېزەك قېپى بىلەن»، «بارچە گۇناھ ئۆزۈمدە تۇرۇپ، قاپ كۆتۈرۈپ نەگە باراي» دېگەن ماقال كۆپ ئۇچرايدۇ.

تاغارتاغار — ئاشلىق ۋە باشقا نەرسە-كېرەكلەرنى ئىچىگە قاچىلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، يۇڭ، پاختا ۋە چىگىنىڭ چاق ئارقىلىق پىشۇلدۇرۇلغان يىپلىرىدا توقۇش ئۇستىلىرى تەرىپىدىن مۇئەييەن قانۇنىيەت بويىچە توقۇلغان قولقا بۇيۇمى. ئۇيغۇرلاردا «قۇرۇق تاغار ئۆرە تۇرماس» دېگەن ماقال بار.

خالتا — ئاشلىق ۋە باشقا نەرسە-كېرەكلەرنى ئىچىگە قاچىلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، رەخت، تېرە قاتارلىقلاردىن قاپ شەكلىدە تىكىلگەن قولقا سايمىنى.

زەمبىل — ئىككى پاراللېل دەستىنىڭ ئوتتۇرىسىغا دەرەخ نوتىسىدىن چوڭقۇرراق قىلىپ توقۇلىدىغان ياكى تاختا بېكىتىلىپ توپا، قىغ، تاش قاتارلىقلارنى توشۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان قولقا سايمىنى.

چۈراڭ — ئىككى پاراللېلنىڭ دەستىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنىڭ يۈزلۈكى دەرەخ نوتىسىدىن تۈز، تۆت ئەتراپى 50 سانتىمېتىر ئەتراپىدا ئېگىزلىتىلىپ توقۇلىدىغان، ئاساسەن باش قوناق، سامان توشۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان قولقا سايمىنى.

سېۋەتسېۋەت — ئىچىگە نەرسە-كېرەك سېلىش ۋە سامان، توپا، قىغ قاتارلىقلارنى توشۇش ئۈچۈن دەرەخ چىۋىقلىرىدىن يۇمىلاق، ئېللىپىس ۋە قاپقاقلىق ھالەتتە توقۇلىدىغان قولقا سايمىنى.

قوشام — يۇلغۇن ياكى دەرەخ تاللىرىدىن مۇئەييەن قانۇنىيەت بويىچە ئارىلىقى زىچ توقۇلغان، باش قوناق ۋە سامان توشۇش ئۈچۈن ھارۋا ساندۇقچىسىنى ئېگىزلىتىپ قاشالاش رولىغا ئىگە بولغان، پالازسىمان دېھقانچىلىق سايمىنى ھەم مال قوتان شۇنداقلا جان-جانىۋارلار كىرىش چەكلەنگەن ئورۇنلارنىڭ مۇداپىئەسى ئۈچۈن قاشا قىلىنىدىغان بۇيۇم.

بۇلاردىن باشقا جەنۇب تەرەپلەردە كۆپرەك ئۇچرايدىغان يەنە بىر خىل ئىپتىدائىي پاخال پىرىسلاپ توشۇش ئۇسۇلى بولۇپ، بۇنى ئوغرى دەپ ئاتايدۇ. بۇنىڭدا بىر يېرىم مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى ئازگال 60 گىرادۇس يانتۇلۇقتا كولىنىپ تەييارلانغاندىن كېيىن، ئىچىگە پۇختا ئېشىلگەن ئۇزۇن باغلىقلارنىڭ بېشى ئازگال سىرتىغا چىقىرىلىپ، ئۇزۇنىغا، توغرىسىغا قېلىن ياتقۇزۇپ قويۇلۇپ، ئازگال ئىچىگە پاخال نىقتاپ بېسىلىپ باغلىنىدۇ. مۇنداق قىلغاندا پاخالنى ھەم تېز ھەم ئىسراپ قىلماي توشۇۋالغىلى بولىدۇ.

كۆلۈك سايمانلىرى

كۆلۈك سايمانلىرىدىن تۇلۇق، سوقا، ساپان، بوقۇسا، تىرنا، سۆرەم قاتارلىقلار بار.

تۇلۇقتۇلۇق — ئارخېئولوگىيەلىك قېزىلمىلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، ئەقىل-پاراسەتلىك ئەجدادلىرىمىز ناھايىتى ئۇزاق زامان ئىلگىرىلا تاشلارنى يۇنۇپ، ئۆزلىرىگە كېرەكلىك قورال-سايمانلارنى ياساپ ئىشلەتكەن. تۇلۇقمۇ شۇ قوراللارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەجدادلىرىمىز ئەقىل-پاراسىتىنىڭ بىر بۈيۈك سەمەرىسى ھېسابىدا، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىنىڭ مۇكەممەل بىر سايمىنى بولۇپ كەلگەن. تۇلۇق ياساشتا ئەجدادلىرىمىز ئۆزلىرى تۇلۇق بولىدۇ دېگەن تاشنى تاللاپ، ياسىلىدىغان تۇلۇقنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى مۆلچەر قىلىپ، تاشقا قارا چېكىپ، چەككەن قارىنى بويلاپ تاشنىڭ ھەر 10-15 سانتىمېتىر يېرىدىن سۈمبا بىلەن تۆشۈك تەشكەن، تېشىلگەن بارلىق تۆشۈكلەرگە سۈمبا سېلىپ، سۈمبا ئەتراپىغا زىچ پانا قىستۇرۇپ، سۈمبىنى بازغان بىلەن تەكشى ئۇرۇش ئارقىلىق تاشلارنى يولى بويىچە پارچىلاپ، ئۈسكۈنە ئارقىلىق پارچىلانغان تاشنى يۇنۇپ تۇلۇق ياسىغان. تۇلۇقنىڭ ئىچكى بېشى ئىنچىكىرەك، سىرتقى بېشى تومراق ھالەتتە ياسىلىپ، ئىككى بېشىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدىن چىشى تۇرۇم (يەنى كۆزنەك) ئورنىتىدىغان تۆشۈك ئېچىلىدۇ. بۇ تۆشۈككە چىشى تۇرۇم يەنى كۆزنەك ئورنىتىلغاندىن كېيىن،تۇلۇق ياغاچتىن ياسالغان جازىغا ئېلىنىدۇ. تۇلۇق جازىسىنىڭ ئىككى يېنىدىكى بالداققا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئەركەك تۇرۇم تۇلۇقنىڭ چىشى تۇرۇمىغا كىرگۈزۈلۈپ، تۇلۇق جازىسىنىڭ تۆت تەرىپىگە مۇستەھكەم پانا-شىنالار قېقىلىپ، جازا تۇلۇقنى قويۇۋەتمەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈلىدۇ. تۇلۇق ئالتە قىرلىق، سەككىز قىرلىق، 10-12 قىرلىق دېگەن تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىشلىنىش ئورنى ئوخشىمايدۇ.

سوقاسوقا — دېھقانچىلىق ئىشلىرىدا يەر ئاغدۇرۇش رولىغا ئىگە بولغان ئىشلەپچىقىرىش سايمىنى بولۇپ، سوقا ئاساسەن چوڭ-كىچىك ئىككى چاق، تۇتقۇچ، كەشكەن، چاتقا، ئىگەر، چىش، پالاق، ئۇزۇن تاپان، قىسقا تاپان، قاتارلىق تەركىبلەردىن تۈزۈلىدۇ. سوقىغا ئادەتتە ئات، ئۆكۈز(ئاختىلانغان ئەركەك كالا)، تۆگە، ئېشەك، قاتارلىق كۆلۈكلەر قېتىلىپ ئىشلىتىلىدۇ. شىمال تەرەپلەردە ئاساسەن ئات ۋە ئۆكۈز قېتىلىپ ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، كۆپىنچە ھاللاردا سوقىغا ئىككى ئات ياكى تۆت ئات قېتىپ ئىشلىتىلىدۇ.  ئۆكۈز سوقىسىغا ئاساسەن تۆت ئۆكۈز قېتىپ ئىشلىتىلىدۇ.

ساپانساپان — دېھقانچىلىق ئىشلىرىدا يەرئاغدۇرۇش رولىغا ئىگە بولغان ئىشلەپچىقىرىش سايمىنى بولۇپ، ساپان ئاساسەن تۇتقۇچ، كەشكۈن، چاتقا، چىش، پالاق، تاپان قاتارلىق تەركىبلەردىن تۈزۈلىدۇ. ساپان تۈز كەشكۈنلۈك ساپان ۋە ئەگرى كەشكۈنلۈك ساپان دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ساپانغا ئاساسەن ئۆكۈز ۋە ئېشەك ئىشلىتىلىدۇ.

بوقۇسابوقۇسا — دەستە ۋە كەشكىنى نىسبەتەن ياي شەكىللىك ياغاچتىن ياسىلىپ، تەڭ يانلىق ئۈچ بۇلۇڭ شەكلىگە كەلتۈرۈلۈپ، چېپىلغان كەشكەن ئۇچىغا تۆمۈردىن ياسالغان، ئوتتۇرىدىن مۇۋاپىق كوزا ئورنى چىقىرىلغان چىش بېكىتىلىپ تەييارلىنىدىغان، يەر ھەيدەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان دېھقانچىلىق سايمىنى بولۇپ، ئاساسەن ئۆكۈز، ئېشەك، قېتىپ ئىشلىتىلىدۇ.

تىرناتىرنا —  تىرنا تىرناق دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تۇپراقنى يۇمشىتىش ۋە يەرنى تەكشىلەش رولغا ئىگە دېھقانچىلىق سايمىنى بولۇپ، تۆمۈر چىشلىق تىرنا، ياغاچ چىشلىق تىرنا ۋە قول تىرنا، كۆلۈكلۈك تىرنا، چاسىلىق تىرنا ۋە چاتما دېگەن تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ. ئۇيغۇرلار ئەنئەنىۋى دېھقانچىلىقتا ئاساسەن ياغاچ چىشلىق چاتما تىرنىلارنى ئۆزلىرى ياساپ ئىشلەتكەن. چاتما تىرنا ياسىلىشى بىرقەدەر مۇرەككەپ بولغان دېھقانچىلىق سايمىنى بولۇپ، ئاۋۋال تالاسى پۇختا،چىدامچانلىقى كۈچلۈك قارىغاي ياكى سۆگەت ياغىچىدىن ئۇزۇنلۇقى بىر مېتىر 80 سانتىمېتىر،كەڭلىكى 20 سانتىمېتىر، قېلىنلىقى 15 سانتىمېتىر قىلىپ راسلىنىپ، راسلانغان ياغاچتىن ھەر 15 سانتىمېتىردا بىردىن باش بارماق توملىقىدا تېشىلگەن تۆشۈككە، تاكاسى پۇختا، چىدامچانلىقى كۈچلۈك قارىغاي ياكى سۆگەت ياغىچىدىن 20 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا قوزۇقچىلار ياسىلىپ، نىغىز قېقىلغان ياغاچ كاللەكچە رايكىلار تەييارلىنىپ، بىر-بىرىگە 40 سانتىمېتىر ئارىلىق قالدۇرۇلۇپ، تەخمىنەن ئىككى مېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئارقىمۇ-ئارقا چېتىلىپ ياسىلىدۇ. ياغاچتىن ياسالغان تىرنا ئۇچىنىڭ يەرگە تېگىش ئۇچى بەش سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، توم، يۇمىلاق ئۇچلىنىدۇ. چاتما تىرنا ئاساسەن قەرەلسىز ياغقان يامغۇر-يېشىن تۈپەيلى تۈۋى قېتىۋالغان كۈزگى بۇغداي، قىچا، زىغىر، قوناق، سېرىق پۇرچاق قاتارلىق زىرائەتلەرنىڭ تۈۋىنى يۇمشىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. تۇپراقنى يۇمشىتىش ۋە يەرنى تەكشىلەش ئۈچۈن بولسا يەرگە تېگىش ئۇچى ئۇزۇنراق ھەم ھەم ئۇچلۇق ياسالغان ياكى تۆمۈر قوزۇق بېكىتىلگەن تىرنىلار ئىشلىتىلىدۇ.

سۆرەمسۆرەم — تېرىلغان يەرنىڭ ئۈستىدىن سۆرىتىپ چالما-داڭگاللارنى ئېزىش، يەرنى تۈزلەش، شۇ ئارقىلىق يەرنىڭ نەملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان دېھقانچىلىق سايمىنى بولۇپ، ياغاچ پىنىدىن ياكى ياغاچ رايكىلىرىدىن بالداق تارتىلىپ كەڭلىكى بىر مېتىر، ئۇزۇنلۇقى بىر مېتىر 60 سانتىمېتىر قىلىپ ياسالغان قۇرۇلمىنى سۆگەت، قارىغاي، يۇلغۇن تېلىدىن توقۇش ئارقىلىق ياسىلىدۇ.

خەلقىمىز يۇقۇرىقىدەك كۆلۈك سايمانلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە، يەنە بۇلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش ۋە ئىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان كۆلۈك سايمان-جابدۇقلىرىنىمۇ ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. بۇلاردىن كەشكۈن، بويۇنتورۇق، ۋەلەك، جاۋەن، ئارقان، توشۇڭ، ئارغامچا، شوينا يىپ، يۈگەن، نوقتا، چۇلۋۇر، چۈلۈك قاتارلىقلارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ.

ئۆكۈز سوقا جابدۇقلىرى — كەشكۈن، بويۇنتورۇقتىن ئىبارەت.

كەشكۈن— ساپان، بوقۇسلارنىڭ كەشكۈنى ئۆزىدىن چىقىرىلىدۇ. پەقەت سوقىغا ئۆكۈز قېتىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغاندا بۇنىڭغا ئايرىم كەشكۈن ياسىلىدۇ. ئۆكۈز سوقىسىنىڭ كەشكۈنى بىر مېتىر 70 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى، ئايلانمىسى 30 سانتىمېتىر توملۇقتىكى بېشىغا بويۇنتۇرۇققا ئىلىش ئىلگىچى ۋە سوقا چاتقۇسىغا ئىلىش ئىلگىچى بېكىتىلىپ ياسىلىدۇ. كەشكۈننىڭ ياغاچ كەشكۈن، زەنجىر كەشكۈن، توشۇڭ كەشكۈن ۋە سىم كەشكۈن دېگەن تۈرلىرى بار.

بويۇنتۇرۇق — بويۇنتۇرۇق دوقىنىڭ يەنە بىر شەكلى بولۇپ، تاق بويۇنتۇرۇق ۋە قوش بويۇنتۇرۇق دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. تاق بويۇنتۇرۇق مەلۇم چوڭلۇقتىكى چاسا ياغاچنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن بويۇنلۇق ئويۇلۇپ، ئىككى تەرىپىدىن تېشىلگەن چاسا تۆشۈكتىن ھاڭغۇق ئۆتكۈزۈلۈپ، ھاڭغۇققا گالباغ بېكىتىلىپ تەييارلىنىدۇ. قوش بويۇنتۇرۇقمۇ مەلۇم چوڭلۇقتىكى چاسا ياغاچنىڭ ئىككى تەرىپىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن ئىككى ئۆكۈز قاتار تۇرسا بىر-بىرى بىلەن قىستىلىشمىغۇدەك ھالەتتە ئارىلىق تاشلاپ بويۇنلۇق ئويۇلۇپ، ئويۇلغان بويۇنلۇق يېنىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۆت چاسا تۆشۈك ئېچىلىپ، ئىككى ئىچكى تۆشۈككە ئۈچ تەرەپ ئوتتۇرى تېشىلگەن ھاڭغۇقنى تەتۈر كىرگۈزۈپ، چەكۈچكە ياغاچ بىلەن مۇقىملاشتۇرۇش ھالىتىدە ياسىلىدۇ.

تۇلۇق، ئات سوقا، سۆرەم، تىرنا جابدۇقلىرى ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، بۇلار ۋەلەك، رىپىدە-جاۋەن، ئارقان، توشۇڭ، ئارغامچا، شوينا يىپلاردىن تەركىب تاپىدۇ ھەم ياغاچ، يۇڭ، پاختا، تاسما ۋە كەندىر سويپىقىدىن ياغاچچىلىق ۋە ئارقانچىلىق تېخنىكىسى بويىچە تەييارلىنىدۇ.

ۋەلەك — تۇلۇق، ئات، سوقا، سۆرەم، تىرنا جابدۇقلىرى ئىچىدە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە جابدۇقلارنىڭ بىرى بولۇپ، تاق كۆلۈكلۈك ۋەلەك، قوش كۆلۈكلۈك ۋەلەك، ئۈچ كۆلۈكلۈك ۋەلەك ۋە تۆت كۆلۈكلۈك ۋەلەك دېگەن تۈرلىرى بار. ئاساسەن تۇلۇق، ئات سوقا، سۆرەم، تىرنا، ساپان، بوقۇسا، ئورۇش ماشىنىسى قاتارلىقلارنىڭ چاتقا، كەشكەن، جازىلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرۇش رولىغا ئىگە بولۇپ، ئارقا تەرىپىنىڭ دەل ئوتتۇرا قىسمىغا ئىلىش ئىلگىچى بېكىتىلگەن، ئىككى بېشى بەلدەلگەن ياكى ئىلىش ئىلگىچى بېكىتىلگەن ھالەتتە ياسىلىدۇ.

جاۋەن — ئات-ئېشەك، قىچىرلارنىڭ تۇرقى چىقىش قىلىنىپ، تالىسى چىڭ، چىدامچانلىقى كۈچلۈك ياغاچتىن ئاستىن-ئۈستى تەرىپى ئىنچىكىرەك، ئوتتۇرى كەڭرەك، ئالدى تەرىپى تۈز، ئارقا تەرىپى ئوتتۇرىدىن ئىككى تەرەپكە تەدرىجى ئىنچىكىلەنگەن ھالەتتە راسلانغان، ياغاچنىڭ ئوتتۇرىدىن مەلۇم ئارىلىق قالدۇرۇلۇپ، ئارقان-توشۇڭ ئۆتكۈزىدىغان تۆشۈك ئېچىلىپ، ئېچىلغان تۆشۈكنىڭ ئالدى تەرىپىدىن ئارقان-توشۇڭ پاتقۇدەك ئورۇن يۇمىلاق زاكرۇ شەكلىدە ئويۇلۇپ ياسىلىدىغان ھارۋا، تۇلۇق، سوقا ۋە سۆرەم جابدۇقىدىن ئىبارەت بولۇپ، جۇنبۇسىز ئىشلەتكەندە، بىر تەرىپىگە كىگىز پارچىلىرىدىن رىپىدە قېقىلىپ ئىشلىتىلىدۇ. بۇنى رىپىدە جاۋەن دەپ ئاتايدۇ.

ئارقانئارقان — ئىنچىكىرەك ۋە ئۇزۇن قىلىپ تەييارلىنىدىغان، جابدۇق بولۇپ، ئارقان تۈرلىرىدىن تاسما ئارقان، قىل ئارقان، يۇڭ ئارقان، پاختا ئارقان، كەندىر ئارقىنىنى كۆرسىتىش مۇمكىن. ئارقان ئات ئارقانداش، ھارۋىغا ئېگىز قىلىپ بېسىلغان زىراخەت پاخاللىرىنىڭ چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن تارتىش، كۆندۈرۈلمىگەن ئاساۋ ماللارنى تۇتۇش ئۈچۈن سالما قىلىش، ئائىلىلەردە كىر يۇيغاندا تارتىپ كىر قۇرۇتۇش قاتارلىق ئىشلاردا ئىشلىتىلىدۇ.

توشۇڭ — توم ۋە قىسقىراق قىلىپ ئىشىپ تەييارلىنىدۇ. توشۇڭ يۇڭ توشۇڭ، پاختا توشۇڭ، تاسما توشۇڭ ۋە كەندىر توشۇڭ دېگەن تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ. ئاساسەن تۇلۇق، سوقا سۆرەم ۋە ھارۋىنىڭ ئالدى ئات جابدۇقلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

ئارغامچا — ئىنچىكىرەك ۋە قىسقىراق ھالەتتە ئېشىپ تەييارلىنىدۇ. ئارغامچىنىڭ يۇڭ ئارغامچا، پاختا ئارغامچا، تاسما ئارغامچا ۋە كەندىر ئارغامچا قاتارلىق تۈرلىرى بار. ئارغامچا ئاساسەن چۇلۋۇر، گالباغ، بۇجا، يەلكىباغ قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ.

شوينا يىپ — ئاساسەن يۇڭ ، پاختا ۋە كەندىر سويپىقىنى ئۇرچۇقتا ئىگىرىش ۋە ئىگىرىلگەن يىپلارنى بىر-بىرىگە قوشۇپ ئېشىش شۇنداقلا ئەيلەنگەن تېرىدىن قىيىلغان تاسما تىلىكچىلىرىدىن تەييارلىنىدۇ. يۇڭ ۋە پاختىدىن ئېشىلگەن شوينا يىپلار چۈلۈك، چىراغ پىلىك، ئىشتان بېغى ۋە بۆشۈك جابدۇقلىرىنىڭ قول باسقۇ، پۇت باسقۇلىرىنى تېڭىشتا ئىشلىتىلىدۇ. كەندىر سويپىقىدىن ئىشىلگەن تانا-شوينىلار قاپ-تاغارنىڭ ئاغزىنى بوغۇش، تىكىش، سۈپۈرگە بوغۇش ۋە ياساش ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدۇ.

كۇلاكۇلا — يانچىلغان چىغ، شال پاخىلى، زىغىر پاخىلىدىن ھەر خىل ئۇزۇنلۇق ۋە توملۇقتا ئېشىپ تەييارلىنىدىغان ئاددىي ئەشيالىق جابدۇقتۇر. ئۇيغۇرلاردا «بايدا ئارغامچا، كەمبەغەلدە كۇلا، باي بولاي دېسەڭ كەمبەغەلنى بۇلا» دېگەن ماقال بار. كۇلا ئادەتتە يېنىكرەك نەرسىلەرنى تېڭىش، باغلاش، ئوراش قاتارلىق ئىشلاردا پات-پات سۇغا چىلاپ ئىشلىتىلىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۆزى باشقىلارغا قەرز تۇرۇپ، باشقىلارغا ئۆتۈپ كەتكەن ئازغىنە نەرسىنى سوراپ كېتىدىغان ئادەملەرگە قارىتا«ئاغامچىنىڭ تۇرۇپ تۇرسۇن، كۇلامنىڭكىنى بەر دېگەندەك ئىش قىلمىغىنە» دېگەن گەپنى تولىراق ئىشلىتىدۇ.

خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتىدە كەندىر سويپىقى، ياۋا كەندىر سويپىقى، قىل، قىلچىق، موي، ئۆچكە چۇپۇرى، ئاتنىڭ يال قۇيرۇقى، قوتازنىڭ يال قۇيرۇقى، تۆگە يۇڭى، قوي يۇڭى، چىغ، شال، زىغىر پاخاللىرىدا تۈرلۈك ئارقان، توشۇڭ، ئارغامچا، تانا، كۇلا، شوينا يىپلارنى ئېشىپ ئىشلەتكەنلىكىنى يۇقۇرىدا ئېيتىپ ئۆتتۇق. خەلقىمىز ئۇلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۈرلۈك ئېشىش ئۈسكۈنىلىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. بۇ ئېشىش ئۈسكۈنىلىرى ئۇرچۇق، چاق، چانا، دۇكان ۋە توقۇناقتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەرقايسىسى ئايرىم قۇرۇلما شەكىلگە ئىگە.

ئۇرچۇق — ئۇيغۇرلانىڭ بىر خىل ئەنئەنىۋى يۇڭ ۋە پاختا يىپ ئىگىرىش جابدۇقى بولۇپ، 30 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى، چىمچىلاق قول توملۇقىدىكى تاياقچىنىڭ تۆۋەنكى بېشىغا چوڭ چىنىنىڭ تەگلىكى چوڭلىقىدا يۇمىلاق تاش دەل ئوتتۇرىسىدىن تېشىپ ئۆتكۈزۈلۈپ، يۇقىرىقى بېشىدىن كىچىك تۆشۈك ئېچىلىپ، ئېچىلغان تۆشۈككە سەرەڭگە تېلى چوڭلىقىدىكى توغرا ياغاچ بېكىتىلىپ ياسىلىدۇ.

چاق — ئارقان، توشۇڭ، ئارغامچا، كۇلاقاتارلىقلارنى ئېشىشتا ئارقان، توشۇڭ، ئارغامچا، كۇلا قاتلىرىنى پىشۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ھەرىكەتچان قۇرۇلما بولۇپ، چاق ئۇزۇنلۇقى 30 سانتىمېتىر، قېلىنلىقى ئىككى سانتىمېتىر، كەڭلىكى تۆت سانتىمېتىر كېلىدىغان تۆت تال تاختاي رايكىسىنىڭ ئىككى بېشىدىن 10 سانتىمېتىر ئارىلىقى يۇمىلاق ھالەتتە راسلىنىپ، ھەر ئىككى تاختاي رايكىسى بىر قارىسا قوشۇش، بىر قارىسا كۆپەيتىش بەلگىسى شەكلىدە ياپسا قىلىنىپ بىرلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئوتتۇرىدىن ۋە ئوتتۇرىدىن بەش سانتىمېتىر يىراقلىقتا نامسىز بارماق پاتقۇدەك جەمئىي 10 تۆشۈك ئېچىلىپ، ئوتتۇرىدىن بەش سانتىمېتىر يىراقلىقتا ئېچىلغان تۆشۈكلەرگە سىپتا راسلانغان نامسىز بارماق توملىقىدىكى تاياقچە ئۆتكۈزۈلۈپ مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، ئوتتۇرىدىن ئېچىلغان ئىككى تۆشۈككە لايىق ئوق بېكىتىلىپ ياسىلىدۇ.

دۇكان — ئارقان، توشۇڭ، ئارغامچا، كۇلا قاتلىرىنى قېتىشتا ئارقان، توشۇڭ، ئارغامچا، كۇلا قاتلىرىنى ئايرىم-ئايرىم ئىلىنىدىغان، ئارقان، توشۇڭ، ئارغامچا، كۇلا قاتلىرىنىڭ سانىغا قاراپ ھەرىكەتچان ئىلغۇچ بېكىتىلىپ، تولغاچ قېلىپى بىلەن ئارقان، ئارقان، توشۇڭ، ئارغامچا كۇلا قاتلىرىنى تولغاچ پىشۇلدۇرۇش رولىغا ئىگە مۇقىم قۇرۇلمىلىق ئېشىش ئۈسكۈنىسىدۇر.

چانا —  ئارقان، توشۇڭ، ئارغامچا، كۇلا قاتلىرىنى قېتىشتا ئارقان، توشۇڭ، ئارغامچا، كۇلا قاتلىرىنىڭ ئۇچى ئىلىنىدىغان، ئوڭغا-سولغا پىقىرىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە تۇتۇقۇچ ئورنىتىلغان، دۇكاننىڭ قارشىسىغا قويۇلۇپ، پىشۇلدۇرۇلغان ئارقان، توشۇڭ، ئارغامچا، كۇلا قاتلىرىنى دۇكانغا ماسلىشىپ قېتىش رولىغا ئىگە ھەرىكەتچان قۇرۇلما.

توقۇناق — ئارقان، توشۇڭ، ئارغامچا، كۇلا قاتلىرىنى قوشۇشتا، ھەر بىر تال ئارقان، توشۇڭ، ئارغامچا، كۇلا قېتىنى ئىچىگە چۈشۈرۈپ، مۇقىملاشتۇرۇش رولىغا ئىگە، 20 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى، چوڭ بىلەك توملىقىدىكى، ئىككى بېقىنىغا تۇتقۇچ، ئەتراپىغا ئىككى بېشى ئوچۇق چوڭ-كىچىك زاكرۇ تارتىلغان قۇرۇلما بولۇپ، چاقتا پىشۇرۇلغان ئارقان، توشۇڭ، ئارغامچا، كۇلا قاتلىرىنى بىر-بىرىگە قانۇنىيەتلىك مىنگەشتۈرۈپ ئېشىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

بىلىش كېرەككى، دېھقانچىلىق سايمانلىرىغا قېتىلىدىغان كۆلۈكلەرنىڭ جابدۇقلىرى ھارۋا، ئات، ئىگەر جابدۇقلىرىدەك بەكمۇ كۆركەم بولۇپ كەتمەيدۇ. پەقەت چىدامچانلىقى كۈچلۈك بولسىلا كۇپايە. دېھقانچىلىق سايمانلىرىغا قېتىلىدىغان كۆلۈكلەرنىڭ نوقتا، يۈگەن چۇلۋۇرلىرى ئاساسەن يۇڭ ئارغامچا، پاختا ئارغامچا، تاسما ئارغامچا ۋە كەندىر ئارغامچا قاتارلىقلاردىن تۈگۈلىدۇ.

دېھقانچىلىق ئىشلىرىدىكى ئىلمىي، قائىدە يوسۇنلاريۇقۇرىدا خەلقىمىز قەدىمدىن تارتىپ ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى ئەمىلىيىتىدە ئىختىرا قىلىپ ئىشلەتكەن ئەنئەنىۋىي دېھقانچىلىق سايمان–جابدۇقلىرى تونۇشتۇرۇلدى. ئەمدى خەلقىمىزنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىدىكى ئىلمىي، قائىدە يوسۇنلار توغرىسىدا، چۈشەنچە بېرىلىدۇ. ئۇيغۇر دېھقانلىرى يەرنى ئىنتايىن ئۇلۇغلايدۇ. ھەرقانداق يەرگە قالايمىقان چوڭ-كىچىك تەرەت قىلىش، تۈكۈرۈش، يەرنى ئۇرۇش ۋە يەرنى ئاق تاشلاشنى ناھايىتى ئېغىر ئالىدۇ. ئۇلار:«سەن يەرنى ئالدىمىساڭ، يەرمۇ سېنى ئالدىمايدۇ» دېگەن ئەقىدىگە بەك ھۆرمەت قىلىدۇ. شۇڭا يەرنى پەرۋىش قىلىشنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدۇ. يەرنى تەكشىلەپ، قاندۇرۇپ ئوغۇتلايدۇ. چۈنكى ئۇيغۇرلاردا «يەر تويسا، ئەر تويىدۇ. يەر سەمرىسە، ئەر سەمرىيدۇ» دېگەن قاراش بىردەك ئومۇملاشقان. ئوغۇت ئارىسىدا تاش، ئەينەك پارچىسى، چىرىمىگەن ئەخلەت قاتارلىقلارنىڭ بولۇشىنى خالىمايدۇ. خۇددى ياخشى پىشمىغان تاماق ئادەمگە زىيان قىلغاندەك ياخشى چىرىمىغان ئوغۇتمۇ يەرنىڭ نورمال ئېكىلوگىيىسىنى بۇزىدۇ دەپ قارايدۇ. سۇ باشلاش ئېرىقلىرىنى تازىلاپ رېمونت قىلىدۇ. قۇلاقلارنى يېڭىلاپ تۇرىدۇ. سوقا سايمان ۋە كۆلۈك جابدۇقلارنى ئاسرايدۇ. دېھقانچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان تۈرلۈك كۆلۈكلەرنى سەرخىل يەم-بوغۇزلار بىلەن باقىدۇ. زىرائەت ئۇرۇقلىرىنى تاللاشقا ۋە ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ھەر قانچە سېرىقتال تۇرمۇشتا قالسىمۇ ئۇرۇقنى ئوزۇقلۇق قىلمايدۇ. بۇ ھەقتە ئۇيغۇرلاردا «ئۇرۇقىڭنى يېگۈچە، ئۇيۇڭنى يە» دېگەن ھېكمەت ئومۇملاشقان. زىرائەت تېرىلىدىغان يەرنىڭ تۇپراق قاتلاملىرىنى تەكشۈرۈپ، قانداق ئۇرۇق قانداق زىرائەت تېرىسا ماس كېلىدىغانلىقىنى ئالدىن پىلانلايدۇ. يەرنى سۈيىگە قاندۇرۇپ ئوسا قىلىپ، ئوسۇسى كېلىشكەندىن كېيىن نورمال چوڭقۇرلۇقتا سوقا، ساپان، بوقۇسىلار بىلەن ئاغدۇرىدۇ. ئاندىن تىرنا سېلىپ تەكشىلىپ، ئورۇق چاچىدۇ. تېرىش سايمانلىرى بارلىققا كېلىشتىن ئىلگىرى دېھقانلار ئورۇقنى ئاساسەن قول ئارقىلىق چاچقان. تەجىربىلىك دېھقانلار ھازىرمۇ ئورۇقنى خۇددى ئورۇق چېچىش ماشىنىلىرىدەك تەكشى چاچالايدۇ. ئۇلار ئۇرۇق چېچىشتا ئورۇقنىڭ مىقدارى بىلەن يەرنىڭ كۆلىمىنى ئۆز ئارا سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق مۇۋاپىق ئۆلچەم بىرلىكى شەكللەندۈرىدۇ. ئورۇق چېچىلىپ بولغاندىن كېيىن سۆرەم بىلەن باستۇرما قىلىپ ئۇرۇقنىڭ تەكشى كۆمۈلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. چاچقان ئۇرۇق ئۈنگەندىن كېيىن مايسا پەرۋىشىنى ياخشى قىلىدۇ. ھەر بىر تال مايسىنى خۇددى بوۋاق بالىنى ئاسرىغاندەك ئاسرايدۇ. مايسىنىڭ ساغلام ئۆسۈشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا زىيان سالىدىغان زىيانلىق ھاشارەت ۋە ئوت-چۆپلەرنى يوقىتىدۇ. سۇ قويۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ سۇغۇرۇش ئېلىپ بارىدۇ. زىرائەت پىشقاندىن كېيىن پاكىز ئورۇپ، يىغىپ، تېپىپ ئامبارلاشتۇرىدۇ. بۇ جەرياندا زىرائەت باشاقلىرى ياكى دېنىنىڭ چېچىلىپ كېتىشىنى بىر خىل ئىسراپچىلىق دەپ قاراپ، تەلتۆكۈس يىغىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئۇيغۇر دېھقانلىرى دېھقانچىلىق سېزۇنىنى ناھايىتى توغرا مۆلچەرلەيدۇ. ھەر قانداق زىرائەتنىڭ تېرىلىش ۋاقتىنى قولدىن بەرمەي تېرىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. كۈزگى بۇغداي ۋە كۈزگى قىچا ئوغۇز ئېيىنىڭ 25-كۈنىگىچە تېرىلىپ بولۇشى، يازغا بۇغداي ھۇد ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە تېرىلىپ بولۇشى، قوناق، سېرىق پۇرچاق، زىغىر، قىچا قاتارلىقلار ئاساسەن ئۈمۈد ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە تېرىلىپ بولۇشى شەرت. كۈزگى بۇغداي ۋە كۈزگى قىچا قار باسقۇچە بەك ئۆسۈپ كەتسە بىر نۆۋەت سۇغۇرۇلۇپ، ئۆسۈشى تىزگىنلىنىدۇ. بۇنى دېھقانلار بۇغداي ۋە قىچىنى كەنجىلەش دەپ ئاتايدۇ. بۇغداي قىچا كەنجىلىنىپ بولۇنغاندىن كېيىن، ئوت-چۆپنى ئۈزۈپ يەيدىغان قوي، ئۆچكە ۋە ئات قاتارلىق ھايۋانلارغا يىگۈزىلىدۇ. نەۋرۇز ئېيى كېلىشى بىلەن كونا تاپنىڭ توپىسى بىلەن توپىلىنىلىدىغان ۋە كۈل چېچىلىنىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆپ كۆرۈلىدۇ. دېمەك، ئەمگەكچان، باتۇر، ئەقىل-پاراسەتلىك خەلقىمىز ئۆزى ياشىغان بىپايان زېمىنلارنىڭ تەبىئىي شارائىتلىرى ۋە كېلىماتىنى ياخشى ئىگىلەپ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ كاتتا مەدەنىيەت بولغان دېھقانچىلىق مەدەنىيىتىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش بىلەن بىللە، دېھقانچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان سايمان-جابدۇق مەدەنىيىتىنىمۇ بارلىققا كەلتۈرگەن. ئەمما بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇ ئانا مەدەنىيەت تىپلىرى تۇرمۇشىمىزدىن زور دەرىجىدە يىراقلىشىپ كەتتى. بەزى ئىختىرالىق سايمان-جابدۇقلار يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالدى. دېھقانچىلىق ئەمگىكىدىكى مىللىي ئۇيۇشچانلىقىمىزنىڭ يارقىن سەمەرىسى بولغان قىممەتلىك ئىرىم-ئادەتلىرى تۈگەپ، ئۇنىڭ ئورنىنى مىللىي ئەنئەنىمىزگە يات ئەھۋاللار ئىگىلىدى. گەرچە بۇ زامانىۋى دەۋرنىڭ تەقەززاسى بولسىمۇ، ئەجدادلىرىمىز ياراتقان ئەنئەنىلەرنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماسلىق زۆرۈر.

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#