تاڭ تاۋ

تاڭ تاۋ- ئەسلى ئىسمى تاڭ رۈييى، ئەدەبىي تەخەللۇسى خۇيئەن. جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جېنخەي دېگەن يېرىدىن. 


ئۇيغۇرچە ئىسمى تاڭ تاۋ
باشقا نامى تاڭ رۈييى
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1913-يىل 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
كەسپى يازغۇچى
خەنزۇچە ئىسمى 唐弢
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جېنخەي
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1992-يىل 1-ئاينىڭ 9-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تاڭ تاۋ- ئەسلى ئىسمى تاڭ رۈييى، ئەدەبىي تەخەللۇسى خۇيئەن. جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جېنخەي  دېگەن يېرىدىن. بالىلىق دەۋرىدە تۇققانلىرىنىڭ ياردىمىدە، تۇلۇقسىز 2-يىللىقىغىچەئوقۇپ ئوقۇشتىن توختاشقا مەجبۇر بولغان.  16يېشىدا ئىمتىھان بېرىپ شاڭخەي پوچتا ئىدارىسىگە خەۋەرچىلىككە تاللانغان.1930-يىلىدىن كېيىن يەر ئاستى پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىشچىلارھەركىتىگە قاتناشقان ھەم پوچتا ئىدارىسىدە ئىشچى،پىركازچىك بولۇپ ئىشلىگەن. كىتاب ئوقۇش جەمئىيىتى تەشكىللىگەن. ئىشتىن سىرتقى ئەدەبىيات - سەنئەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلبە قىلغاندىن كېيىن پوچتا ئىدارىسىگە قايتىپ «ھەپتىلىك گېزىت» ۋە «ۋېنخۇي گېزىتى» قاتارلىقلاردا تەھرىر بولۇپ ئىشلىگەن. ئازاتلىقتىن كېيىن  شاڭخەي پوچتا ئىشچىلارئۇيۇشمىسى ، مەملىكەتلىك ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر  بىرلەشمىسىنىڭ شاڭخەي شۆبىسى ، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئورۇنلاردا ۋەزىپە ئۆتىگەن . 1959 - يىلدىن باشلاپ بېيجىڭغايۆتكىلىپ ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئەدەبىيات تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى  بولۇپ ئىشلىگەن. 

 1933-يىلىدىن باشلاپ لۈشۈننىڭ تەسىرىدە پروزا ۋەنەسىر يېزىشقا باشلىغان. يازغان نەسىرلىرى ئىخچام ۋە چۈشىنىشلىك، مول مەزمۇنلۇقبولۇپ قابىلىيەتتە لۈشۈننى دورىغان.  ئۇھاياتىدا «ئىتتىرىش»، «دېڭىز ۋە ئاسمان» ، «سۈرەتكە تارتىش»، «غەيۋەت »قاتارلىق 10دىن ئارتۇق نەسىرلەر توپلىمى؛ «يەلكەن چۈشۈرمەك »ناملىق نەسىرىي شېئىرلار توپلىمى؛ «لۈشۈندىن ئۆگىنىش»، «لۈشۈن ئەدەبىياتى سېپىدە»، «لۈشۈن ئەسەرلىرىنىڭ تۇلۇقلىمىسى» قاتارلىق  ئونغا يېقىن ماقالىلەر توپلىمىنى  يازغان. « جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىيات  تارىخى (1-3)»، «جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىيات قىسقىچە تارىخى»  قاتارلىقلارنى تۈزۈشكە قاتناشقان. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#