موللىئېر

موللىئېر

 كېسەل تۇرۇپ سەھنىگە چىققان بۇ ئارتىس دەل فرانسىيەنىڭ 17-ئەسىردىكى كلاسسىزملىق كومېدىيە يازغۇچىسى، «تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈش» دېگەن سەھنە ئەسىرىنىڭ ئاپتورى، قوشۇمچە رېژىسسورى موللىئېر (1622 −1673-يىللار) ئىدى.

موللىئېر ئۆمرىدە 30 سەھنە ئەسىرى يازغان، ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى «ساختىپەز»، «دون خۇئان» ۋە «بېخىل». 

ئۇيغۇرچە ئىسمى موللىئېر
باشقا نامى 莫里哀
يۇرتى پارىژ
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1673-يىلى
ۋەكىللىك ئەسىرى «ساختىپەز»، «دون خۇئان» ۋە «بېخىل»
خەنزۇچە ئىسمى 让-巴蒂斯特·波克兰
دۆلەت تەۋەلىكى فرانسىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1622-يىلى
كەسپى كومېدىيە يازغۇچى، ئارتىس، دراما پائالىيەتچى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

موللىئېر1673-يىل 2-ئاينىڭ 17-كۈنى فرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدىكى خانلىق تىياتىرخانىسىدا «تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈش» دېگەن يېڭى ئەسەر قويۇلۇۋاتاتتى، تىياتىرخانا بوش ئورۇن قالماي مىسلىسىز تەنتەنىگە چۆمۈلگەنىدى. باش رولدا ئوينايدىغان بىر ئارتىس گەرچە ئېغىر ئۆپكە كېسىلى بولسىمۇ، خوتۇنى بىلەن ئىشداشلىرىنىڭ نەسىھىتىگە قارىماي، كېسەل ھالەتتە سەھنىگە چىقتى ۋە رولنى ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوينىدى، تاماشىبىنلار توختىماي قىزغىن چاۋاك چېلىپ تۇردى. لېكىن، 4-پەردىگە كەلگەندە، ئۇ تۇيۇقسىز قان قۇسۇپ يىقىلىپ چۈشتى. تۆت سائەتتىن كېيىن ئۇنىڭ نەپىسى توختىدى. كېيىن، فرانسىيە ئۆلىمالار مەھكىمىسى مەھكىمىنىڭ چوڭ زالىغا ئالاھىدە ئۇنىڭ تاش ھەيكىلىنى ئورناتتى، ئۇنىڭغا: «ئۇنىڭ شۆھرىتىگە ھېچ نەرسە كەم ئەمەس، بىزنىڭ شان-شەرىپىمىز ئۈچۈن ئۇ كەم بولۇپ قالدى» دەپ بېغىشلىما يېزىلدى. كېسەل تۇرۇپ سەھنىگە چىققان بۇ ئارتىس دەل فرانسىيىنىڭ17-ئەسىردىكى كلاسسىزملىق كومېدىيە يازغۇچىسى، «تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈش» دېگەن سەھنە ئەسىرىنىڭ ئاپتورى، قوشۇمچە رېژىسسورى موللىئېر (1622-1673-يىللار) ئىدى.

موللىئېر ئۆمرىدە 30 سەھنە ئەسىرى يازغان، ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى «ساختىپەز»، «دون خۇئان» ۋە «بېخىل». 

«ساختىپەز» ھەققىدە 

«ساختىپەز» دە تەنقىدنىڭ تىغى ئاقسۆڭەكلەر جەمئىيىتىگە، بولۇپمۇ ئەكسىيەتچى دىنىي جەمئىيەت كۈچلىرىگە قارىتىلغان. ئەسەردىكى كازتيۇف ساختا تەقۋادارلىق بىلەن باي سودىگەر ئارگوننىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىۋالىدۇ، ئارگون ئامراق قىزىنى تارتيۇفقا بەرمەكچى بولىدۇ. لېكىن، تارتيۇف ئارگوننىڭ كېيىن ئالغان ياش خوتۇنىغا ئېرىشمەكچى بولىدۇ، قەستى ئەمەلگە ئاشمىغاندىن كېيىن، يەنە ئارگونغا سىياسىي زىيانكەشلىك قىلماقچى بولىدۇ. ئەسەردە دىنىي جەمئىيەتنىڭ ساختىلىقى ۋە ئۇنىڭ جەمئىيەتكە كەلتۈرىدىغان زىيىنى ئاچچىق مەسخىرە قىلىنىدۇ.

«دون خۇئان» ھەققىدە 

«دون خۇئان» نىڭ باش قەھرىمانى دون خۇئان كۆرۈنۈشتە سىپايە، ئەركىن، يەنە «ئەركىنلىك ئىدىيىسى» گە ئىگە، ئەمەلىيەتتە قىلماس ئەسكىلىكى يوق، «دۇنيادا ئوخشىشى تېپىلمايدىغان ئەڭ چوڭ مۇتتەھەم». ئەسەردە دون خۇئاننى تەسۋىرلەش ئارقىلىق، ئەينى چاغدىكى ئاقسۆڭەكلەر چوڭقۇر پاش قىلىنغان ۋە تەنقىد قىلىنغان.

«بېخىل» ھەققىدە 

«بېخىل» دا مەسخىرىنىڭ تىغ ئۇچى بۇرژۇئازىيە جازانىخورلىرىغا قارىتىلغان. ئاباگوننىڭ كىشىلىك تۇرمۇشتىكى خۇشاللىقى پۇل توپلاش ئىدى. بۇ مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ئۇ قىزىنى يېشى ئەللىكتىن ئاشقان قېرىغا ياتلىق قىلماقچى بولىدۇ، مۇشۇنداق قىلغاندا قىزىغا قىز مېلى بەرمەيتتى؛ يەنە ئوغلىغا بىر باي تۇل خوتۇننى ئېلىپ بەرمەكچى بولىدۇ؛ ئۆزى بولسا بىر تىيىنمۇ خەجلىمەي ياش، چىرايلىق قىزنى ئالماقچى بولىدۇ. ئاباگوننىڭ بەدىنىدىكى ھەربىر كىلىتكىسىغىچە بېخىللىق سىڭىپ كەتكەن. ئاپتور بۇ بەدىئىي ئوبراز ئارقىلىق يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بۇرژۇئازىيىنىڭ ئاچ كۆز، پىخسىق سىنىپىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئېچىپ بەرگەن.

موللىئېر 1669 -يىلىدىن كېيىن، موللىئېرنىڭ سەھنە ئەسىرى ئىجادىيىتى ئىدىيىۋى مەزمۇن جەھەتتە تەنقىد قىلىش، پاش قىلىش ئالاھىدىلىكىنى ساقلىغان بولسىمۇ، لېكىن بەدىئىيلىك جەھەتتە خەلق ئىچىدىكى قىزىقچىلىقلاردىن پايدىلىنىش ئەنئەنىسىنى قايتىدىن قوللانغان. «ئاقسۆڭەكلىككە قىزىققان كىچىك شەھەر پۇقراسى»، «سىكاربىننىڭ ھىيلىسى» قاتارلىقلار شۇنداق ئەسەرلەر. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#