مارجان خادا تاشلىرى

مارجان خادا تاشلىرى

مارجان خادا تاشلىرى بىر خىل كىچىك كاۋاك ئىچلىكلەر − مارجان قۇرتى تەرىپىدىن يارىتىلغان. مارجان قۇرتلىرى دېڭىز تېگىدىكى ھاك ماددىلىرى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان جايلاردا ياشايدۇ، ئۇلار دېڭىز يۈسۈنلىرى قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىدۇ ھەم ئۇنى ھەزىم قىلغاندىن كېيىن ھاك ماددىلىرىنى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى مارجان خادا تاشلىرى
چەتئەلچە نامى coral reef
خەنزۇچە نامى 珊瑚礁

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مارجان خادا تاشلىرى مارجاننىڭ مۇستەھكەم قۇرۇلمىسى ھەمدە قولۇلە تۇردىكىلەرنىڭ قېپى قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان ، مارجان خادا تاشلىرىنىڭ جايلاشقان ئورنى ۋە ھالىتى جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنىڭ پەرىقى سەۋەبىدىن ، ئوخشىمىغان تۈردىكى مارجان خادا تاش دېڭىز قىرغىقى شەكىللەنگەن ، بەزىللىرى قۇرۇقلۇق دېڭىز ساھىلىدە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ ھەمدە چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ ، كەڭلىكى 1000مېتىردىن ئاشمايدۇ . سىرتقى يۈزى تەكشى بولۇپ ، قىرغاق خادا تېشى دەپ ئاتىلىدۇ . 

مارجان خادا تاشلىرىئاۋسترالىيىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى تىنچ ئوكياندا 3000 دىن ئارتۇق ئارال خادا تېشى ۋە تېيىز دېڭىز ساھىلىغا جايلاشقان مارجان خادا تاشلىرى تۈركۈمى بار. مانا بۇلار داڭلىق چوڭ توسما خادا تاش رايونىنى ھاسىل قىلغان. چوڭ توسما خادا تاشلىرى جايلاشقان بۇ رايوننىڭ ئۇزۇنلۇقى 2013 كىلومېتىر، كەڭلىكى 16-20 كىلومېتىر، ئەڭ كەڭ جايى 240 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 259 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مارجان خادا تاشلىرى رايونى ھېسابلىنىدۇ.

چوڭ توسما خادا تاشلىرى رايونى ئاۋسترالىيىگە ھەتتا پۈتۈن دۇنياغا مەشھۇر دېڭىز ئۈستى مەنزىرىلىك رايونىدۇر. بۇ يەردە 350 خىلدىن ئارتۇق رەڭگارەڭ مارجانلار بار، ئۇلارنىڭ بەزىسى مەغرۇر قارىئۆرۈك دەرىخىگە، بەزىسى بۈك-باراقسان ئۆسكەن دەرەخ شېخىغا، بەزىسى قانات يايغان توزغا ئوخشىسا، بەزىسى نەپىس ئويۇلغان ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇمىغا ئوخشىشىدۇ. . . ئەگەر ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئېڭىشىپ قارىسىڭىز، چوڭ توسما خادا تاشلىرى گويا پورەكلەپ ئېچىلغان گۈلگە ئوخشاش بىپايان تىنچ ئوكياندا لەيلەپ تۇرىدۇ، ھەقىقەتەن ھەر خىل قىياپەت، ھەر خىل رەڭدە بولۇپ، كۆرۈپ تويمىغۇدەك چىرايلىق مەنزىرىنى نامايان قىلىدۇ. گرېن ئارىلىدا يەنە نەپىس ياسالغان سۇ ئاستى كۆزىتىش ئۆيى بار، ساياھەتچىلەر ئۇ يەردە مارجان خادا تاش ئۆڭكۈرلىرى ئىچىدە ياشاۋاتقان نەچچە يۈز خىل چىرايلىق بېلىق، شۇنداقلا ئاز ئۇچرايدىغان غەلىتە دېڭىز ھايۋانلىرى ۋە ئۆسۈملۈكلىرىنى كۆرەلەيدۇ. دېڭىز تېگىدە مارجان قۇرتلىرى پارازىت ياشايدىغان، ئېغىرلىقى140 كىلوگرام كېلىدىغان سەدەپ قۇلۇلىسى بار. دېڭىزدا يەنە زەھەرلىك سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان چىرايلىق شىر بېلىق، شەكلى تاشقا ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاشبېلىق ۋە غەۋۋاسلارغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىدىغان كۋېنسلاند سېررانۇس بېلىقى بار بولۇپ، خۇددى بىر خرۇستال ئوردىغا ئوخشايدۇ.

مارجان خادا تاشلىرىمارجان خادا تاشلىرى دېڭىز-ئوكيانلاردا ئۆلۈپ قالغان مارجان قۇرتلارنىڭ قالدۇقىدىن شەكىللەنگەن. دېڭىز-ئوكيانلاردا مارجان قۇرتلارنىڭ سانى غايەت كۆپ بولغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭى مارجان قۇرتلار ئىلگىرىكى مارجان قۇرت خادا تاشلىرى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ-يېتىلىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، 10 مىليون يىللاردىن بۇيان، غايەت زور مارجان خادا تاشلار تۈركۈمى شەكىللەنگەن، چوڭ توسما خادا تاشلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىزدا مارجان قۇرتلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە ماس كېلىدىغان سۇ تېمپېراتۇرىسى، يېتەرلىك تۇز مىقدارى قاتارلىق شارائىتلار ھازىرلانغان، شۇڭا بۇ يەردىكى مارجانلار ھەم كۆپ، ھەم ياش، كۆزىتىشكە ئاساسلانغاندا، چوڭ توسما خادا تاشلىرىنىڭ ئۈستىدىكى مارجان تەنچىلىرىنىڭ قېلىنلىقى 200 مېتىردىن ئاشىدىكەن، بۇ ئۇنىڭ بىر قانچە ئون مىليون يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. چوڭ توسۇق خادا تاش ئەتراپىدىكى دېڭىز سۈيىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ۋە تۇزلۇقلۇقى مارجان قۇرتلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە مۇۋاپىق كېلىدۇ. شۇڭا بۇ يەردىكى مارجان خادا تاشلىرى ئىنتايىن كۆپ، يېتىلىشىمۇ ناھايىتى ياخشى بولۇپ، مەزكۇر جاي ئاۋسترالىيىدىكى ئالاھىدە مەنزىرىلىك رايون بولۇپ شەكىللەنگەن.

مارجان خادا تاشلىرىمارجان ئىللىق دېڭىز-ئوكيان مۇھىتىدا ياشايدۇ ، ئەڭ مۇۋاپىق سۇ تېمپېراتۇرىسى 35 - 25 گرادۇس بولۇپ، 36 دىن يۇقىرى ياكى 13 تىن تۆۋەن مۇھىتتا ئۆلۈپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ پەقەت تىروپىك بەلباغ، سۇبتىروپىك بەلباغ ئىللىق ھاۋا ئېقىمى ئېقىپ ئۆتىدىغان رايۇن بولۇپ، مارجاننىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق؛ ئوكياننىڭ شەرقىي قىسمى ھەر ۋاقىت سوغۇق ئېقىم ئېقىپ ئۆتىدىغان رايۇن بولۇپ، گەرچە يەر ئىكۋاتورنىڭ يىنىدا بولسىمۇ، سۇ تېمپېراتۇرىسى ناھايىتى تۆۋەن بولغاچقا مارجاننىڭ ياشىشىغا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. 

مارجان ئىنتايىن نازۇك ۋە ئاجىز بولغانلىقتىن، ياشاش مۇھىتىغا قويىدىغان تەلەپمۇ ئىنتايىن يۇقىرى، شۇڭا دۇنيادىكى دېڭىز - ئوكيانلار كۆز يەتكۈسىز دەرىجىدە كەڭ ھەم بىپايان بولسىمۇ، مارجاننىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن كېرەك بولغان ھەممە شەرىتنى تولۇق ھازىرلاپ بىرەلەيدىغان يەر ئانچە كۆپ ئەمەس. مارجانلار ئۇزۇن مەزگىل ئۆسۈپ يېتىلگەن، كۆپىيىپ ياشىغان يەرلەردىمۇ، مەلۇم بىرخىل شارائىتتا، شۇنداقلا ئۆزگىرىش يۈز بەرسە، ئوخشاشلا بۇزغۇنچىلىق خاراكتىردىكى ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ. 

مارجان خادا تاشلىرىنىڭ تۆشۈكلىرى ۋە يوچۇقلىرى كۆپ بولۇپ ، ياشاش ئادىتى ھەرخىل بولغان دېڭىز - ئوكيان جانلىقلىرىنى ياشاش، يۇشۇرنۇش، كۆپىيىش، يېمەك ئىزدەش ئۈچۈن قولايلىق شارائىتلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مارجاننىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ، 500 نەچچە خىلدىن ئاشىدۇ، شۇڭا مارجان خادا تاشلىرى دېڭىز رايۇنى دېڭىز - ئوكيان تۈرلىرى ئەڭ كۆپ بولغان رايۇندۇر.

مارجان خادا تاشلىرىنىڭ تارقىلىش ئالاھىدىلىكى ئىنتايىن گەۋدىلىك . دۇنيا خەرىتىسىگە شۇنداقلا قارايدىغان بولسا، مارجان خادا تېشىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان قىزىل رەڭلىك ئەگرى سىزىقلارنى ، كۆپ قىسىملىرىنىڭ بولسا تىروپىك بەلباغ ، سوبتىروپىك بەلباغ دېڭىز ئوكيانلىرىنىڭ غەربىي يىرىمىغا جايلاشقانلىقىنى ، ھەمدە شۇنداق تارقاق ئىكەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى ، مارجاننىڭ ئىكولوگىيەلىك سىسىتېمىغا قويغان تەلىپى تولىمۇ يۇقىرى . 

مارجان خادا تاشلىرىھازىر، چوڭ توسۇق خادا تاشلار مارجان قۇرتلىرىنى ئوزۇقلۇق قىلىدىغان تىكەن تېرىلىك دېڭىز يۇلتۇزى (دېڭىزدا ياشايدىغان جانلىق) نىڭ تەھدىتىگە ئۇچراپ، بەزى مارجان قىيا تاشلىرى بۇزۇلماقتا. ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ئىجابىي تەدبىر قوللىنىپ، چوڭ توسۇق خادا تاشنى قوغدىماقتا.



مارجان خادا تاشلىرىتەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئىنسانلارنىڭ ئەخمەقلىق بىلەن ئىلىپ بارغان پائالىيىتى ئاللىقاچان دۇنيادىكى %10 مارجانلارنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان، مۇشۇنداق بولغاندا كەلگۇسى 30-40 يىل ئىچىدە %60 مارجاننىڭ ھەممىسى ئۆلىدىكەن. پۈتۈن دۇنيا كېلىماتىنىڭ ئۆزگۇرىشىمۇ مارجانغا ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىكەن. مەسىلەن: 1982 -1983 - يىلغىچە بولغان ئېل نىنو مەزگىلىدە تىنىچ ئوكياننىڭ قىرغىقىدىكى كوستارىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە %70-%90 ئەتراپىدا مارجان ئۆلگەن. بۇنىڭدىن كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى، «مارجانلارنى قۇتقۇزۇۋېلىش» دېگەنلىك ھەرگىزمۇ كىشىلەر كۆڭلىگە ۋەھىمە سالغانلىق ئەمەس. 

مارجان ئۆزىنىڭ پارقىراقلىقى، رەڭدارلىقى ۋە سېھىرلىك تۈسكە ئىگە شەكلى بىلەن كىشىلەرنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدۇ، يېقىندا كىشىلەر مارجاننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ۋە كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش جەھەتتىمۇ ئىنتايىن مۇھىم رولغا ئىكەنلىكىنى بايقىدى.

مارجان خادا تاشلىرى تىروپىك بەلباغ مەنزىرىسى، دېڭىز مەنزىرىسى، مارجان گۇللىكى ۋە جانلىقلار دۇنياسى بىلەن بىر گەۋدە بولغان تەبىئىي مەنزىرە، دېڭىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ياپيېشىل دەل-دەرەخلەر، ساھىللار، دېڭىز قۇشلىرى ئايلىنىپ ئۇچۇپ يۇرگەن مارجان ئارىلى كۆپكۈك ئاسمان بىلەن زۈمرەتتەك دېڭىز ئارسىدا چىچىلىپ ياتقان تىروپىك بەلباغ دېڭىز-ئوكيان مەنزىرىسى؛ دېڭىز ئاستىغا قارايدىغان بولساق، سەرخىل-ھەرياڭزا بېلىق، راك، قىسقۇچپاقا، قۇلۇلە قاتارلىق رەڭگارەڭ مارجان توپى ئارىسىدا سەيلە قىلىپ يۈرگەن، خۇددى دېڭىز ئاستىدىكى شاھانە قەسىرگە ئوخشايدۇ.

نېمە ئۈچۈن مارجانلار ھېچقانداق ئۈنۈمسىز قاقاس دېڭىز رايۇنىنى ھاياتلىق ئۇرغۇپ تۇرىدىغان «دېڭىز ئاستى يامغۇرلۇق ئورمىنى» غا ئايلاندۇرالىدى؟ 

ئەسلىدە مارجان خادا تاشلا دېڭىز ئاستىدىكى نۇرغۇنلىغان جانلىقلارنىڭ ھەممىسى مارجانغا تايىنىپ دەسلەپكى يېمەكلىكلەرگە ئىگە بولغان، ھەمدە مۇشۇ يول بىلەن تۇرالغۇسىنى ھازىرلىغان . مارجاننىڭ ئوزۇقلۇق ماددىسى كەم بولغان سۈزۈك دېڭىز سۈيىدە ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشتىن ئىبارەت ئالاھىدە 

خۇسۇسيىتى يۈسۈنلەر بىلەن بىللە ياشاش مۇھىتىغا ئىگە قىلغان. دېڭىز يۈسۈنى مارجاننىڭ ئىچىدە ياشاش جەريانىدا، يېتەرلىك قۇياش نۇرىدىن پايدىلىنىپ فۇتۇسىنتىز ئېلىپ بىرىپ، مارجاننى ئوكسېگىن ۋە يېمەكلىك بىلەن تەمىنلىگەن؛ ئەگەر تېمپېراتۇرا، تۇزلۇق دەرىجىسى، ساپلىق دەرىجىسى قاتارلىقلار چەكتىن ئېشىپ كەتسە مارجان دېڭىز يۈسۈنىنى ھەيدەپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل نورمالسىز ئەھۋال ئىزچىل بىر قانچە سائەت داۋاملىشىدىغان بولسا، مارجان چوقۇم ئۆلۈپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مارجان خادا تاشلىرىنى ئاسىراش «دېڭىز ئاستى يامغۇرلۇق ئورمىنى» نى قوغداشتىكى مۇھىم ھالقا .[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#