شېئىر

شېئىر دىگىنىمىز-كونكىرىت قىلىپ ئېيتقاندا، ئىجتىمائىي ھاياتتىن كېلىپ چىققان، مەلۇم ئىدىيىۋىپىكىرنى رىتىملىق، قاپىيىلىك، ۋەزىنلىك بەدىئي سۆزلەر ۋاستىسى بىلەن ئەڭ ئىخچام،ئەڭ مەركەزلىك ۋە ئەڭ تەسىرلىك ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان، ئىنتايىن باي ھېسسىياتقا،مول تەسەۋۋۇر كۈچىگە ئىگە بولغان ئەدەبىي ئەسەرلەرنى كۆرسىتىدۇ.

شېئىر-ئەدەبىيات نىڭ ئەڭ دەسلەپكى ۋە تۈپكى ژانىرى، ئۇ كەڭ ئاممىۋىي ئاساسقا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە ئەدەبىيات نەزەرىيسىدە ئىزچىل مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلدى. 

ئۇيغۇرچە شېئىر
ئىنگىلىزچە poetry
خەنزۇچە 诗歌
تۈرى ئەدەبىيات ژانىرى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شېئىر_  ئەدەبىيات نىڭ ئەڭ دەسلەپكى ۋە تۈپكى ژانىرى، ئۇ كەڭ ئاممىۋىي ئاساسقا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋەئەدەبىيات نەزەرىيسىدە ئىزچىل مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلدى

     شېئىر _ئىجتىمائىي تۇرمۇش بىلەنكىشىلەرنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنىڭ مەزمۇن، ماھىيىتىنى باي تەسەۋۋۇر، قايناق ھېسسىياتۋاسىتىسى بىلەن جانلىق، ئوبرازلىق ئېچىپ بېرىدىغان ئەڭ نازۇك،    ھەرىكەتچان بەدىئىيتۈر ، ئۇنىڭدا تەبىئەت بىلەن جەمىئيەت، تارىخ بىلەن رېئاللىق، خىيال بىلەنتەسەۋۋۇر، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ئومۇمىي، ئورتاق ئېقىمى بىلەن كونكرېت شەخىسنىڭئارزۇ ، ئىنتىلىشى بىر پۈتۈن مەسىلىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ، شېئىر تەبىئەت ۋە جەمىئيەتھادىسلىرىنىڭ نەزمىي كۆچۈرۈلمىسى ئەمەس، لېكىن ئۇ شائىرنىڭ ئەنە شۇ    رېئاللىقىنىڭتەسىرىدە پەيدا بولغان ئەڭ نازۇك، ئەڭ    قايناق    ھېس ــ تۇيغۇسىنىڭبەدىئىي مەھسۇلى، شېئىر پەلسەپە ئەمەس، لېكىن ئۇ ئەقلىي ھېكمەت بىلەن ھاياتىيپەلسەپىنىڭ تەبىئىي ماكانى، شېئىر- روھلار ئىسيانى. ئەقىدە ۋە ئىتىقادنىڭ پارلىشى،چىنلىق، گۈزەللىك ۋە ئىزگۈلۈكنىڭ نۇرلىنىشى،    ئەقلىي ۋە ئەخلاقىيكامالەتكە يەتكەن ئالىيجاناپ ئادەمنىڭ ھاياتقا بولغان مۇھەببەت ۋە ساداقىتىنىڭسادا بېرىشىدۇر .    

شېئىر _ ھاياتنىڭئۆزى، كىشىلەر مەنىۋى دۇنياسىنىڭ، يەنى ئۇلارنىڭ ئارزۇ، ئىنتىلىشى بىلەن قايغۇ ۋەتەشۋىشىنىڭ ھېچقانداق پەدازلانمىغان ھالدا ساپ لىرىكىغا كۆچۈشىىدۇر.

 شېئىر ئاتالغۇسى

شېئىر دېگەن بۇ سۆزئەرەب تىلىدىكى«شوئور» دېگەن سۆزدىن ئۆزلەشتۈرۈپ قوبۇل قىلىنغان سۆز بولۇپ،ئەرەبچە مەنىسى «سەزمەك»، «تۇيماق»، «ھېسابلىق» دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ،يازما ئەدەبىياتتا «ئومۇمەن سۆزلەرنىڭ تەرتىپلىك يۇسۇندا بەلگىلىك قاپىيە بىلەنرىتىملىق ئورۇنلاشتۇرلۇشى....» دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ، بۇ    ئۇيغۇر تىلىداشېئىرىي ئەسەلەرنىڭ يىغىندىسى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ .①

شېئىر ۋەزىن ، رىتىم،قاپىيە بىلەن يېزىلغان، ئايرىم مىسرالاردىن تۈزۈلگەن گۈزەل ھېس- تۇيغۇلۇق بەدىئىيئەسەر بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىجتىمائي ھايات باي تەسەۋۋۇر ، كۈچلۈك لېرىكا ياردىمى بىلەنئەڭ ئىخچام، ئەڭ جانلىق ۋە ئەڭ مەركەزلىك ئىپادىلىنىدۇ،

شېئىر ئەڭ دەسلەپخەلق قوشاقلىرى ئاساسىدا راۋاجلىنىپ يازما ئەدەبىياتقا سېڭىپ كىرگەن. شۇڭا ئۇنىڭنامى ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، بولۇپمۇ مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا«قوشۇغ»، «تاقشوت»،    «يىر » (جىر، يىر،)،«ئۆلەن» دەپ ئاتالغان.②

خەلقئارادا گېرىكتىلىدىكى(پوئىزىيە)ئاتالغۇسىبىلەن بۇ ژانىرغا نام بەرگەن، كېيىن بۇ ئاتالغۇ رۇس تىلىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن    ئۇيغۇر تىلىغا پوئىزىيەدەپ قوبۇل قىلىنغان، ھازىرمۇ ئەدەبىياتساھەسىنىڭ مەلۇم ئورۇنلىرىدا    شۇ نامقوللىنىۋاتىدۇ، ③

ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلىمىزدىكىشېئىر سۆزىنىڭ لۇغەت مەنىسى«سەزمەك» ، «ھىسقىلماق»، «كۈي لىمەك» دېگەندىنئىبارەت.

شېئىر يۇقۇرىقىدەكئاتالغۇلار بىلەن ئىپادە قىلىنىدىكەن، 

ئىنىقلىما

«شېئىر»نىڭ ئىنىقلىمىىسى ھەققىدەئەدەبىيات نەزەرىيىچىلىرى ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرىنىڭ كۆز قارىشى ئاساسەنبىردەك. «شېئىر» ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل كۆز قاراش مەۋجۇت.

شېئىر دېگىنمىز : _كونكىرىت قىلىپ ئېيتقاندا، ئىجتىمائىي ھاياتتىن كېلىپ چىققان، مەلۇم ئىدىيىۋىپىكىرنى رىتىملىق، قاپىيىلىك، ۋەزىنلىك بەدىئي سۆزلەر ۋاستىسى بىلەن ئەڭ ئىخچام،ئەڭ مەركەزلىك ۋە ئەڭ تەسىرلىك ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان، ئىنتايىن باي ھېسسىياتقا،مول تەسەۋۋۇر كۈچىگە ئىگە بولغان ئەدەبىي ئەسەرلەرنى كۆرسىتىدۇ. يەنە بىر تۈرلۈكقىلىپ ئېيتقاندا، شېئىر ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ئەڭ مەركەزلىك ئەكىس ئەتتۇرۇپ بېرىدىغان،چوڭقۇر ئىدىۋي مەزمۇن، كۈچلۈك ھېسسىيات، مول تەسەۋۋۇر، جانلىق، ئوبرازلىق تىل،بەلگىلىك ئاھاڭ ۋە رىتىمغا ئىگە بولغان ئەڭ ئىخچام بەدئىي شەكىلدىن ئىبارەت.

كەڭ مەنىدىن ئېلىپئېيتقاندا، شېىئىر ھېس تۇيغۇنى لېرىك ئوبرازلار بىلەن ئىپادىلەش سەنئىتى ياكى ئوبرازلىقتىل سەنئىتى دېمەكتۇر، تار مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، شېئىر نەسىر نىڭ ئەكسىچە، بىرەر ئوبرازلىقپىكىرنى رىتىم، ۋەزىن ۋە قاپىيە ئارقىلىق ئىخچام ۋە تەرتىپلىك ئىپادىلەش سەنئىتىدېمەكتۇر. رىتىم، ۋەزىن، قاپىيە شېئىرنىڭ ئاساسلىق ئامىللىرى بولسىمۇ، شېئىرنىڭپوئېتىك ئالاھىدىلىكىگە نىسبەتەن ئېلىپ    ئيتقاندا، ئۇلاربىردىنبىر زۆرۈر شەرت ئەمەس، شېئىرنىڭ تۈپ ئامىلى سۇبيېكىتتا ھاسىل بولغانئوبرازلىق پىكىر،    ھېس تۇيغۇ ۋەتەسەۋۋۇرنى ئۆزىگە خاس شېئىرىي تىل ۋاستىسى بىلەن ئىپادىلەشتىن ئىبارەت. شۇڭامەلۇم ۋەزىندە كەلگەن قاپىيلىك سۆزلەر تىزمىسىنىڭ ھەممىسى شېئىر بولالمىغىنىدەك،ۋەزىن ۋە قاپىيىگە ئىگە بولمىغان دەبدەبىلىك ھېس ــ تۇيغۇلۇق ۋە ھاياجانلىق سۆزلەرتىزمىسىمۇ    شېئىر بولالمايدۇ. شۇ مەنىدىن ئالغاندا،كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان شېئىرىي پىكىر ياكى مەنىنى شېئىرنىڭ جېنى،ئوبرازلىق  تەپەككۇر  ۋە تەسەۋۋۇردىنقۇرۇلغان پوئېتىك    ۋەزىن ھەمقاپىيىلەرنى شېئىرنىڭ قانىتى، پوئىتىك تىلنى شېئىرنىڭ قېنى ۋە تېنى دېيىش مۇمكىن،شۇنىڭ ئۈچۈن رەسسام بۇيىقى بىلەن،مۇزىكا نىت بارمىقىبىلەن، ئۇسسۇلچى بەدەن ھەركىتى بىلەن، شائىر ھېس تۇيغۇ، تەسەۋۋۇر بايلىقى بىلەن سەنئەت كاردۇر،

شېئىر ئىجادىيتىبىلەن شۇغۇللىندىغان كىشىلەر «شائىر»، «شائىرە»(ئايال) دەپ ئاتىلىدۇ، «شائىر» ۋە «شائىرە»سۆزىنىڭ مەنىسى «ھېسسىيات ئىگىسى»، «ھېس تۇيغۇلارنى ئىپادىلىگۈچى»، «ھېستۇيغۇلارغا باي ئادەم» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.

شېئىر    تۇرمۇشنىڭ ئەڭ نەپىس،ئەڭ ئىخچام ئىپادىسى بولغانلىقتىن، ئۇ كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىش، تېز تەسىركۆرسىتىش ۋە يېقىملىق تەسىراتقا ئىگە قىلشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن سەنئەتنىڭ ئەڭيۇقىرى تۆرىدىن ئورۇن ئالىدۇ. ئۇنى ھەتتا بەزىلەر «ئەدەبىيات سەنئەتنىڭ تاجىسى»دەپئاتايدۇ، شېئىرنڭ مەنىسى «ھېس- تۇيغۇ» بولغانلىقتىن ئۇنڭ ئستېمال مەنىسىدىنمۇكۈچلۈك ھېسسيات ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، ھەم مول تەسەۋۋۇر بىلەن تولۇپ تاشقان بولىدۇ.شېئىرنىڭ مەزمۇنى ئالىي دەرىجىدە تىپىكلەشكەن ھەم مەركەزلەشكەن بولغانلىقتىن،شائىر ئىپادىلىمەكچى بولغان مەزمۇننى تولۇق بايان قىلىپ بېرىش ئۈچۈن ئىجادىي پىكىريۈرگۈزگەندە شېئىر تىلىنىڭ ئىخچام، ئېنىق،    چۈشىنىشلىك،    كۆركەم بولۇشىغائالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. شېئىر ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئالغاندا، ھاياتتىكى ئەڭمۇھىم ۋە ئەڭ تۈپ نەرسىدۇر.    سۇبيېكتىپ ھېسسىياتجەھەتتىن ئالغاندا، ئۇ شائىرنىڭ قەلبىدە زور ھاياجان قوزغىغان ۋە تاۋلىنىشىدىنئۆتكەن ۋەقە ياكى ھادىسىدۇر.

 

شېئىر ئەدەبىياتنىڭئەڭ تۇنجى ۋە    ئەڭ تۈپكى ژانىرى بولۇپ، ئىنسانلارنىڭئەڭ دەسلەپكى ئەدەبىياتى بولغان شېئىر ئەمگەك جەريانىدا بارلىققا كەلگەن، بىزگەمەلۇمكى، باشلانغۇچ كوممۇنىزم جەمىئيىتىدە ياشىغان ئەجدادلىرىمىز ئۆملىشىپ ئەمگەكقىلغاندا، ئەمگەك ھەرىكىتىگە ماسلىشىش ۋە ھاردۇق چىقىرىش ئۈچۈن بىر خىل تەرتىپلىكئاۋاز چىقىراتتى، كېيىن كىشىلەرنىڭ تەپەككۇر    قابىلىيتى راۋاجلىنىپتىل پەيدا بولغاندىن كېيىن، بۇنداق ئەمگەك سادالىرىغا مەنىلىك سۆزلەر قوشۇلۇپئەمگەك قوشاقلىرى پەيدا بولدى، مانا بۇ ئەدەبىياتنىڭ ئەڭ دەسلەپكى شەكلى بولۇپ،كېيىن مۇشۇ ئاساستا تۈرلۈك ئەدەبىيات شەكىللىرى مەيدانغا كەلدى، لۇشۇن بۇ ھەقتەمۇنداق دەيدۇ:«......بىزنىڭ ئاتا بوۋىلىرىمىز ھېسابلانغان ئىپتىدائىي ئادەملەرئەسلىدە سۆز قىلىشنىمۇ بىلمەيتتى، ئۆملىشىپ ئەمگەك قىلىش ئۈچۈن ئۆز پىكىرىنىئىپادىلەش تولىمۇ زۆرۈر ئىدى، شۇڭا ئۇلار تەدرىجىي ھالدا مۇرەككەپ ئاۋازلارنىمەشىق قىلىپ چىقتى، ئۇلار ئۆملىشىپ يوغان ياغاچلارنى كۆتۈرگەن ۋاقىتتا، ياغاچنىڭئېغىرلىقىنى ھېس قىلسىمۇ، ئەمما ھارغانلىقىنى ئۇقتۇرالمايتتى، ئارىسىدىن بېرى «ھە- ھۇ...ھە...ھۇ» دەپ ۋارقىرايتتى، مانا بۇ ئىجادىيەت بولۇپ، كۆپچىلىكىنىڭئۇنىڭغا ئەگىشىپ ۋارقىرىغانلىقى نەشر قىلىنغانلىق ئىدى. ئەگەر بۇ قانداقتۇر بىرەربەلگە بىلەن خاتىرلىۋېىلىنغان بولسا ئىدى، شۇنىڭ ئۆزى ئەدەبىيات بولغانبولاتتى..... »④ لۇشۇننىڭ بۇ سۆزى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەدەبىياتشەكلى ئەمگەك قوشاقلىرى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، ئېلىمىزنىڭ تۈنجى شېئىرلارتوپلىمى ھېسابلانغان «نەزمىنامە»دە ئەمگەك قوشاقلىرى ئالاھىدە زور سالماقنىئىگەللەيدۇ. كېيىن ماددى ۋە مەنىۋى تۇرمۇشنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ ناخشا - شېئىرلاردىن نەسىرى ئەسەرلەر بۆلۈنۈپچىقتى.  داستان لاردىنھېكايە ، رىۋايەت ۋە  رومان لار بارلىققاكەلدى، ئېيتىشىش ۋە لەپەرلەردىن سەھنە ئەسەرلىرى بارلىققا كەلدى، شېئىرنىئەدەبىياتنىڭ ئەڭ دەسلەپكى، ئەڭ تۈنجى ۋە ئەڭ تۈپكى شەكلى دەپ ئېيتىشىمىزنىڭسەۋەبى دەل شۇنىڭدىندۇر.

شېئىر دەسلەپ پەيدابولغاندا مۇزىكا، ئۇسسۇل بىلەن بىرگەۋدە بولۇپ، ئۇلار ئۆز-ئارا زىچ باغلانغانئىدى، ئىنسانىيەت جەمىئيتىدە تىل پەيدا بولغاندىن كېيىن، ھەرخىل ئەمگەكپائالىيەتلىرىنىڭ رىتىمىغا ماس بولغان رىتىملىق سۆزلەر بارلىققا كەلدى،

«كۈي»_ رىتىملىق سۆزلەرنىڭ ئاھاڭىبولۇپ، قەدىمكى دەۋرلەردە بۇ ئىككىسى بىر نەرسە ئىدى، كىشىلەرنىڭ تەپەككۇرقابىلىيتى ۋە ئىستېتىك تۇيغۇسىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، تەدرىجى ھالدامۇشۇنداق رىتىملىق ئاۋازلار بەلگىلىك مەنىگە ئىگە سۆزلەر بىلەن تولۇقلىنىپ شېئىربولۇپ    شەكىللەندى.

يەنە بىر نۇقتىدىنئالغاندا، شېئىرنى سەنئەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى بىر تۈرى دېيىشكىمۇ بولىدۇ، چۈنكى ئۇسەنئەتتىكى مەلۇم بىر ئامىلنىلا ئۆز ئچىگە ئېلىپلا قالماستىن، بەلكى ھەممەئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ۋە بۇ ئامىللاردىن بىرلا ۋاقىتتا    پايدىلىنالايدۇ، مەشھۇر  تەنقىد چىبىلىنىسىيكىنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا «پوئزىيە، يەنى شېئىرىيەت سەنئەتنىڭ يۇقىرىخىلىدۇر، سەنئەتنىڭ باشقا تۈرلىرى ئۆزىنىڭ ئىجادىي پائالىيتىدە ۋاسىتە بولغانماتېرىيال بىلەن ئازدۇر ــ كۆپتۇر چەكلەنگەن بولىدۇ...»①

شېئىرىيەت ئەركىنئىنسان سۆزىدە ئىپادىلىنىدۇ، سۆز بولسا ھەم تاۋۇش ۋە كۆرۈنۈش، ھەم ئېنىق ۋە روشەنئېيتلغان تەسەۋۋۇردۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن شېئىرىيەت باشقا سەنئەت تۈرلىرىنىڭ ھەممەئېلېمېنتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، باشقا سەنئەت تۈرلىرىنىڭ ھەر بىرىگە ئايرىمرەۋىشتە بېرىلگەن ھەممە ۋاسىتىلاردىن بىردىنلا ۋە تولۇق پايدىلىنىدۇ، شېئىرىيەتسەنئەتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن تۈزۈلۈشىنى كۆرسىتىدۇ، ھەممە شېئىرىيەتتۈرلىرىنى ھەممە تەرەپلىرىنى يىغىپ، ئۇنىڭ ھەممە ئايرىمىلىقلىرىنى ئوچۇق ۋە روشەنئۆز ئىچىگە ئالىدۇ... دېمەك، شېئىر ئەدەبىياتنىڭ ئەڭ دەسلەپكى، ئەڭ تۈپكى ۋە ئەڭيۇقىرى بىر تۈرىدۇر.

ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا    شېئىرنىڭ كېلىپچىقىشى ئىنتايىن ئۇزۇن تارىخقا ئىگە، ئۇنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئۈلگىلىرى قەدىمكىزامانلاردىن تارتىپ ھازىرقى زامانلارغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەمگەك قوشاقلىرىبولۇپ، بۇ    خىل قوشاقلار ئۇيغۇر شېئىرىيتىدە مۇھىمئورۇن تۇتىدۇ، ئۇيغۇر خەلقى ئېغىزدىن- ئېغىزغا چۈشۈرمەي ئېيتىپ كېلىۋاتقان خامانناخشىسى، ئوما ناخشىسى، خاڭ قوشاقلىرى ۋە باشقىلار. بۈيۈك ئالىمىمىز، ئەدىب مەھمۇدكاشىغەرىي بوۋىمىزنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدىن بۇنىڭنەمۇنىلىرىنى ئېنىق كۆرۈپ يېتەلەيمىز. كېيىنكى دەۋرلەردە يېزىلغان ئۇيغۇرلارنىڭتۇرمۇشىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان نۇرغۇن قوليازما، كىتابلاردىن شېئىرىيەتنىڭخەلق ئىچىدىكى ئىجادىيەت ئۇلىنىڭ نەقەدەر پۇختا ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكىنىبايقىيالايمىز. بۇ ھال ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ باشقا مىللەتلەر ئەدەبىياتىغائوخشاشلا ئەڭ قەدىمكى زامانلاردا- ئىپتىدائىي جەمئىيەت تۈزۈمى شارائىتىدا مەيدانغاكەلگەنلىكىنى كۈچلۈك ئىسپاتلايدۇ.

 

شېئىر باشقا ئەدەبىيئەسەرلەردىن ئۆزىنىڭ ئاھاڭدارلىقى، مۇزىكىلىقلىقى، رىتىم،    تۇراق، قاپىيە،مىسرا، كۇپلېتلارغا ئىگە بولغانلىقى بىلەن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ، شېئىر    مۇشۇ ئامىللارنىڭتۈرتكىسىدە تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى جارى قىلدۇرالايدۇ.شېئىرنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى نۇرغۇن ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك    بولىدۇ. مەزمۇنئېتىبارى بىلەن تۆۋەندە شېئىرنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك، روشەن ھالدا كۆزگە چېلىقىدىغانئامىللىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.

بىرىنچى، رىتىم

مەلۇم ھادىسە، ھەرىكەت ياكى تاۋۇشلارنىڭ بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە بىر تەرتىپتەتەكرارلىنىپ تۇرۇشىدۇر. مەسىلەن: دېھقانلارنىڭ كەتمەن چېپىشى، سائەتنىڭچىكىلدىشىدا،    پويىزنىڭ تاقىلدىغان ئاۋازىدا رىتىم بار.    

بىر خىل مىقداردىكىسۆز بىرىكمىلىرى ياكى بوغۇملارنىڭ ھەر بىر مىسرادا بىر خىل تەكرارلىنىش نەتىجىسىدەكېلىپ چىققان ئاھاڭ سېستىمىسى _ رىتىم(ۋەزىن) دەپ ئاتىلىدۇ.    مەسىلەن :                                                                                                                                                                                               

دىللاردا شادلىق ،تىللاردا ناخشا،    

باھار پەيزىدىن كۈلدى    گۈل –غۇنچە.         

ئېرىدى مۇزلارجانلاندى زېمىن،  

     ئاقتى شوخ سۇلار چاچرىتىپ ئۈنچە. ⑤

دېمەك، رىتىم (ۋەزىن)شېئىرلاردا چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇ شېئىرنىڭ ئاساسىي كۈچ – ئېنېرگىيسىدۇر،بارماق ۋەزىندىكى شېئىرلاردا بوغۇم رىتىم ئۆلچىمى بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ، لېكىنئۇنىڭدىكى بوغۇملار دائىم تەڭ بولىۋەرمەيدۇ، رىتىمنىڭ ئەڭ قىسقىسى تۆت بۇغۇم، ئەڭئۇزۇنى 18 بۇغۇمدىن ئىبارەت بولىدۇ.

ئەل غېمىدە ،                    ئۇرسا مېتىن،                             ياندى گۈلخان،

كۆڭلى كۆلدە.                   چاقناپ چېقىن.                        بولۇپ ھەيران.

ئۆزى چۆلدە،                   كۈلۈپ ئېقىن،                             تاڭدا چولپان

سۇ ئىزدىدى.                   تاغ تۈزلىدى.                               ئۇزسۆزلىدى. ⑥ 

 

يېڭى ئۇسلۇبتىكىشېئىرلار كۆپىنچە بارماق ۋەزىندە، كونا ئۇسلۇبتىكى شېئىرلار كۆپىنچە ئارۇز ۋەزىندەيېزىلىدۇ، ئۇ مەلۇم ئەندىزىگە سېلىنىپ، مۇقىم قائىدىلەشتۈرۈلگەن شېئىرلاردۇر، بۇئىككىسىنىڭ پەرقى ئاساسەن بوغۇملارغا چۈشىدىغان ئۇرغۇلارغا ئېتىبار بېرىش،بوغۇملار تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنى ۋەزىن ئېتىبارى بىلەن ئۇزارتىپ ياكىقىسقارتىپ ئېيتىش جەھەتلەردە كۆرۈلىدۇ. شۇنداقلا يەنە مىسرالارنىڭ بۆلەكلەر ۋەتۇراقلارغا    بۆلۈنۈشى جەھەتتە كۆرۈلىدۇ.

ئارۇز ۋەزىندىكىشېئىرلاردا چەكلىمە مۇقىمراق، بارماق ۋەزىندىكى شېئىرلاردا ئەركىنرەك بولىدۇ،

ئىككىنچى، تۇراق.تۇراق

شېئىرنىڭ ئاھاڭدارلىقىنى مەيدانغا كەلتۈرىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرىبولۇپ، ئۇ شېئىر ئارىلىقىدىكى قانۇنىيەتلىك توختاشنى، يەنى شېئىر مىسرالىرىدىكىبوغۇملارنىڭ مەلۇم تەرتىپتە گۇرۇپپىلىشىپ كېلىشىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن:

 

ۋەتىنىم كۆردۈممەنئەتەڭنى،

بۈگۈننىڭ ئەڭگۈشتەركۆزىدە.

ئۇ ساڭا راسىتلاپتۇ    پايانداز،

تەبەسسۇم جىلۋىسىيۈزىدە.⑦

توققۇز بۇغۇملۇق بۇشېئىر 3+3+3 بولۇپ گۇرۇپپىلىنىپ تۇراق ھاسىل قىلغان.

دېمەك، رېتىم ھاسىلقىلىش ئۈچۈن مىسرالاردىكى بوغۇملارنى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈش، ھەر بىر گۇرۇپپائوتتۇرىسىدا توختاش، ئاھاڭدارلىقنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش، ئايرىم بۇغۇملارنى يۇقىرىتاۋۇش بىلەن، بەزىلىرىنى پەس تاۋۇش بىلەن ئوقۇش لازىم بولىدۇ. بۇ ھال ھەر بىرمىسرادا مەلۇم دەرىجىدە ئىچكى ئۆزگىرىش ياساپ، يېڭىچە رىتىم ھاسىل قىلىدۇ.

بارماق ۋەزىندە،كۆپىنچە ئىبارىلەرنىڭ مەنىسىنى ئۆلچەم قىلىش تۇراقنىڭ پرىنسىپى بولۇپ، بىر سۆزياكى سۆز بىرىكمىسى، ئادەتتىكى گەپلىشىشنىڭ تەبىئىي توختاشلىرى بىر چىگرا قىلىنىپتۇراققا ئايرىلسا، ئارۇز ۋەزىندىكى شېئىرلاردا سۆز ۋەزىن ئېتىبارى بىلەنبوغۇملارغا پارچىلىنىپ، تۇراقتا بۇغۇملار پارچىلىنىدۇ، پەقەت ئارۇز ۋەزىندىكىشېئىرلار تاللانغان بەھىرنىڭ ئۆلچىمى بويىچە تۇراققا ئايرىلغاندا، ئاندىن ۋەزىنگەچۈشەلەيدۇ. مەسىلەن:

 

بىر قىلىچ بەرسە خۇداكەس دەپ ئۇنىڭغا بۇيرۇسام،

ئۈزسە خەلقنىڭبوينىدىن خارلىق كىشەن خەنجىرىنى.

گەر خارابكەنئەل-ۋەتەن، كاللامنى ئۈزسۈن بۇ قىلىچ،

كۆرمىسۇن شەۋقى كۆزىقۇللۇقتا ئەل تەقدىرىنى. ⑧

(قۇتلۇق شەۋقى )

ئۈچىنچى، قاپىيە

شېئىر مىسرالىرنىڭ ئاخىرىدىكى سۆز ياكى بوغۇملارنىڭ ئاھاڭداش بولۇپ كېلىشى– قاپىيەدەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن:

ئالدىراقسان كىشىنىڭ،

ساپاسى يوق ئىشىنىڭ.          

ساقايمايدۇ ئاغرىقى،

ئۆمۈرۋايەت بېشىنىڭ. ⑨

قاپىيە بەزى ھاللارداشېئىرنىڭ بېشىدىمۇ كېلىدۇ، قاپىيە شېئىرىي ئەسەرلەرنىڭ گەۋدىلىك خۇسۇسىيەتلىرىدىن،يەنى شېئىر ئىجادىيتىدە بەدىئي شەكىلنىڭ مۇھىم شەرتلىرىدىن بىرى. قاپىيە سۆزلەردەمۇناسىپ ئاھاڭداشلىق پەيدا قىلىپ، تىلنى تەسىرلىك، جاراڭلىق ۋە مۇزىكىلىقتىنئىبارەت گۈزەللىكە ئىگە قىلىدۇ، شېئىرنىڭ رىتىملىقلىقى ۋە ھېسسىياتچانلىقىنىكۈچەيتىدۇ.

قاپىيە شېئىرىيئەسەرلەرنىڭ گەۋدىلىك خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، شېىئردا چوڭ رول ئوينايدۇ. ئۇشېئىرىي نۇتۇقنى تەسىرلىك ئاھاڭغا ئىگە قىلىدۇ، كۈيلەشكە، دېكلاماتسىيە قىلىشقائاسانلىق تۇغدۇرىدۇ. قاپىداش سۆزلەرنى ئەستە تۇتۇش ئوڭاي بولغانلىقتىن، خەلققىسقا، ھېكمەتلىك سۆزلەردىن قاپىيلىك مىسرالارنى تۈزىدۇ. شۇڭلاشقىمۇ    خەلق ئېغىزئەدەبىياتىدا شېئىرىي تۈس ئىنتايىن قويۇق بولۇپ، ئۇلارنىڭ    خېلى كۆپ قىسمىقاپىيگە ئىگە. مەسىلەن:

ياخشى سۆز ئېرىتەرمۇز بىلەن تاشنى،

توختىتار كۆزۈڭدىنتامچىغان ياشنى.

يامان سۆز ئىنسانغازەرھەردىن ئاچچىق،

بەزى قان چىقارماييارىدۇ باشنى.           ⑩

      (ت.نىياز)

بۇ مىسالدىن كۆرۈشكەبولىدۇكى، تىلدا تەلەپپۇز قىلىش ئورنى ۋە ئۇسسۇلى ئوخشاش بولغان تاۋۇشلاردىنتۈزۈلگەن قاپىيە توق قاپىيە بولىدۇ.

تۆتىنچى، مىسرا

بېيىت، كۇپلېت (بەند). شېئىرنىڭ ھەر بىر سەتىرى(قۇرى) مىسرا دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇشېئىرىدا مەلۇم مەنىنى ئىپىادىلىگەن بىر قۇر سۆزنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن:

ئەلنى ئويغاتماقتىلەك،تاڭدابىر چوقان بىلەن> (ئابدۇخالىق ئۇيغۇر)

 

لېكىن بىر قىسىمشېئرلاردا گرامماتىكىلىق قائىدە ۋە مەنتىقىي پىكىرنىڭ تەقەززاسى بىلەن، گاھىدا بىرپۈتۈن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدىغان بىر جۈملە ئىككى مىسرا قىلىپمۇ تۈزۈلىدۇ.

شېئىرىي ئەسەرلەردەبىر– بىرىگە چىڭ باغلانغان ھالدا بىر پۈتۈن تەپەككۇرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىدىغانئىككى مىسرانىڭ قوشۇلمىسى- بېيىت دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن:

بارمىكىن ھېچنېمەئالەمدى ھىجراندىن يامان،

ھەر نەكىم ھىجراندىنيامانراقتۇر بۇدۇر ئاندىن يامان.

 

مەككە تىللا ئىچىدەبىر تۈپ قىزىل گۈل،

قىزىلگۈلنىڭ ئىچىدەمەختۇمجان بۇلبۇل.

 

جۈملە قۇرۇلۇشىجەھەتتىن بىر-بىرىگە باغلىق بولغان بىر ياكى بىر نەچچە تۈگەل پىكىرنى ئىپادىلىگۈچىشېئىر مىسرالىرنىڭ گۇرۇپپىسى_ كۇپلېت (بەند) دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇيغۇر شېئىرىيتىدەكۇپلېتلار ئەڭ ئاز بولغاندا ئىككى مىسرادىن ، كۆپ بولغاندا ئون نەچچە مىسرادىنتەركىپ تاپىدۇ.

شېئىر مەزمۇنجەھەتتىن لىرىك شېئىر ۋە ئىپىك شېئىر دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ.  

لىرىك شېئىر

ئۇنىڭدا مۇكەممەل ۋەقەلىك ھەم شەخسى ئوبراز بولمايدۇ.ئېسىل لېرىكىلىق شېئىرشۇ زامان روھىنىڭ ئىنكاسى  

ئىپىك شېئىر

ئىپىك (قىسسىي)شېئىردا ئومۇمەن لېرىكا ئاساس قىلىنمايدۇ بەلكى ۋەقە ئاساسقىلىنىدۇ.شەخىسلەرنى سكرەتلەش ۋە شەيئىلەرنى تەسۋىرلەش ھىكايە>رومانلاردىكىدەك >نەسىرى ئەسەردىكىدەك) ئىنچىكە تەپسىلىي بولمايدۇ.    

شەكىل جەھەتتىن:

قوشاق–بېيتلار:

   بۇ تۈر خەلق ئېغىز ئەدەبياتىنىڭئەڭ قەدىمكى ۋە كەڭ تارقالغان تۈرى،بەدئىي ئەدەبىيات نىڭ ئانىسى.    

غەزەل:

               ھازىرقى ئىستىمال مەنىسىبويىچە aa، ab،acيەنى  

............................ئا  

.............................ئا  

............................ب    

............................ئا،    

 

.............................س  

............................ئا    

 

شەكلىدەقاپىيەلىنىدىغان ۋە 3 بېيتتىن 14 بېيتكىچە بولغان لېرىكىلىق شېئىر غەزەل دېيىلىدۇ.غەزەلئادەتتە ئارۇز ۋەزىندە يېزىلىدۇ.غەزەلنىڭ ئاخىرىغا">شائىر ئۆز نامىنى ياكى تەخەللۇسىنى كىرگۈزىدۇ.  

مىسال:  

غەزەل  

(نىمجان)  

سەنيىراقتىن  قول ئىشارەت  بىرلە  توختاتتىڭ  مېنى ،  

دەپتىمەن،بەلكىم  تونۇش بىر كىمگەئوخشاتتىڭ مېنى .  

 

ئەركىلەپكەلگەنچە ئالدىمغا  دېدىڭ  ئوينايلىمۇ ;  

داڭقېتىپ قالدىم ، تەئەججۇپ كۆلىگە ئاتتىڭ  مېنى .  

 

يۈز-كۆزۈڭدەرەڭ - بۇياق ،ئۈستۈڭدە بار - يوقتەك كىيىم ،  

جىنمۇيا شەيتانمۇ سەن ، نەدىن كېلىپ تاپتىڭ مېنى ؟  

 

تەلمۈرۈپ  تۇرغان ئوماق ،بىچارە  ئەپتىڭگە   قاراپ ،  

;ياق!;دېدىم ، ئەمما شۇئان باغرىڭغا چىڭ تارتتىڭمېنى .  

 

مەنخۇدۇمنى تاپقىچە  تەگدى لىۋىمگە  سوغ  لىۋىڭ ،  

بىرسۆيۈشتە ;مەست قىلىپ بىر ھەپتە ئۇخلاتتىڭ مېنى .  

 

ئويغۇنۇپكۆردۈم يەنە  يۈرگەنلىرىڭنى  ئوۋ  قىلىپ ،  

ھەيئىسىت ، ھالىڭغا  دەپ ھەسرەتتە يىغلاتتىڭمېنى .  

 

ئەينادان قىز ! سەن ئۈچۈن چەكمەكتە نىمجان ئىزتىراپ ،  

نەئۈچۈن  بۇھالدا سەن ؟ ئەجەپمۇئويلاتتىڭ مېنى ... !  

 

مەسنەۋى:  

   ھەر ئىككى مىسرا بىرخىلقاپىيىدە كېلىدىغان شېئىرى شەكىل.ئۇزۇنراق شېئىر يازغاندا قاپىيەنى ئەركىن تاللاشئۈچۈن بۇ شەكىلنى قوللانسا بولىدۇ.يۈسۈف خاس ھاجىپ قۇتادغۇبىلىكنى مۇشۇ شەكىلدەيازغان.مەسىلەن: aa ، bb، cc  

...............................ئا  

...............................ئا    

 

...............................ب    

...............................ب    

...............................س    

...............................س    

مىسال:  

سىلەردەبار ئەجەپ بىر خىل ئەيىبلەر ،    

نەشە، ھاراق ، ئەپىيۇندەك كەيىپلەر ،  

 

ئـوينايسىلەرقـەغـەز قـىمار دىگەننى ،      

ئىتيىمەيدۇ سىلەر نان دەپ يىگەننى ،  

 

تەنـقـىدقـىلدۇق ئەخـلاقىڭىز تۇزۇلەر ،  

تـۈزەلمىسەسىزدىن ئـۈمىد ئـۈزۇلەر ،  

 

(مەمتىلىئەپەندى‹تەۋفىق› شېئىرى تەنقىد    

روبائىي:   

             ھەربىر كوبلىت بىر پۈتۈن مۇستەققىل پىكىرگە ئىگە بولىدۇ.ئارۇز ۋەزىننىڭ قىسقاراق بەھرىدەيېزىلىدۇ.1-،2- ۋە 4-مىسرالىرى قاپىيداش كېلىدۇ(abaa).  

ئالاھىدەئەسكەرتىش كېرەككى،روبائىي شەكلىدە قاپىيداش يېزىلغان تۆتلۈك ھەممىسى روبائىي بولىۋەرمەيدۇ.    

مىسال:    

ئۆستۈردىقوينىدا مېنى شۇ تۇپراق،  

ئۆلسەممۇ،ماڭا ئۇ بولغۇسى يۈمشاق،  

شۇۋەتەن ئىشقىدىن ئۇلۇغ نېمە بار؟    

سىغمايدۇكۆڭۈلگە بۆلەك ئىشتىياق.   

(ئابدۇرېھىمئۆتكۈر روبائىلىرىدىن    

تۇيۇق:  

   تويۇۋالماق دېگەن مەنىدەبولۇپ،قاپىيەلەنگۈچى سۆزلەر شەكىل ۋە تەلەپپۇزدا ئوخشاش بولىدۇ (لېكىن مەنا جەھەتتىنئوخشىمايدۇ). بۇمۇ تۆتلۈك شېئىر شەكلى.  

مىسال:    

چېلىشپۈكلە دۈشمەننى ئۆرتە ئوتقا ياق  

يېپىشغالىبىيەتكە،سائادەتكە كۆرەك ياق!   

كەسكىنمىنۇت يېتىپ جانغا كەلسە ئىمتىھان،    

دېمەھەرگىز قۇربان بېرەيمۇ - ياق؟!   

(لۇتپۇللامۇتەللىپ  

مۇرەببە:   

بۇمۇتۆتلۈك شېئىر شەكلى. قاپىيە فورمۇلىسى: baaa ياكى baba يەنى شېئىردا باشتىن ئاياق ھەممە كوبلتىدا 1-،2-ۋە3- مىسرالىرى قاپىيداش ياكى 1-،3-مىسرالىرى ھەم 2-،4-مىسرالىرى قاپىيداش كېلىدۇ.بىرشېئىردا baaa ياكى baba شەكلىنى ئارلاش قوللۇنۇشقا بولمايدۇ.  لىكىنقاپىيە تۇزۇلىشى بىر قەدەر ئەركىن ۋە رەڭمۇرەڭ بولىدۇ .  

-مىسال:    

تەغدىرماڭا بەرمىدى سېنى  

 

كۈلكەكېتىپ ھەسرەت قالغاندا،  

سۆيگۈمېنى ئەسكە ئالغاندا. 

ئۈمىدلىرىمئوت بوپ يانغاندا،  

تەغدىرماڭا بەرمىدى سېنى.  

 

يىغلىتىدۇتوزىغان گۈللەر،  

بەكمۇئۇزۇن سەن يوق بۇ كۈنلەر. 

تىلىگەنتىمكېچىلەر، تۈنلەر،  

تەغدىرماڭا بەرمىدى سېنى.  

 

زارىممېنىڭ پەلەككە يەتكەن،  

مەقسەتلىرىمسەن تامان كەتكەن.  

ھېجراندېگەن ئالەمچە دەردكەن،  

تەغدىرماڭا بەرمىدى سېنى.  

 

باھارلاردايۈكۈندۈم سوراپ،  

قەددىمئېگىپ پۈكۈلدۈم سوراپ. 

يامغۇربولۇپ تۆكۈلدۈم سوراپ،  

تەغدىرماڭا بەرمىدى سېنى.  

 

مۇخەممەس:  

             بەشلىكدىگەن سۆزبولۇپ، بۇ شېئىر شەكلىدە بىرىنچى كوبلىتنىڭ بەش مىسراسىنىڭ ھەممىسىقاپىيداش،ئىككىنچى كوبلىتتىن باشلاپ ئالدىنقى تۆت مىسراسى قاپىيداش بەشىنچىمىسراسى بىرىنچى كوبلىتنىڭ قاپىيەسىگە قاپىيداش بولىدۇ.:    

مىسال:    

ئۆمۈرمەنزىلىدە ئىزلەپ غۇبارسىز چىن ھەقىقەتنى ،  

قەلەندەردەككىزىپ يۈردۈم چىكىپ مىڭبىر مۇشەققەتنى .  

ۋەلىكىن يوق ئىكەن تۈز يول تېپىشتا ئۈشبۇ مەقسەتنى ،    

تېڭىرقاپئۆتتى كۆپ ئۆمرۈم چۈشەنمەي سىرۇ ھېكمەتنى ،  

ئىشىتدىلبەر ، بايان ئەيلەپ ساڭا بۇ ھەقتە سۆھبەتنى.    

 

تۇغۇلغانئىككى مۆئىمىندىن ، ئۆتۈپ ئەللىكتە سەككىز يىل ،  

يەكۈنلەشسائىتى يەتتى ئۆمۈرنى ئەمدى ئەستايىدىل .  

نەزەرسالساق بېسىپ ئۆتكەن يولۇمغا بولمايىن غاپىل ، *    

ئاقۇركۆز ياشلىرىم گويا بولۇپ ئېرتىش ۋە ياكى نىل ، .  

جاھانداچەكمىگەي ھېچكىم مىنىڭدەك كۆپ نادامەتنى .    

 

ياھەققە ئەتمىدىم قۇللۇق ، يا ئەلگە قىلمىدىم خىزمەت ،  

بېغىمغاكۈز يىتىپ كەلدى ، قولۇمدىن كەتتى كۆپ پۇرسەت ،    

ھەمىشەئۆرتىبان دىلنى يېلىنجاپ بىر ئەلەم - ھەسرەت ،    

ئازاپلاپكېچەيۇ - كۈندۈز قىلۇر جانىمنى بىتاقەت ،  

راۋادۇرقانچىلىك قىلسام ئۆزۈمگە دوق مالامەتنى.  

...ئابدۇرېھىمئۆتكۈر شېئىرى ـــ «ئۆمۈر ھەققىدە مۇخەممەس»دىن    

تەخمىس:

              مۇخەممەسنىڭ يەنە بىر شەكلىبولۇپ،بۇنىڭدا ئۆزى ھۆرمەت قىلىدىغان ياكى پىكىرداش باشقا شائىرنىڭ غەزىلىدىنئىككى مىسرانى ئېلىپ ،بۇنىڭغا مەزمۇن ۋە شەكلى ئوخشاش بولغان ئۈچ مىسرانى قوشۇپيازىدۇ. قاپىيە جەھەتتە مۇخەممەس شەكلى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.  

مۇسەددەس:  

             ئالتىلىكدىگەن سۆز.شېئىرنىڭ ھەر بىر كوبلىتى 6 مىسراسىن تۈزىلىدۇ.بىرىنچى كوبلىتتىكى 6مىسرانىڭ ھەممىسى قاپىيداش بولىدۇ.ئىككىنچى كوبلىتتىكى ئالدىنقى 5 مىسرا بىرقاپىيداش، 6-مىسراسى بىرىنچى كوبلىتتىكى قاپىيە بىلەن قاپىيداش كېلىدۇ. 8nV+e ~ -w    

مۇسەممەن:

             سەككىزلىكدىگەن سۆز بولۇپ،ھەر كوبلىتتىكى 1-،3-،5-مىسرالىرى بىر قاپىيداش،2-،4-،6-مىسرالىرىبىر قاپىيداش كېلىپ،ئاخىرقى ئىككى مىسراسى(7-،8-مىسرالىرى) يەنە باشقىچە قاپىيداشكېلىدۇ.بۇ شەكىلنى بارماق ۋەزىندە يازسىمۇ،ئارۇز ۋەزىندە يازسىمۇ بولىدۇ.  

مۇسەللەس:  

              ئۇچ قات ئۇچ قىرلىق دىگەنمەنىدە بولۇپ،ھەر كوبلىتى 3 مىسرادىن تەركىب تاپىدۇ.بىرىنچى كوبلىتىنىڭ ھەممەمىسراسى قاپىيداش بولىدۇ،ئىككىنچى كوبلتتىن باشلاپ ئالدىنقى ئىككى مىسرا بىرخىلقاپىيەدە 3-مىسراسى بىرىنچى كوبلىت بىلەن قاپىيەداش بولىدۇ.  

   يەنە بىرخىل شەكلىبولسا 1- ۋە 3-مىسراسى قاپىيداش،2-مىسراسى بىلەن كىيىنكى كوبلىتنىڭ 1-،3- مىسراسىقاپىيداش كېلىدۇ.بۇ شەكىل ئانچە كۆپ ئىشلىتىلمەيدۇ.  

تەرجىئبەنت:  

             بۇئالتىلىك ياكى سەككىزلىك بولۇپ،بىرىنچى كوبلىتتىكى ھەممە مىسرالار قاپىيداش كېلىدۇ.لېكىنئەڭ ئاخىرقى ئىككى مىسرا كىيىنكى كوبلىتتىن باشلاپ تەكرالىنىدۇ.ئالدىنقى 4 مىسراياكى 6 مىسرا بىر قاپىيداش كېلىدۇ.8 مىسرالىق شېئىردا تۇنجى كوبلىتتا ئالدىنقى 6مىسرا قاپىيداش كېلىپ تەرجىئ قىلىنغان ئىككى مىسرا ئايرىم قاپىيلەنسىمۇ بولىدۇ.    

مۇستەھزاد

              ھەر مىسرا ئاخىرىغائايرىم قوشۇلغان سۆز ياكى ئىبارە بولۇپ،پۈتۈن مىسرانى كۈچەيتىش ياكى تولۇقلاشرولىنى ئوينايدۇ.ھەر ئىككى مىسرا قاپىيداش كېلىدۇ،ئۇلارغا ئۇلانغان «مۇستەھزاد»قىسمىمۇئۆز ئالدىغا ئايرىم قاپىيداش كېلىدۇ.بۇنداق شېئىرلار كۆپىنچە ئارۇز ۋەزىن شەكلىدەيېزىلىدۇ.    

مىسال:    

قورالقىلىپ چوكىنى، بومبا قىلىپ شىشىنى،    

رومكاﺑﯩﻠﻪﻥ ئاتىمىز.  

ئاكۇپقىلىپ ئېرىقنى، تاڭدۇرالماي يېرىقنى،    

يولبويىدا ياتىمىز.  

(تۇرسۇنبەگئىبراھىم تايماس شېئىرى ـــ «مەيخورلار مارشى»دىن    

چاچما  شېئىر:

              ـــ ئەركىن شېئىر دەپمۇئاتىلىدۇ،لېكىن ئۇنىڭدىمۇ مەلۇم ۋەزىن،قاپىيە،تۇراق بولىدۇ.    

مىسال:  

سۆيۇلۇشنىكۇتكەن قىز  

(ئۆتكەل )  

چايقىلىدۇدولقۇنسىز تىنىچ ،    

قەترىلەردىنيىغىلغان دېڭىز .    

سۆيۈلۈشنىكۈتىدۇ    

كۈتىدۇتەنھا    

چېچەكئېچىپ ئارمانلىرىدا...    

ساھىلىدا    

قىرغاقلىرىدا    

جىمجىتقىنەمۇڭلىنىپ بىر قىز    

2   

شامال    

بىردە كەپسىز بىردە سۆيۈملۇك ،    

يەلپۈپئۆتەر چاچلىرىنى    

پىچىرلاپئاستا ...    

3   

دولقۇنئويناقشىپ    

ئۇرىلار  

قىرغاققاتىنماي    

يىڭىقۇياش چىققانغا قەدەر    

كۈتەر    

ئۆزىدىنسۆيۈنمىسىمۇ !؟    

جىلۋىلەنگەنرەڭدار ئۇپۇقنى    

باغاشئېتىپ    

مەنزىلىنى    

ئارمانلىرىنى ...  

 

مەرسىيە:  

    يىغاقايغۇ دىگەن مەنىلەردە بولۇپ بۇ شېئىر كۆپىنچە باماق ۋەزىنىدىن،شۇنىڭدەك ئارۇز ۋەزنىنىڭھەرقانداق بەھرىدىن،مەسنەۋى ياكى مۇرەببە شەكىللىرىدىن پايدىلىنىپ يېزىلسىمۇ بولىدۇ.مۇخەممەسشەكلىدە بولسىمۇ بولىدۇ.   

قەسىدە:

             ماختاش،مەدھىيلەش ياكىقايغۇرۇش،نەسىھەتكويلۇق مەزمۇنىدا يېزىلغان بىر ژانىر.كۆپىنچە بىيت شەكىلدەئىككىلىك ياكى مەسنەۋى ئۇسۇلدا،ئارۇز ۋەزىندە يېزىلىپ 15 ــ20 بېيتتىن كەم بولمايدۇ.    

باللادا:

             شېئىربىلەن يېزىلغان كىچىككىنە قىسسە.   

ساقىنامە:  

   شاراب تۇتقۇچىغا بېغىشلاپيېزىلغان دېمەكتۇر.كۆپىنچە ئىككىلىك بېيت شەكلىدە ئىرۇز ۋەزىندىن پايدىلنىپ يېزىلىدۇ.  

داستان:  

   نەزمە-شېئىر شەكلىدە يېزىلغانھېكايە،سەرگۈزەشت،تارىخ-تەزكىرەۋە تەرجىمھال دېمەكتۇر.مىسال: ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ «ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە >چۆچەك» داستانىغا ئوخشاش.    

مۇۋەششەھ :  

     بىرىنچى مىسرادىنباشلاپ ھەممە تاق سانلىق مىسرالارنىڭ باش ھەرىپىنى قوشسا شائىرنىڭ يۇشۇرغان سۆزى كېلىپچىقىدۇ.[1] 

 

مەلۇمكى شېئىر    باشقا ئەدەبىيتۈرلەرگە ئوخشاشلا بىر خىل سەنئەتتۇر، لېكىن ئۇ شائىرنىڭ ئىچكى سۇبيېكتى بىلەنقايناق ھېسسياتىدىن تۇغۇلىدىغان ئالاھىدە بىر خىل بەدىئي تۈر بولغاچقا، ئالدىبىلەن ھېس –تۇيغۇ سەنئىتىدۇر.

شائىر تەبىئەت ۋەجەمىئيەتنى كۆزەتكەن، ھاياتتىكى رېئال ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر ئۈستىدە ئىزدەنگەنچاغلىرىدا ھامان تۇرمۇشنىڭ ماھىيەتلىك بىر نەرسىسىگە دۇچ كېلىدۇ. بۇ نەرسە ئۇنىڭقەلبىدە گۈزەللىك تۇيغۇسى ياكى نەپرەت    تۇيغۇسىنى پەيداقىلىدۇ، بۇ خل تۇيغۇ ئۇنىڭدا يىرگىنىش، غەزەپ ياكى خۇشاللىق ۋە غورۇرنى مەزمۇنقىلغان بىر خىل ھاياجان بىلەن كەيپىيات بىنورماللىقىنى قوزغايدۇ. دەل مۇشۇنداقھېسسىيات، ئالاھىدە مەزمۇنغا ئىگە بولغان مۇشۇنداق ھاياجانلىق ھېس- تۇيغۇ شائىرنىڭبەدىئىي –غايىۋى مەقسىتىنى، شېئىرنىڭ بەدىئي مەزمۇنىنى تەشكىل قىلىدۇ، بۇ نەرسىلەرشائىرنىڭ ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىدە بىر خىل ئوبرازلىق ئىجتىمائىي پىكىر تۈسىگەكىرىپ، رىتىم، ۋەزىن ۋە قاپىيىلەر ۋاستىسى بىلەن تېخىمۇ جانلىنىپ، كىتابخاندا بىرخىل ئېستېتىك سېزىم پەيدا قىلىدۇ. بىز دەۋاتقان بۇ رىتىم، ۋەزىن، قاپىيە قاتارلىقنەرسىلەر ئەسەرنىڭ شەكلىگە تەۋە بولغان بەدىئىي ئامىللار بولۇپ، ئۇ ھېچقانداقۋاقىتتا شېئىرنىڭ ئورنىنى، ئۇنىڭدا ئەكىس ئېتىدىغان ئىجتىمائىي _ بەدىئىي پىكىرنىڭئورنىنى باسالمايدۇ. شېئىرنىڭ مەزمۇنى يەنىلا شائىرنىڭ قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققانھەقىقىي لىرىك ھېسسىياتنىڭ رەڭدار بەدىئىي تەسۋىرىدىن ئىبارەت بولىدۇ. شۇڭا ۋەزىنۋە قاپىيىگە چۈشۈرۈلگەن دەبدەبىلىك سۆزلەرمۇ، مۇزىكىلىق تۈسكە ئىگە بولغان نەزمىيئاخباراتلارمۇ شېئىر بولالمايدۇ، مىسرا ۋە كۇپلېتلارغا جايلاشتۇرۇلغان ھەر قانداقشوئار ۋە چاقىرىقلار تېخىمۇ شېئىر بولالمايدۇ. شېئىر بولۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەنقايناق ۋە ئويناق    شېئىرىي ھېسسىياتبىلەن جانلىق ۋە ئوبرازلىق بەدىئىي تىل بولۇشى كېرەك. بۇ ئىككى ئامىل ئۆز-ئاراقوشۇلۇپ يېڭى ۋە تىپىك زېمىندە بىر نەرسىگە ئايلىنىپ، يېڭى ۋە ئىجادىي بولغانھەقىقىي لىرىك شېئىرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ. شائىرنىڭ تۇرمۇشتىن ئالغان ئەمەلىيتەسىراتى بىلەن ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى تىترەتكەن ھاياجانلىق ھېسسىياتى قانچىلىك باي،چوڭقۇر ۋە نازۇك بولسا، ئۇنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىۋاتقان شېئىرىي تىل قانچىلىكئوبرازلىق، جىلۋىگەر ۋە ئىچكى مەناغا ئىگە بولسا، ئۇ شېئىردا    يۇرۇتۇلغان لىرىكمەزمۇنمۇ شۇنچىلىك كەڭ ۋە چەكسىز بولىدۇ. خۇددى بىلىنىسىيكىنىڭ پۇشكىن شېئىرلىرىتوغرىسىدا ئېيتقىنىدەك مۇشۇنداق شېئىرلارنى <ھەممە ئاددىي كىشىلەر چۈشىنىدۇ، لېكىنئاددىي كىشى ئۇنىڭ تەكتىگە يېتەلمەيدۇ...>⑪ شېئىرنىڭ لىرىك مەزمۇنى قانچىكى كەڭ ۋە چوڭقۇر بولغانسېرىكىتابخاننىڭ ئۇنىڭغا بولغان تەلپۈنىشى، ئۇنىڭدىكى شېئىرىي پىكىرلەر ئۈستىدىكىئىزدىنىشى شۇنچە ئېشىپ بارىدۇ، مۇنداق ئېستېتىك ئىنتىلىش بىلەن ئەقلىي ئىزدىنىشئۇنى شېئىرىي ئوبرازلار ئاستىغا يوشۇرۇنغان ھاياتىي گۈزەللىكلەر بىلەن ئەقلىيھېكمەتلەرگە بارغانچە يېقىنلاشتۇرۇپ، ئۇنى تېخى ھېس قىلىنمىغان يېپيېڭى بىرمەنىۋىي ئالەمگە باشلاپ كىرىدۇ.

شېئىر ئەركىن ۋەئازاد ئىنساننىڭ بەدىئي پىكىرىنىڭ مەھسۇلى، شۇڭا ئۇ ھېچقانداق ۋاقىتتا بىرەرئۆتكۈنچى سىياسەتنىڭ ياكى گورۇھنىڭ كارنىيى، بىرەر نامدار شەخسنىڭ ئىرادىسىنىڭقۇلى بولمايدۇ. ئۇ ھەرقانداق ۋاقىتتا خەلق بىلەن، ئۇنىڭ قايناق ھاياتى بىلەن بىللەياشايدۇ، خەلق بىلەن بىللە كۈلىدۇ، خەلق بىلەن بىللە يىغلايدۇ، ئۇنىڭدىن    كۈچ ۋە ھاياتىي ئوزۇقئېلىپ ئىنسان بەدىئىي پىكىرىنىڭ يۈكسەك چوققىسىغا قاراپ تېنىمسىز ئىلگىرىلەيدۇ.

شېئىر ئىجتىمائىيتۇرمۇشنىڭ مەزمۇن، ماھىيتىنىڭ شائىر سۇبيېكتىدا ئوبرازلىق ئەكس ئېتىشىدىن، ئۇنڭئەقىل ۋە ۋىجدانىدا تاۋلىنىپ چىققان يېڭى ھاياتىي پىكىرلەرنىڭ لىرىك ئوبرازلارۋاستىسى بىلەن يارقىن يورۇتۇپ بېرىلىشىن بارلىققا كېلىدۇ، ھېسسىيات ۋە تەسەۋۋۇرئۇنىڭ بىرىنجى ۋە ئەڭ مۇھىم ئامىلى بولۇپ ھېسابلىندۇ، ھېسسىيات شېئىرنىڭ جېنىبولۇپ، ئۇنىڭ ھەممە ئىجتىمائىي قىممىتى ئالدى بىلەن ھېسسىيات تەرىپىدىنبەلگىلىنىدۇ.

ھېسسىيات

دېگىنىمىز،شائىرنىڭ ھايات گۈزەللىكلىرىنى سېزىش ۋە ھېس قىلىشىدىن پەيدا بولىدىغان ئەڭقايناق، ئەڭ نازۇك، ئەڭ ئۆتكۈر بىر خىل ئىجتىمائىي سېزىمدۇر. تېخىمۇ ئېنىقراققىلىپ ئېيتساق، ئۇ شائىر سۇبيېكتىنىڭ مۇئەييەن بىر ۋاقىت ئىچىدىكى تۇيۇقسىزپارتلىشى، ئۇنىڭ روھىي دۇنياسىنىڭ تېنچ ۋە مەيىن ھالەتتىن مەۋجلىك، دولقۇنلۇقھالەتكە كۆچۈشىدۇر. شائىر ئىجادىيەتتە پەقەت مۇشۇنداق روھىي ھالەتكە يەتكەنچېغىدىلا، ئاندىن دۇنيانى بىلىش ۋە ھېس قىلىشنىڭ يېڭى باسقۇچىغا، ھاياتىي ئىنتىلىشبىلەن ئىجادىي ئىزدىنىشنىڭ ئەڭ يۇقۇرى پەللىسىگە كۆتۈرلۈپ، كىتابخاننى    ھاياجانلاندۇرىدىغانيېڭى بەدىئىي ئالەم ئاچالايدۇ.

تەسەۋۋۇر

شائىر ئۆز ھېسسىياتىنى پەقەت تەسەۋۋۇرئارقىلىقلا قاناتلاندۇرىدۇ، تەسەۋۋۇردىن پايدىلىنىپ يېڭى غايىۋى-سېھرىي دۇنياغاكىرىپ، رومانتىك ئالەم كۆكىدە پەرۋاز قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆز ھېسسىياتىنى تېخىمۇبېيىتىپ ۋە جانلاندۇرۇپ، شېئىرنى تېخىمۇ يېڭى لىرىك مەزمۇنلارغا ئىگە قىلىدۇ.

مىسال سۈپىتىدە شائىرئابلېكىم خېۋىرنىڭ «ئون» ناملىق شېئىرىدىكى ئانا مەزمۇنىدىكى مىسرالارغا قۇلاقسېلىپ باقايلى.

قەلبىمدە بىر دەرياھۆرمەت ئاقىدۇ،

      بىر دەريا مۇھەببەت، بىر دەريا ھۆرمەت.

بىر ئانا ئۇلۇغلۇقناخشىسى بولۇپ،

دىلىمدا ھاياجانقوزغايدۇ پەقەت.

ئانىنىڭ ئاجايىپئۇلۇغ تۆھپىلىرى ئاپتۇرنى ھاياجانلاندۇرىدۇ، ھاياتنىڭ ھەممە راھەت- لەززىتىنىپەرزەنتلىرىگە بېرىپ، ئۆزى جاپا مۇشەققەت ئىچىدە    ئۆتكەن ۋە بۇنى ئۆزىئۈچۈن بەخت ۋە خۇشاللىق دەپ ھېسابلايدىغان بۇ ئالىيجاناپ ئانىغا بولغان ھۆرمەت ۋەمۇھەببەت تۇيغۇسى شائىرنىڭ ۋۇجۇدىنى چۇلغىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قەلبىدە يېڭىبىر شېئىرنىڭ    مەزمۇن ئۈندۈرمىسى پەيدا بولۇپ، ئۇنىئانا مېھنىتىنى ئۇلۇغلاشنى مەقسەت قىلغان بەدىئي ئىنتىلىش يولىغا باشلايدۇ.⑫

قانچە ئون كېچىلەرتولغاق يەپ چىقىپ،

نەچچە يۈز قېتىملاپكەتكەنسەن ھالدىن.

ھەر تولغاق ئازابىساڭا بىر لەززەت    ،

جاكار ئۇسۈبھىدىن-يېڭى بىر تاڭدىن.

 

شېئىر باشتىن –ئاخىرىئەنە شۇنداق ئوبرازلىق مىسرالار بىلەن يەنى بەدىئىي تەسەۋۋۇر ئارقىلىقجانلاندۇرۇلغان ھېسياتلىق مىسرالار بىلەن داۋاملاشقان، ھەر بىر مىسرادا ئانىنىڭئالىيجاناپ ۋە بۈيۈكلۈك خاراكتېرى چوڭقۇر ھېسسياتلار قاينىمىدا ئوبرازلىق ۋەجانلىق ئېچىپ بېرىلگەن. ئاپتۇر    قايناق شېئىرىيھېسسىيات بىلەن قۇدرەتلىك بەدىئىي تەسەۋۋۇرغا تايىنىپ، ئۆز شېئىرىدىكى لىرىك باشقەھرىمان بولغان ئانىنى بەدىئىي يۈكسەكلىك ئىچىدە كۆز ئالدىمىزدا    نامايەن قىلغان.⑬

شېئىر ئىجادىيتىدەھېسسىيات بىلەن تەسەۋۋۇرنىڭ تەبىئي بىرلىككە ئېرىشىشىدە كەم بولسا بولمايدىغانمۇنداق بىر زۆرۈر شەرت بار، ئۇ بولسىمۇ شائىر ھېسسىياتىنىڭ ئالدى بىلەن چىن ۋەھەقىقى بولۇشى، بەدىئي تەسەۋۋۇرنىڭ تۇرمۇشنىڭ تەرەققىيات مەنتىقىسى بىلەن شەيئى ــھادىسىلەرنىڭ مەزمۇن ۋە ماھىيتىگە ئۇيغۇن بولۇشىدىن ئىبارەت. مۇبادا ئاپتۇرئادەملەر ۋە ھايات مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيتىگە نىسبەتەن توغرا ئېستېتىك قاراشتا بولمىسا،رېئال تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرىگە يوشۇرۇنغان ھاياتىي ھېكمەتلەر ئورنىغا ئۆز ئېڭىدىكىتەييار سىياسىي چۈشەنچىلەرنى دەسسەتسە، ئۇنىڭ بەدىئىي تەسەۋۋۇرى تۇرمۇشقانۇنىيتىگە ئۇيغۇن بولمىغان خىيالىي، سۈنئىي ۋەقەلەرنى ياساپ چىقىشتىن ئىبارەتبولسا، قىسقىسى ئۇنىڭ شېئىرىي ھېسسىياتى ساختا، بەدىئىي تەسەۋۋۇرى تۇترۇقسىزبولسا، ئۇ مەڭگۈ ھېسسىيات بىلەن تەسەۋۋۇرنىڭ بەدىئىي بىرلىكىگە ئېرىشەلمەيدۇ.نەتىجىدە ئۇنىڭدىن چىقىدىغىنى پەقەت ئوبيېكتىپ شەيئى ۋە ھادىسلەرنىڭ ماھىيتىبۇرمىلانغان، ساختا سەنئەت ھەلى بىلەن يالتىرىتىلغان قۇرۇق ۋە يالىڭاچ نەرسىلەردىنئىبارەت بولىدۇ.

ئوبراز

 شائىر ئىجادىيەتتە ئۇقۇم ۋە چۈشەنچە تۈسىدىكى ئابىستراكت نەرسىلەرنىڭئادەتتىكى نەزمىي سۈرىتىنى سىزىپ بېرىشنى ئەمەس، بەلكى جانلىق تۇرمۇش مەنزىرسىبىلەن كۈچلۈك لىرىك ھېسسىياتنىڭ بەدىئىي بىرلىكى ئاساسىدا بارلىققا كېلىدىغانگۈزەل شېئىرىي مۇھىت يارىتىشنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇ تاللانغان، ئىپادە قىلىش كۈچىگەباي بولغان ئىجادىي، بەدىئىي تىلدىن ۋە ھەر خىل ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەردىنپايدىلىنىپ، كىتابخان كۆرەلەيدىغان ۋە ھېس قىلالايدىغان شېئىرىي ئوبرازنىيارىتىدۇ، بۇ ئوبراز ئۇنىڭغا شېئىرىي مەزمۇننى يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشتۈرۈپ،ئۇنى ئەڭ ئىخچام بولغان ھەرىكەتچان بەدىئىي فورمىدا ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىشئىمكانىيتىنى بېرىدۇ. مەسىلەن،: مۇھەممەدجان سادىقنىڭ «نان» ناملىق شېئىرىغاقارايدىغان بولساق بۇ نۇقتىنى روشەن ھېس قىلالايمىز،

تاڭ شەپىقىدەكتوقاچنىڭ ،

چىشلەپ يېدىم چېتىدىن.

ئاھ................

سەزگۈلەر ئويغاندىلەززەتنى تېتىپ،

يالقۇن ئۆرلىدى يۈرەكقېتىدىن.

نان !

نانسىز ئۆتەرمۇئالەمدە بىر كۈن،

كىملەر زىرىككەنتەمىنى تېتىپ؟!....⒀

 

ئاپتۇر بۇ شېئىرىدامىللىي تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان ئاددىي ناننى تېما قىلىپ، ھېسسىياتلىقشېئىرىي تىل ۋاسىتىسىدە يارىتىلغان جانلىق بەدىئىي ئوبرازلار ئارقىلىق ئۆزىنىڭدېھقان ۋە ئۇلارنىڭ ئالىيجاناپ ئەمگىكىگە بولغان يۈكسەك مۇھەببىتىنى ئىپادىلىگەن.

يۇقىردا تىلغائېلىنغان بۇ شېئىردا يېڭى ۋە ئىجادىي شېئىرىي ئوبراز يارىتىلغان، ئەنە شۇ لىرىكئوبرازلار ۋاستىسى بىلەن شائىرلار ئۆزىنىڭ تۇيغۇ ۋە تەسىراتلىرىنى يۈكسەك دەرىجىدەمەركەزلەشتۈرۈپ    ئەڭ ئىخچام بەدىئىي فورمىغاسىغدۇرغان.

شېئىرنىڭ ھەجىم ۋەفورمىسى ئالدى بىلەن ئۇنىڭ مەزمۇنى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ، بەزى شېئىرلارنىڭمەزمۇنى بىر شېئىرىي پىكىر بىلەن بىر ھېسسىيات يۆنىلىشى ئاساساسدا بارلىققاكېلىدۇ، بەزى    شېئىرلارنىڭ مەزمۇنى بولسا ھەرخىلشېئىرىي پىكىر ۋە كۆپ لىنىيىلىك، مۇرەككەپ ھېسسىيات ئېقىمى ئاساسىدا بارلىققاكېلىدۇ. تەبىئىيكى بۇنداق شېئىرلار ئۇزۇنراق، مەزمۇنغا مۇناسىپ ھەجىم كەڭلىكىگەئىگە بولىدۇ، لېكىن بىر نەرسە ئىنىقكى، شېئىر مەيلى قىسقا بولسۇن مەيلى ئۇزۇنبولسۇن، ئۇلاردا ئوخشاشلا مەركەزلەشكەن پىكىر بىلەن يىغىنچاقلانغان ھېسسىيات    مۇئەييەن بەدىئىيئىخچاملىقتا ئەكس ئېتىدۇ، شائىرنىڭ رېئال ھايات تەسىرىدە    پەيدا بولغان ھېستۇيغۇسى يۈكسەك دەرىجىدە بەدىئىي ئومۇملاشتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان لىرىكئوبرازلار ئارقىلىق گەۋدىلىنىدۇ. شېئىر مۇشۇ ئالاھىيدىلىكنى ئۆزىدە تولۇق ئەكىسئەتتۈرسىلا    ئۇ ھەجىم ۋە فورما يېقىدىن قانداقبولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ئوخشاشلا مۇئەييەن بەدىئىي قىممەتكە ئىگە بولىدۇ.

شېئىر شائىرنىڭئىجتىمائىي رېئاللىقتىن ئالغان تەسىرات ۋە ھىسسىياتلىرى ئاساسىدا بىيېتىلىپ ۋەپىششىقلىنىپ ئىشلەنگەن مۇئەييەن تۇرمۇشنىڭ نەپىس، ئىخچاملانغان ئىپادىسىبولغانلىقتىن، ئۇ كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىش، تېز تەسىر كۆرسىتىش، گۈزەل،يېقىملىق تەسىراتقا ئىگە قىلىشتەك ئالاھىدە سىھرىي كۈچكە ئىگە بولۇشتىن تاشقىرى،قاپىيىلىك، رىتىملىق بولۇشتەك ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن ئەدەبىياتنىڭ باشقاتۈرلىرىدىن ئالاھىدە پەرق قىلىدۇ. 

ئۇنداقتا «شېئىر»دېگەن بۇ ژانىر باشقا ئەدەبىي ژانىرلارغا قارىغاندا قانداق تۈپ خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە؟

شېئىرىيەت ژانىرىنىڭئۆزىگە خاس بولغان تۈپكى خۇسۇسىيەتلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت.

1.

 شېئىردا رېئال تۇرمۇش ۋە ھىس-تۇيغۇنى ئەڭمەركەزلىك ھالدا ئومۇملاشتۇرۇپ ئەكس ئەتتۈرۈش تەلەپ قىلىنىدۇ

گەرچە بارلىق ئەدەبىئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى رېئال تۇرمۇشنىڭ ئىنكاسى بولۇپ، مەركەزلەشتۈرۈش ۋەئومۇملاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن شېئىرلارنىڭ ئومۇملاشتۇرۇشخاراكتېرى تېخىمۇ گەۋدىلىك بولىدۇ. چۈنكى شائىرلاردا كۈيلىنىدىغىنى شائىرلارنى ئەڭھاياجانلاندۇرىدىغان تۇرمۇش ۋەقەلىكى بولۇپ،    ئۇنىڭدا ئىپىك ئەسەرلەر،دراممىلارغا ئوخشاش پېرسوناژلارنىڭ تاشقى قىياپىتى بىلەن ئىچكى دۇنياسىدىكىپائالىيەتلىرى تەپسىلىي بايان قىلىنمايدۇ. پېرسوناژلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ۋەبۇ توقۇنۇشلارنى پەيدا قىلغان جەريانلار بىر-بىرلەپ تەسۋىرلەنمەيدۇ، بەلكىتۇرمۇشتىكى ئەڭ تىپىك شەخس ۋە ۋە قەلەرنى، شائىرنىڭ ئەڭ چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگەبولغان ئىدىيىۋى ھىسسىياتىنى ئەڭ مەركەزلىك ھالدا ئومۇملاشتۇرۇپ ئەكس ئەتتۈرۈشلاتەلەپ قىلىنىدۇ. سۇبيېكتىپ جەھەتتىن ئالغاندا، شېئىرنىڭ مەزمۇنى شائىرنىڭ يۈرىكىدەزور ھاياجان قوزغىغان، تاللىنىش ۋە تاۋلىنىشىدىن ئۆتكەن ۋەقە ياكى ھادىسىدۇر.ئوبيېىكتىپ جەھەتتىن ئالغاندا، ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ تۈپكى نەرسىدۇر.

مەلۇمكى، بەدىئىيئوبراز ھەر قاچان ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ ئەڭ مەركەزلىك، ئەڭ ئىخچام ئىپادىلىنىشىدۇر.لېكىن بۇ ئىخچاملىق، يىغىنچاقلىق شىئېرى ئوبرازدا تېخىمۇ كۆرىلىدۇ. ئۇجەمئىيەتتىكى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ ئەھمىيەتلىك مەسىلىلەرنى ئۆز ۋاقتىدا ئىخچامئىپادىلەپ بىرىدۇ. شېئىرنىڭ مەزمۇنى شائىرنىڭ يۈرىكىدە ئەڭ زور ھاياجان قوزغىغان،پىشىپ كامالەتكە يەتكەن ئىدىيىسىنىڭ ئىنكاسى، رېئال تۇرمۇشنىڭ شائىرلار قەلبىدىنئۇرغۇپ چىققان ساداسىدۇر، شۇنداقلا ئوبيېكتىپ بىلەن سۇبيېكتىپنىڭ بىرلىكىدىنئىبارەتتۇر. شىئېر تۇرمۇشنىڭ ئەڭ نەپىس ۋە ئەڭ ئىخچاملاشقان ئىپادىسىبولغانلىقتىن، ئۇ كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىش، تېز تەسىر قىلىش ۋە يېقىملىقتۇيغۇغا ئىگە قىلىشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن سەنئەتنىڭ ئەڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

 تۈگىمەس ناخشا  ناملىق شىئېرغامۇراجىئەت قىلساقلا بۇ نۇقتىنى تولىمۇ ئېنىق تونۇپ يېتەلەيمىز.

 

ھەر ئاخشىمى ناخشائېيتىمەن،

شۇ كوچىنى ئەگىپكېتەلمەي.

بىر پەللىنى كۆزلەپماڭىمەن،

ئاۋارىمەن تېخىيېتەلمەي.

 

بۈگۈن ئاخشامئۆتكەنىدىم يەنە،

ناخشام بىلەن دېرىزەچىكىپ.

قەيەردىندۇر ئىشىكغىچىلداپ،

كايىپ كەتتى بىربوۋاي چىقىپ.         

                                                        

جارقىرايسەن ھەركۈنىشۇنداق،

ساراڭمۇ سەنئوڭشالمايدىغان.

يا ئادەمگە ئۇيقۇبەرمەيسەن،

قانداق ناخشا بۇتۈگىمەيدىغان؟!

 

كايىما بوۋا، سەنمۇبىر چاغدا،

ياش ئىدىڭغۇئۇخلىمايدىغان.

سەنمۇ ئېيتىپتۈگىتەلمىگەن ،

شۇنداق ناخشا بۇتۈگىمەيدىغان.

 

مانا بۇ شىېئىردا  مەن  بىلەن  بوۋاي ئوتتۇرىسىدايۈز بەرگەن ۋەقەلىك ۋە دىئالوگلار شائىر تەرىپىدىن يۈكسەك دەرىجىدە ئىخچاملانغان،مەركەزلەشتۇرۇلگەن ۋە تىپىكلەشتۈرۈلگەن⑭ شېئىر ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى يۇقۇرىقىشىېئردىكىگە ئوخشاش ھەقىقەتەنمۇ يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشتۈرۈش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشئاساسىدا ئەكس ئەتتۈرىدۇ. شېئىر باشقا ئەدەبىي ئەسەرلەرگە ئوخشاش، مەسىلەن،ھىكايە، رومانلاردەك مەزمۇننى ئۇنداق تەپسىلىي ئېچىپ بەرمەيدۇ، ۋەقەلىكلەرنىباغلاشتۇرۇشمۇ ئۇنداق زىچ ھەم بايان قىلىشمۇ ھەر تەرەپلىمە بولمايدۇ. شېئىرداماھىيەتلىك ھادىسىلەر شائىرنىڭ ھېسسىياتى ئارقىلىق تىپىكلەشتۈرىلىدۇ. ئەمما شۇنىئايدىڭلاشتۇرۋېلىش كېرەككى، شىېئىرمۇ باشقا ئەدەبىي ئەسەرلەرگە ئوخشاش ئوبيېكتىپرېئاللىق بىلەن سۇبيېكتىپ ھېسسىياتنىڭ بىرلىشىشىنىڭ مەھسۇلى. شۇنداق بولغانىكەن،ئەدەبىي ئەسەرلەردە بولۇشقا تىگىشلىك ئىخچاملىق، ئومۇملاشتۇرۇش ۋەمەركەزلەشتۈرۈشلەر شېئىردا تېخىمۇ روشەن ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن:

ئۈزۈك-ئۈزۈك پويىزئاۋازى،

ياشلار بىلەننەملەنگەن.           

(ئەخمەتجان ئوسمان)

 

بۇ مىسرالارداشېئىرىي تۇيغۇ شۇنچىلىك ئىخچام بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە چوڭ ھەجىمدىكىھېسسىيات بوشلۇقىنى يۈدۈپ، شائىر قەلبىدىكى گۈزەل كارتىنىلىق تۇرمۇش تەسۋىرىنىپەقەت ئىككى مىسرا شىېئىرى بوستانلىق ئىچىگە سىڭدۈرۋەتكەن. قاراڭ، كىملەردۇر ئۇزاپكېتىۋاتىدۇ، كىملەردۇر ئۇلارنى ئۇزىتىپ ياش تۆكۈۋاتىدۇ. شائىرنىڭ ھاياجانلىق ھىســ تۇيغۇسى شۇنچىلىك ئۇرغۇپ، مۇبالىغە كۈچى شۇ دەرىجىگە يېتىپ بارغانكى، پويىزئاۋازى ياشلار بىلەن نەملەنگەن.⑮

روشەنكى، شېئىردائىدىيىۋى مەزمۇننىڭ يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلىشىشى بىلەن شائىر ھېسسىياتىدىكىتىپىكلىكنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە كەڭلىكىدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپ مۇكەممەلبىرلەشتۈرۈلگەن بولىدۇ.

2.  

            شېئىردا كۈچلۈك ھېسسىيات ۋە مولتەسەۋۋۇرنىڭ بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ 

ھەر قانداق ئەدەبىيئەسەردە ئاپتورنىڭ سۇبيېكتىپ ھېسسىياتى ۋە تەسەۋۋۇرى بولۇشى مۇقەررەر بولسىمۇ،لېكىن باشقا ژانىرغا قارىغاندا، شىېئردىكى ھېسسىيات تېخىمۇ كۈچلۈك، تەسەۋۋۇرتېخىمۇ مول بولىدۇ . ھېسسىيات ۋە تەسەۋۋۇر شىئېرلارنىڭ قانىتى بولۇپ، شېئىر ئەشۇقانات ئارقىلىق پەرۋاز قىلىدۇ.

شېئىرنىڭ تۈپ ئاساسىئىدىيىۋى ھىسسىياتتۇر. ئەگەر شېئىردا ھېسسىيات بولمايدىكەن ئۇنداق شىېئىر جېنىدىن، ھاياتىدىن مەھرۇم بولىدۇ. چۈنكى شىېئىرنىڭ ئەڭ تۈپكى ئالاھىدىلىكى پەقەتلا    ھەقىقەت بىلەن كىشىنىمەنتىقىي جەھەتتىن قايىل قىلىش ئەمەس، بەلكى ھېسسىيات بىلەن كىشىلەرنىتەسىرلەندۈرۈشتۇر. ئەگەر شېئىردا كۈچلۈك ھېسسىيات بولمىسا، ئۇ كىشىلەرنىڭ مەنىۋىسىېزىمىنى قوزغىيالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن شېئىرنى رېئال ھايات تەرىپىدىن ئۇرغۇپ، جۇشئۇرۇپ چىقىدىغان كۈچلۈك ھېسسىياتلارنىڭ بىرىكمىسى دېيىش مۇمكىن.

بىر ھەقىقىي شائىركەڭ كىتاپخانلارنى كۈچلۈك ھېسسىيات بىلەن تەسىرلەندۈرمەكچى بولسا، ئالدى بىلەنئۆزى رېئال تۇرمۇشتىن    ھەقىقىي تەسىرلەنگەنبولۇشى كىرەك. شۇ چاغدا ئۇنىڭ يازغان شىېئىرى ناھايىتى ھېسسىياتلىق،    يېقىملىق ۋە تەبىئىيچىقىدۇ. شېئىردىكى ھېسسىيات شائىرنىڭ سۇبيېكتىپ تەسەۋۋۇرىدىن ئايرىلالمايدۇ.شېئىرنىڭ خۇسۇسىيىتى بىلەن شائىرنىڭ تەسەۋۋۇرى ئۆز-ئارا باغلىنىپ كەتكەن بولىدۇ .شۇڭا بىر تەرەپتىن شائىرنىڭ جۇش ئۇرۇپ تۇرغان ھېسسىياتى ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىنىقوزغىسا، يەنە بىر تەرەپتىن شائىر ئەنە شۇ خىل تەسەۋۋۇرلارنىڭ ياردىمى بىلەنئۆزىنىڭ ھېسسىياتىنى چوڭقۇر ئىپادىلەيدۇ. شائىرنىڭ ھېسسىياتى باي ۋە رېئال تۇرمۇشئاساسىغا قۇرۇلغاندىلا، ئۇنىڭ خىياللىرى تەپەككۇر ئاسمىنىدا ئەركىن پەرۋازقىلالايدۇ–دە، كۈچلۈك ھىېسسىيات ۋە مول تەسەۋۋۇر كۈچىگە ئىگە بولالايدۇ ۋە شۇئاساستا تۇرمۇشنىڭ تۈپ ماھىيىتىنى ھەر خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق توغرا ئېچىپبىرەلەيدۇ. دېمەك، تەسەۋۋۇر ھېسسىياتنىڭ قانىتىدۇر.

ھېسسىيات گويا قەلىبفونتانىدىن تۇيۇقسىز ئۇرغۇپ چىققان سېھرىي تۇيغۇدەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭيىلتىزى ناھايىتى چوڭقۇر، چۈنكى ھەرقانداق ئىنساننىڭ ئىدىيىسى بەلگىلىك ئىجتىمائىشارائىت ئىچىدە يېتىلىدۇ. شۇڭا ھېسسىيات قۇرۇقتىن-قۇرۇق پەيدا بولىدىغانتاساددىپىيلىق بولماستىن، بەلكى ئوبيېكتىپ رېئاللىق تەسىرىدە پەيدا بولىدىغانچوڭقۇر ئىجتىمائى سېزىمدۇر. دېمەك، شىئېردىكى ھېسسىيات شائىرنىڭ ئۆز ئەتراپىنىئوراپ تۇرغان شەيئىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن بارلىققا كىلىدۇ. شائىرنىڭ يىڭىشەيئىلەرنى تونۇش ۋە سېزىش قابىلىيىتى قانچە يۇقىرى بولسا، ئۇنىڭ سۇبيېكتىپدۇنياسىدا ئۇ شەيئىلەر ھەققىدە شۇنچە چوڭقۇر ھېسسىيات تۇغۇلىدۇ. ھېسسىياتپائالىيىتى ئالدى بىلەن سەزگۈ ئەزالىرى ئارقىلىق تاشقى دۇنيادىكى شەيئىلەرگەبولغان ئىنكاستىن كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇلاردىكى تۈپ مەسىلە شائىرغا نىسبەتەنئېلىپ ئېيتقاندا، رېئال تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئۇنىڭ ئىچىدىن ئۆزىگە مول شېئىرىيئوزۇقلۇق ئېلىشتىن ئىبارەت. شائىرنى خۇددى ستالىن تەرىپلىگەندەك  ئىنسان روھىنىڭئىنژىنىرى  دەپ ئاتىشىمىزنىڭ تۈپ سەۋەبى مۇشۇ يەردە.يەكۈنىمىزگە دىئاگنوز قويۇش ئۈچۈن ئوت يۈرەك ۋەتەنپەرۋەر شائىرىمىز لۇتپۇللامۇتەللىپنىڭ  خىيالچان تىلەك  ناملىق شېئىرىئارقىلىق كۆز قارشىمىزنى ئىسپاتلاپ ئۆتىمىز.

تېڭىرقىمايمەندوستلار تىلەيمەن ئالىي تىلەكلەرنى،

چۈشۈرمەيمەن كۈرەشكەدەپ تۈرگەن بۇ بىلەكلەرنى.

 

مەرد باغۋەن غازاڭقىلمايدۇ ۋاقىتسىز باغنى،

تەربىيسىز سۇلدۇرۇپگۈل -چىچەكلەرنى.

 

خىيالىم خۇددىتەلپۈنۈپ تۇرغان بىر سەبىي بالا،

ئىمىش ئۈچۈن قەدىردانئانىدىكى قوش ئەمچەكلەرنى.

 

لەززەتلىك خىيال ئارىسىدابېقىپ     ئاسمانلارغا،

تەپەككۇر كۆزى بىلەنكۆرىمەن روشەن روجەكلەرنى.

 

نېمىشقا يازماي تىلەكئارىلاش مۇڭلۇق لىرىكىلارنى،

سۆيگۈ ئىشقى ئۆرتەپكۆيدۈرسە يۈرەكلەرنى ،

 

ئەزەلدىنلاخىيالچان...مۇڭلۇق بىر يىگىت ئىدىم،

تىڭشىغاچ مومامئاغزىدىن ساماۋى  چۆچەك لەرنى .

 

سۆيگۈ دېڭىزىچوڭقۇرلىقىدا مەن قاينام تۇرسام،

ئۇسسۇلۇغۇم قانداققانسۇن ئىچىپ كىچىك كۆلچەكلەرنى.②

ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدەئەنقا تۇخۇمىدەك ئاز كۆرىلىدىغان بۇ ئېسىل دۇردانە شىئېرنى ئاپتور پۈتۈن ۋۇجۇدىھاياجانغا تولغان ئاساستا يازغانلىقى، شۇنىڭدەك ئۇنى يېزىشتا سۈپەتلەش، ئوخشىتىش،تەسەۋۋۇر قاتارلىق بەدىئىي ۋاسىتىلەرگە تايانغانلىقى ئۈچۈن شىئېردىكى ھېسسىياتتولۇق ۋە كۈچلۈك بولۇپ چىققان. شائىرنىڭ گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە بولغان ئېيتىپتۈگەتكۈسىز، تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز غەزەپ – نەپرىتى ئۇنىڭ ئەركىنلىك ئۈچۈنسوقۇۋاتقان، ئازادلىققا تەلپۈنىۋاتقان ئوت يۈرىكىنى غەزەپتىن ئۆرتەندۈرۈپ، ئەڭجۇشقۇن ئازادلىق كۈيلىرىنى ياڭرىتىشقا سەۋەپ بولغان. ئاپتور مۇشۇنداق ھالقىلىقپەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۆزىنىڭ مول ھېسسىياتقا تويۇنغان  ئەركىنلىك مىلودىيىسى  نى ياڭراتقان .

كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى،كۈچلۈك ھېسسىيات، باي تەسەۋۋۇر– شېئىر ئىجادىيىتىدىكى تۈپ ئامىللار بولۇپ، بۇئىككىسنى بىر- بىرىدىن    ئايرىۋەتكىلىبولمايدۇ . بىر تەرەپتىن، شائىرنىڭ جۇش ئۇرۇپ تۇرغان ھېسسىياتى ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىنىقاناتلاندۇرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، شائىر تەسەۋۋۇر ياردىمى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىدىيۋىھېسسىياتىنى چوڭقۇر ئىپادىلەش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىدۇ.

شېئىردا تەسەۋۋۇركۈچىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى ھېسسىياتنىڭ تەرەققىياتىغا، چوڭقۇرلىشىشىغا تۈرتكەبولىدۇ، شىئېرنىڭ ئىدىيىۋى مەزمۇنىنى بىيېتىدۇ، ئوقۇغۇچىلارنى پارلاق كىلەچەككەيېتەكلەپ، ئۇلارغا ئىرادە ۋە غايە بېغىشلايدۇ. شائىرنىڭ ئىجتىمائىي كۈچىنىبەلگىلەيدىغان ئىجتىمائىي شارائىت پەقەت رېئاللىققا چۆكۈپ، ئوبيېكتىپ رېئاللىقنىڭتەرەققىيات قانۇنىيىتىنى پۇختا ئىگەللەشتە. پەقەت شائىرنىڭ قەلبىدە رېئال تۇرمۇشئەمەلىيىتىدىن قايناق ھېسسىيات قوزغالغان چاغدا، ئاندىن ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرى تەپەككۇرئاسمىنىدا ئەركىن پەرۋاز قىلالايدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق شائىرنىڭ ئالىيجاناپ غايىسىئىپادىلىنىپ، كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرىدىغان بەدىئى كۈچ ھاسىل بولىدۇ. دېمەك،تۇرمۇشقا نىسبەتەن قوزغالغان مول، كۈچلۈك ھېسسىيات شېئىر يېزىشتىكى بىرىنچى شەرتھېسابلىنىدۇ.

بەدىئىي ئەسەرلەردەھېسسىياتنىڭ كۈچلۈك بولۇش– بولماسلىقى، ئاپتورنىڭ بەدىئىي ماھارىتىگىمۇ باغلىق،ئەلۋەتتە. لېكىن ئەڭ ئاساسلىقى ئاپتور ھېسسىياتىنىڭ ھەقىقىي بولۇش ياكىبولماسلىقىدا. بۇنىڭسىز ھەرقانچە كۈچىنىپ باققان بىلەنمۇ ، ئۇ پەقەت جانسىزچۈشەنچە ، قۇرۇق شوئار ياكى ۋەز نەسىھەتلەر بولۇپ قالىدۇ، خالاس

بەزى كىشىلەر تۇرمۇشھادىسىلىرىنى قەغەزگە يۆتكەپ قويسىلا، تۇرمۇش ئىپادىلىنىۋېرىدۇ دەپ ھېسابلايدۇ .لېكىن شائىرنىڭ ھېسسىياتى بىلەن بىرلەشمىگەن تۇرمۇش ھەرگىزمۇ ھېسسىياتنى ئىپادىلەپبېرەلمەيدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، رېئال تۇرمۇشتىن  ئىلھام لانماي تۇرۇپۋە ھەقىقىي ھېسسىياتقا ئىگە بولماي تۇرۇپ، قەغەز يۈزىدە چىرايلىق ئىبارىلەر ۋەتەنتەنىلىك مىسرالارنى قانچە كۆپ ئىشلەتكەن بىلەنمۇ، ئۇ بەرىبىر شېئىر بولالمايدۇ⑯. شائىر تۇرمۇشنى قانچە پىششىق بىلسە، ئۇنىڭ ھېسسىياتى شۇنچە ئۇرغۇپ تاشىدۇ.تۇرمۇش شائىرنىڭ چوڭقۇر ئوي – پىكىرى ۋە پىششىق مۇلاھىزىسىدىن قانچە ئۆتسە،شائىرنىڭ تۇرمۇشتىن ئالغان تۇيغۇ ھېسسىياتىمۇ شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەنشائىر تۇيغۇنى كونكرېت ئوبرازلار، تەسەۋۋۇرلار، مۇبالىغىلەر ئارقىلىق شۇنچە چوڭقۇرئىپادىلەپ بىرەلەيدۇ. شائىرلارنىڭ مۇلاھىزىسى ۋە ھاياجانلىنىشىدىن مەيدانغا كەلگەنھېسسىيات كونكرېت ۋە چىن ھېسسىيات بولىدۇ.

يىغىنچاقلىغاندا،شائىرنىڭ جۇش ئۇرغان ھېسسىياتى ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىنى قوزغايدۇ، شۇنداقلا شائىرتەسەۋۋۇرنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆزىنىڭ ھىسسىياتىنى چوڭقۇر ئىپادىلەيدۇ.

3.

شېئىر كۈچلۈك تەپەككۇرغا ۋەتەسەۋۋۇرغا ئىگە بولىدۇ

شېئىر ئىجتىمائىتۇرمۇش ۋەقەلىكىنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان ئوبرازلىق تەپەككۇرنىڭ مەھسۇلى. شائىرلارتوغرا ئىدىيىنىڭ يېتەكچىلىكىدە كۈچلۈك ھېسسىي پائالىيەتلەردىن پەيدا بولغانتەپەككۇر ئارقىلىق، تۈرلۈك تەمسىل، ئوخشىتىش، جانلاندۇرۇش، كىنايە، مۇبالىغەقاتارلىق تەسۋىرىي ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ، جانلىق تۇرمۇش كارتىنىسى بىلەنسۇبيېكتىپ لىرىك تۇيغۇنى بىر پۈتۈن گەۋدە قىلىپ، ئابىستراكت نەرسىلەرنى كونكرېت ۋەھېسسىي نەرسىگە ئايلاندۇرىدۇ. مەسىلەن:

زىمىستان كۆرمىگەنبۇلبۇل ،

باھارنىڭ قەدرىنىبىلمەس.

جاپانى تارتمىغانئاشىق ،

ۋاپانىڭ قەدرىنىبىلمەس.

(ئۇيغۇر خەلق قوشىقى)

 

بۇ كۇپلىېت قوشاقتا  جاپا تارتمىغۇچەراھەتنىڭ قەدرىگە يەتمەس   دېگەن ئابستراكتپىكىر تەبىئەت ئۆزگىرىشىگە تەمسىل قىلىنىپ تېخىمۇ كونكرېت ۋە ئوبرازلىقئىپادىلەنگەن. بۇ ئوبرازلىق تەپەككۇرنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، شېئىردا ئوبرازلىقتەپەككۇرغا تايانغاندىلا، ئاندىن شېئىر سېھرىي كۈچكە ۋە ھاياتى كۈچكە ئىگەبولالايدۇ.

ئەدەبىيات –سەنئەتئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسىدە رېئاللىقنى ئوبرازلىق تەپەككۇر ئارقىلىق ئەكس ئەتتۇرۇشتەلەپ قىلىنىدۇ. لېكىن شېئىردا باشقا ئەدەبىي ژانىرلارغا قارىغاندا ئوبرازچانلىقناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ. شېئىردا ئوبراز پەقەت ئوبرازلىق تەپەككۇر قىلىش شەكلىئارقىلىقلا بارلىققا كىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن شېئىر ھايات ۋەقەلىكلىرى ئۈستىگەقۇرۇلغان ئىدراكىي كۈچ ۋە ئوبرازلىق تەپەككۇرنىڭ مەھسۇلى . بۇ يەردىكى تەپەككۇر –پىكىر يۈرگۈزۈش يەنى ئىجادكارنىڭ رېئال تۇرمۇشنى چۈشىنىش ۋە ئەكس ئەتتۈرۈشتىكىئوي-پىكىرى. ھەر قانداق بىر تەپەككۇر ئىجادكارنىڭ دۇنيا قارىشىغا بېقىنىدۇ، چۈنكىئۇ تۇرمۇشنى چوڭقۇر كۆزىتىش، تەھلىل- تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە شەكىللىنىدۇ، توغرائىدىينىڭ يېتەكچىلىكىدە كۈچلۈك ھېسسىي پائالىيەتلەردىن پەيدا بولىدىغان تەپەككۇرشېئىرنىڭ ئاساسىي ئىدىيسىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان ھېسسىي ماتېرىيالدۇر.

ئوبرازلىق تەپەككۇرئالاھىدە خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغان بىرخىل تەپەككۇر شەكلى بولۇپ، ئۇمۇ مەنتىقىيتەپەككۇرغا ئوخشاش ئوبيېكىتپ شەيئى ۋە ھادىسلەرنىڭ ئادەم مېڭىسدىكى ئىنكاسى. بىراقئۇ مەنتىقىي تەپەككۇرغا ئوخشاش شەيئىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئابىستراكتئۇقۇملار ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئادەمنىڭ كۆز ئالدىدا گەۋدىلىنىدىغان كونكرېتتەسۋىرلەر ئارقىلىق ئىنكاس قىلىدۇ. شائىر شېئىردا مەلۇم بىر ئىجتىمائىي تۇرمۇشۋەقەلىكىدىن ئالغان چوڭقۇر تەسىراتىغا ئاساسەن تۈرلۈك تەمسىل، مەجاز، ئوخشىتىش،جانلاندۇرۇش، كىنايە، مۇبالىغە قاتارلىق تەسۋىرىي ۋاستىلەر ئارقىلىق كىتابخانكۆرەلەيدىغان، ھېس قىلالايدىغان سەنئەت مەنزىرىسىنى    ياكى شېئىرىيئوبرازنى يارىتىدۇ ۋە ياكى جانلىق تۇرمۇش كارتىنىسى بىلەن سۇبيېكتىپ لىرىك تۇيغۇنىبىر پۈتۈن قىلىپ، ئابىستراكت نەرسىلەرنى كونكىرىت، جانلىق، ھېسسىي نەرسىلەرگەئايلاندۇرىدۇ. مانا بۇ شېئىردىكى ئوبرازلىق تەپەككۇر جەريانىدۇر.

4.

شېئىرىي تىل ئىخچام، ئىنىق،ئوبرازلىق، ئاھاڭدار ۋە مۇزىكىدارلىققا ئىگە بولىدۇ

«ئىخچام بولۇش دېگەنلىك _ تىلشائىرنىڭ ئىدىيۋى ھېسسىياتىنى ئىپادىلەشتە دەلمۇ-دەل جايىغا كەلسۇن، بىرەر كۇپلېتكۆپ بولۇپ كەتسە كۆپلۈك قىلىدىغان، بىرەر كۇپلېت ئاز بولۇپ قالسا ئازلىققىلىدىغان، بىرەر مىسرا كۆپ بولۇپ كەتسىمۇ بولمايدىغان، بىرەر مىسرا ئاز بولۇپقالسىمۇ بولمايدىغان بولسۇن، ئەڭ ئاخىرىدا، بىرەر سۆز ئالماشتۇرۇپ قويۇلسا    شېئىرنىڭرەڭدارلىقىنى يوقۇتۇپ قويىدىغان دەرىجىگە كەلسۇن، دېگەنلىكتۇر».⑰ ئىخچام بولۇشبەدىئىي جەھەتتىن ئىپادىلەش مەسىلىسى، شۇنداقلا پىكىر مەزمۇنىنى قانداق قىلىپ ئەڭمۇۋاپىق سۆزلەر ئارقىلىق تولۇق، ناھايىتى چىرايلىق ئىپادىلەش مەسىلىسىدۇر. بۇئارقىلىق شائىرلارنىڭ يىغىنچاقلاش قابىلىيتىنى ۋە سۆز تاللاپ جۈملە تۈزۈشتىكىبەدىئىي ئىقتىدارىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ شائىرنىڭ تۇرمۇش تەجربىسىنىڭ مول ياكىكەملىكى، ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنىڭ كۈچلۈك ياكى ئاجىزلىقى بىلەن ناھايىتى زىچمۇناسىۋەتلىكتۇر. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇنى    سەنئەت ئىجادىيتىدەكەم بولسا بولمايدىغان، ئەدەبىي جەھەتتە تەربىيلىنىش، مۇشەققەتكە چىداپ چېنىقىش،قىلچىمۇ قالايمىقان قىلماسلىق ئىدىيسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنشائىر «نەچچە يۈز مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ھاياجانغا سالالايدىغان» شېئىريازماقچى بولىدىكەن، «نەچچە مىڭ توننا سۆز بايلىقلىرى  ئىچىدىن    شېئىر مەزمۇنىنى ئەڭتولۇق ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان سۆز-ئىبارىلەرنى تاللاپ تاۋلاپ چىقىشى لازىم.

ئىخچاملىق تەلىپىگەيېتىش گەرچە كۆپ تەرەپلىمىلىك ئامىللارغا باغلىق بولسىمۇ، ئەڭ مۇھىمى يەنىلاپىكىرنى ئوبرازلىق سۈرەتلەشتىن ئىبارەت. چۈنكى ئوبراز شائىرنىڭ سۇبيېكتىپ ھېستۇيغۇسىنى مۇقىم بىر بەدىئىي غايىگە يىغىش ۋە مەركەزلەشتۈرۈشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىلى.

شېئىرنىڭ مەزمۇنىرېئال تۇرمۇشنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە يىغىنچاقلىنىشى ۋە ئومۇملاشتۇرلۇشى بولغاچقا،ئۇنىڭ ئىپادىلەش قورالى بولغان تىلمۇ ئىخچام ۋە ئېنىق بولۇشى كېرەك. ئىخچام بولۇشيۇقىردا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئاز سۆز بىلەن ناھايىتى مول مەزمۇننى ئىپادىلەپچىقىشنى كۆرسىتىدۇ.

ئېنىق بولۇشھېسسىياتنى ئەڭ مۇۋاپىق سۆز- ئىبارىلەر بىلەن مۇكەممەل بايان قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.شائىر ئۆلمەس شېئىرلارنى يازماقچى بولسا، تۈمەنمىڭلىغان سۆز بايلىقلىرى ئىچىدىن شېئىرمەزمۇنىنى ئەڭ تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان سۆز ئىبارىلەرنى تاللاپ ۋە تاۋلاپچىقىشقا ماھىر بولۇشى لازىم. شېئىرىي تىلنىڭ بولۇشىدا ئاساسەن    ئوبرازلىق تەپەككۇرئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن تولۇق پايدىلىنىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ.شېئىرىي تىلنىڭ ئاھاڭدارلىقى ۋە مۇزىكىدارلىقىدا ئاساسەن رىتىم، قاپىيە ۋە ۋەزىنكۆزدە تۇتۇلىدۇ. مانا بۇ ئامىللار شېئىرنى ئوقۇشقا ئەپلىك، ئاڭلاشقا يېقىملىققىلىپ بېرىدۇ. رىتىم شائىرنىڭ شېئىرنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن تىلنى پىششىقلاپئورۇنلاشتۇرىشى ئارقىسىدا شەكىللىندۇ. شۇڭلاشقا ئۇ شائىرنىڭ ھېسسياتىدىكىئۆزگىرىشلەرنىڭ ئىپادىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئازادە ۋە شادخۇراملىق ھېسسىياتتىن يارقىن ۋە تېتىك رىتىم كېلىپ چىقىدۇ، كۆتۈرەڭگۈ    كەيپىياتتىن جىددىيھەم كۈچلۈك رىتىم كىلىپ چىقىدۇ، ھەسرەتلىك ھېسسىياتتىن بولسا ئاستا ۋە ئېغىر رىتىمكېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى تۇرمۇش ۋە شېئىر    مەزمۇنىنىڭ خىلمۇ-خىللىقىدىن بولىدۇ.

5.

يۈكسەك دەرىجىدىكى بەدىئىيماھارەت ۋە بەدىئىي شەكىل بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ

شېئىرىيەتتىكىبەدىئىي ماھارەت ئاساسەن ئىدىيىنى ئىپادىلەيدىغان ۋە تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانتىل ۋاسىتىسىدۇر، شۇنداقلا ئۇ تەلتۆكۈس بەدىئىي شەكىل يارىتىش    يولى بىلەن مەلۇممەزمۇننى ئىپادىلەپ بېرىشنىڭ زۆزۈر شەرتىدۇر. ئۇ شېئىر  يازغۇچى نىڭ تۇرمۇشنىكۆزىتىش ، ئاممىنىڭ تىلىنى ئۆگىنىش، زېرىكمەي مەشىق قىلىش، ئىزدىنىش ۋە بۇرۇنقىسەنئەتكارلارنىڭ تەجربىلىرىنى ئۆگىنىشتىن ھاسىل قىلغان تەجربىسى. بەدىئىيماھارەتنىڭ مېغىزى تىلدۇر، تىلنى ئومۇمىي خەلقتىن، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىنئۆگىنىش مۇمكىن، شېئىردا بەدىئىي ماھارەت تىل بىلەن ئىپادىلىدىغىنى ئۈچۈنسۆز-ئىبارىلەرنى ئىنچىكە تاللاش ۋە ھەر بىر سۆزنى مىسرالارغا ئۈنچە –مەرۋايىتتىزغاندەك    ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە مىسرالارنى چوڭقۇرمەنىلىك ئىبارىلەرگە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىش لازىم. تىلدىكى ئىستىلىستىكىلىقۋاسىتىلەرنى دەل جايىدا مۇۋاپىق قوللىنىش لازىم، خەلقنىڭ ئېغىز تىلى شېئىرغاقويۇلسا، شېئىر ئاممىۋىيلىشىدۇ، مىللىي شەكىلگە، ھاياتىي كۈچكە، نەپىسلىككە ۋەتەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە بولىدۇ. بىر پارچە شېئىردا بىر قانچە مەنىلىك ئىبارىلەريارىتىلسا، ئۇلار شېئىرنىڭ بەدىىئي كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. ئەمما بىر پارچە شېئىردىكىمىسرالارنىڭ ھەمىسىدىلا ئۇنداق بولۇپ چىقىشى قىيىن، ئۇنىڭدا پەقەت بىر-ئىككىھەيران قالارلىق    مىسرا بولسىلا،ئۇنداق شېئىر كىتابخانلاردا شېئىرىي تۇيغۇ پەيدا قىلالايدىغان ئۇتۇقلۇق شېئىر دەپھېسابلانسا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە شېئىر ئىجادىيتىدە بەدىئىي شەكىلتاللاشمۇ ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، بىز توغرا ئىدىيىنى شېئىرنىڭ جېنى دېسەك،تىلنى ئۇنىڭ قېنى دەيمىز، شەكىل بولسا ئەنە    شۇ جان بىلەن قاننىگەۋدىلەندۈرىدىغان بىر پۈتۈن گەۋدىدۇر. مەلۇم ئىدىيە ۋە شېئىرىي تۇيغۇنى پىششىقتىل بىلەن ئىپادىلەش ئۈچۈن ئالدى بىلەن شۇنىڭغا لايىق شەكىل تاللاشقا توغراكېلىدۇ. ھەر قانداق شېئىردا مەلۇم ئۆلچەم ۋە سۆز ئىبارىلەرنىڭ تەركىبىدىكىتاۋۇشلارنىڭ بەلگىلىك قانۇنىيەتلىرى بولىدۇ، يەنى ۋەزىن، مىسرا ۋە قاپىيەجەھەتلەردىن رېئايە قىلىنىدىغان مۇقىم بەلگىلىمىلەر بولىدۇ. مەزمۇن ھەرقانچە ياخشىبولسىمۇ، شۇ مەزمۇننى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان مۇۋاپىق شەكىل تاللانمىسا، ئۇشېئىرغا ئوخشىماي قالىدۇ. شۇڭلاشقا بىز شېئىرلاردىمۇ باشقا ئەسەرلەرگە ئوخشاشلابەدىئىي مەزمۇن بىلەن مۇمكىن قەدەر مۇكەممەل بولغان بەدىئىي شەكىلنى بىرلەشتۈرۈشكەئالاھىدە ئىېتىبار بېرىشىمىز لازىم.⑱

           شېئىر __ مەلۇم ھادىسە ياكى شەيئى كىشىقەلبىگە ئارام بەرمىگەنلىكتىن، ئاپتۇر چوڭقۇر تەپەككۈر قىلىش، كەڭ تەسەۋۇر قىلىشنەتىجىسىدە قەلبىنىڭ ئىچكى قاتلاملىرىدىن ۋولقاندەك ئېتىلىپ چىققان نىدالارنىئۆتكۈر، ئەمما يارقىن سۆز-ئىبارىلەردىن پايدىلىنىپ بەلگىلىك ۋەزىن، رىتىم، قاپىيەشەكىللىرى بىلەن مۇجەسسەملەپ بارلىققا كەلتۈرىدىغان ئەڭ ئىخچام، ئەڭ قەدىمىيئەدەبىي ژانىردۇر. شېئىرنى ھەۋەس ئۈچۈن ياكى دوراپ يېزىش تولىمۇ بىمەنىلىك. ئۆزمۇددىئاسىنى شېئىر بىلەن ئىپادە قىلىمەن دەپ مەجبۇرى زورۇقۇپ يېزىشتىن ياخشىنەتىجە چىقمايدۇ. سۆزگە باي بولمىغان، تارىخىي بىلىمى مول بولمىغان، تەپەككۈرىچۇۋالچاق، مەقسىدى غۇۋا بولغان كىشى شېئىر يازىمەن دەپ ئاۋارە بولمىسىمۇ بولىدۇ.چۈنكى شېئىر تەپەككۈر ۋە تەسەۋۇرنىڭ مەھسۇلى. ياخشى يېزىلغان شېئىرلار يازغۇچىغائارام بەرمەيۋاتقان مەلۇم ھادىسلەرنىڭ تەبئىي يوسۇندا مەلۇم ۋەزىن ياكى تۇراقبىلەن گۈزەل مىسرالارغا تىزىلىشىدىن ئىبارەت. بۇنداق شېئىرلاردا ياسالمىلىق،زورۇقۇش، چۇۋالچاقلىق، چۈشنىكسىزلىك...قاتارلىق شېئىرغا مۇخالىپ ئامىللار ئۇچراپكەتمەيدۇ.

شېئىردا مەلۇمتەپەككۈر چوڭقۇرلۇقى، تەسەۋۋۇر كەڭلىكى، بەدىئىي ماھارەت (تىل ئىشلىتىشتىكىئۇستىلىق) ۋە مەلۇم شەكىل بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا بۇ شېئىرمۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىدۇ. مەزمۇنى ياخشى، تەپەككۈرى چوڭقۇر، ئىشلىتىلگەن سۆزلىرىسەرخىل بولسىمۇ، مەلۇم شەكىل تاللانمىسا خۇددى نىيتى دۇرۇس بولسىمۇ، ئۆزىنىتاشلىۋەتكەن كۆرۈمسىز ئادەمگە ئوخشاپ قالىدۇ، ئوقۇرمەنگە بەدىئىي زوق بېرەلمەيدۇ.شېئىرنىڭ شەكىلى ۋەزىن، تۇراق، تەپئىل، بەھرى، قاپىيە قاتارلىقلار بىلەنگەۋدىلىنىدۇ.[0]

 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

شېئىر ۋە ئۇنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى 

http://gumadiyari.com/bbs/thread-8379-1-12.html

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#