ئېبرو دەرياسى

ئېبرو دەرياسى

ئېبرو دەرياسى ئىسپانىيىنىڭ شەرقىي شىمالدىكى دەريا بولۇپ، باش قىسمى كانتابرى تاغلىرىدىن باشلىنىپ، شەرقىي جەنۇبقا قاراپ ئېقىپ تورتوسا تۇمشۇقىدا يەر ئوتتۇرا دېڭىزىغا قۇيۇلىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى ئېبرو دەرياسى
چەتئەلچە نامى Ebro River
خەنزۇچە نامى 埃布罗河

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئېبرو دەرياسىئىسپانىيىنىڭ شەرقىي شىمالدىكى دەريا بولۇپ، باش قىسمى كانتابرى تاغلىرىدىن باشلىنىپ، شەرقىي جەنۇبقا قاراپ ئېقىپ تورتوسا تۇمشۇقىدا يەر ئوتتۇرا دېڭىزىغا قۇيۇلىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 950 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. كۆلىمى 85 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇ ئىسپانىيە بويىچە ئەڭ چوڭ، ئەڭ ئۇزۇن دەريا ھېسابلىنىدۇ. دەريانڭ تارماق دەريالىرى خېلى كۆپ، بۇنىڭ ئىچىدە مېگرى، گالېگو قاتارلىقلار مۇھىم تارماقلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئېبرو دەريا ۋادىسىغا چوڭ تىپتىكى سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى، سۇغىرىش ئىنشائاتلىرى سېلىنغان. بۇ دەريا ۋادىسىدىكى ئېلېكتر ئىستانسىسى ئىشلەپچىقارغان توك پۈتۈن دۆلەت سۇ ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىنىڭ % 17نى تەشكىل قىلىدۇ. دەريا ئاغزىدىن تورتوسا شەھىرىگىچە بولغان قىسمىدا قاتناش قىلىشقا بولىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#