موچىجۇڭ

موچىجۇڭ

موچىجۇڭ 1941-يىلى چوڭچىڭنىڭ ۋەنجۇ ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. جۇڭگۇ خۇسۇسي كارخانچىلىقنىڭ ئىشىكىنى ئاچقان، تۇنجى ئەۋلات كاپىتال بازىرىغا يۈرۈش قىلغان، نەندى گورۇھىنى قۇرغان. كىيىن جىنايى قىلمىشلىرى ئاشكارلىنىپ تۇرمىدە ياتقان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى موچىجۇڭ
يۇرتى چوڭچىڭنىڭ ۋەنجۇ ناھىيەسى
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
تۇغۇلغان ۋاقتى 1941-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

موچىجۇڭموچىجۇڭ 1941-يىلى چوڭچىڭنىڭ ۋەنجۇ ناھىيسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچتىكى ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدىلا پائالىيەتچىلىق ۋە زېرەكلىكى بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن. ئوقۇتقۇچىسى ئەگەر بۇ شوخ، چېپىلغاق مىجەزىنى ئۆزگەرتەلمىسە كېيىن چوقۇم چاتاق تېرىيدۇ دېگەن. 

موچىجۇڭ ياش ۋاقىتلىرىدا مۇخپىر بولۇشنى ئارزۇ قىلغان. بىراق 1959-يىلى تولۇق ئ‍وتتۇرا ئېمتاھانىدا مەجبۇرى قالدۇرۋىتىلگەن. ھاياتىدىكى تۇنجى زەربە ئۆزى ھۆرمەت قىلغان ئوقۇتقۇچىلىرىدىن كەلگەن. موچىجۇڭ تەقدىرگە تەن بەرمەي تەرەپ -تەرەپكە قاتراپ  ۋۇخەن قۇرلۇش ئېنىستېتوتىنڭ قۇرلۇش لاھىيلەش كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. بىراق يېرىم يىل بولمايلا نوپۇس چەكلىمىسى سەۋەبلىك مەكتەپتىن قالدۇرۋىتىلگەن.  

مەكتەپتىن قالدۇرۋېتىلگەن موچىجۇڭ شىنجاڭ سەنئەت ئىېنىستوتىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ جاپالىق سەپەرنى بېسىپ شىنجاڭغا كەلگەندە ئۇ مەكتەپ ئاللا بۇرۇن ئوقۇتۇشتىن توختىلغانلىقىنى بېلىپ ئامالسىز ۋەنجۇۋغا قايتىپ كەتكەن. 

تەقدىرنىڭ ئۈچ قېتىم يەكلىشىگە ئۇچرىغان موچىجۇڭنىڭ ھاياتىدىكى تۇنجى خىزمەتنى يۇرتىدىكى ئەينەك زاۋاتىدا پارقازان ئىشچىسى بولۇشتىن باشلىغان. موچىجۇڭنىڭ باشقا ياشلارغا ئوخشىمايدىغان تەرىپى ئۆزلۈكسىز ئۈگىنىشنى بوشاشتۇرمىغان. سېياسىغا نىسبەتەن ئوتتەك قىزىقىشى بار موچىجۇڭ ماركىس لېنىن، ماۋزىدۇڭ ئەسەرلىدىن باشلاپ ئوقۇشقا كېرىشكەن. ھەتتا جۇڭگۇ ۋە ياۋروپانىڭ قەدىمكى ۋە ئوتتۇرا ئەسىر پەلسەپە ئەسەرلىرىنىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇغان. ئۇنىڭ سىرت قانۇن ۋە ئىقتىسادقا ئائىت دەرىسلىك ۋە مەشھۇر ئەسەرلىرىنى تاپقانلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇپ زاۋۇتتىكى ماركىسىزىم ۋە ماۋزىدوڭ ئەسەرلىرىنى ئەڭ پىششىق بىلىدىغان ئادەملەرنىڭ بېرىگە ئايلانغان. ۋە كەچ ۋاقىتلىرى زاۋۇتتىكى ياشلارغا ماركىسىزىم  ئىددىيىسى توغۇرلۇق نۇرغۇن نۇتۇق سۆزلەپ نۇتۇق سۆزلەش جەھەتتىكى قابىلىيىتى بىلەن ۋەنجۇۋ ناھىيەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن زىيالىي ياش بولۇپ قالغان. 

1979-يىلى زېھنى ئۇرغۇپ تۇرغان موچىجۇڭ لىجوڭجىي بىلەن جەمئىيەتتىكى قەدىر قىممەت قارىشى توغۇرلۇق مۇنازىرە قىلغان ۋە « جۇڭگۇ قايسى تەرەپكە مېڭىۋاتىدۇ» ناملىق ئون نەچچە مىڭ خەتلىك ماقالىنى يازغان، ئارقىدىنلا « سوتسىيالىزىم ۋە ئېلىم-پەن تەپەككۇر بوشلۇقىنىڭ چېكىنىشى»، «مەدەنىيەت ئېنقىلابىدىن قورال ئېنقىلابىغىچە»، قاتارلىق ماقالىلەرنى يېزىپ جەمىئ‍يەتتە زور بەس- مۇنازىرە قوزغىغان ۋە مەركەز رەھبەرلىكىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ئۇزاق ئۆتمەيلا موچىجۇڭ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ تۈرمە ھاياتىنى باشلىغان. لىجوڭجىينىڭ ئەسلىمىسىدە يۇقارقى ماقالىسىنى ئۆز ئىمزاسى بويىچە كەڭ تارقاتقانلىقى سەۋەب بولغان دېيىلگەن. 

1979-يىلى12-31-كۈنى  موچىجۇڭ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن. ۋە سودا ھاياتىىمۇ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن باشلانغان. 1982-يىلى باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ جوڭدې سودا ماگزىنىنى قۇرغان. موچىجوڭ دۇكىنى ئىش باشلىشى بىلەن «شەرق چولپىنى»، «زىمىن» قاتارلىق ژورناللاردا موچىجۇڭ توغۇرلۇق ماقالىلەر ئېلان قىلىنغان. موچىجۇڭ دۇكىنىدا ئاساسلىق شۇ ۋاقىتلاردىكى قىممەتلىك ئېلېكترون مەھسۇلاتلىردىن رەڭسىز تېلېۋىزور، سائەت، ئۈنئالغۇ قاتارلىقلارنى سېتىشتىن باشلىغان، موچىجۇڭ بىر ھەپتىدە ئىچىدە سېتىۋالغان مالنى باشقا مەھسۇلاتلارغا ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان سودا ئۇسۇلى ئارقىلىق قىسقىغىنا ۋاقىتتا 80 مىڭ سومدىن ئارتۇق پايدا ئالغان. 1983-يىلى موچىجۇڭ چوڭچېڭدىكى بىر ھەربىيلەر بويۇملىرىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان زاۋۇتتىن قول سائەت كومپاس، قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ناھايتى ئەرزان باھادا سېتىۋىلىپ شاڭخەي ۋە گۇاڭجۇۋغا ئاپىرىپ يۇقۇرىدا باھادا سېتىپ چىقىرىپ ناھايتى كۆپ پايدىغان ئېرىشكەن.  1980-يىللاردا پۇل تېپىپ قورساقنىڭ غېمىدىن ئۆتۈپ كەتكەن موچىجۇڭ «قۇرۇق سودا قىلغان» دەپ ئەيىپلىنىپ قولغا ئېلىنغان . سېياسى قىزغىنلىقى قايتا قوزغالغان موچىجۇڭ تۈرمىدە تۇرۇپ پارتىيەگە كېرىش ئىلتىماسى بىلەن بىلەن بىرگە،« جۇڭگۇچە سوتسىيالىزىم ۋە بىزنىڭ تارىخى بۇرچىمىز ھەققىدە»، « جوڭدىيدىن دۇكىنىدىن ۋەنجوۋ ناھىيسىنى ئ‍سلاھ قىلىش توسالغۇسىنى ئېلىپ تاشلاشقا نەزەر»، قاتارلىق ماقالىلەرنى يېزىپ قاپ يۈرەكلىك بىلەن باش شۇجىغا ئەۋەتكەن. ۋە دوسىتلىرى ئارقىلىق بەزى مەتبۇئاتلاردا تارقاتقان. ۋە تىزلا سىچۈەن، بېيجىڭدىكى مۇناسىۋەتلىك يۇقۇرى قاتلام رەھبەرلىكنىڭ دىققتىنى قوزغىغان.  1984-يىلى ئايدا موچىجۇڭ قويۇپ بېرىلگەن. 

1984-يىلى 9-ئايدا موچىجۇڭ جوڭدىي سودا ماگزىنىنى ۋەنجوۋ جوڭدىي سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە ئۆزگەرتكەن. تىجارەت كېنىشكىسىنى قولغا ئالغان موچىجۇڭ شىركەتنى يۈرۈشتۈرۈشكە باشلىغان ۋە يېزا ئېگىلىك بانكىسىدىن ئىككى مىليون بەش يۈز مىڭ قەرىز ئالغان.  ۋە ھاياتىدا  تۇنجى قىتىم ھەقىقىي كاپىتال بازىرىغا قەدەم قويغان. 80 -يىللاردا بۇنچە كۆپ پۇلنى قەرىز ئېلىش بەسى مۈشكۈل ئىش . ئەمما سىياسى جەھەتتىكى ئورنىغا تايىنىپ ئالغان دېگۈچىلەرمۇ يوق ئەمەس. لېكىن بۇنچىلىك پۇلنى موچىجۇڭنىڭ قانداق ئالغىننى ھازىرغىچە بىر سىر.

موچىجۇڭ جوڭدېي سودا شىركىتىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپلا، شىركەتنىڭ ئىشكتىن كىرگەندە كۆزگە چىلىقىدىغان يېرىگە. « ئۆزۈڭنىڭ يولىغا ماڭايلى، تېرىشىپ جۇڭگۇچە سوتسىيالىستىڭ جەمىيەت قۇرايلى» دېگەن شۇئارنى چوڭ قىلىپ ئېسىپ قويغان. 

موچىجۇڭ شىركەتنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپلا شىركەت قارمىقىدا « جۇڭدىي كېچىلىك دەرىسخانىسى» نامىدا ئىقتىساد باشقۇرۇش سېنىپى تەسىس قىلىپ كېچىلىرى يېزىدىكى ياشلارغا ئېقتىساد ۋە كارخانا باشقۇرۇش، بازار ئېلمى قاتارلىقلاردىن دەرىس ئۆتكەن. 

1992-يىلىدىن باشلاپ موچىجۇڭ ئۆزىنىڭ مىليونلۇق رىۋايەتلىرىنى يارىتىشقا باشلىغان.  1984-يىلنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ  سەنشىيا ساياھەت رايونى، جوڭدىي كېيىم -كېچەك لاھىيلەش مەكتىۋىي ۋە كارخانىسى قاتارلىقلارنى قۇرغان.

1985-يىلى موچىجۇڭ شىركەتنى ۋەنجۇۋدىن چوڭچېڭ شەھرىگە يۆتكەپ، شىركەتنى نامىنى چوڭچېڭ نەندىي گورۇھىغا ئۆزگەرتكەن. ۋە خەلقئارا سودا، ئىمپورت-ئېكىسپورت، ئالاھىدە مەھسۇلاتلار سودىسى قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللانغان. لېكىن موچىجۇڭنىڭ زادى كونكىرت قانداق ئىش قىلىۋاتقىلىنقىنى بىلىدىغان ئادەملەرنىڭ يوقنىڭ ئورنىدا بولۇپ، بەزىلەر ئامېرىكىنىڭ مەلۇم بىر شىركىتى بىلەن توختاملىشىپ 2 مىليون توننا ئاق شېكەر يۆكەپ نۇرغۇن پايدا ئاپتۇ دېسە بەزىلەر لاتىن ئامېرىكىسىدىن نېفىت بويۇملىرىنى يۆتكەۋىتىپتۇ دەپ مىش-مىش پاراڭلار جەمىيەتنى بىر ئالغان. موچىجۇڭ سودا ساھەسىدە ئەمەلىي ئېگىلىككە ئانچە ئىشەنمىگەن ۋە سوتسىيالىستىك جەمىيەتتە ئەمەلىي ئېگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىش دۆلەت كارخانىلىرىغا خېرىس ئىپ كىلىدۇ. كەلگۈسى بېخەتەر ئەمەس دەپ قاراپ، قىسقا مەزگىللىك مەبلەغ سېلىش ئۇسۇلى بىلەن سودا قىلىپ كەلگەن. موچىجۇڭنىڭ رىۋايەتلىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ قالتىسى ئۇنىڭ سوۋىت ئىتپاقىنىڭ بىر تەرەپ قىلىپ سېتىۋەتكەن 154 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانىنى سېتىۋىلىىپ سېچۈەن ئاۋئاتسىيە شىركىتىگە سېتىش بېرىش ئىشى. 1988-يىلى مۇچىجۇڭ سىچۈەندىن بېيجىڭغا ماڭغان پويىزدا بىرەيلەندىن سوۋىت ئېتپاقى 154 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلاندىن 12 نى ئەرزان باھادا سېتىۋەتمەكچى بولغىنى ئاڭلاپ قالغان . ۋە ئەتىسىلا خىرىدار ئىزدەپ سىچۈەن ئاۋئاتسىيە شىركىتىنىڭ دىققتىنى قوزغىغان ۋە سىچۈەن ئاۋئاتسىيەسىگە ۋاكالىتان موسكىۋاغا بېرىپ سودىلىشىپ ئايروپىلاننى سېتۋىلىپ ئوتتۇردىن بىر 500 مىليوندىن ئارتۇق پايدا ئالغان. 1993-يىلىدىن باشلاپ موچىجۇڭ توغۇرىسىدىكى ماقالە ۋە مەخسۇس كىتابلار نەشىر قىلىنىشقا باشلىغان. 

1993-يىلى نەندىي گۇرۇھى مانجۇرىيە شەھرى بىلەن ھەمكارلىق توختامى ئېمزالىغان. 

1994-يىلى فۇربۇس تەرىپىدىن جۇڭگۇدىكى 4-باي بولۇپ باھالانغان.

1995-يىلى دۇنيا سۈئىي ھەمرا تەشكىلاتى، نەندېي گۇرۇھى، روسىيە فىدراتسىيەسى سۈنئى ھەمراھ قويۇپ بېرىش بازىسى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئېمزالاپ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمرانى مۇاپىقىيەتلىك قويۇپ بەرگەن.

1996-يىلى بىرىنچى ئايدىن باشلاپ ئىشقا كېرىشكەن. 

1996-يىلى دۆلەت ئىچىدە نەندىي گۇرۇھىنىڭ سۈنئىي ھەمرا تۈرى يالغانكەن، نەندىي گۇرۇھىنى چەتئەللىكلەر سېتىۋاپتۇ دېگەن كوچا پاراڭلىرى تارقالغان.  

پەن-تېخنىكىغا ئوتتەك ئىشتىياقى بار موچىجۇڭ 1997-يىلى ئەنگىلىيە سپاركىس سۈئىي ھەمرا شىركىتى بىلەن رۇسىيەدە ياسالغان سۈنئىي ھەمرانى ئۆزگەرتىپ قوراشتۇرۇپ قويۇپ بېرىش كىلىشىمى ئېمزالاپ ئاخىرىدا ھەمكارلىق روياپقا چىقمىغان.

1998-يىلى نەندىي گۇرۇھى مانجۇرىيە خەلقئارا چىگرا ئېغىزى قۇرۇلۇشىغا بىر مىليارد مەبلەغ سالىدىغان، مانجۇرىيە شەھەرلىك ھۆكۈمەت نەندىي گۇرۇھىغا يۈز مىڭ كىۋادىرات كىلومىتىر زىمننىڭ ئېچىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش كېلىشىمى ئېمزالانغان. 

1998-يىلى 6-ئايدا نەندىي گۇرۇھى خۇبىي ئۆلكىلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جامائەت ئېناۋەت ئۇچۇرىنى ياساش جىنايىتى بىلەن ئەيىپلەش ئۇقتۇرۇشىنى ئەۋەتكەن. ۋە نەندېي گۇرۇھى تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان.

1999-يىلى 7-ئايدا موچىجۇڭ ساختا كېرىدىت گۇۋاھنامىسى ياساش جىنايىتى بىلەن ئەيىپلىنىپ قولغا ئېلىنغان. 

2000-يىلى 5-ئايدا نەندىي گۇرۇھى ۋە موچىجۇڭ كېردىت گۇۋاھنامىسى ياساش جىنايىتى تۇرغۇزۇلۇپ موچىجۇڭغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىپ سىياسى ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىنغان. 

2000-يىلى 7 ئايدا نەندىي گۇرۇھىي ۋە موچىجۇڭ قارشىلىق ئەرزى سۇنغان. ۋۇخەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن رەت قىلىنىپ ئەسلى ھۆكۈم كۈچكە ئېگە قىلىنغان.

2002-يىلى سوت ھۆكۈم چىقىرىڭ گۇيياڭ شەھەرلىك قاتناش بانكىسىنىڭ چېتىشلىقى شۇنىڭ ئۈچۈن نەندىي گۇرۇھىنىڭ قەرزىنى بىرلىكتە قايتۇرىدۇ دەم ھۆكۈم چىقارغان. 

2003-يىلى نەندىي گۇرۇھى ۋە موچىجۇڭ 125 پارچە ئىسپاتنى تاپشۇرۇپ گۇناھىنى بوينىغا ئالغان. 

2008-يىلى داۋالىنىش كېپىلگە قويۇپ بېرىلىش ئىلتىماسى تەستىقلانغانلا موچىجۇڭ تۈرمىدىن چىقىشنى رەت قىلغان ۋە جۇڭگو كارخانىچىلىرى ژورنىلىرىنىڭ مۇخپىرىغا مەن تېخىچە يول ئۈستىدە دېگەن. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#