ھاڭگىيا يېزىسى

ھاڭگىيا يېزىسى

ھاڭگىيا يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيەسى گە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا بۇلۇپ، ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق قۇمباغ كەنتى ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى7 كىلومېتىر.

ئۇيغۇرچە نامى ھاڭگىيا يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 112 كۋادرات كىلومېتىر
تېلېفون رايون نۇمۇرى 0903
خەنزۇچە ئاتىلىشى 杭桂乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيەسى
نوپۇسى 37659 ئادەم
ماشىنا كودى 新R

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھاڭگىيا يېزىسىھاڭگىيا يېزىسى لوپ ناھىيەسى گە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا بۇلۇپ، ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق قۇمباغ كەنتى ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى7 كىلومېتىر. شەرقتە دول يېزىسى بىلەن قوشنا، جەنۇبىي تەرىپى لوپ بازىرى ئارقىلىق راخمانوپ پۇر غول ئۆستىڭى، غەربتە چارباغ يېزىسى، شىمالدا تەكلىماكان قۇملۇقى بىلەن چېگرىلىنىدۇ. بوستانلىق قىسمىنىڭ جەنۇب-شىمال ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 16 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى تەخمىنەن 7 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 112 كۋادرات كىلومېتىر.

ھاڭگىيا يېزىسىھاڭگىيا يېزىسى تاغ ئالدى چۆكۈندى تۈزلەڭلىك، جەنۇبتىن شىمالغا ئىسسىققا مايىل بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1300 مېتىر كېلىدۇ. غەربىي شىمال قىسمى ۋە شىمالىي قىسمىدا چوڭ قۇملۇق چۆل ۋە قۇم بارخانلىرى ئارىسىدا سۇ يىغىلىپ قالغان يەرلەر، شەرقىي قىسىمدىكى قىسمەن شورلۇق سازلىق بار. ھاۋاسى نەم، قۇم-بوران كۆپ بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃11.5، 7-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃24.5، 1-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃6-، يىللاردىن بۇيانقى ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 34.5 مىللىمېتىر، قىروسىز مەزگىلى 212 كۈن،  تۇپرىقى قۇمساڭ، سۇ ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل. 2006-يىلى يېزا بويىچە 72932 مو تېرىلغۇ يەر بار بۇلۇپ، 59075 مو يەرگە ئاشلىق زىرائەتلىرى تېرىلغان، يەنى: بۇغداي تېرىش كۆلىمى 30066 مو، كۆممىقوناق تېرىلغۇ كۆلىمى 29009 مو، كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى 14130 مو، باشقا كۆلەملەر 17903 مو قاتارلىق يەرلەرگە دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى تېرىلغان.

ھاڭگىيا يېزىسىھاڭگىيا يېزىسى ۋاكالەت نومۇرى: 653224204. يېزىغا قاراشلىق 36 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، بۇلار: زۇلاۋا كەنتى، ئارقائىلەك كەنتى، پاڭمەھەللە كەنتى، كەڭتوقاي كەنتى، ساقال كەنتى، چىلگەجاي كەنتى، تۆۋەن پىچەكچى كەنتى، تېرە لاڭ ئېرىق كەنتى، قۇمباغ كەنتى، چوڭقۇر ئېرىق كەنتى، ئاياغ سوغاققۇم كەنتى، راخمانپور كەنتى، باي ئېرىق كەنتى، توڭكايئېرىق كەنتى، لەڭگەر ئېرىق كەنتى، ئۈژمىلىك كەنتى، ئوتتۇرا ئېرىق كەنتى، يېڭىباغ كەنتى، ئاۋامسىلىم كەنتى، دۆڭئېرىق كەنتى، ئاچمائېرىق كەنتى، ئاقئېرىق كەنتى، قەغەزئېرىق كەنتى، زەمچىئېرىق كەنتى، ئارىش كەنتى، زاغۇنئېرىق كەنتى، ئۆستەڭ ئۇچى كەنتى، توققۇز كالىلا كەنتى، داڭلىق مۇنچاق كەنتى، باش خانىقائېرىق كەنتى، ئاياغ خانئېرىق كەنتى، كونا ھاڭگىيا كەنتى، يېڭىئۆستەڭ كەنتى، چىپەرچئېرىق كەنتى، ھاردۇققۇم كەنتى، خوراز توغراق كەنتى قاتارلىق كەنتلەر ۋە 183 تەبىئىي كەنت گۇرۇپپىسى، 22 پونكىت ئورۇن بار.

ھاڭگىيا يېزىسى نوپۇسى 10288 ئائىلە، 37659 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە دېھقان ئائىلىسى 10184 ئائىلە، يېزا ئىگىلىك نوپۇسى 36087 ئادەم. پۈتۈن يېزىدىكى ئاھالە ئىچىدە ئۇيغۇر 37536 ئادەم، خەنزۇ مىللىتى 110 ئادەم، خۇيزۇ مىللىتى 3 ئادەم، موڭغۇل مىللىتى 12 ئادەم .

ھاڭگىيا يېزىسىھاڭگىيا يېزىسى دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلغان دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق بىرلەشتۈرۈلگەن يېزا، ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن بۇغداي، قوناق، كېۋەز، قوشۇمچە ياغلىق دان، ئوت-چۆپ ئۈندۈرمىسى قاتارلىقلار. چارۋىچىلىقتا خوتەن قويى، كالا نەسلىنى ياخشىلاش ئاساس قىلىدۇ. يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، مېۋە-چېۋە، چارۋىچىلىق، پارنىك، لاپاس تەرەققىياتى بىر قەدەر تېز بولغان. 2006-يىلى يېزا بويچە جەمئىي تەرەققىي قىلغان پارنىك 1624، يىللىق ئىشلەپچىقىرىلغان كۆكتات 2206 توننا؛ 23663 توننا ئاشلىق، بۇغداينىڭ ئوتتۇرىچە مو بېشى مەھسۇلاتى مىڭ 356 كىلوگرام، ئوتتۇرىچە مەھسۇلاتى 447 مىڭ كىلوگرام بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئاشلىق 628 كىلوگرام. كېۋەز ئومۇمىي مەھسۇلاتى 1810 توننا، 114 توننا پىلە غوزىسى، 1616 توننا مېۋە-چېۋە ئېلىنغان، تۇياق چارۋا سانى 84060 تۇياق (دانە).

2006-يىلى، ھاڭگىيا يېزىسى مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 74 مىليون 800 مىڭ 800 يۈەن، بۇنىڭ ئىچىدە 1-كەسىپنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 63 مىليون 608 مىڭ 500 يۈەن؛

2-كەسىپنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 3 مىليون 663 مىڭ 900يۈەن؛

3-كەسىپنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 7 مىليون 528 مىڭ 400 يۈەن، يىل ئاخىرىدا دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 1498 يۈەن.

يېزا-بازار كارخانىلىرىدىن: گىلەمچىلىك، دېھقانچىلىق قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، پلاستىك پىششىقلاش، بىناكارلىق ۋە ئۇن تارتىش، پاختا چىقىرىش، ياغ تارتىش قاتارلىقلار. كىچىك ئاپتوموبىلدىن 39 دانە، چوڭ تىپتىكى تېراكتور 92 دانە، كىچىك تىپتىكى تېراكتور 358 دانە، ھەر خىل پىششىقلاپ ئىشلەش ماشىنىسى 46 گە يەتكەن.

ھاڭگىيا يېزىسىھاڭگىيا يېزىسى يېزا ئۇل ئەسلىھەلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەن. سالا ئېتىز، ئېرىق، ئورمان بەلۋېغى، يوللار ئۆز ئارا بىر گەۋدە قىلىنغان ئورمان بىلەن تورلاشتۇرۇش قۇرۇلمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. مەدەنىيەت-مائارىپ، تىببىي داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىمۇ راۋاجلانغان. يېزا تەۋەسىدە ئوتتۇرا مەكتەپتىن 2، ئوقۇغۇچىسى 2641 نەپەر؛ باشلانغۇچ مەكتەپ 20، ئوقۇغۇچىسى 4715 نەپەر، ئوقۇتقۇچى 383 ئادەم. 

2006-يىلى يىل ئاخىرىدا رادىيونىڭ نوپۇسنى قاپلاش نىسبىتى %100 كە يەتكەن. 

يېزا قارمىقىدا شىپاخانا بىر، تېببىي خادىملار 33 ئادەم، كېسەل كارىۋىتى 40 تال. مەدەنىيەت پونكىتى، رادىئو ئۇزېلى، رادىئو پروگراممىسى، پوچتا تېلېگىراف ئىدارىسى، باج پونكىتى، ئامانەت-قەرز كوپىراتىپى قاتارلىقلار بار بۇلۇپ، تەمىنات سودا تور نۇقتىلىرىنىڭ جايلىشىشىنى مۇۋاپىق. ھەر قايسى كەنتنىڭ «ئۈچ ياتاق بىر مەيدان» نى  قۇرۇپ، رادىيو-تېلېۋىزىيەنى يەتكۈزۈش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرغان.

ھاڭگىيا يېزىسىھاڭگىيا يېزىسى بايلىقى مول بۇلۇپ، يېزا ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە زىرائەتلەرنىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق. تۇپرىقى قۇمساڭغۇ، كۈن نۇرى يېتەرلىك، يىللىق كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى 2653.7 سائەت، ئىسسىقلىق مىقدارى مول، ئەڭ ئىسسىق ئاينىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 5 گرادۇس، ئەڭ سوغۇق ئاينىڭ ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى -5.6 گرادۇس، ھاۋا تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، كۈندۈزى تېمپېراتۇرا يۇقىرى، كەچتە تېمپېراتۇرا تۆۋەن بۇلۇپ، زىرائەتلەرنىڭ بىرلىك مەھسۇلاتى يۇقىرى، سۈپىتىنىڭ ياخشى بۇلۇشىدىكى مۇھىم سەۋەب. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.5، قىروسىز مەزگىلى بىر يىلدا 212 كۈن، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 34.5 مىللىمېتىر، پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2226.2 مىللىمېتىر. يەر ئاستى سۇ بايلىقى مول، شۇڭا ھاۋاسى زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىگە ۋە چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىياتىغا ماس كېلىدۇ.

ئاق سېپىل قەدىمىي شەھىرى

ھاڭگىيا يېزىسىقەدىمىي مەدەنىيەت خارابىسى ئاق سېپىل قەدىمىي شەھىرى: قەدىمكى مەدەنىيەت ئاق سېپىل قەدىمىي شەھەر خارابىسى بار، لوپ ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي شىمالىدىن 17 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قۇملۇقنىڭ بويىغا جايلاشقان بولۇپ، شەرقتە ھاڭگىيا يېزىسى زۇلاھىيەت ئۆمەر بوستانلىقى بىلەن ئۇزۇنلۇقى ئۈچ كىلومېتىر. «ئاق سېپىل» «ئاق شەھەر» دېگەن مەنىدە، چۈنكى يەر يۈزىگە چىقىپ قالغان سېپىل ئاق بولغاچقا، شۇڭا ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، بۇ شەھەر قەدىمكى ئۇدۇن بەگلىكىنىڭ غەربىي شەھەر خارابىسى قۇم بارخانلىرى تەرىپىدىن كۆمۈلۈپ قالغان، ھازىرقى يېرىم قالغان سېپىل 1957-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاق سېپىل قەدىمىي شەھىرى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنى قىلىپ بېكىتكەن.

ئۈزۈم دەرىخى شاھى

ھاڭگىيا يېزىسىقەدىمكى ئۈزۈم دەرىخى شاھى: ھاڭگىيا يېزىسى تەۋەسىدە بىر تۈپ 160 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە ئۈجمە دەرىخى شاھى بار بۇلۇپ، بۇ ئۈجمە ھاڭگىيا يېزىسى ئۆستەڭئۇچى كەنتىگە جايلاشقان، ۋىلايەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#