ئارام ئالدۇرۇپ داۋالاش

ئارام ئالدۇرۇپ كېسەل داۋالاش

ئارام ئالدۇرۇپ داۋالاش - ھەرىكەت قىلدۇرۇپ داۋالاشنىڭ ئەكسى بولۇپ، ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئەزالارنى ئارام ئالدۇرۇش ئەزالارنىڭ چارچىشى، جىددىيلىكىنى تۈگىتىپ، قايتا خىزمەت قىلىش ئىقتىدارىنى جارىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، ئورگانىزىمنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان پائالىيەت ئارام ئالدۇرۇش دېيىلىدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 ئارام ئالدۇرۇپ داۋالاش - ھەرىكەت قىلدۇرۇپ داۋالاشنىڭ ئەكسى بولۇپ، ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئەزالارنى ئارام ئالدۇرۇش ئەزالارنىڭ چارچىشى، جىددىيلىكىنى تۈگىتىپ، قايتا خىزمەت قىلىش ئىقتىدارىنى جارىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، ئورگانىزىمنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان پائالىيەت ئارام ئالدۇرۇش دېيىلىدۇ. بۇ يەردە ئېيتىلغان ئارام ئالدۇرۇپ داۋالاش ھەرگىزمۇ ئۇخلىتىپ داۋالاش دېگەنلىك ئەمەس. ئارام ئېلىشنىڭ تۈرلىرى كۆپ خىل بولىدۇ. ھەر خىل مەنزىرىلىك جايلارنى ساياھەت قىلىش، يېقىملىق مۇزىكىلارنى ئاڭلاش، ھەر خىل مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش قاتارلىقلارمۇ ئارام ئېلىشقا كىرىدۇ. چۈنكى مەنزىرىلىك جايلارنى ساياھەت قىلىش بولسا بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ئۇنتۇشقا، غەم-ئەندىشىدىن خالاس بولۇشىغا، مېڭىنى ئارام ئالدۇرۇشقا پايدىلىق بولىدۇ. مۇزىكا ئاڭلاش ۋە ھەر خىل كۆڭۇل ئېچىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭمۇ بىماردىكى ھارغىنلىقنى تۈگىتىش، مېڭىنى ئارام ئالدۇرۇش، كۆڭۈلنى خۇش قىلىپ غەم-ئەندىشىنى تۈگىتىش تەسىرىنى بىرىدۇ. شۇنىڭدەك ئارام ئالدۇرۇپ داۋالاش ئومۇمىي بەدەندىكى ھارغىنلىقنى تۈگىتىش ئارقىلىق، ھەرىكەت داۋامىدا خوراپ كەتكەن قۇۋۋەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئەزالارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش رولىنى ئۆتەيدۇ. ئۇيغۇر تېبابىتى ساقلىقنى ساقلاپ كېسەللىكلەرنىڭ ئاكىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا ھەرىكەتكە ئېتىبار بەرگەنگە ئوخشاش ئارام ئالدۇرۇشقىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. شۇڭا، كىشىلەر نورمال بولغاندا ھەر كۇن سەككىز سائەت ئۇخلىغاندىن باشقا، ھەپتىدە بىر كۈن، يىكا بىر ئاي دەم ئېلىش، دەم ئالغاندىمۇ كۆڭۈللۈك، مەنىلىك، ياخشى دەم ئېلىشنىڭ سالامەتلىككە پايدىسى چوڭ. نورمال بولغان مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئەزالارنىڭ خىزمەت ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق. يەنە بەزى ئارام ئېلىشلار بىر خىل پائالىيەتنى يەنە بىر خىل پائالىيەتكە ئالماشتۇرۇشنىمۇ كۆرستىدۇ. مەسىلەن، جسمانىي ھەرىكەتتىن كېيىن ناخشا ئېيتىش، مۇزىكا ئاڭلاش، گېزىت ئوقۇش، ئەقلىي ئەمگەكلەردىن كېيىن تەنتەربىيە ھەرىكەتلىرىنى قىلىش ياكى جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىش كېرەك، چۈنكى ئادەمنىڭ ھەرقانداق ھەرىكەت ۋە پائالىيىتىنى چوڭ ھ مېڭە پوستىلاق قەۋىتىنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرى باشقۇرىدۇ. يۇقىرىدىكىگە ئوخشاش مۇھىت ھەم شەكىل ئالماشسا چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىمۇ نۆۋەتلىشىپ ھەرىكەتتلىنىدۇ ۋە دەم ئالىدۇ. ھەرىكەت بىلەن دەم ئېلىش ئۆگىنىش، خىزمەت ۋە تۇرمۇشنىڭ ئېھتىياجى بولۇپلا قالماي نېرۋا سستېمىسىنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق. ئۆگىنىش، خىزمەت، ئەمگەك، چېنىقىش، دەم ئېلىش ۋە ئۇخلاش ۋاقىتلىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندا ئۆگىنىش ۋە خىزمەتكە پايدىلىق. بەدەن سالامەت بولغاندىلا ئاندىن ئۆگىنىش، خىزمەت ۋە باشقا پائالىيەتلەرنى مۇۋاپىق ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ.

2. ئارام ئېلىش بىلەن سالامەتلىكنىڭ مۇناسىۋىتى نورمال بولغان مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى كۆڭۇلگە خۇشاللىق يەتكۈزىدۇ. ئادەمنى ھوزۇرلاندۇرىدىغان ياخشى مەنىلىك دەم ئېلىش بەدەندىكى تەبىئىي قۇۋۋەتلەرنى ياخشىلاپ خىلىتلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ، ئىستېمال قىلغان ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ھەزىم بولۇشى، شۈمۈرۇلۇشى ھەم توقۇلما ھۇجەيرىلەرگە بېرىپ سىڭىشىنى ئاسانلاشتۇرۇش، باشچىلىقىدىكى بارلىق ئەزا توقۇلمىلارنىڭ جىددىيلىكىنى پەسەيتىش ئارقىلىق روھى ۋە قۇۋۋەتلەرنى جانلاندۇرۇش رولىغا ئىگە. شۇڭا ئارام ئېلىش ۋاقىتنى ئىسراپ قىلغانلىق بولماستىن، بەلكى بەدەنگە قۇۋۋەت تولۇقلىغانلىق بولىدۇ. دەم ئالغاندا روھىي قۇۋۋەت جانلىنىپ، كۆڭۇل خۇشال بولسا ھەزىممۇ ياخشى بولىدۇ. خاتىرجەملىك خۇشاللىق ئىچىدە ھاسىل بولغان قۇۋۋەتلەرنىڭ يىغىندىسى بولغان تەبىئەتنى كۈچەيتىدۇ. تەبىئەت كۈچەيسە ئورگانىزمنىڭ ھەر خىل كېسەللىكلەردىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكتىن، كېسەللىكلەردىن ئەندىشە قىلىش ھاجەتسىز. شۇنىمۇ ئېيتىش كېرەككى ئادەم ئورگانىزمىدا ھەرقانداق كېسەللىككە گىرىپتار بولغان 90 پىرىسەنتتىن يۇقىرى بىمار ئارام ئېلىشقا بۇيرۇلىدۇ. چۈنكى دەم ئالغاندا بەدەندىكى قۇۋۋەتلەرنىڭ سەرپىياتى تۆۋەنلەيدۇ. شۇ ئارقىلىق ھەر خىل قۇۋۋەتلەرنىڭ يىغىندىسى بولغان «تەبىئەت» كۈچى كۈچىيىپ، ھەر خىل كېسەللىكلەر ئۇستىدىن غالىب كېلىپ كېسەللىكلەرنىڭ يوقىلىشىدا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك كىتابلىرىدا «ھەرقانداق ئەزاغا ھاردۇق يېتىشتىن بۇرۇن ئۇنى ئارام ئالدۇرۇش، شۇ ئەزانى ئاسرىغانلىق بولۇپ، شۇ ئەزانىڭ ساقلىقىنى ساقلاپ، ئادەمنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىدۇ» دېيىلگەن. شۇڭا ھەرىكەت ۋە دەم ئېلىشتا يۈرەكنىڭ ئىشلەش ۋە دەم ئېلىش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىۋېلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندايۈرەك 24 سائەت ئىچىدە 15سائەت دەم ئېلىپ ئاران توققۇز سائەتلا ئىشلەيدىكەن. يۈرەكنىڭ بىر قېتىم سوقۇشىغا 0.8 سېكۇت ۋاقىت كېتىدىكەن ( مۇشۇنداق بولغاندا يۈرەك مىنۇتىغا 60 ~ 70 قېتم سوقىدىكەن ). بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى دالانچە 0.1 سېكۇنت خىزمەت قىلىپ 0.7 سېكۇنت ئارام ئالىدىكەن. ئىككى قېرىنچە 0.3 سېكۇنت خىزمەت قىلىپ 0.5 سېكۇنت ئارام ئالىدىكەن. شۇڭا، بىر ئادەم 80 ياشقا كىرسە، ئۇنىڭ يۈرىكى 80 يىل كېچە - كۇندۇز ئىشلىگەن بولىدۇ. لېكىن ئۇ ئۇپىراپ كەتمەيدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب، ئۇنىڭ بىر سوتكا ئىچىدە 15 سائەت دەم ئېلىۋېلىشىدا، يەنى ئۇ 80 يىل ئىچىدە سىز- بىزگە تۇيدۇرماي 30 يىل ئىشلەپ، 50 يىل دەم ئېلىۋېلىشىدا بولۇشى مۇمكىن. تۆمۈرنى ئىشلەتمىسە دات باسىدۇ. ھەددىدىن زىيادە ئىشلەتكەندىمۇ كاردىن چىقىدۇ. شۇڭا ھەرىكەتتىن كېيىنلا مەلۇم مەزگىل دەم ئېلىش لازىم. جىسمانىي ئەمگەك بىلەن ئەقلىي ئەمگەكنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇشمۇ بىر خىل دەم ئېلىش. ئۇنىڭدىن باشقا ھەرقانداق ھەرىكەتنى قىلىپ چارچىسا يەنە بىر خىل ھەرىكەتكە يۆتكەشمۇ بىر خىل دەم ئېلىش ھېسابلىنىدۇ. ئەمما دەم ئېلىش پايدىلىقكەن دەپ داۋاملىق بىكار ئولتۇرۇشقا، لاغايلاشقا، ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۈزۈپ، ئۆزىدىن - ئۆزى پۇشايمان قىلىپ، جىلە بولۇپ يۈرگەننى دەم ئېلىش دېگىلى بولمايدۇ. دەم ئېلىش كۆڭۈللۈك، ھوزۇرلۇق، ئۈنۈملۈك بولۇپ، كېيىنكى خىزمەت ۋە سالامەتلىككە پايدىلىق بولۇشى، دەم ئېلىش يەنە بەدەنگە قۇۋۋەت تولۇقلاپ كېيىنكى ئىشلارنى ياخشى قىلىش، كېيىنكى سالامەتلىكنى ساقلاپ كېسەللىكلەرنىڭ ئاكىنى ئېلىش، داۋالاش ئۇچۈن بولۇشى لازىم. ھەرىكەت بىلەن دەم ئالدۇرۇپ داۋالاشتا ھەر ئىككىلىسى نورمال بولۇشى لازىم. چۈنكى ھەرىكەت كۆپ بولسا بەدەندىكى ھەر خىل روھىي قۇۋۋەتلەر تۆۋەنلەش بىلەن بىرگە ھۆللۇكلەرمۇ ئازىيىدۇ. ئارام ئېلىش كۆپ بولسا مۇسكۇللار بوشىشىپ، بەدەندىكى ھۆللۈك ئېشىپ، ھەر خىل سېزىملار تۆۋەنلەيدۇ. قاندىكى ماي كۆپىيىپ، قان تومۇلار قېتىش قاتارلىق ئەھۋاللار بولىدۇ.

3. ئارام ئېلىشنىڭ تۈرلىرى ئارام ئېلىش يۇقىرىدا ئېيتقاندەك تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق ئەزا ۋە توقۇلمىلاردىكى چارچاش، جىددىيلىكنى تۈگىتىپ، ئەزا-توقۇلما، ھۈجەيرىلەرنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش، قايتا خىزمەت قىلىش ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش ئۇچۈن ئېلىپ بارغان پائالىيەت بولۇپ، ئارام ئېلىشنىڭ تۈرلىرى خىلمۇخىل بولىدۇ.

ئومۇمىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئارام ئېلىش ئاكتىپ ئارام ئېلىش ۋە پاسسىپ ئارام ئېلىش دەپ ئىككى خىل بولىدۇ.

ئاكتىپ ئارام ئېلىش

ئاكتىپ ئارام ئېلىشئاكتىپ ئارام ئېلىش مەلۇم بىر خىل پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ چارچىغاندىن كېيىن، بۇ خىل پائالىيەتنى باشقا بىر خىل پائالىيەتكە ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئارام ئېلىش ئۇسۇلى ئاكتىپ ئارام ئېلىش بولۇپ، بۇنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە ھەىكەت بىلەن شۇغۇللىنىش بولغان بولسىمۇ لېكىن ھەرقانداق پائالىيەت ھامان نېرۋا سىستېمىسى يەنى مېڭىدىكى ھەرقايسى مەركەزلەرنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ، شۇڭا پائالىيەت شەكلىنى بىر خىكىن يەنە بىر خىلغا يۆتكىگەندە بىرىنچى خىل پائالىيەتنى باشقۇرغۇچى مەركەز ئارام ئالىدۇ. ئىككىنچى خىل پالىيەتنى باشقۇرغۇچى مەركەز ئىشلەيدۇ. شۇڭا بۇ خىل پائالىيەتمۇ ئارام ئېلىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەقلىي ئەمگەكتىن كېيىن جىسمانىي ئەمگەك قىلىش ۋە مۇزىكا ئاڭلاش، ھەر خىل مەنزىرىلىك جايلارنى ساياھەت قىلىش قاتارلىقلاردىمۇ پائالىيەت شەكلى ئالماشقاچقا بۇمۇ بىر خىل دەم ئېلىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ناخشا ئېيتىش، ناخشا - مۇزىكىلارنى ئاڭلاش، ئۆزى ياقتۇرىدىغان ئويۇنلارنى ئويناش ياكى مەلۇم ئورۇنلارنى ساياھەت قىلىش، ئۇسسۇل ئويناش، ھەر خىل تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش، ھەر خىل مەنزىرىلىك جايلارنى ساياھەت قىلىش، گېزىت - ژۇرناللارنى ئوقۇش، ھەر خىل نەققاشلارغا قاراش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مەيلى تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش بولسۇن، مەيلى ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىش بولسۇن، مەيلى ساياھەت قىلىش بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاكتىپ ئارام ئېلىش ھېسابلىنىدۇ.

پاسسىپ ئارام ئېلىش

پاسسىپ ئارام ئېلىش ئارام ئېلىشنىڭ بۇ خىل شەكلى كىشىلەر مەلۇم بىر خىل پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ چارچىغاندىن كېيىن ئۇخلاش، ياكى ھەر خىل مەست قىلغۇچى، تىنچلاندۇرغۇچى، ئاغرىق پەسەيتكۈچى، ئۇخلاتقۇچى، ھوشسىزلاندۇرغۇچى چېكىملىك، ئىچىملىك ياكى دورا قاتارلىقلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئارام ئېلىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئارام ئېلىشتا مېڭىدىكى ئاساسلىق مەركەزلەرنىڭ كۆپىنچىسى تورمۇزلانغان بولغاچقا تولۇق ئارام ئالغىلى بولىدۇ، لېكىن نورمال ھالەتتە ئۇخلاشنىڭ يۇقىرىقىدەك پايدىسى بولىدۇ، ھەر خىل مەست قىلىش بۇيۇملىرى بىلەن ئۇخلاش بولسا بۇ ئارام ئېلىش بولماستىن، بەلكى مېڭە ھۇجەيرىلىرىنى تورمۇزلاش بولۇپ بەزىلىرىنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتسە خۇمار بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا بۇنداق ئارام ئېلىش توغرا ئەمەس. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ نەرسىنى ئويلىماي كۆزنى يۇمۇپ يېتىش ياكى ھېچ ئىش قىلماي ئولتۇرۇپ ئارام ئېلىش كىشىلەرگە كۆڭۈللۈك ھېس قىلىنسا ساغلاملىقنى ساقلاشتا بەلگىلىك ئۈنۈمى بار. 

4. ئارام ئېلىشنى تەرتىپكە سېلىش تەدبىرلىرى يۇقىرىدا ئېيتىلغىنىدەك، ئارام ئالدۇرۇشنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئارام ئالدۇرۇپ داۋالاشتا ئارام ئالدۇرۇش ئۇسۇلى، ئارام ئالدۇرۇش ۋاقتى، ئارام ئالدۇرۇش مۇھىتى قاتارلىقلارغا ئېتىبار بېرىش بىلەن بىرگە تۆۋەندىكى تەدبىرلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك:

 1.كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن ئارام ئالدۇرۇش ئۇسۇلىنى تاللاش كېرەك. ئېغىر كېسەللىكلەرگە نىسبەتەن ياتقۇزۇپ ئارام ئالدۇرۇش، ئورنىدىن تۇرغۇزماسلىق كېرەك. كېسەللىك ئەھۋالى يەڭگىل بولسا ياكى ئېغىر كېسەللەرمۇ خەتەرلىك باسقۇچتىن ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئاندىن تەدرىجىي ھەرىكەت قىلدۇرۇش ياكى مەنزىرىلىك جايلارنى ئايلاندۇرۇشقا ئوخشاش. ئارام ئالدۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئارقىلىق بىمارنىڭ غەم - ئەندىشىنى تۈگىتىش، كېسەللىك ئازابىنى يەڭگىللىتىش، كېسەلنىڭ ساقىيىش ۋاقتىنى تېزلىتىش. ئۇنىڭدىن باشقا مەخسۇس ئەزالارغا نىسبەتەنمۇ ئارام ئالدۇرۇشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. مەسىلەن، كۆز كېسەللىكلىرىدە كۆزنى ئارام ئالدۇرۇش، تۆۋەنكى مۈچە سۇنۇقلىرىدا مۈچىلەرنى ئارام ئالدۇرۇش، كېيىن تەدرىجىي ھەرىكەتكە سېلىش كېرەك.

 2.بىمارنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن ئارام ئالدۇرۇش ئۇسۇلىنى تاللاش كېرەك. بۇنداق دېگەندە بىمار قايسى خىلىكى ئارام ئېلىش ئۇسۇلىنى خالىسا شۇ خىل ئارام ئالدۇرۇش ئۇسۇلىنى تاللاش، بىمار ئۆزى خالىمايدىغان ياكى باشقىلار ئارام ئېلىش بولىدۇ، دەپ قارايدىغان ئىشلارنى بىمار ئارام ئېلىش دەپ بىلمىسە، بۇنداق ئارام ئالدۇرۇش ئۇسۇلىنى مەجبۇرلىماسلىق كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا بىمار ئارام ئالماقتا يوق، ئەكسىچە ئىچى پۇشۇپ كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ.

3. ئارام ئېلىش ۋاقتى مۇۋاپىق بولۇش كېرەك. ئېغىر كېسەللىكلەرگە نىسبەتەن دەسلەپكى خەتەرلىك باسقۇچلىرىدا ئارام ئالدۇرۇش، خەتەرلىك باسقۇچلىرى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن باشقا خىل ئارام ئالدۇرۇش ئۇسۇللىرىغا يۆتكەش، ئارام ئېلىش ۋاقتى بەكمۇ ئۇزۇن بولۇپ كەتمەي مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەرىكەت بىلەن ئارام ئالدۇرۇشنى مۇۋاپىق تەڭشەش كېرەك.

4. ئارام ئالدۇرۇشتا ئارام ئالدۇرىدىغان مۇھىتىنى ياخشى تاللاش كېرەك، ئارام ئالدۇرۇش مۇھىتىنى تاللاشتا بىمارنىڭ رايىغا قاراش، بەزى بىمارلار مەنزىكىرى گۈزەل، تىنچ ئورۇنلاردا ئارام ئېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بەزى بىمالار ئادەم كۆپ ئورۇندا بازارلارنى ئايلىنىش ئارقىلىق ئارام ئېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. يەنە بەزىلىرى چۆل - جەزىرىلەردە ھېچ كىشى يوق ئورۇنلاردا ئارام ئېلىشننى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا بۇنداق بىمارلارنىڭ ئۆزىنىڭ رايىغا ئاساسىنى ھەرقايسى ئۆزىنىڭ ياقتۇرىدىغان مۇھىتىغا ئاپىرىپ ئارام ئالدۇرۇش كېرەك.

5. ئارام ئالدۇرۇشنى كېسەللىك ئۆزگىرىشى ۋە كېسەللىك خاراكتېرىگە ئاساسەن مۇۋاپىق تاللاش كېرەك. بەزى پالەچ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش مېڭىش ئىمكانىيىتى يوق بىمالارغا نىسبەتەن ئولتۇرۇپ كۆڭۈل ئاچىدىغان كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ۋە رادىئو، ئۈنئالغۇ، تېلېۋىزور قاتارلىقلارنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، قىزىقارلىق نومۇرلارنى قويۇپ بېرىش ياكى ھارۋىلارغا ئولتۇرغۇزۇپ مەنزىرىلىك كۆڭۈل ئېچىش ئورۇنلىرىغا ئاپىرىپ سەيلە قىلدۇرۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق بىمارنى كېسەللىك ئازابىنى ئۇنتۇكۇرۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەك.

 6. بەزى روھىي كېسەللىكلەر نېرۋا كېسەللىكلىرىگە نىسبەتەن دورا ئارقىلىق تىنچلاندۇرۇپ ئۇخلىتىپ ئارام ئالدۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، بىمارنىڭ نېرۋىسىنى تىنچلاندۇرۇش ئارقىلىق ئارام ئالدۇرۇپ داۋالاش ئېلىپ بېرىش لازىم.

1. ئۇيقۇ- ئويغاقلىقنى تەرتىپكە سېلىپ داۋالاش ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە ئۇيقۇ - ئويغاقلىقنى تەرتىپكە سېلىپ داۋالاش بولسا ئورگانىزمدىكى تۈرلۈك چارچىغان ئەزا - توقۇلما، ھۇجەيرىلەرنى ئۇخلىتىپ ياكى ئورگانىزمدا يۈز بەرگەن خامۇشلۇق، ھورۇنلۇق، بوشاڭلىق، ئېغىرلىق، جانسىزلىق قاتارلىقلارنى تۈگىتىش ئۈچۈن روھىي ۋە جىسمانىي قۇۋۋەتلەرنىڭ ئۇيغانغانلىقىنى كەلتۈرۈپ روھنى ئۇرغۇتۇپ تۇرۇپ،ئورگانىزىمنىڭ نورمال فىزىئولوگىيىلىك پائالىيىتىنى جارىي قىلدۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيقۇ ۋە ئويغاقلىق ئورگانىزمدىكى بىر - بىرىگە قارىمۇقارشى بولغان فىزىئولوگىيىلىك جەريان بولاپ، بۇلارنىڭ نىسبىتىنىڭ نورمال بولۇشى ئورگانىزمنىڭ نورمال خىزمەت ھالىتىنى ساقلايدۇ. نورمال ئۇيقۇ ئارقىلىق چارچىغان ئەزا - توقۇلما ھۇجەيرىلەرنى ئارام ئالدۇرۇپ، روھىي ۋە جىسمانىي قۇۋۋەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. ئۇيقۇ كۆپ بولۇپ كەتسە خامۇشلۇق، ھورۇنلۇق ۋە روھىي چۈشكۈنلىشىشتەك ھالەت شەكىللىنىپ بەدەندە بوشاڭلىق، ئېغىرلىق، جانسىزلىق ئۈستۈنلۇكنى ئىگىلەپ تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ نورمال جارى قىلدۇرۇلۇشىغا تەسىر يېتىدۇ. نورمال ئويغاقلىق ئورگانىزمدىكى ئەزا - توقۇلما ھۈجەيرە ۋە روھىي، جىسمانىي قۇۋۋەتلىرىنى ئويغۇتۇپ، ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە تۈرلۈك خىزمەتلەر نورمال جارى قىلدۇرۇلىدۇ، ئويغاقلىق غالىب كەلسە مېڭە ياخشى ئارام ئالالمايدۇ - دە، نېرۋا ئاجىزلىق، ئۇنتۇغاقلىق ۋە نېرۋىلارنىڭ چارچىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان بىرلەشمە ئالامەتلىك روھىي ھالەت ئۆزگىرىشى كېلىپ چىقىدۇ. نورمال ئۇيقۇ، ئۇيغاقلىق ياش چەكلىمىسىگە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. مىزاجنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ مەلۇم پەرق بولسىمۇ، بۇ پەرق ئالاھىدە چوڭ بولمايدۇ. ئۇيقۇ – ئويغاقلىقنىڭ نورمال بولۇشى بىمارلارنىڭ ساقىيىشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان ھەمدە كېسەللىك جەريانى، خىلىتلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدىغان بولغاچقا داۋالاش ئەمەلىيىتىدە بىمارنىڭ ئۇيقۇ - ئويغاقلىقىغا ئېتىبار بېرىش تولىمۇ مۇھىم. چۈنكى ئۇيقۇ - ئويغاقلىقنىڭ نىسبىتى ئېتىبارغا ئېلىنمىسا مېڭە ياخشى ئارام ئېلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالماي، قۇۋۋىتى نەپسانىي ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى ياخشى بېجىرەلمەيدۇ. نەتىجىدە كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىش تەرەپكە يۈزلىنىشى ئاستا بولىدۇ ياكى كېسەللىك ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ. ھازىرقى زامان پسىخولوگىيە ئالىملىرىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ئىنسان ئويغاق ياتسۇن ياكى ئۇيقۇدا بولسۇن روھىي جىددىيلىك، بىئاراملىق، دىققەتچىلىك، غەم - ئەندىشە، قورقۇنچ قاتارلىق روھىي ئازابلارنىڭ كۆپ بولۇشى سالامەتلىككە ئىنتايىن زىيانلىق. بۇنداق ئامىللار نۇرغۇن كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ئەمەلىي تەجرىبىلەر ئارقىلىق ئىسپاتلىنىپ، تەكرار مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. « ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى روھىي ۋە ئەسەبىي كېسەللىكلەر ئىلمى» دە روھىي نېرۋا كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغانلاردا ئۇيقۇ - ئويغاقلىقنىڭ نىسبىتى نورمال بولماسلىقى ۋە ھەر بىر بىمارنىڭ مىزاج ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن چۈش كۆرۈش خاراكتېرىمۇ ئوخشاش بولمايدىغانلىقى ئىزاھلانغان. چۈش كۆرۈش ئۇيقۇ ھالىتىدىكى مېڭىنىڭ خىزمەت جەريانى بولغاچقا، ئۇيقۇ - ئويغاقلىقنىڭ نورمال بولماسلىقى كۇپ ھەم قالايمىقان چۈشنى كۆرۈش يەنىلا مېڭىنى چارچىتىدۇ. بىر - بىرىگە قارىمۇقارشى بولغان بۇ ئىككى فىزىئولوگىيىلىك پائالىيەتنىڭ رولىنى تونۇپ داۋالاش جەريانىغا زىچ بىرلەشتۈرۈش، ئۈنۈملۈك داۋالاشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇيقۇ- ئويغاقلىقنى تەرتىپكە سېلىپ داۋالاش، ئۇيقۇنى تەرتىپكە سېلىپ داۋالاش ۋە ئويغاقلىقنى تەرتىپكە سىلىپ داۋالاش دەپ ئىككى تۈرگە بۈلۈنىدۇ.

2. ئۇيقۇنى تەرتىپكە سېلىىپ داۋالاش ئۇيقۇ - روھىي نەپسانىي ۋە قۇۋۋىتى نەپسانىنىڭ ماسلىشىشى، چوڭ مېڭە پوستلاق ئاستىدىكى مەركەزلەرنى مۇھاپىزەت قىلىش خاراكتېرىدىكى تورمۇزدىن ئىبارەت. ئۇيقۇ ئورگانىزمىدىكى ماددا ئالمىشىش جەريانىدا خوراپ كەتكەن روھ ۋە قۇۋۋەنلەرنىڭ تولۇقلىنىشى، ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق، ئىنسانلار مەيلى جىسمانىي، مەيلى ئەقلىي ئەمگەك قىلسۇن بەك چارچاپ كەتكەندە ئازراق ئۇخلىۋېلىش ۋە دەم ئېلىش پايدىلىق. ئۇيقۇنىڭ نورمال بولماسلىقى بەدەندە ھېرىش، چارچاش، باش ئاغرىش، نېرۋا ئاجىزلىق، كۆز ئاجىزلىقى، ئورۇقلاپ كېتىش، تېرىككەكلىك پەيدا قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇزۇن مۇددەت ئۇخلىماسلىق مالىخولىيا ۋە ساراڭلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇخلىتىش پەقەت ساقلىقنى ساقلاپ، كېسەللىكلەرنىڭ ئاكىنى ئېلىشتىلا مۇھىم بولۇپلا قالماستىن بەلكى ھەر خىل كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئىشلىرى ئۈچۈنمۇ ناھايىتى مۇھىم، شۇڭا داۋالاشتا كۆپىنچە كېسەللىكلەرنى ئۇخلىتىپ داۋالاش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن، نېرۋا كېسەللىكلىرىنى، ئېغىر ئاغرىقلارنى داۋالاش پۋچۈن ئۇخلىتىپ تىنچلاندۇرۇش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا داۋالاشنىڭ باشقا ئۇسۇللىرى بىلەن بىللە ئۇخلىتىپ داۋالاش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.

 ئۇيقۇنىڭ سالامەتلىك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى: نورمال ئۇيقۇ سالامەتلىك ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىق. ئۇيقۇ نورمال بولغاندا مېڭە ھۈجەيرىلىرى ھەرىكەتتىن توختاپ نېرۋىلار بوشىشىدۇ، روھىي نەپسانىي ۋە قۇۋۋىتى نەپسانىيلارنىڭ سسىرتقى بەش سىزىم قۇۋۋۇتى ۋە ئىچكى بەش سىزىم قۇۋۋەتلىرى ئارقىلىق بىجىرىدىغان جىددىيلىك تۇيغۇلىرىمۇ تەدرىجىي يەڭگىللەپ، ھەرىكەت ۋە سېزىم نىرىپلىرى قېلىنلايدۇ. شۇ ئارقىلىق سىرتقى سېزىملاردا تۆۋەنلەش ۋە توختاش بولىدۇ - دە، ئۇيقۇ شەكىللىنىدۇ. لېكىن ئىچكى ئەزالارنىڭ ھاياتلىقتا زۆرۈر بولغا ھەرىكەت پائالىيەتلىرىگە دەخلى يەتمەيدۇ. مەسىلەن، نەپەس ئېلىش، قان ئايلىنىش، ماددا ئالمىشىش، ھەزىم قىلىش ۋە بەدەننىڭ ئۆسۈشى قاتارلىق پائالىيەتلەردە ئۆزگىرىش بولمايدۇ. نورمال ئۇيقۇ روھ ۋە ھەر خىل قۇۋۋەتلەرنى تولۇقلاپ كۈچلەندۈرىدۇ ۋە ئەزا - توقۇلمىلارش جانلاندۇرىدۇ بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزۈپ، ھاردۇق چىقىرىدۇ. تاماقنىڭ ھەزىم بولۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. ئۇيقۇنىڭ غەيرىي تەبىئىي بولۇشى تەن سالامەتلىككە زىيانلىق بولۇپلا قالماي، ھەر خىل كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن، سوبات ( ئېغىر ئۇيقۇ كېسىلى)، بۇ ئادەمنى گالۋاڭلاشتۇرىدىغان كېسەللىك بولۇپ، نورمال ھارارەتنى تۆۋەنلىتىپ بەدەننى سوۋۇتىدۇ. ھۆللۈكنى ئاشۇرىدۇ، بولۇپمۇ كۈندۈ زى كۆپ ئۇخلاش يۇقىرىقىدەك زىيانلىق تەسىر قىلىشتىن تاشقىرى، تېرىلەر كۈن نۇرى بىلەن ئۇچرىشىپ كۈن نۇرىدىن يېتەرلىك ئوزۇقلۇق ئالالماي چىراي گۈزەللىكىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا نەزلە كېسەللىكى ۋە ئېغىز پۇراش كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ. دېمەك، يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك نورمال ئۇيقۇ بەدەنگە پايدىلىق بولغاچقا، بەزى كېسەللىكلەرنى ئۇخلىتىپ داۋالاشقا توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن، ھەر خىل نېرۋا روھىي كېسەللىكلەر، ھەزىم بۇزۇلۇشتىن، خىلىتلارنىڭ غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىشىدىن، بولۇپمۇ غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتىدىن بولغان كېسەللىكلەرنى داۋالاشنىڭ ئەڭ مۇھىم چارىسى ئۇخلىتىپ داۋالاشتىن ئىبارەتتۇر. مېڭىگە قۇرۇقلۇق يەتكەن، قاتتىق چارچاشتىن بولغان كېسەللىكلەرگە ئۇخلىتىپ داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىش تولىمۇ پايدىلىق بولۇپ، تەكرار تەجرىبىدىن ئۆتكەن ئۇسۇكۇر. يىغىنچاقلىغاندا نورمال ئۇيقۇ سالامەتلىك ئۈچۈن پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، ھەر خىل كپسەللىكلەرنى داۋالاشقىمۇ پايدىلىق. لېكىن ئۇيقۇ سالامەتلىككە پايدىلىق ئىكەن دەپ خاتا ھاكا ئۇزۇن مۇددەت ئۇخلاش سالامەتلىككە زىيانلىق بولۇپ، بەدەندە زەئىپلىشىشنى، ھورۇنلۇق، بەدەن ئاخىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئورگانىزمنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى بولغان «تەبىئەت» نى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدۇ. 2. ئۇيقۇنىڭ تۈرلىرى ئۇيقۇ - ئويغاقلىق تەننىڭ سالامەتلىكنى ساقلغۇچى مۇھىم پائالىيەتلەردىن بىرى بولۇپ، ئۇيقۇ ئادەتتە تەبىئىي ئۇيقۇ ۋە غەيرىي تەبىئىي ئۇيقۇ دەپ ئىككى خىل بولىدۇ.

تەبىئىي ئۇيقۇ

ئۇخلاش تەبىئىي ئۇيقۇ نورمال بولغان ئۇيقۇ بولۇپ، تەن سالامەتلىكنى ئاسراشنىڭ مۇھم ئامىللىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇيقۇ - مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنىڭ تورمۇزلىنىش پائالىيىتى بولاپ، بۇ جەريان مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى روھىي نەپسانىي ۋە قۇۋۋىتى نەپسانىيلارنىڭ ھەرىكەتتە چارچىشى ۋە ئورگانىزمنىڭ ماددا ئالمىشىش جەريانىدا خوراپ كەتكەن روھ ۋە ھەر خىل قۇۋۋەتلەرنى تولۇقلايدىغان پائالىيىتى بولۇپ، ئۇنىڭ ساقلىقنى ساقلاشقا بولغان پايدىسى ناھايىتى كۆپ. ئۇيقۇ 24 سائەت ئىچىدە ياشنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىگە قاراپ ئالتە سائەتتىن يۇقىرى، 10 سائەت، تۆۋەن بولغان ئۇيقۇ تەبىئىي ئۇيقۇ بولىدۇ. بوۋاقلار 16 ~ 18 سائەت، تۆت ياشتىن كېيىن 12 سائەت، 12 ياشتىكىلەر 10 سائەت، 16 ياشتىكىلەر توققۇز سائەت، ياشلار ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلار 7 ~ 8 سائەت، قېرىلار 6 ~ 7 سائەت ئۇخلىغان ئۇيقۇ تەبىىئىي ئۇيقۇ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كىچىكىدىن باشلاپ كۆپرەك ئۇخلاشقا ياكى ئازراق ئۇخلاشقا ئادەتلەنگەن كىشىلەر ئۇخلىشى يۇقىرىقى سانلىق قىممەتكە مۇۋاپىق كەلمىسىمۇ، ئۇيقۇدىن يېتەرلىك ھۇزۇر ئېلىپ، ئويغانغاندا ھارغىنلىق ھېس قىلمىسا ياكى كۆپ ئۇخلىسىمۇ ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ۋە خىزمەت ئىشلىرىنى نورمال ئېلىپ بارالىغان بولسا، بۇلاردىكى بۇ خىل ئۇخلاش ئادىتىنىمۇ نورمال دەپ قاراشقا بولىدۇ. تەبىئىي ئۇيقۇ روھ ۋە ھەر خىل قۇۋۋەتلەرنى، شۇنداقلا ئەقلىي ۋە جىسمانىي قۇۋۋەتلەر ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. ئادەم ئۇخلىغاندا بەدەندىكى يۈرەك، ئۆپكىدىن باشقا ئەزالار ئاساسەن دەم ئالىدىغان بولغاچقا بەدەننىڭ ئوكسىگېن ۋە باشقا ئوزۇقلۇق ماددىلارغا بولغان ئېھتىياجى تۆۋەنلىگەچكە يۈرەك ۋە ئۆپكىگە بولغان بېسىممۇ تۆۋەنلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغىمۇ ئارام ئالغىلى پۇرسەت چىقىدۇ. روھ ۋە قۇۋۋەتلەرنىڭ خىزمىتى يېنىكلىشىدۇ. «تەبىئەت» كۈچى كۈچەيگەنلىكتىن بەدەندىكى زىيانلىق ماددىلارنىڭ زەھەرلىك تەسىرى تۆۋەنلەپ توقۇلمىلاردىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ زاپاس مىقدارى كۆپىيىدۇ، بەدەن روھىي، جىسمانىي جەھەتتىن تېتىكلىشىدۇ ۋە كۈچىيىدۇ. شۇنداقلا بەدەن سوۋۇيدۇ، ماددا ئالمىشىش ياخشىلىنىدۇ. غەم - ئەندىشە دىققەتچىلىك يوقايدۇ. ھەزىم ياخشىلىنىدۇ. شۇڭا كلىنىكا ئەمەلىيىتىدە مالىخۇلىيا، جۇنۇن، نېرۋا ئاجىزلىق، باش ئاغرىقى قاتارلىق مېڭە كېسەللىكلىرىنى ئۇخلىتىش ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.

غەيرىي تەبىئىي ئۇيقۇ

كۆپ ئۇخلاش غەيرىي تەبىئىي ئۇيقۇ نورمال بولمىغان ئۇيقۇ بولۇپ، ئۇيقۇنىڭ ھەددىدىن زىيادە بەك كۆپ بولۇپ كېتىشى ياكى بەك ئاز بولۇپ كېتىشىگە قارىتىلغان. ئادەتتە 24 سائەت ئىچىدە ياشنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىگە قاراپ ئالتە سائەتتىن كەم، 10سائەتتىن يۇقىرى بولغان ئۇيقۇ غەيرىي تەبىئىي ئۇيقۇ بولۇپ، بۇ ھال سالامەتلىككە زىيانلىق. ئۇيقۇ بەك كۆپ بولۇپ كەتسە قاندا ماي تەركىبى ئېشىپ كېتىش، يۇقىرى قان بېسىم، قان تومۇر توسۇلۇش، قان تومۇر ياللۇغى، سېزىمچانلىق ئېشىپ كېتىش، بەدەن ئاجىزلاش، ئەزالار بوشىشىپ كېتىش، بەدەن سوۋۇپ كېتىش، بەدەندىكى ھۆللۈك ئېشىپ كېتىش، روھىي ھالىتى تۆۋەن بولۇش، ئۇنتۇغاقلىق، نېرۋا ئاجىزلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بەدەندە قاكۇق ماددىلار كۆپىيىپ كېتىش تۈپەيلىدىن بەدەندە توشۇپ قېلىش شەكىللىنىپ توسۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولمالسلىقى بىلەن بەدەنگە بولىدىغان زىيانلىق تەسىرىنى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىلغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.

 1) غەيرى تەبىئى ئۇيقۇ چوڭ مېڭىنىڭ ئىجادىي تەپەككۇر قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا چوڭ مېڭە ۋە چوڭ مېڭىدىكى روھ ۋە ھەر خىل قۇۋۋەتلەر تولۇق ئارام ئالالماي چارچىغانلىقتىن مېڭىنىڭ تەپەككۇر قىلىشى تۈرلۈك مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىغا زور تەسىر يېتىدۇ.

 2) غەيرى تەبىئى ئۇيقۇ ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، قەدىمكى ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە ئۇيقۇنىڭ نورمال بولۇشى روھ ۋە ھەر خىل قۇۋۋەتلەردىن ئۆستۈرگۈچى قۇۋۋەتنى كۈچلەندۈرۈپ ئۆسۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشكە پاپدىلىق دېيىلگەن. ھازىرقى زامان مىدىتسىنا ئىلمىمۇ ياش ئۆسىمۇرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ئىرسىيەت، ئوزۇقلۇق، چېنىقىشتىن باشقا يەنە ئۆستۈرگۈچى ھورموننىڭ تەسرى بارلىقىنى ئېنىقلىغان. ئۆستۈرگۈچى ھورمون ئاجرىلىشنىڭ ئاز- كۆپلۈكى ئۇيقۇنىڭ ئاز- كۆپلۈكى بىلەن بىىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. ئۇيقۇ كۆپ بولسا ئۆستۈرگۈچى ھورموننىڭ ئاجرىلىشى كۆپ بولىدۇ. ئۇيقۇ ئاز بولسا ئۆستۈرگۈچى ھورموننىڭ ئاجرىلىشى ئاز بولۇپ، ئۆسۈپ يېتىلىشكە تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا ياش ئۆسمۈ رلەرنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ئۇيقۇ يېتەرلىك بولۇشى كېرەك.

 3) غەيرى تەبىئى ئۇيقۇ تېرىنىڭ ساغلام بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. تېرىنىڭ يۇمشاق، پارقىراق بولۇشى تېرە ئاستىدىكى توقۇلمىلاردىكى قىلقان تومۇرلارغا قان تولۇپ يېتىپ بارغانلىقتىن بولىدۇ. ئەگەر يېتەرلىك ئۇيقۇ بولمىسا، روھ ۋە ھەر خىل قۇۋۋەتلەر ئاجىزلاپ، نەتىجىدە ماددا ئايلىنىش ئاستىلاپ قان ئايلىنىش راۋان بولمىغانلىقتىن تېرىدىكى قىلقان تومۇرلار توسۇلۇپ قېلىپ، قان ئايلىنىش توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. تېرە ھۈجەيرىلىرى يېتەرلىك ئوزۇقلۇققا ئېرىشەلمەي تېرىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىغا تەسىر يېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تېرە پارقىراقلىقى يوقىلىپ تېرە تاتىراڭغۇ بولۇپ قالىدۇ.

 4) غەيرى تەبىئىي ئۇيقۇ ھەرخىل كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دائىم ئۇيقۇ يبتەرلىك بولمىسا روھ ۋە ھەر خىل قۇۋۋەتلەرنىڭ ئاجىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، بەدەندىكى بارلىق قۇۋۋەتلەرنىڭ يېغىندىسى بولغان «تەبىئەت» كۈچى تۇۋەنلەپ، ھەر خىل كېسەللىكلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا شاارائىت ھازىرلانغانلىقتىن ئاسانلا نۇرغۇن كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ. يەنى نېرۋا ئاجىزلىق، زۇكام، ھەر خىل ئاشقازان كېسەللىكلىرى قاتارلىقلار. يېتەرلىك ئۇيقۇ ساقلىق ھەم خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ ئاساسىي كاپالىتى، شۇڭا ئۇيقۇ نورمال بولۇشى كېرەك.

1. ئۇخلىتىپ داۋالاش تەدبىرىنى مىزاجغا قاراپ بەلگىلەش كېرەك. ئەگەر مىزاجىدا قۇرۇقلۇق ھەم ئىسسىقلىق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولسا، بۇنداق مىزاجدىكى كىشىلەرنى ئۇخلىتىپ داۋاش ئارقىلىق مېڭىدىكى قۇرۇقلۇق يەتكەن ھۈخەيرە توقۇلمىلىلارغا ھۆللۈك يەتكۈزۈپ ئۇلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئۇنىڭ ئەكىسچە مىزاجىدا ھۆللۈك ھەم سوغۇقلۇق ئۇستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن كىشىلەرگە نىسبەتەن بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىش مۇۋاپىق ئەمەس. چۈنكى ئۇيقۇ بەدەندىكى ھۆللۈكنى كۆپەيتىۋېتىدۇ. بەدەندە ماددىلارنىڭ تۇرۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۇپ چىقىرىدۇ. شۇڭا بۇنداق مىزاجدىكى كىشىلەرگە بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانغاندا بەدەندىكى ھۆللۈكنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋېتىپ، يامان ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

 2. ئۇخلىتىپ داۋالاش تەدبىرلىرىنى مۇھىتى ياخشى جايدا ئېلىپ بېرىش كبرەك. سېسىقچىلىق، ھاۋاسى بۇلغانغان ئورۇندا ياتقۇزۇپ ئۇخلاتقاندا سېسىق بۇلغانغان ھا ۋا روھ ۋە ھەر خىل قۇۋۋەتلەرنىڭ پەيدا بولۇشنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ ھەم بەدەندە بار بولغان تەبىئىي روھلارنى بۇلغاپ، سالامەتلىككە ئوخشىمىغان دەرىجىدە زىيان يەتكۈزىدۇ، شۇڭا ئىمكانقەدەر ھاۋاسى ساپ، خۇش پۇراق جايدا ياتقۇزۇپ ئارام ئالدۇرۇش ياكى ئۇخلىتىش كېرەك.

3. ئۇخلىتىپ داۋالاش تەدبىرلىرىنى زىيانلىق ھاشارات (پاشا، كۇمۇتا، بۈرگە) قاتارلىقلاردىن خالىي ئورۇندا ئېلىپ بېرىش كېرەك. چۈنكى، بۇنداق ھاشاراتلار با ر ئورۇندا ياتقۇزۇپ ئارام ئالدۇرغاندا ئۇلارنىڭ چېقىۋېلىپ زەھەلەپ قويۇشى، ئۇخلاپ ئارام ئېلىشىغا دەخلى يەتكۈزىدۇ. 4. ئۇخلىتىپ داۋالاشتا ياتىدىغان ئورۇننى ھەربىر شەخسنىڭ ئەھۋالى ھەم پەسىل كىلىماتىغا قاراپ بەلگىلەش لازىم. بىمار قانداق ئورۇندا يېتىپ ئۇخلاشنى خالىسا، شۇنداق ئورۇندا ياتقۇزۇس كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا پەسىلگە قاراپ مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. قىش كۈنلىرى ئىسسىق ئورۇندا ياتقۇزۇپ ئارام ئالدۇرۇش، ياز كۈنلىرى سالقىن سايە ئورۇتلاردا ياتقۇزۇپ ئارام ئالدۇرۇش كېرەك.

 5. ئۇخلىتىپ داۋالاشتا بېشىغا قويىدىغان ياستۇقنى ھەربىر كىشىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ۋە پەسىلگە قاراپ ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. ھاۋا ئىسسىق كۈنلە ردە ئىسسىق مىزاجلىق كىشىلە رگە زىغىر پاخىلىدىن ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئۆسۈملۈكلەر قاچىلانغان ياسدۇق قويۇلۇش، ئەگەر سوغۇق كۈنلەردە بولسا پاختا قاچىلانغان ياستۇق قويۇلۇشى كېرەك.

 6. ئۇخلىتىپ د اۋالاشتا ئۇخلىتىش مۇددىتى مۇۋاپىق بولۇشى، نورمال ئۇخلىتىش مۇد دىتى ئالتە سائەتتىن 10 سائەتكىچە بولۇشى كېرەك.

 7. ئۇخلىتىپ داۋالاشتا ئۇخلاش ئۇسۇلى توغرا بولۇشى كېرەك. ئەڭ ياخشىسى ئوڭ ياننى بېسىپ يانچە يېتىش ئۇسۇلى توغرا ئۇسۇل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. دۈم يېتىپ ئۇخلاش كۆزگە زىيانلىق. ئوڭدا يېتىپ ئۇخلاش نەزلە، غول ئاغرىقى، سە رئى، قارا بېسىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە سەۋەب بولىدۇ. ئەمما بەدەندىكى ئارتۇق ماددىلارنى تازىلاپ بولغاندىن كېيىن ئوڭدا يېتىپ ئۇخلىسا زىيانلىق ئەمەس.

8. ئۇخلىتىپ داۋالاشتا قورساق ئاچ بولماسلىقى كېرەك. قورساق ئاچ ۋاقتىدا ئۇخلىسا ئورۇقلىتىپ قۇۋۋەتنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ. قورساق بەك توق ۋاقتىدا ئۇخلىسا ھەزىمگە نۇقسان يېتىدۇ. ئاشقازاندا گاز پەيدا بولۇشقا سەۋەبچى بولىدۇ، شۇڭا تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ئازراق تاماق سىڭدۈرۈپ ئاندىن ئۇخلاش كېرەك.

 ئويغاقلىقنى تەرتىپكە سېلىپ داۋالاش روھىي نەپسانى ۋە قۇۋۋىتى نەپسانىينىڭ ماسلىشىشى نەتىجىسىدە چوڭ مېڭە پوسىتلاق ئاستىدىكى مەركەزلەرنىڭ تۈرتكىسىدە ھېس ۋە ھەرېكەت نېرۋىلىرىنىڭ سېزىشى ۋە نورمال ھەرىكەت قىلىشى ئويغاقلىق دېيىلىدۇ. ئويغاقلىق ئادەم ئۇخلىغاندىن باشقا ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئويغاقلىق ئادەتتە نورمال بولغاندا 14 سائەتتىن 18 سائەتكىچە بولىدۇ، بۇ كىشىلەرنىڭ يېشى، بەدەن قۇۋۋىتى، مىزاجىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. ئويغاقلىقنى تەرتىپكە سېلىپ داۋالاش ئۇيغۇر تېبابىتى داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى بولۇپ، بەدەن قۇۋۋىتى كۈچلۈك، ئۆزى سېمىز، ھۆل ۋە سوغۇق مىزاجدىكى كىشىلە رگە ماس كېلىدۇ.

 1. ئويغاقلىقنىڭ سالامەتلىك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئويغاقلىق يۇقىرىدا سۆزلەنگەندەك روھىي نەپسانىي ۋە قۇۋۋىتى نەپسانىينىڭ ماسلىشىشى بىلەن چوڭ مېڭە پوستىلىقى ئاستىدىكى مەركەزنىڭ تورمۇزلىنىش ھالىتىدىن ھەرىكەت ھالىتىگە ئۆتۈشكە قارىتىلغان بولۇپ، ئادەتتە نورمال بولغان ئويغاقلىق سالامەتلىك ئۈچۈن پايدىلىق، 24 سائەت ئىچىدە 14 سائەتتىن 18 سائەتكىچە بولىدۇ. ئويغاقلىقنىڭ نورمال بولۇپ، بۇنىڭدىن ئاز ياكى كۆپ بولۇشى ھەر كىشىنىڭ يېشى، كەسپى، مىزاجى ۋە باشقىلار بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. ئويغاقلىقنىڭ نورمال بولۇشى سالامەتلىككە پايدىلىق، ئۇ ھېس ھەرىكەت نېرۋىلىرىنىڭ توغرا ئىشلىشىنى ساقلاشتا ئاساسلىق رول ئوينايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا روھنى قوزغاپ تەبىئىي ھارارەت پەيدا قىلىپ، بەدەندىكى ئارتۇق ماددىلارنى تا رقىتىدۇ ۋە ھەيدەپ چىقىرىدۇ. يەنى بەدەندىكى ئاترۇق ھۆللۈكنى قۇرىتىدۇ. بەدەندىكى ئارتۇق مايلارنى پارچىلايدۇ. ماددا ئالمىشىشنى تېزلىتىدۇ. ئويغاقلىقنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇش ياكى ئاز بولۇشى سالامەتلىككە پايدىسىز. ئويغاقلىق ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇپ كەتسە، روھ ۋە قۇۋۋەتلەرنىڭ نورمال ئالمىشىشى تەسىرگە ئۇچراپ، ئومۇمىي بەدەننىڭ «تەبىئەت» كۈچى ئاجىزلايدۇ. مېڭىنىڭ مىزاجى بۇزۇلىدۇ. بەدەنگە ھاردۇق يېتىدۇ. بەدەندىكى نورمال سۇيۇقلۇقلارنىڭ ئا زىيىسىنى كەلتۈرىدۇ. بەدەندىكى ماددا ئالمىشىش سۈيۈقلۇق مۇھىتى ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغاچقا سۈيۈقلۇقلارنىڭ قۇرۇشى ماددا ئالمىشىشقا دەخلى يەتكۈزۈپ كېسەللىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ نۇرغۇن كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئويغاقلىقنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئاز بولۇشى ئۇيقۇنىڭ كۆپ بولۇشىغا قارىتىلغان بولۇپ، بۇنىڭ كۆپ بولۇپ كېتىشى ئومۇمىي بەدەندىكى ھەر خىل بۇزۇق چىقىرىندى ماد دىلارنىڭ تۇرۇپ قېلىپ،بەدەندە ئىمتىلا شەكىللىنىپ ماددا ئالمىشىش توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، ئومۇمىي بەدەن خاراكتېرلىك توسۇلۇشلۇق كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئويغاقلىقنىڭ ئاز بولۇشى سەۋەبىدىن بەدەندە ھۆللۈك كۆپىيىپ ماددا ئالمىشىش توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. ماينىڭ سەرپ بولۇشى ئاز بولۇپ قاندا ماي يۇقىرىلاش، ئارتېرىيە قېتىش، دىئابېت، سېمىزلىك، نېرۋا ئاجىزلىقى، ئەقلىي تەپەككۈر سۇسلىشىش، ئىچكى - تاشقى بەش سېزىم سۇسلىشىش، ئومۇمىي بەدەن ئاجىزلىشىش، كېسەلگە قارشى تۇرۇش «تەبىئەت » كۈچى تۆۋەنلەش قاتارلىق كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يىغىنچاقلىغاندا، ئويغاقلىقنىڭ سالامەتلىككە پايدىلىق بولۇشى ئۇنىڭ نورمال بولۇشى بىلەن زىج مۇناىىىىۋەتلىك. ئەگەر ئۇ نورمال بولمىسا سالامەتلىككە زىيانلىق تەسىرلە رنى پەيدا قىلىش بىلەن بىرگە بەزى كېسەللىكلەرنى كەلتۇرۈپ چىقىرىدۇ.

تەبىئىي ئويغاقلىق ۋە غەيرىي تەبىئىي ئويغاقلىق دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.

1. تەبىئىي ئويغاقلىق: تەبىئىي ئويغاقلىق نورمال ئۇخلاش ۋاقتىدىن سىرتقى ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما ئاز ياكى كۆپ ئويغاق تۇرۇپ ئادەتلەنگەنلەر كۇندىلىك تۇرمۇش ۋە خىزمەتكە تەسىر يەتكۈزمىسە بۇ تەبىئىي ئويغاقلىق بولۇپ، سالامەتلىككە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، تەبىئىي ئويغاقلىق سالامەتلىككە پايدىلىق بولۇپ، بەدەندە ھاسىل بولغان ھەر خىل ماددىلارنى يۈرۇشتۈرىدۇ. روھنى قوزغاپ تەبىئىي ھارارەت پەيدا قىلىدۇ، بەدەندىكى ئارتۇق ماددىلارنى تارقىتىدۇ. بەدەندىكى ئارتۇق ھۆللۈكنى يوقىتىدۇ. ماددا ئالمىشىشنى تېزلىتىپ، بەدەندە ماددىلارنىڭ تۇرۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. توسالغۇلارنى ئاچىدۇ، ئارتۇق مايلارنى پارچىلايدۇ.

 2. غەيرىي تەبىئىي ئويغاقلىق : غەيرىي تەبىئىي ئويغاقلىق ئويغاقلىقنىڭ ھەددىدىن زىيادە بەك كۆپ ياكى بەك ئاز بولۇپ كېتىشىگە قارىتىلغان بولۇپ، ئادەتتە 24 سائەت ئىچىدە 18 سائەتتىن كۆپ ياكى 14 سائەتتىن ئاز بولۇشى غەيرىي تەبىئىيلىق ھېسابلىنىدۇ، ئويغاقلىقنىڭ زىيادە كۆپ ياكى ئاز بولۇشى سالامەتلىككە زىيانلىق. ئويغاقلىق بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، بەدەندە روھ ۋە ھەر خىل قۇۋۋەتلەر خوراپ ئومۇمىي بەدەننىڭ « تەبىئەت» كۈچى ئاجىزلايدۇ. مېڭىنىڭ مىزاجى بۇزۇلىدۇ. بەدەنگە ھاردۇق يېتىدۇ. بەدەندىكى سۇيۇقلۇقلار خوراپ كېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ماددا ئالمىشىش توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ، نېرۋا ئاجىزلىق، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى فۇنكسىيىسى بۇزۇلۇش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئويغاقلىق بەك ئاز بولۇپ كەتسە، ئومۇمىي بەدەندە ماددا ئالمىشىش توسقۇنلۇققا ئۇچراپ بەدەندە ھەر خىل چىقىرىندى ماددىلارنىڭ تۇرۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بەدەندە ئىمتىلا شەكىللىنىپ ماددا ئالمىشىش توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، ئومۇمىي بەدەنلىك توسۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 3.

1. ئويغاقلىقنى ھەر كىمنىڭ مىزاجىغا قاراپ مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.ھۆل ۋە سوغۇق كەيپىيات ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەنلەرنىڭ ئويغاق تۇرۇش ۋاقتى ئۇزۇنراق بولسىمۇ بولىدۇ. قۇرۇق ۋە ئىسسىق كەيپىيات ئۇستۇنلۈكنى ئىگىلىگەن كىشىلەرنىڭ ئويغاق تۇرۇش ۋاقتى ئازراق بولۇشى كېرەك. چۈنكى ئويغاقلىق روھ ۋە ھەر خىل قۇۋۋەتلەرنى، شۇنىڭدەك بەدەندىكى ھەر خىل خىلىتلارنىڭ سۇيۇقلۇقلىرىنى خورىتىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن، ھۆل سوغۇق كەيپىياتتىكى كىشىلەردە سۇيۇقلۇقلار كۆپ. ئۇزۇنراق ئويغاق تۇرسىمۇ بەدەندىكى سۇيۇقلۇقلار نورمالدىكىدىن ئارتۇق خوراپ كېتىپ ماددا ئالمىشىشقا تەسىر يەتمەيدۇ. لېكىن قۇرۇق ۋە ئىسسىق كەيپىياتتىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئويغاقلىق ئەسلىدىلا ئاز بولغان بەدەن سۇيۇقلۇقىنى خورىتىپ ماددا ئالمىشىشنىڭ ئاساسى بولغان سۇيۇقلۇق كېمىيىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا مەيلى داۋالاشتا بولسۇن ياكى ساقلىقنى ساقلاشتا بولسۇن ئويغاقلىقنى بېمارنىڭ مىزاجىغا قاراپ ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.

 2. ئويغاقلىقنى تەرتىپكە سېلىشتا غەيرىي تەبىئىي روھىي كەيپىياتلارنى تۈگىتىشكە تىرىشىش كېرەك، ئويغاق يۈرگەندە پاسسىپ روھىي كەيپىياتلاردىن ساقلىنىش، يەنى غەم - ئەندشە، ۋەھىمە، روھىي جىددىيلىك قاتارلىق پاسسىپ روھىي كەيپىياتلاردىن ساقلىنىش كېرەك، چۈنكى پاسسىپ روھىي كەيپىياتلار مەۋجۇت بولغان شارائىتتىكى ئويغاقلىق سالامەتلىككە زىيانلىق. سۇڭا ئويغاق يۈرگەن ۋاقىتتا پاسسىپ روھىي كەيپىياتلارنى تۈگىتىش كېرەك.

3. ئويغاقلىقنى تەرتىپكە سېلىشتا ۋاقىتنىمۇ تۇتقا قىلىش كېرەك، ئويغاقلىق مۇددىتى ھەر كىشىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى كېرەك. نورمال بولغاندا ئويغاقلىق ۋاقتى 14~18 سائەت بولۇپ. ئۇنىڭدىن ئاز ياكى كۆپ بولۇشى غەيرىي تەبىئىي ھېسابلىنىپ، سالامەتلىككە زىيانلىق. كىچىكىدىن باشلاپ ئاز ياكى كۆپ ئويغاق تۇرۇش ھالىتىگە ئادەتلەنگەنلەر ئۇنىڭ سىرتىدا بولۇپ، كۈندىلىك خىزمەت، ئۆگىنىش، تۇرمۇشقا تەسىر يەتكۈزمىسە، بۇمۇ نورماللىق ھېسابلىنىدۇ.

4. ئويغاقلىقنى تەرتىپكە سلېىشتا دەم ئېلىش بىلەن خىزمەتنى ئۆزئارا تەڭشەشكە ئەھمىيەت بېرش كېرەك، بەزىلەر خىزمەتتىكى ئادىراشچىلىقلار ۋە تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك بېسىملار تۈپەيلى ئارام ئېلىشقا ئېتىبار بەرمەيدۇ. يەنە بەزىلەر خىزمەتتىكى قۇلايلىق شارائىتتىلا ھەم خىزمەت ئېھتىياجى تۈپەيلى كېچە - كۈندۈز ئىشلەپ ئۇخلىمايدۇ. ئۇلار ھەر قانچە ئالدىراش بولسىمۇ ھېچبولمىغاندا مۇھىت ئالماشتۇرۇپ ئارام ئېلىش كېرەك. بۇنداق بولمىغاندا زىيادە چارچاش تۈپەيلىدىن ھەر خىل نېرۋا كېسەللىكلىرى، روھىي كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ، شۇڭا خىزمەت بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈ رۈپ، خىزمەتتە ئەقلىي ئەمگەك قىلغان بولسا جىسمانىي ئەمگەك قىلىش ھەم مۇزىكا ئاڭلاش قاتارلىقلار دەم ئېلىش ھېسابلىنىدۇ. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش دەم ئېلىشنى خىزمەتكە بىرلەشتۈرۈش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ھازىرقى تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئېنشىپ بېرىشىغا، تۇرمۇش رىتىمىنىڭ تېزلىشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ بەزىلەر ئائىلىدىكى ئىقتىسادىي بېسىم تۈپەيلى ئارام ئېلىشقا ئېتىبار بەرمەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن سالامەتلىك ئېغىر زىيانغا ئۇچرايدۇ. شۇڭا بۇنداق ئەھۋادىمۇ ئارام ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرش لازىم. ۋاقىتنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ ئارام ئېلىش ۋاقتىدا چوقۇم ئارام ئېلىش كېرەك.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=6&contentNameId=1105

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#