ئىچى سۈرۈش

كۈزلۈك ئىچى سۈرۈش
كۈزلۈك ئىچى سۈرۈش چاقسىمان ۋىرۇسلۇق ئۈچەي ياللۇغى، چاقسىمان ۋىرۇس يۇقۇملاندۇرۇشتىن كېلىپ چىققان ئىچ سۈرۈش كېسىلى بولۇپ، كىچىك بالىلاردا كۈزدە، قىشتا ئىچى سۈرۈش كۆپ كۆرۈلىدىغانلىقتىن مۇشۇنداق ئاتالغان. كۈزلۈك ئىچى سۈرۈش ئالتە ئايلىقتىن ئىككى ياشقىچە بوۋاقلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. 
غەرب تېبابىتى نامى ئىچ سۈرۈش
خەنزۇچە نامى 腹泻
ئاساسلىق ئالامىتى تەرەت قىلىش قېتىم سانى كۆپيىش
تەۋە بۆلۈم ئىچكى بۆلۈمى (ھەزىم قىلىش كېسەللىرى)

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كۈزلۈك ئىچى سۈرۈش كېسەل باشلىنىشتا ئالدى بىلەن قۇسۇش كېيىن ئىچ سۈرۈش، قىزىش، چوڭ تەرەت سۇيۇق ياكى تۇخۇم شورپىسى ئەۋرىشكىسىدەك  بۇلۇش، ئۈستۈنكى نەپەس يول يۇقۇملىنىش ئالامىتى قاتارلىقلار. گىرىپتار بولغۇچىنىڭ چوڭ تەرىتىنىڭ قېتىم سانى كۆپىيىدۇ. كۆپىنچىسىنىڭ كۈندىلىك چوڭ تەرەت قېتىم سانى 10 قېتىمنىڭ ئىچىدە، بەزىدە 10 قېتىمدىن كۆپ بولۇپ، ھەر قېتىملىق مىقدارى كۆپ، سېرىق ياكى سۇس سېرىق رەڭدە سۇدەك ياكى تۇخۇم شورپىسىدەك، سېسىق پۇرىمايدۇ، چوڭ تەرەتنى مىكروسكوپتا تەكشۈرگەندە ئاز مىقداردا ئاق قان ھۈجەيرىسى كۆرۈنىدۇ. بۇ كېسەلنىڭ بىر تەبىئىي جەريانى بولۇپ، ئادەتتە كېسەللىك جەريانى ئۈچ-سەككىز كۈن، ئاز ساندىكىلىرىنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدۇ. كۈزلۈك ئىچى سۈرۈشتە چوڭ تەرەتنىڭ قېتىم سانى كۆپ ھەم مىقدارى كۆپ، سۇدەك بولىدۇ. شۇڭا گىرىپتار بولغۇچىدا ئاسانلا سۇسىزلىنىش، ئېلېكترولت قالايمىقانلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر يۈز بېرىدۇ.

كۈزلۈك ئىچى سۈرۈشكىچىك بالىلاردىكى ئىچى سۈرۈشنىڭ كېسەللىنىش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە كۆپ خىل سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىك بولۇپ، گىرىپتار بولغۇچى بالىلارنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى ئىككى ياشتىن كىچىك بوۋاقلار، 6 ~ 11 ئايلىق بوۋاقلاردا تېخىمۇ كۆپ كۆرۈلىدۇ. بوۋاقلارنىڭ ئىچى سۈرۈشتىكى كۆپ كۆرۈلىدىغان سەۋەبلەر:

1. يېمەك-ئىچمىكى پاكىز بولماسلىق. سۈت ئېمىتىش ئەسۋابلىرى ۋە قاچا-قۇچىلار پاكىز يۇيۇلۇپ، تەلتۆكۈس دېزىنفېكسىلەنمىگەنلىكتىن باكتېرىيە قاتارلىقلارنىڭ بۇلغىشىغا ئۇچراپ، بوۋاق پاكىز بولمىغان يېمەكلىكنى يەۋېلىپ، ئاشقازان-ئۈچەي يولى يۇقۇملىنىشتىن ئىچى سۈرۈش كېلىپ چىقىدۇ. 

2. پەسىل خاراكتېرلىك ئامىل. بەزى بوۋاقلار تۇنجى قېتىم ياز، كۈز پەسلىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقاچقا، بۇ ۋاقىتتا يېمەكلىكتىكى كېسەللىك باكتېرىيىسى كۆپرەك، بەدەن تېخى بەزى كېسەللىك باكتېرىيىسىگە نىسبەتەن ئانتىتېلا شەكىللەندۈرۈپ بولالمىغانلىقتىن، ئاسانلا يۇقۇملىنىپ ئىچ سۈرۈش كېلىپ چىقىدۇ. يازدا ئىچى سۈرۈش ئادەتتە باكتېرىيە يۇقۇملاندۇرۇش ئارقىلىق كېلىپ چىقىدىغان بولۇپ كۆپىنچە شىلىمشىق تەرەت كېلىپ، بەتبۇي پۇراققا ئىگە بولۇش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. كۈز پەسلىدىكى ئىچى سۈرۈشى كۆپىنچە چاقسىمان ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، سۇدەك چوڭ تەرەت كۆپ كۆرۈلىدۇ، لېكىن سېسىق پۇراق بولمايدۇ.

3. بېقىش مۇۋاپىق بولماسلىق. يېگەن تامىقى بەك كۆپ ياكى قېتىم سانى بەك كۆپ بولۇش. ئاشقازان ئۈچەينىڭ ۋەزىپىسىنى ئېغىرلىتىۋېتىپ، يېمەكلىك تولۇق سۈمۈرۈلمەيدۇ. ئوزۇقلىنىش قەرەللىك بولمىغاندا، ئاشقازان-ئۈچەي قەرەللىك ھالدا ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرىش شارائىت رېفلېكسى شەكىللەندۈرەلمەي ۋە ئورگانىزمنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ئاجىزلاش قاتارلىقلاردىن ئىچ سۈرۈش كېلىپ چىقىدۇ.

4. باشقا كېسەللەرنىڭ ئىچ سۈرۈش كەلتۈرۈپ چىقىرىشى. بوۋاق زۇكام، جىگەر ياللۇغى قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولغاندىمۇ ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

5. چوڭلاردىن يۇقۇش. ئەگەر چوڭلارنىڭ ئىچ سۈرۈپ قېلىپ شەخسىي تازىلىقىغا ئەھمىيەت بەرمىسىمۇ ئاسانلا بالىلارغا يۇقتۇرۇپ قويىدۇ. ئىچ سۈرۈشنىڭ كېسەللىنىش نىسبىتى جىددىي نەپەسلىنىش يولى يۇقۇملىنىشنىڭ ئارقىسىدىلا بولۇپ، ئەگەر ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك داۋالاش ئېلىپ بارمىغاندا ئۆلۈش نىسبىتىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى.

كۈزلۈك ئىچى سۈرۈشيۇقۇملىنىشقا قارشى داۋالاشتا ئوخشاش بولمىغان كېسەل سەۋەبىگە ئاساسەن مۇناسىپ ئانتىبىئوتىك دورىلارنى تاللاپ ئىشلىتىش.

ئادەتتىكى داۋالاشتا ئادەتتىكى داۋالاشتا ئېلېكترولىت، كىسلاتا - ئىشقارلىق تەڭپۇڭلۇقى قالايمىقانلىشىپ ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلىدۇ. كېسەلنىڭ ئېغىر - يىنىكلىك  ئەھۋالغا قاراپ ئامىنو كىسلاتالىرى، سۈتلۈك ماي ياسالمىلىرى قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تۇلۇقلاش بىلەن بىرگە قوشۇمچە سۇيۇقلۇق ۋە ۋىتامىن تولۇقلاش كېرەك. 

شىللىق پەردە قوغداش دورىسى يەنى قوش سەككىز ياقلىق مونتمورىللونىت، تىئو شېكىرى، ئاليۇمىن قاتارلىقلار. 


بەزى ئانا سۈتى بىلەن بېقىلىدىغان يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئىچى سۈرۈپ قالىدۇ. ئىپادىسى چوڭ تەرەت قېتىم سانى كۆپىيىش، كۈنىگە تۆت قېتىمدىن يۇقىرى، سېرىق رەڭلىك سۇيۇقراق، شىلىمشىق سۇيۇقلۇق كېلىدۇ. تەركىبىدە قان، يىرىڭ بولمايدۇ. لېكىن بوۋاقنىڭ ئىشتىھاسى، روھىي ھالىتى ياخشى، بەدەن تېمپېراتۇرىسى نورمال، ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. بۇ خىل ئىچى سۈرۈش فىزىئولوگىيىلىك ئىچى سۈرۈش دېيىلىدۇ. فىزىئولوگىيىلىك ئىچى سۈرۈشنى ئالاھىدە بىر تەرەپ قىلىش ھاجەت ئەمەس، ئادەتتە قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ بەرگەندىن كېيىن چوڭ تەرەتنىڭ قېتىم سانى بارا-بارا نورماللىشىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#