قايناقسۇ تۇر

قايناقسۇ تۇر بولسا  قۇمۇل شەھىرى راھەتباغ يېزىسىغا قاراشلىق بىر مەھەللىنىڭ نامى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى قايناقسۇ تۇر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 开水吧

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قايناقسۇ تۇر بولسا  قۇمۇل شەھىرى راھەتباغ يېزىسىغا قاراشلىق بىر مەھەللىنىڭ نامى بولۇپ، بۇ نامنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە مۇنداق بىر قىزىقارلىق رىۋايەت تارقالغان:

  قۇمۇل ۋاڭى شامەخسۇت دەۋرىدە ئىلىدا ياڭ زېڭشىنغا قارشى ئىنقىلاب پارتلايدۇ. ئۇلار تېز ئىلگىرىلەپ جىڭ ناھىيەسىگە بېسىپ كېلىدۇ. بۇ جىددىي پەيتتە ياڭ زېڭشىن ئىنقىلابنى باستۇرۇش ئۈچۈن ھەرقايسى يۇرتلاردىن ئەسكەر ئالىدۇ. جۈملىدىن شاھ مەخسۇتمۇ ياڭ زېڭشىننىڭ  تەلىپى بويىچە 200 دېھقاننى ئەسكەرلىككە ئېلىپ ئۈرۈمچىگە ماڭدۇرىدۇ. ئۇلار جىڭدا ئۇرۇشقا قاتنىشىدۇ، ئىككى تەرەپ ئۇرۇشتا قاتتىق تىركىشىپ قالىدۇ. بۇ چاغدا قۇمۇلدىن بارغان قوشۇننىڭ تۇغبېگى ئۇسساپ كېتىپ، يېنىدىكى ئەسكەردىن سۇ سورايدۇ. ئەسكەر جىددىيچىلىكتە يېڭىلا قايناقسۇدا قاچىلانغان قاپاقنى قولىغا ئېلىپلا سۇنى ئىچىدۇ، قايناقسۇدا تۇغبېگىنىڭ ئاغزى كۆيۈپ كېتىدۇ، ئاغرىق ئازابىغا چىدىمىغان تۇغبېگىنىڭ قولىدىكى قاپاق ئاتنىڭ ئىگىرىگە تېگىپ چېقىلىپ، قايناقسۇ ئاتقا تۆكۈلىدۇ.ئىسسىققا چىدىمىغان.

  ئات چاپچىپ ئالدىغا ئۇچقانداق چاپىدۇ، تۇغبېگىنىڭ چېپىپ كېتىۋانلىقىنى كۆرگەن قوشۇن بىراقلا جەڭگە ئاتلىنىدۇ. ئۇرۇش غەلبىلىك ئاياغلىشىدۇ. لەشكەر بېشى تۇغبېگىگە غەزەپلىنىپ سەن نېمىشقا بۇيرۇق بېرىلمەيلا ھۇجۇمىغا ئۆتىسەن، دەپ كايىيدۇ. قايناقسۇدا تىلى كۆيگەن تۇغبېگى «قايناقسۇ، قايناقسۇ» دېيىشتىن باشقا گەپ قىلالمايدۇ. گەپنى ئاڭقىرالمىغان لەشكەر بېشى نېمە ئۇ قايناقسۇ، قايناقسۇ دېگەن، دەپ تىللاپ كېتىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ كىشىگە «قايناقسۇ» دېگەن سۆز لەقەم بولۇپ قالىدۇ. ئۇرۇش ئاخىرلىشىپ قۇمۇلغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، قۇمۇل ۋاڭى ھېلىقى كىشىنىڭ كۆرسەتكەن خىزمىتى بەدىلىگە بىر پارچە يەرنى ھەدىيە قىلىپ بەرگەن. شۇندىن كېيىن بۇ يەر شۇ كىشىنىڭ لەقىمى بىلەن «قايناقسۇتۇر» دەپ ئاتالغانىكەن.

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#