بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ، ئەڭ ئومۇمىيلىققا ئىگە ھۆكۈمەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى خەلقئارالىق تەشكىلات. ئۇ 1945-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، باش شتابى ئامېرىكىنىڭ نيۇيوركتا تەسىس قىلىنغان. 

ئۇيغۇرچە نامى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى
قىسقارتىلغان نامى ب د ت
ب د ت كۈنى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى
توربېكىتى http://www.un.org/
خەنزۇچە نامى 联合国组织
ئاساسىي نىزامچىلار ئىمزا قويغان كۈنى 1945-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى
باش شىتابى ئامېرىكا نيۇيورك
قۇرۇلغان ۋاقتى 1945-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشىكىلاتىبىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشىكىلاتى 1945-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى رەسىمىي قۇرۇلغان بولۇپ ،بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ، ئەڭ نوپۇزلۇق ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارالىق تەشكىلاتى ، ئۇنىڭ باش شىتابى ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىگە جايلاشقان . بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى قاتارلىق ئالتە چوڭ ئاساسلىق ئاپپارات بىلەن باشقا نۇرغۇن قوشۇمچە كومىتېت ۋە تەشكىلاتلاردىن تۈزۈلگەن .20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن بۇيان ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۈگۈنكى خەلقئارا جەمىئىيەتتە ھەر قايسى جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينىماقتا . بىرىنچىدىن ، ئۇ قىسمەن ئۇرۇشلارنى ئازايتتى ۋە دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئالدى ، « بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشىكىلاتى نىزامنامىسىدا » دە بېكىتىلگەن يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مىزانى ، شۇنداقلا تىنىچلىق قوغداش ھەرىكىتى قاتارلىق توقۇنۇشلارنى توسۇش ۋە پەسەيتىش جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينىدى ؛ ئىككىنچىدىن ، ئۇ مۇستەنلىكە تۈزۈمىنى يىلتىزدىن قۇمۇرۇپ تاشلىدى ؛ ئۈچىنچىدىن ، ئىقتىساد ۋە جەمىئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى ؛ تۆتىنچىدىن ، خەلقئارا قانۇن چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈردى . بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رىياسەتچىلىكىدە ئېلان قىلىنغان ھەر تۈرلۈك شەرتنامىنىڭ سانى زور دەرىجىدە كۆپەيدى.


بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى1943-يىل 10 -ئاينىڭ 30-كۈنى، ئەينى چاغدىكى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا فاشىزمغا قارشى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەردىن سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە جۇڭگودىن ئىبارەت تۆت دۆلەت موسكۋادا «ئومۇميۈزلۈك بىخەتەرلىك خىتابنامىسى» نى ئېلان قىلىپ، ئومۇمىيلىققا ئىگە بىر خەلقئارا تەشكىلات قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

 1944-يىلى 8-ئايدىن 10-ئايغىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ئۈچ دۆلەت ۋە جۇڭگو، ئەنگلىيە، ئامېرىكا ئۈچ دۆلەت ئىلگىرى-كېيىن يىغىن ئۆتكۈزۈپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇش تەكلىپ لايىھىسىنى مۇزاكىرە قىلغان ۋە بېكىتكەن.

1945-يىل 4-ئاينىڭ 25-كۈنى، 50 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى سان-فرانسىسكودا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا تەشكىلات يىغىنىنى ئاچقان، ۋەكىللەر «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى» نى ماقۇللاپ، 6-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئىمزا قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. (كېيىن پولشا ئىمزا قويغان). 10-ئاينىڭ 24-كۈنى، جۇڭگو، فرانسىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە باشقا كۆپ ساندىكى ئىمزا قويغان دۆلەتلەر تەستىقنامىنى تاپشۇرغاندىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسى كۈچكە ئىگە بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نامىنى ئەڭ دەسلەپ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى (پىرىزدىنت) روزۋېلت ئوتتۇرىغا قويغان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ، ئەڭ ئومۇمىيلىققا ئىگە ھۆكۈمەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى خەلقئارالىق تەشكىلات. ئۇ 1945-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، باش شتابى ئامېرىكىنىڭ نيۇيوركتا تەسىس قىلىنغان. 

1947-يىلى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى 10-ئاينىڭ 24-كۈنىنى «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كۈنى» قىلىشنى قارار قىلغان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى قۇرغۇچىلار ئەسلىدە 51 دۆلەت ئىدى، 1993-يىلى ئەزا دۆلەت 184 كە يەتكەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا قاتنىشىشتا، چوقۇم ئىلتىماسنامە تاپشۇرۇش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتنى قوبۇل قىلىش، خەۋپسىزلىك كېڭىشى كۆرسىتىش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا بېلەت تاشلىغۇچىلارنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى قوشۇلۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.

جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولۇپ، 1945-يىلى10 كىشىدىن تەشكىللەنگەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنى سان-فرانسىسكودا ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنىغا ئەۋەتكەن. ئۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ۋەكىلى دۇڭ بىۋۇمۇ بار ئىدى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئورنىنى ئۇزاققىچە تەيۋەن دائىرىلىرى ئىگىلىۋالدى. 1971-يىلى 10-ئايدا ئاندىن ئەسلىگە كەلگەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىبىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەقسىتى: «دۇنيا تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش» ، «تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىنى چەكلەش» ، «خەلقئارا خەلقنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقى ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش پرىنسىپى ئاساس قىلىنغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش» ، «خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش» ، «ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەرىكىتىنى ماسلاشتۇرىدىغان بىر مەركەزنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش» تىن ئىبارەت.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى غايەت زور تەشكىلىي ئورگان بولۇپ، ئۇنىڭ قارىمىقىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى، خەۋپسىزلىك كېڭىشى، كاتىبات باشقارمىسى، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي كېڭىشى، خەلقئارا سوت ۋە ۋاكالىتەن باشقۇرۇش كېڭىشى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن مەخسۇس ئاپپاراتلار، ئالاقە ئاپپاراتلىرى بار.

تەشكىلات يىغىنى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىبىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق ئاپپاراتلىرىنىڭ بىرى. ئۇ بارلىق ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان، ھەر يىلى9-ئاينىڭ 3-ھەپتىسىدىكى سەيشەنبە كۈنى بىر قېتىم قەرەللىك يىغىن ئۆتكۈزۈپ، 12-ئاينىڭ 20-كۈنى ئەتراپىدا ئاخىرلىشىدۇ، يىغىن بىرنەچچە ئاي داۋاملىشىدۇ. 

ھەر نۆۋەتلىك قەرەللىك يىغىن ئۆتكۈزۈلگەندە، ھەرقايسى دۆلەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنى ياكى ئۇنىڭ بىلەن تەڭ دەرىجىلىك ئەمەلدارنى يىغىنغا ۋەكىل قىلىپ ئەۋەتىدۇ. بەزى دۆلەتلەرنىڭ باشلىقى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رەھبىرى يىغىنغا بېرىپ نۇتۇق سۆزلەيدۇ. يىغىندا تەسىس قىلغان يەتتە كومىتېت يىغىن خىزمىتىنى ماسلاشتۇرىدۇ. يىغىندا قاراپ چىقىلىپ مۇزاكىرە قىلىنىدىغان ئىشلار ناھايىتى كەڭ دائىرىدە بولىدۇ. خەۋپسىزلىك كېڭىشى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئىشلاردىن سىرت، خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىككە مۇناسىۋەتلىك ھەمدە «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى» دائىرىسىدىكى مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. ئەزا دۆلەتلەرگە ۋە بىخەتەرلىك كېڭىشىگە تەكلىپ بېرىلىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ قارارى ناھايىتى زور سىياسىي تەسىرگە ئىگە.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھەر يىلى بىر قېتىم يىغىن ئاچقاندىن سىرت، 1993-يىلىغىچە 48  قېتىم يىغىن ئاچقان. بەزى چاغلاردا يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدە يىغىنى ۋە جىددىي يىغىنى ئېچىلىدۇ.

خەۋپسىزلىك كېڭىشى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىبىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى « ب د ت نىزامنامىسى » تەسىس قىلىنغان، ئالتە ئاساسلىق ئورگانلىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ تەشكىلىي شەكلى، داۋاملىق خىزمەت قىلدۇرۇش، ئەمما خەۋپسىزلىك كېڭىشى ھەر بىر دۆلەت چوقۇم باشتىن - ئاخىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش شتابىد تۇرۇشلۇق بىر نەپەر ۋەكىلى بۇلۇشى، — ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش ھوقۇقىغا ئىگە بىردىنبىر ب د ت ئاپپاراتى. 

جۇڭگو، روسىيە، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيىدىن ئىبارەت بەش چوڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت، ئۇلار ئەلۋەتتە ئەزا دۆلەت بولغاچقا، سايلام ئۆتكۈزۈش ھاجەتسىز. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا10 دۆلەت بار، ئۇلارنى رايونلار بويىچە بۆلگەندە، ئاسىيا قىتئەسىگە ئىككى، ئافرىقا قىتئەسىگە ئۈچ، لاتىن ئامېرىكىسىغا ئىككى، شەرقىي ياۋروپاغا بىر، غەربىي ياۋروپا ۋە باشقا دۆلەتلەرگە ئىككىدىن دۆلەت توغرا كېلىدۇ. ئۇلار يىغىندا سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىككى يىل بولۇپ، ئۇدا سايلىنىشقا ۋە ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەشكە بولمايدۇ.

ھوقۇقى

خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا بەش دۆلەتنىڭ ئالاھىدە ھوقۇقى بولۇپ، بۇ دەل رەت قىلىش ھوقۇقىدۇر. بارلىق قارارلار بۇ بەش دائىمىي ئەزا دۆلەتنىڭ بىردەك قوشۇلۇشى بىلەن ماقۇللىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى ھەرقانداق بىر دائىمىي ئەزا دۆلەت مەلۇم بىر قارارغا قارشى بېلەت تاشلىسا، بۇ قارار رەت قىلىنغان بولىدۇ. 

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، خەۋپسىزلىك كېڭىشى بارلىق ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىجرا قىلىش مەجبۇرىيىتى بولغان قارارلارنى چىقىرىش ھوقۇقىغا، ھەرقانداق خەلقئارا سۈركىلىشنى تەكشۈرۈپ، مۇرەسسە قىلىش ۋە ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ھوقۇقىغا، تاجاۋۇزچىلارغا قارىتا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش ھوقۇقىغا ئىگە؛ ئەزا دۆلەتلەرنى ئىقتىسادىي جازا ئۇسۇلىنى ۋە ھەربىي ھەرىكەتتىن باشقا ئۇسۇللارنى قوللىنىپ تاجاۋۇزچىلىقتىن توختىتىشقا دەۋەت قىلسا؛ يېڭىدىن ئەزا بولىدىغان دۆلەتلەرنى قوبۇل قىلىش تەكلىپىنى بەرسە، ئۇنىڭدىن باشقا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپىنىڭ نامزاتىنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ.

ئاساسىي مەقسىتى 

خەۋپسىزلىك كېڭىشى بىر تۈرلۈك تاپشۇرۇۋالغان تەھدىت تىنچ يول بىلەن ئەرز قىلغاندا، ئادەتتە ئالاقىدارلار سىناق قوللىنىپ، تۇنجى ھەرىكىتى بولسا تەكلىپ تېنچ توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىش. خەۋپسىزلىك كېڭىشى بولىدۇ : بۇ خىل كېلىشىم ھاسىل قىلىش بەزى ئەھۋال ئاستىدا تەكشۈرۈش ۋە مۇرەسسە قىلىش؛ ھال سوراش ئۆمىگى ئەۋەتىش؛ ئالاھىدە ئەلچىسى تەيىنلەش؛ باش كاتىپنى تەكلىپ قىلىپ ياراشتۇرۇش ئارقىلىق تالاش - تارتىشلارنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش.

مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىبىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى 1945 -يىلى11-ئايدا رەسمىي قۇرۇلغان. ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەنە بىر مەخسۇس ئاپپاراتى بولۇپ، بۇ تەشكىلاتقا 160 تىن كۆپرەك دۆلەت ئەزا بولغان باش شتابى پارىژدا.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەتكە ئائىت مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىدىغان خەلقئارا تەشكىلات. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئورگىنى ئەزا دۆلەتلەر قۇرۇلتىيى، ئىجرائىيە ئىدارىسى ۋە كاتىباتلار باشقارمىسىدىن ئىبارەت. قۇرۇلتاي بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى بولۇپ، ئادەتتە ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ. مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى رايون خاراكتېرلىك مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت ياكى ئالاقىلىشىش ئىش باشقارمىلىرىنى تەسىس قىلغان. نۇرغۇن ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پارىژدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى بار. دۆلەت ئىچىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ مەملىكەتلىك كومىتېتىنى تەسىس قىلغان بولۇپ، ئۇ بۇ تەشكىلات بىلەن ئالاقە باغلايدىغان ئورگاندۇر.

مەقسىتى

بۇ تەشكىلاتنىڭ تۈپ مەقسىتى دۇنياۋى خاراكتېرلىك مۇتەخەسسىسلەر تورى ئارقىلىق، تەجرىبە، بىلىم ۋە ئىدىيە ئالماشتۇرۇش؛ ئەزا دۆلەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلىسى، پىلان تۈزۈش مەسىلىسى توغرىسىدا ھەرقايسى ئەل ھۆكۈمەتلىرىگە خىزمەت ئىشلەش ۋە بۇ پىلانلارنى ئورۇنداشقا مۇتەخەسسىس ئەۋەتىش؛ ئىرققا دائىر مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىش، بولۇپمۇ مائارىپ جەھەتتىكى ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش ۋە ئاياللارنىڭ تەلىم-تەربىيىگە ئېرىشىش ھوقۇقىنى قوغداش؛ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش؛ ئالاقىسى بار مەكتەپلەرنى ياشلار پىلانى تۈرىگە قاتنىشىشقا قوبۇل قىلىش، ئۇلارنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەر توغرىسىدىكى تونۇشىنى ئۆستۈرۈش، ئۆزئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش. ئەزالىق سالاھىيىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەنلا چەكلىنىدۇ، ھازىر ئۇنىڭغا 140 تىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايون قاتناشقان.

كەسپىي دائىرىسى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ كەسپىي دائىرىسى ناھايىتى كەڭ، ئاساسلىقى: مائارىپ، تەبىئىي پەن، ئىجتىمائىي پەن، مەدەنىيەت ۋە ئالماشتۇرۇشتىن ئىبارەت تۆت ساھەگە بۆلۈنىدۇ. مائارىپ بۇ تەشكىلاتتىكى پائالىيىتى ئەڭ كۆپ، خىراجەت ئىشلىتىش نىسبىتى ئەڭ چوڭ. تەبىئىي پەن، ئىجتىمائىي پەن ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى پائالىيىتىمۇ خېلى كەڭ.

جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى. بۇ تەشكىلات1947-يىلى11-ئايدا مەملىكىتىمىزدىكى نەنجىڭ ۋە شاڭخەيلەردە ئىككى ئىلىم-پەن مەركىزى قۇرغان، لېكىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتقان. 1971-يىل10-ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە ئىدارىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋەكىللىرىنىڭ جۇڭگونىڭ بىردىنبىر قانۇنلۇق ۋەكىلى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى ۋە مۇقىملاشتۇردى. 1972-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ17-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا مەملىكىتىمىز ۋەكىلى يىغىننىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە ۋە ئىجرائىيە ئىدارىسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى.   

ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىكى تەشكىلاتى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىكى تەشكىلاتىنىڭ باش شتابى ئىتالىيىنىڭ رىم شەھىرىدە تەسىس قىلىنغان.

كەسپىي دائىرىسى

 بۇ تەشكىلاتنىڭ كەسپىي دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى، پەن-تېخنىكا، سىياسەت ۋە ئىقتىساد قاتارلىق تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى يىغىپ، مۇناسىۋەتلىك يىغىنلارنى چاقىرىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە «ئېچىش-ياردەم بېرىش» پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ. 

ھوقۇقلۇق ئورگىنى

بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى ئەزا دۆلەتلەر قۇرۇلتىيى بولۇپ، ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم يىغىن ئۆتكۈزىدۇ. كېڭەش يىغىنى ھەر يىلى ئاز بولغاندىمۇ ئۈچ قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ. كاتىباتلار باشقارمىسى ئۇنىڭ ئىجرائىيە ئورگىنى بولۇپ، ئۇنىڭدا باش خادىم تەسىس قىلىنغان. 

قۇرۇلۇش مەقسىتى

بۇ تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى: خەلقنىڭ ئوزۇقلۇق ۋە تۇرمۇش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىكى مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەقسىملەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاش ھەمدە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت. جۇڭگو 1973-يىلىدىن باشلاپ بۇ تەشكىلاتقا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىل ئەۋەتكەن.

كاتىباتلار باشقارمىسى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىكاتىباتلار باشقارمىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھەرقايسى ئاپپاراتلىرىنىڭ مەمۇرىي كاتىبات ئىشلىرى ئورگىنى بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھەرقايسى ئاپپاراتلىرى تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلىدۇ.

كاتىباتلار باشقارمىسىدا بىر نەپەر باش كاتىپ، بىرقانچە نەپەر مۇئاۋىن باش كاتىپ، ياردەمچى كاتىپ تەسىس قىلىنغان. باش كاتىپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق مەمۇرىي ئەمەلدارى بولۇپ، ئۇنى خەۋپسىزلىك كېڭىشى كۆرسىتىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ. ھەر قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل بولۇپ، ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەشكە بولىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئالتە باش كاتىپ ۋەزىپە ئۆتىدى. ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان باش كاتىپ ئەننان بولۇپ، ئۇ گانا جۇمھۇرىيىتىدىن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك

باش كاتىپلىرى ئەڭ پائالىيەتچان، ئەڭ ئالدىراش نوپۇزلۇق شەخس.

سودا ۋە تەرەققىيات كېڭىشى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىبىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سودا ۋە تەرەققىيات كېڭىشى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى مۇھىم مەخسۇس تەشكىلاتى. ئۇزاقتىن بۇيان خەلقئارا سودىنى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر كونترول ۋە مونوپول قىلىۋېلىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بۇ خىل بىنورمال ھالەتنى ئۆزگەرتىشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلدى. 1964-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى1-نۆۋەتلىك سودا-تەرەققىيات يىغىنى چاقىردى ھەمدە سودا-تەرەققىيات كېڭىشىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي ئورگىنى قىلىپ بېكىتتى. بۇ كېڭەش ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم يىغىن ئېچىلىدۇ.

سودا-تەرەققىيات كېڭىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى: خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقئارا سودا ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ئائىت سىياسەتلەرنى تۈزۈش ھەمدە تەكلىپ بېرىشتىن ئىبارەت. كېڭەشنىڭ كاتىباتلار باشقارمىسى جەنۋەدە تەسىس قىلىنغان. 1987-يىلى7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي چاقىردى. قۇرۇلتاي يىغىنغا قاتناشقان دۆلەتلەر، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تىرىشىشى ئارقىلىق ئاخىرقى ھۆججەتنى قاراردىن ئۆتكۈزۈپ، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى سۆزلىشىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، خەلقئارا ئىقتىسادىي يېڭى تەرتىپنى دەسلەپكى قەدەمدە ئورنىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق.

تىنچلىق ساقلاش قوشۇنى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىبىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تۇنجى تىنچلىق ساقلاش قوشۇنى 1948-يىلى5-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشى تىنچلىق ساقلاش قوشۇنى قۇرۇپ، خەلقئارا ماجىرالار يۈز بەرگەن دۆلەتلەرگە ئەۋەتىشنى قارار قىلسا بولىدۇ. بۇ ئادەتتە «تىنچلىق قوغداش ھەرىكىتى» دەپ ئاتىلىدۇ.

ئاساسلىق ۋەزىپىسى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى پەلەستىندىكى ئەرەبلەر بىلەن ئىسرائىلىيىلىكلەرنىڭ دۈشمەنلىشىش ھەرىكىتىنى توختىتىشقا نازارەت قىلىش بۇلۇپ، ئۆتكەن نەچچە يىلدا جەمئىي 23 قېتىم قوشۇن تەشكىللىنىپ، ئومۇمىي ئەسكەر سانى 540 مىڭغا، ئىشلىتىلگەن خىراجەت جەمئىي5 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. 1988-يىلى بۇ قوشۇن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. تىنچلىق ساقلاش قوشۇنى ئادەتتە ئۆز دۆلىتىنىڭ ھەربىي كىيىمىنى كىيىدۇ. ئەمما، بىردەك سۇس كۆك رەڭلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ گېربى چۈشۈرۈلگەن پولات قالپاق ياكى بېرېت كىيىدۇ. دۆلىتىمىز 1990-يىلى4-ئايدا تۇنجى قېتىم تۆت ئادەمنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قوشۇنىغا قاتناشتۇرغان. 1991-يىلى 400 نەپەر قۇرۇلۇش ئەسكىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىق ساقلاش قوشۇنىغا قاتنىشىپ، كامبودژىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلغان.

بالىلار فوندى جەمئىيىتى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىبىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بالىلار فوندى جەمئىيىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەخسۇس ئاپپاراتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، 1946-يىلى12-ئايدا قۇرۇلغان. ئاساسەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى بالىلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياردەم بېرىش، بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ساقلاش، ئوزۇقلۇق، مائارىپ، پاراۋانلىق، كەسپىي تەربىيىلىنىش جەھەتتە ياردەم بىلەن تەمىنلەشكە مەسئۇل. بۇ جەھەتتىكى خىراجەت ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ خالىسانە ئىئانىسى ھەمدە يېڭى يىل كارتىسىنى سېتىش كىرىمىدىن كېلىدۇ.

رەھبەرلىك ئورگىنى 

بالىلار فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىك ئورگىنى ئىجرائىيە ئىدارىسىدۇر. ئىجرائىيە ئىدارىسىنىڭ ئەزالىرى ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي كېڭەشنىڭ رايونلار بويىچە تەقسىم قىلغان نامزاتلىرىدىن سايلاپ چىقىلىدۇ. كاتىباتلار باشقارمىسى نيۇيوركتا تەسىس قىلىنغان. مەملىكىتىمىز 1979-يىلىدىن باشلاپ بالىلار فوندى جەمئىيىتى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ كەلگەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىق تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزىنىڭ بايرىقى، گېربى ۋە شېئىرىنى تۈزۈپ چىققان.

بايرىقى 

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بايرىقىبىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى1947-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بايرىقى توغرىسىدىكى قارارنى ماقۇللىدى. بەلگىلىمە بويىچە بايراق تىك تۆتبۇلۇڭ شەكىللىك، تېگى سۇس كۆك رەڭلىك بولۇپ، ئوتتۇرىسىغا ئاق رەڭدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ گېربى چۈشۈرۈلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيۇيوركتىكى باش شتابى ۋە جەنۋە، ۋيېنادىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رايونىدا لەپىلدەپ تۇرغىنى دەل مۇشۇ بايراقتۇر. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئولتۇرغان ماشىنىغىمۇ مۇشۇنداق بايراق ئېسىلغان.

گېربى 

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى گېربىگېربنىڭ نۇسخىسى: دۇنيا خەرىتىسىنىڭ شىمالىي قۇتۇپتىن كۆرۈنۈشى ئېلىنغان بولۇپ، خەرىتىگە قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزنىڭ شەكلى چۈشۈرۈلگەن، بۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دۇنياۋى خاراكتېرلىك خەلقئارا تەشكىلات ئىكەنلىكىگە سىمۋول قىلىنغان. ئەتراپىنى ئوراپ تۇرغان زەيتۇن دەرىخىنىڭ شېخى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تۈپ مەقسىتى دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ئىكەنلىكىگە سىمۋول قىلىنغان. زەيتۇن دەرىخى شېخىنىڭ تىنچلىققا ۋەكىللىك قىلىشى قەدىمكى رىۋايەتتىن كەلگەن. بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا، تەڭرى ئادەملەر ئارىسىدىكى ئەخلاق، كەيپىياتنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى بايقاپ ئىنتايىن غەزەپلىنىپ، ئىنسانىيەتنى كەلكۈنگە غەرق قىلىۋەتمەكچى بولغانمىش. لېكىن كېيىن بۇنداق قىلىشنىڭ تولىمۇ رەھىمسىزلىك بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئادەملەر ئارىسىدىن بىردىنبىر ياخشى نىيەتلىك نوھ ئەلەيھىسسالام ئەر-خوتۇننى تاللىۋېلىپ، بىر كېمە تەييارلاپ(نوھ ئەلەيھىسسالام كېمىسى) ئۇلارنى كېمىگە ئولتۇرغۇزۇپ، بىر جۈپ كەپتەر بىلەن جېنىنى ئەپقېچىشقا قويۇۋەتكەنمىش. كەلكۈن يانغاندىن كېيىن نوھ ئەلەيھىسسالام كەپتەرنى ئەھۋال ئىگىلەپ كېلىشكە ئەۋەتكەنىكەن، ئۇزاق ئۆتمەي كەپتەر ياپيېشىل زەيتۇن دەرىخىنىڭ شېخىنى چىشلەپ قايتىپ كەپتۇمىش، بۇ، كەلكۈننىڭ يېنىپ، تىنچلىق كۈنلىرىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنىڭ بېشارىتى ئىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن، ئىنسانلار زەيتۇن دەرىخىنىڭ شېخىنى تىنچلىقنىڭ سىمۋولى، كەپتەرنىمۇ تىنچلىقنىڭ بەلگىسى دەپ قارايدىغان بولغان. 

شېئىرى 

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى شېئىرى«بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ شېئىرى» نى ئامېرىكا شائىرى H. J. رومىن1945-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كومپوزىتورى شاستاكوۋىچنىڭ «ئۇچرىشىش ناخشىسى» ئاساسىدا قايتىدىن تولۇقلاپ يېزىپ چىققان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    100%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#