جامىس فىرانكو
جامىس فىرانكو، 1978-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى ئامېرىكا كالفۇرنىيە ئىشتاتى پالو ئالتو دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. كۆزگە كۆرۈنگەن ئاكتيور، سېنارېست.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
جامىس فىرانكونىڭ كىشىلەرگە ئەڭ تونۇشلۇق ئوبرازى بەلكىم «ئۆچۈمۈك پالۋان» فىلىمىدىكى «خارى» بولۇشى مۇمكىن. ئۇ 1999-يىلى (21ياش ۋاقتى) تۇنجى قېتىم «دەلدۈشلەر ۋە كىتاب خالتىلىرى»(Freaks and Geeks) ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رولغا قاتناشقان. ئاندىن كېيىن ئۇ TNTنىڭ بىئوگرافىيەلىك فىلىمى «جامىس دىئىن» فىلىمىدە باش رولغا چىققان.
بۇ فىلىم سەۋەبلىك ئۇ 2002-يىلى ئۇنىڭغا ئالتۇن شار مىكرو تېلېۋىزىيە مۇكاپاتى ۋە كىنو-تېلېۋىزىيە ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ «ساھىل شەھىرى(City by the Sea)»دە روبېرت دېنىرونىڭ زەھەرگە خۇمار بولغان ئوغلىنىڭ رولىغا چىققان.
2002-يىلى ئۇ يەنە «ئۆمۈچۈك پالۋان» فىلىمىنىڭ ئۈچ بۆلۈمىدە «خارى ئوسبورن»نىڭ رولىغا چىققان.
شۇنىڭدىن كېيىن جامىس فىرانكو يەنە «بالېت بىلەن ئۆتكەن ھايات(The Company)» فىلىمىدە، 2005-يىلى «تۇيۇقسىز ھۇجۇم(The Great Raid)»، «ئەنناپولىس(Annapolis)» ۋە «بوشلۇقتىكى قەھرىمان(Flyboys)»، «تىرىستون بىلەن ئىسولد(Tristan & Isolde)» قاتارلىق فىلىملەردە رولغا قاتناشقان.
2006-يىلى سەنئەت ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان.
2008-يىلى «مىلك(Milk)» ۋە «ئاناناس تېز يوللانمىسى(Pineapple Express)» فىلىمىدە رولغا قاتناشقان.
2009-يىلى «شاۋقۇن(Howl)» فىلىمىدە رولغا قاتناشقان. 2010-يىلى «127 سائەت(127 Hours)» ناملىق فىلىمگە قاتناشقان ۋە 83-نۆۋەتلىك ئوسكار مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى ئەر رولچى نامزاتلىقىغا تاللانغان. 2011-يىلى «شىمپەنزىلەرنىڭ باش كۆتۈرۈشى(Rise of the Planet of the Ape)»گە قاتناشقان.
«2013-يىلى فىرانكو ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلغان «قۇش مايىقى» ناملىق سەنئەت ئەسىرى قويۇلغان، شۇ يىلى يەنە «ئوز دۆلىتى پېرىخونى(Oz The Great and Powerfu)» ناملىق فىلىمدە رولغا قاتناشقان.
2014-يىلى جامىس فىرانكو «ئائىلە فىرونتى(Homefront)»، «زىيارەت(The Interview)» قاتارلىق فىلىملەرگە قاتناشقان.
سېنارېستلىق ۋە رېژىسسورلۇقنى بىرگە قىلغان فىلىملىرىدىن «يېڭىش-يېڭىلىش ئايرىلمىغان جەڭ»، «يىقىلغان مۇنار»، «سال(Sal )»، «ئارتىسنىڭ ھېكايىسى»، «ئەرلىك خاراكتېر ۋە مەن»، «ئارتىسنىڭ ھېكايىسى»، «ئۇلۇغلار زىياپىتى» قاتارلىق فىلىملىرى بار.
قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى :
83-نۆۋەتلىك ئوسكار مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى ئەر رولچى (نامزات) مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
66-نۆۋەتلىك ئالتۇن شار مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى (نامزات) مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
68-نۆۋەتلىك ئالتۇن شار مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى (نامزات) مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
59-نۆۋەتلىك ئالتۇن شار مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى (نامزات) مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.