ئاپتورلۇق ھوقۇقى ھەق تەلەپ ماجىراسى دېلولىرىنى سوت قىلىشقا ئائىت ئىزاھات

ئاپتورلۇق ھوقۇقى ھەق تەلەپ ماجىراسى دېلولىرىنى سوت قىلىشتا ق

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقى ھەق تەلەپ ماجىراسى دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى 2002-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ھەيئىتىنىڭ 1246-يىغىنىدا ماقۇللانغان، س ئى (2002) 31-نومۇرلۇق بۇيرۇق بىلەن 2002-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى ئېلان قىلىنغان.

ئۇيغۇرچە نامى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقى ھەق تەلەپ ماجىراسى دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2002-يىلى 10-ئاينىڭ 1-ئاينىڭ 12-كۈنى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2002-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى
خەنزۇچە نامى 最高人民法院关于审理著作权民事纠纷案件适用法律若干问题的解释
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2002-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى
ھۆججەت س ئى ( 2002 ) 31-نومۇرلۇق بۇيرۇق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

س ئى ( 2002 ) 31-نومۇرلۇق بۇيرۇق 

«ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقى ھەق تەلەپ ماجىراسى دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى» 2002-يىلى 10-ئاينىڭ 1-ئاينىڭ 12-كۈنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ھەيئىتىنىڭ 1246-يىغىنىدا ماقۇللاندى. ھازىر ئېلان قىلدۇق، 2002-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى

2002-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى 

ئاپتورلۇق ھوقۇقى ھەق تەلەپ ماجىراسى دېلولىرىنى توغرا سوت قىلىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ توختام قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى» قاتارلىق قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەرگە بىنائەن، قانۇننى تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى تۆۋەندىكىچە ئىزاھات بېرىلدى:

1-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ئاپتورلۇق ھوقۇقى ھەق تەلەپ ماجىراسى دېلولىرىدىن تۆۋەندىكىلەرنى قوبۇل قىلىدۇ:

1 . ئاپتورلۇق ھوقۇقى ۋە ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا ئائىت ھوقۇق-مەنپەئەت تەۋەلىكى ماجىراسى، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈش ماجىراسى، توختام ماجىراسى دېلوسى؛

2 . دەۋادىن ئىلگىرى ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا ۋە ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا ئائىت ھوقۇق-مەنپەئەتكە دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈش قىلمىشىنى توختىتىش، مال-مۈلۈكنى ۋە دەلىل-ئىسپاتنى ئامان ساقلاش ئىلتىماس قىلىنغان دېلو؛

3 . ئاپتورلۇق ھوقۇقى، ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا ئائىت باشقا ھوقۇق-مەنپەئەت ماجىراسى دېلوسى.

2-ماددا ئاپتورلۇق ھوقۇقى ھەق تەلەپ ماجىراسى دېلولىرى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.

يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىلىرى تەۋەلىكىدىكى جايلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، بىرىنچى سوت ئاپتورلۇق ھوقۇقى ھەق تەلەپ ماجىراسى دېلولىرىنىڭ بىرنەچچە ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدىغانلىقىنى بېكىتسە بولىدۇ.

3-ماددا ئاپتورلۇق ھوقۇقىنى مەمۇرىي باشقۇرغۇچى تارماق بىر تەرەپ قىلغان ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا دەخلى -تەرۇز يەتكۈزۈش قىلمىشىدا ئالاقىدارلار شۇ قىلمىش سادىر قىلغۇچىنىڭ ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش ھەققىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

خەلق سوت مەھكىمىسى ئاپتورلۇق ھوقۇقىنى مەمۇرىي باشقۇرغۇچى تارماق بىر تەرەپ قىلغان ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈش قىلمىشىغا ئائىت ھەق تەلەپ ماجىرا دېلوسىنى سوت قىلىشتا دېلو پاكىتىنى ئەتراپلىق تەكشۈرۈشى كېرەك.

4-ماددا ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈش قىلمىشى ئۈستىدە قىلىنغان ھەق تەلەپ دەۋاسى «ئاپتورلۇق ھوقۇقى قانۇنى»نىڭ 46 -، 47-ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇققا دەخلى -تەرۇز يەتكۈزۈش قىلمىشى سادىر بولغان جاي دەخلى-تەرۇزغا ئۇچراپ كۆپەيتىلگەن بۇيۇم ساقلىنىۋاتقان جاي ياكى پېچەتلەنگەن، تۇتۇپ قېلىنغان جاي جاۋابكار تۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ھوقۇقى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچراپ كۆپەيتىلگەن بۇيۇم ساقلىنىۋاتقان جاي ھوقۇقى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچراپ كۆپەيتىلگەن بۇيۇم كۆپلەپ ياكى دائىم ساقلىنىدىغان، يوشۇرۇلىدىغان جاينى كۆرسىتىدۇ؛ پېچەتلەنگەن، تۇتۇپ قېلىنغان جاي تاموژنا، نەشر ھوقۇقى ئىدارىسى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق مەمۇرىي ئورگانلار ھوقۇقى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچراپ كۆپەيتىلگەن بۇيۇمنى قانۇن بويىچە پېچەتلىگەن، تۇتۇپ قالغان جاينى كۆرسىتىدۇ.

5-ماددا ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈشكە ئائىت ئوخشاش بولمىغان قىلمىش سادىر بولغان جايدىكى بىرنەچچە جاۋابكارغا چېتىلىدىغان ئورتاق دەۋادا دەۋاگەر ئۇلار ئىچىدىكى بىر جاۋابكارنىڭ ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈش قىلمىشى سادىر بولغان جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى تاللىۋالسا بولىدۇ؛ ئۇلار ئىچىدىكى بىرلا جاۋابكار ئۈستىدىن قىلىنغان دەۋادا شۇ جاۋابكار ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈش قىلمىشىنى سادىر قىلغان جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقى بولىدۇ.

6-ماددا قانۇن بويىچە قۇرۇلغان ئاپتورلۇق ھوقۇقىنى كوللېكتىپ باشقۇرغۇچى تەشكىلات ئاپتورلۇق ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ يازما ھوقۇق بېرىشىگە ئاساسەن، ئۆزىنىڭ نامىدا دەۋا قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

7-ماددا ئالاقىدارلار بەرگەن ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا چېتىلىدىغان كوپىيە، ئەسلىي نۇسخا، قانۇنلۇق نەشر بۇيۇمى، ئاپتورلۇق ھوقۇقىنى تىزىملىغانلىق گۇۋاھنامىسى، ئىسپات بەرگۈچى ئاپپاراتنىڭ ئىسپاتى، ھوقۇققا ئېرىشىش توختامى قاتارلىقلار دەلىل-ئىسپات قىلىنسا بولىدۇ.

ئەسەر ياكى بۇيۇمغا ئىسمى يېزىلغان تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات ئاپتورلۇق ھوقۇقى ئىگىسى ياكى ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ھوقۇق-مەنپەئەت ئىگىسى دەپ قارىلىدۇ، لېكىن قارشى دەلىل-ئىسپات بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

8-ماددا ئالاقىدارلار ئۆزى ياكى باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ بۇيرۇتۇش، نەق مەيداندا سودىلىشىش ئۇسۇللىرى بىلەن ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈپ كۆپەيتىلگەن بۇيۇمنى سېتىۋېلىپ ئېرىشكەن نەرسە، تالون قاتارلىقلار دەلىل-ئىسپات قىلىنسا بولىدۇ.

جامائەت گۇۋاھلىقى خادىملىرىنىڭ ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزگەنلىك گۇمانى بارلارغا سالاھىيىتىنى بىلدۈرمىگەن ئەھۋالدا، يەنە بىر تەرەپنىڭ ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئۇسۇل بويىچە ئېرىشكەن دەلىل-ئىسپاتى ۋە دەلىل-ئىسپاتقا ئېرىشىش جەريانىدا بەرگەن جامائەت گۇۋاھلىقى خېتىنى دەلىل-ئىسپات قاتارىدا ئىشلىتىش كېرەك، لېكىن قارشى دەلىل-ئىسپات بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

9-ماددا «ئاپتورلۇق ھوقۇقى قانۇنى»نىڭ 10-ماددا 1-تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن «جامائەتچىلىككە ئېلان قىلىش» ئەسەرنى ئاپتورلۇق ھوقۇقى ئىگىسى ئۆز ئالدىغا ياكى ئۇنىڭ ئىجازىتى بىلەن مۇئەييەن بولمىغان كىشىلەر ئېلان قىلىشنى كۆرسىتىدۇ، لېكىن جامائەتچىلىكنىڭ بىلمەسلىكى شەرت قىلىنىدۇ.

10-ماددا «ئاپتورلۇق ھوقۇقى قانۇنى»نىڭ 15-ماددا 2-تارمىقىدا كۆرسىتىلگەن ئەسەردە ئاپتورلۇق ھوقۇقى ئىگىسى تەبىئىي شەخس بولسا، ئۇنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقىنىڭ قوغدىلىش مۇددىتىگە «ئاپتورلۇق ھوقۇقى قانۇنى»نىڭ 21-ماددا 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ؛ ئاپتورلۇق ھوقۇقى ئىگىسى قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات بولسا، ئۇنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقىنىڭ قوغدىلىش مۇددىتىگە «ئاپتورلۇق ھوقۇقى قانۇنى»نىڭ 21-ماددا 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

11-ماددا ئەسەرگە ئىسمىنى يېزىش رەت تەرتىپى ئۈستىدە تۇغۇلغان ماجىرانى خەلق سوت مەھكىمىسى تۆۋەندىكى پرىنسىپ بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ: پۈتۈم بولسا، ئىسمىنى يېزىش رەت تەرتىپىنى پۈتۈم بويىچە بېكىتىدۇ؛ پۈتۈم بولمىسا، ئىسمىنى يېزىش رەت تەرتىپىنى ئەسەرگە سىڭدۈرگەن ئەجرى، ئەسەرنىڭ رېتى، ئاپتورنىڭ فامىلە خەت سىزىقى قاتارلىقلار بويىچە بېكىتىدۇ.

12-ماددا «ئاپتورلۇق ھوقۇقى قانۇنى»نىڭ 17-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ھاۋالە قىلىنغان ئەسەردە ئاپتورلۇق ھوقۇقى ھاۋالە قىلىنغۇچىغا مەنسۇپ بولسا، ھاۋالە قىلغۇچى ئەسەردىن پايدىلىنىش ھوقۇقىغا پۈتۈشكەن پايدىلىنىش دائىرىسىدە ئىگە بولىدۇ؛ ئەسەردىن پايدىلىنىش دائىرىسىنى ئىككى تەرەپ پۈتۈشمىگەن بولسا، ھاۋالە قىلغۇچى شۇ ئەسەردىن ئىجاد قىلىش ھاۋالە قىلىنغان مۇئەييەن مەقسەت دائىرىسىدە ھەقسىز پايدىلانسا بولىدۇ.

13-ماددا «ئاپتورلۇق ھوقۇقى قانۇنى»نىڭ 11-ماددا 3-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋالنى ھېسابقا ئالمىغاندا، باشقىلار قەلەم تەۋرىتىپ يازغان بولسىمۇ، ئۆزى كۆرۈپ بېكىتكەن ھەمدە ئۆزىنىڭ نامىدا ئېلان قىلغان دوكلات، سۆز قاتارلىق ئەسەرلەردە دوكلات بەرگۈچى ياكى سۆز قىلغۇچى ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ. ئاپتورلۇق ھوقۇقى ئىگىسى قەلەم تەۋرەتكۈچىگە مۇۋاپىق ھەق بەرسە بولىدۇ.

14-ماددا ئالاقىدارلار بىرلىكتە مۇئەييەن شەخسنىڭ سەرگۈزەشتىسىنى ژانىر قىلىپ پۈتتۈرگەن تەرجىمىھال ژانىرىدىكى ئەسەردە ئاپتورلۇق ھوقۇقى ئۇلارنىڭ پۈتۈشكىنى بويىچە بولىدۇ؛ پۈتۈشمىگەن بولسا، ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا شۇ مۇئەييەن شەخس ئىگە بولىدۇ. قەلەم تەۋرەتكۈچى ياكى رەتلىگۈچى ئەسەرنى پۈتتۈرۈشكە ئەجىر سىڭدۈرگەن بولسا، ئاپتورلۇق ھوقۇقى ئىگىسى ئۇلارغا مۇۋاپىق ھەق بەرسە بولىدۇ.

15-ماددا بىرنەچچە ئاپتور بىر ژانىردا ئىجاد قىلىدىغان ئەسەردە ئەسەر مۇستەقىل پۈتتۈرۈلگەن ھەمدە ئىجادىي بولسا، ئاپتورلارنى مۇستەقىل ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا ئىگە دەپ بېكىتىش كېرەك.

16-ماددا ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق بەرگەن نوقۇل پاكىت خاراكتېرلىك خەۋەر «ئاپتورلۇق ھوقۇقى قانۇنى»نىڭ 5-ماددا 2-تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن ئېقىم مەسىلىلىرىگە دائىر خەۋەر ھېسابلىنىدۇ. باشقىلار زىيارەت قىلىپ يازغان ئېقىم مەسىلىلىرىگە دائىر خەۋەرنى بېرىشتە بۇ خەۋەرنى كىمنىڭ يازغانلىقىنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەك.

17-ماددا «ئاپتورلۇق ھوقۇقى قانۇنى»نىڭ 32-ماددا 2-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن كۆچۈرۈپ بېسىش گېزىت، ژۇرناللار باشقا گېزىت، ژۇرناللار ئېلان قىلغان ئەسەرنى بېسىشنى كۆرسىتىدۇ. كۆچۈرۈپ بېسىشتا كۆچۈرۈپ باسىدىغان ئەسەرنىڭ ئاپتورىنى ۋە ئەڭ باشتا باسقان گېزىت-ژۇرنالنى ئەسكەرتىپ قويمىغانلار تەسىرىنى تۈگىتىش، ناماقۇل بولۇش قاتارلىق ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

18-ماددا «ئاپتورلۇق ھوقۇقى قانۇنى»نىڭ 22-ماددا 10-تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن تالادىكى ئاممىۋى سورۇنلاردىكى سەنئەت ئەسەرلىرى تالادىكى ئاممىۋى پائالىيەت سورۇنلىرىغا ئورنىتىلغان ياكى قويۇلغان ھەيكەل، رەسىم، ھۆسنخەت قاتارلىق سەنئەت ئەسەرلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن سەنئەت ئەسىرىنى ئەندىزگە ئالغۇچى، سىزغۇچى، سۈرەتكە تارتقۇچى، سىنئالغۇغا ئالغۇچى ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىدىن مۇۋاپىق ئۇسۇلدا ۋە دائىرىدە قايتا پايدىلانسا، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزگەن ھېسابلانمايدۇ.

19-ماددا نەشر قىلغۇچى، ئىشلىگۈچى ئۆزىنىڭ نەشر قىلىش، ئىشلەشتە قانۇنلۇق ھوقۇق ئالغانلىقىغا دائىر دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ تارقاتقۇچى، ئىجارىگە بەرگۈچى ئۆزىنىڭ تارقاتقان ياكى ئىجارىگە بەرگەن كۆپەيتىلگەن بۇيۇمىنىڭ قانۇنلۇق مەنبەسىگە دائىر دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. دەلىل-ئىسپات كۆرسىتەلمىگەنلەر «ئاپتورلۇق ھوقۇقى قانۇنى»نىڭ 46-، 47-ماددىلىرىدىكى مۇناسىپ بەلگىلىمىلەر بويىچە قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

20-ماددا نەشر بۇيۇمىدا باشقىلارنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈلگەن بولسا، نەشر قىلغۇچى خاتالىقىنىڭ، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈشىنىڭ دەرىجىسى ۋە زىيانلىق ئاقىۋىتى قاتارلىقلارغا ئاساسەن، ھەق تەلەپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

نەشر قىلغۇچى نەشر قىلىشتا ھوقۇق ئېلىش، ماقالە مەنبەسىنى بىلىش ۋە رەسىم يېزىش، مەزمۇن قاتارلىق جەھەتلەردە مۇۋاپىق دىققەت قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان بولسا، «ئاپتورلۇق ھوقۇقى قانۇنى»نىڭ 48-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

نەشر قىلغۇچى مۇۋاپىق دىققەت قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغان بولسا، ئاپتورلۇق ھوقۇقى ئىگىسىمۇ نەشر قىلغۇچىنىڭ ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈشكە بېرىپ چېتىلىدىغانلىقىنى بىلىدىغانلىقىنى دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىپ ئىسپاتلاپ بېرەلمىسە، «ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى»نىڭ 117-ماددا 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، نەشر قىلغۇچى ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈشنى توختىتىش، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈپ ئېرىشكەن پايدىنى قايتۇرۇش ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

نەشر قىلغۇچى مۇۋاپىق دىققەت قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالى ھەققىدە دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ.

 21-ماددا كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىياللىرىنى ئىشلەتكۈچىلەردىن كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىياللىرىنى سودىدا ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ ياكى ئىجازەت دائىرىسىدىن ھالقىپ ئىشلەتكەنلىرى «ئاپتورلۇق ھوقۇقى قانۇنى»نىڭ 47-ماددا 1-تارماقچىسى، «كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىياللىرىنى قوغداش نىزامى»نىڭ 24-ماددا 1-تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

22-ماددا ئاپتورلۇق ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈش توختامىدا يازما شەكىل قوللىنىلمىغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى «توختام قانۇنى»نىڭ 36 -، 37-ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە توختام تۈزۈلگەن-تۈزۈلمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈشى كېرەك.

23-ماددا نەشر قىلغۇچى ئاپتورلۇق ھوقۇقى ئىگىسى نەشر قىلىشقا تاپشۇرغان ئەسەرنى يىتتۈرۈپ قويۇپ، بۇزۇۋېتىپ نەشر توختامىنى ئادا قىلغىلى بولمايدىغان ئەھۋالنى پەيدا قىلسا، «ئاپتورلۇق ھوقۇقى قانۇنى»نىڭ 53-ماددىسى، «ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسى»نىڭ 117-ماددىسى ۋە «توختام قانۇنى»نىڭ 122-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، نەشر قىلغۇچىنىڭ ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

24-ماددا ھوقۇق ئىگىسىنىڭ ئەمەلىي زىيىنى ئۇنىڭ ھوقۇقى دەخلى تەرۇزغا ئۇچراپ ئازىيىپ كەتكەن كۆپەيتىلگەن بۇيۇمنىڭ تارقىتىلىش مىقدارى ياكى سېتىلىش مىقدارى بىلەن ھوقۇق ئىگىسى شۇ كۆپەيتىلگەن بۇيۇمنى تارقىتىپ ئېرىشكەن بىرلىك پايدا كۆپەيتىلىپ ھېسابلانسا بولىدۇ؛ ئازىيىپ كەتكەن تارقىتىش مىقدارىنى بېكىتىش تەس بولسا، ئۇ ھوقۇققا دەخلى- تەرۇز يەتكۈزۈپ كۆپەيتىلگەن بۇيۇمنىڭ بازاردىكى سېتىلىش مىقدارى بويىچە بېكىتىلىدۇ.

25-ماددا ھوقۇق ئىگىسىنىڭ ئەمەلىي زىيىنى ياكى ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزگۈچىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى بېكىتكىلى بولمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئالاقىدارلارنىڭ تەلىپى ياكى خىزمەت ھوقۇقى بويىچە، «ئاپتورلۇق ھوقۇقى قانۇنى»نىڭ 48-ماددا 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىنى تەتبىقلاپ، تۆلەم سوممىسىنى بېكىتسە بولىدۇ.

خەلق سوت مەھكىمىسى تۆلەم سوممىسىنى بېكىتىشتە، ئەسەرنىڭ تۈرى، مۇۋاپىق پايدىلىنىش ھەققى، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈش قىلمىشىنىڭ خاراكتېرى، ئاقىۋىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئويلىشىشى كېرەك.

ئالاقىدارلارنىڭ مۇشۇ ماددىىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تۆلەم سوممىسى ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىشىغا رۇخسەت قىلىش كېرەك.

26-ماددا «ئاپتورلۇق ھوقۇقى قانۇنى»نىڭ 48-ماددا 1-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈش قىلمىشىنى چەكلەشكە قىلغان مۇۋاپىق چىقىم ھوقۇق ئىگىسى ياكى ھاۋالە قىلىنغان ۋاكالەتچىنىڭ ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈش قىلمىشىنى تەكشۈرۈشىگە، دەلىل-ئىسپات ئېلىشىغا كەتكەن مۇۋاپىق خىراجىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئالاقىدارلارنىڭ دەۋا تەلىپى ۋە كونكرېت دېلو ئەھۋالىغا قاراپ، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن ئادۋوكاتلىق ھەققىنى تۆلەم دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ ھېسابلىسا بولىدۇ.

27-ماددا ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش قارارى يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇنقى ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈش قىلمىشى ئۈستىدىن دەۋا قىلىنغان دېلودا خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ قارار يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ھۆكۈم چىقىرىشتا «ئاپتورلۇق ھوقۇقى قانۇنى»نىڭ 48-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىدىن پايدىلانسا بولىدۇ.

28-ماددا ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز يەتكەۈزۈش دەۋاسىنىڭ ۋاقىت چېكى ئىككى يىل بولىدۇ، ئۇ ئاپتورلۇق ھوقۇقى ئىگىسى ھوقۇقى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. ھوقۇق ئىگىسى ئىككى يىلدىن ئاشقاندا دەۋا قىلغاندا، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈش قىلمىشى يەنىلا داۋامىلىشىۋاتقان بولسا، بۇ ئاپتورلۇق ھوقۇقىنى قوغداش مۇددىتى ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋابكارنىڭ ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشىنى توختىتىشى ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىشى كېرەك. ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزگۈچىنىڭ زىيان تۆلەم سوممىسىنى ھوقۇق ئىگىسى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلغان كۈندىن باشلاپ ئالدىغا ئىككى ئاي سۈرۈپ پەرەز قىلىپ ھېسابلاش كېرەك.

29-ماددا «ئاپتورلۇق ھوقۇقى قانۇنى»نىڭ 47-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈش قىلمىشىدا خەلق سوت مەھكىمىسى ئالاقىدارلارنىڭ تەلىپىگە بىنائەن قىلمىشچىنىڭ ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشتىن باشقا، «ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسى»نىڭ 134-ماددا 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۇنىڭغا يەنە ھەق تەلەپ جازاسى بەرسە بولىدۇ، جەرىمانە سوممىسى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقىنى يولغا قويۇش نىزامى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەردىن پايدىلىنىپ بېكىتىلسە بولىدۇ.

ئاپتورلۇق ھوقۇقىنى مەمۇرىي باشقۇرغۇچى تارماق شۇ ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈش قىلمىشىغا مەمۇرىي جازا بەرگەن بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قايتا ھەق تەلەپ جازاسى بەرمەيدۇ.

30-ماددا 2001-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن بۇرۇن سادىر بولغان ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈش قىلمىشىدا ئالاقىدارلار 2001-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن كېيىن خەلق سوت مەھكىمىسىگە ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈش قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇش ياكى دەلىل-ئىسپاتنى ئامان ساقلاش تەدبىرى قوللىنىشنى ئىلتىماس قىلغان بولسا، ئۇنىڭغا «ئاپتورلۇق ھوقۇقى قانۇنى»نىڭ 49 -، 50-ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋادىن ئىلگىرى تەدبىر قوللىنىشتا «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دەۋادىن ئىلگىرى رويخەتكە ئالدۇرۇلغان تاۋار ماركىسىدىن پايدىلىنىش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈشنى توختىتىش ۋە دەلىل-ئىسپاتنى ئامان ساقلاشتا قانۇننى تەتبىقلاش مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئىزاھاتى»دىكى بەلگىلىمىدىن پايدىلىنىدۇ.

31-ماددا مۇشۇ ئىزاھاتتا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، 2001-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن كېيىن خەلق سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلغان ئاپتورلۇق ھوقۇقى ھەق تەلەپ ماجىراسى دېلولىرى 2001-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن بۇرۇنقى ھەق تەلەپ ھەرىكەتلىرىگە چېتىلسا، ئۇلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتىن بۇرۇنقى «ئاپتورلۇق ھوقۇقى قانۇنى»دىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ، مۇشۇ ۋاقىتتىن كېيىنكى ھەق تەلەپ ھەرىكەتلىرىگە چېتىلسا، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «ئاپتورلۇق ھوقۇقى قانۇنى»دىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ؛ مۇشۇ ۋاقىتتىن بۇرۇن كۆرۈلۈپ، مۇشۇ ۋاقىتتىن كېيىنگىچە داۋاملاشقان ھەق تەلەپ ھەرىكىتىگە چېتىلسا، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «ئاپتورلۇق ھوقۇقى قانۇنى»دىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

32-ماددا ئىلگىرىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بۇ ئىزاھات بىلەن بىردەك بولماي قالغان بولسا، بۇ ئىزاھات ئاساس قىلىنىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى 

http://uyghur.news.cn/2012-04/23/c_131545935_5.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#