ھەسەن-ھۈسەن

ھەسەن-ھۈسەن

ھەسەن-ھۈسەن مېتېئورولوگىيە ئىچىدىكى بىر خىل ئوپتىكىلىق ھادىسە.

ئۇيغۇرچە نامى ھەسەن-ھۈسەن
تۈرى ئوپتىكىلىق ھادىسە
ئىنگلىزچە نامى rainbow
خەنزۇچە نامى 彩虹
خەنزۇچە باشقا نامى 虹، 天虹
پىنيىنچە يېزىلىشى cǎi hóng

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھەسەنھۈسەنھەسەن-ھۈسەن مېتېئورولوگىيە ئىچىدىكى بىر خىل ئوپتىكىلىق ھادىسە. قۇياش نۇرى ھاۋادىكى سۇ تامچىلىرىغا چۈشكەندە، نۇر سۇنغاندىن ۋە رېفلېكسدىن، ئاسماندا ئەگمە رەڭدار نۇرنى شەكىللەندۈرىدۇ، يامغۇردىن كېيىن كۆپ ئۇچرايدۇ. شەكلى ئەگرى بولۇپ، ئادەتتە يېرىم يۇمىلاق شەكىللىك. رەڭگى چىرايلىق. شەرقىي ئاسىيا، جۇڭگودا يەتتە رەڭلىك نۇر دولقۇنىغا نىسبەتەن ئەڭ ئومۇملاشقان قاراش (دولقۇن ئۇزۇنلىقىنىڭ چوڭ كىچىك تەرتىپى بويىچە): قىزىل، قىزغۇچ سېرىق، سېرىق، يېشىل، كۆك، تۆمۈر كۆك، سۆسۈن.

قوش ھەسەن-ھۈسەن 

ھەسەنھۈسەنكۆپ ۋاقىتلاردا ئىككى ھەسەن-ھۈسەن بىلەن بىر ۋاقىتتا ھاسىل بولىدۇ، ئادەتتىكى ھەسەن-ھۈسەن سىرتىدا ئايلانما يۇلتۇزلارغا ئوخشاش ھەسەن-ھۈسەن ئوخشاش مەركەزدە پەيدا بولىدۇ. ئەمما خىرە ھالەتتە بولىدۇ، «ھەسەن-ھۈسەن شولىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. 

كەچكى ھەسەن-ھۈسەن

كەچكى ھەسەن-ھۈسەن بولسا بىر خىل ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋال، ئاي نۇرى كۈچلۈك بولغان كىچىدە پەيدا بولۇشى مۇمكىن. ئىنسانلارنىڭ كۆرۈش سېزىمى تۆۋەن ئەھۋالدا كېچىدە نۇرنىڭ رەڭگىنى پەرق ئېتىش تەس، شۇڭا كەچكى ھەسەن-ھۈسەن قارىماققا ھەممىسى ئاق رەڭلىك كۆرۈنىدۇ.

يەتتە خىل رەڭلىك نۇر سەۋەبى

ھەسەن-ھۈسەن قۇياش نۇرىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدىكى يۇمىلاقراق كەلگەن كىچىك سۇ تامچىسىغا چۈشىشىدىن، يورۇقلۇق دىسپېرسىيىسى ۋە نۇر قايتىشتىن ھاسىل بولىدۇ. كۈن نۇرى سۇ تامچىسىغا چۈشكەندە، بىرلا ۋاقىتتا ئوخشاش بولمىغان نۇقتىسىدىن چۈشكەچكە، سۇ تامچىسى ئىچىدە يەنە ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن قايتقان نۇرلار بولىدۇ. ئىچىدە 40 ~ 42 گىرادۇسلۇقنىڭ نۇر قايتىشى ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ، كىشىلەر كۆرەلەيدىغان ھەسەن-ھۈسەن شەكىللەندۈرىدۇ.

ھەسەن-ھۈسەننىڭ روشەنلىك دەرىجىسى، ھاۋا بوشلۇقىدىكى سۇ تامچىلىرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە باغلىق، كىچىك سۇ تامچىسىنىڭ ھەجمى قانچە چوڭ بولسا، شەكىللەنگەن ھەسەن-ھۈسەن شۇنچە ئوچۇق، كىچىك سۇ تامچىسى ھەجىمى قانچە كىچىك بولسا، شەكىللەنگەن ھەسەن-ھۈسەن شۇنچە غۇۋا بولىدۇ. ئادەتتە قىشتا ھاۋا تېمپېراتۇرىسى بىرقەدەر تۆۋەن بولىدۇ، كىچىك سۇ تامچىسى بوشلۇقتا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئاسان ئەمەس، يامغۇر پۇرسىتىمۇ ئاز بولغاچقا، ئادەتتە ھەسەن-ھۈسەن پەيدا بولمايدۇ.

ئېگىلىش سەۋەبى

ئەمەلىيەتتە ئەگەر شەرتلەر مۇۋاپىق بولسا، ھەسەن-ھۈسەننى يۇمىلاق چەمبەر ھالەتتە كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ خىل رېفلېكس ھاسىل بولغاندا، قۇياش نۇرى سۇ تامچىسىغا كىرىپ، ئاۋۋال بىر قېتىم سۇنۇپ، ئاندىن سۇ تامچىلىرىنىڭ دۈمبە تەرىپىدىن قايتىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا سۇ تامچىلىرىدىن ئايرىلىدىغاندا يەنە بىر قېتىم سۇنۇش يۈز بېرىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا كىشىلەرنىڭ كۆزىگە چۈشىدۇ.

نۇر سۇ تامچىلىرىنى كېسىپ ئۆتكەندىكى ئېگىلىش دەرىجىسى كۆرۈنمە نۇرنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقى (يەنى رەڭ) تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ، قىزىل رەڭنىڭ ئېگىلىش دەرىجىسى ئەڭ چوڭ، قىزغۇچ سېرىق نۇر بىلەن سېرىق نۇر ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، سۆسۈن رەڭلىك نۇرنىڭ ئېگىلىش دەرىجىسى ئەڭ كىچىك.

ھەسەنھۈسەنھەسەن-ھۈسەن ئەمەلىيەتتە كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلغاندەك ئۇنداق يېرىم چەمبەر شەكىللىك ئەمەس، بەلكى بىر مۇكەممەل يۇمىلاق ھالەتتە. مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا، ھەسەن-ھۈسەننىڭ باشلىنىش نۇقتىسى يوق، ئاخىرلىشىش نۇقتىسى يوق. ھەسەن-ھۈسەننىڭ مەركىزى يەر شارى بىلەن قۇياش ئارىسىدىكى ئوتتۇرا نۇقتىسى تۇتاشتۇرغۇچى تىك سىزىق، كىشىلەر كۆرگىنى پەقەت ھەسەن-ھۈسەننىڭ بىر قىسمى، قالغان قىسمى ئۇپۇق سىزىقىنىڭ ئاستىدا بولغاچقا، شۇڭا كىشىلەر كۆرەلمەيدۇ. بۇ شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ نېمە ئۈچۈن بەزى ھەسەن-ھۈسەن بەك قىسقا، ئەمما بەزى ھەسەن-ھۈسەن بولسا ھەقىقەتەن بىر مۇكەممەل بولغان يېرىم شار. يېرىم يۇمىلاق ھەسەن-ھۈسەن مۇكەممەل نامايەن بولغاندا، قۇياش دەل ئۇپۇق سىزىقىدا كۆرۈنىدۇ، بۇ چاغدا ھەسەن-ھۈسەن مەركىزى دەل كۆزەتكۈچى جايلاشقان ئالدى تەرەپتىكى ئۇپۇق سىزىقىدا كۆرۈنىدۇ. قۇياش چىققان چاغدا، ھەسەن-ھۈسەن مەركىزى ئۇپۇق سىزىقى ئاستىغا جايلاشقان، بۇ چاغدا كىشىلەر پەقەت ھەسەن-ھۈسەننىڭ ئىنتايىن كىچىك بولغان بىر قىسىمىنى كۆرەلەيدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    100%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#