يېڭى دېھلى
يېڭى دېھلى __ ھىندىستاننىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي مەركىزى. يېڭى دېھلى بىلەن كونا دېھلى بىرلەشتۈرۈلۈپ، دېھلى شەھىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ ئىككى شەھەرنىڭ ئارىلىقى تەخمىنەن 9 كىلومېتىركېلىدۇ، ھازىر بۇ ئىككى شەھەر ئەمەلىيەتتە بىرلىشىپ كەتكەن.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ھىندىستاننىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي مەركىزى. يەر مەيدانى 1482 كۋادرات كىلومېتىر. ئاھالىسى 12مىليون 800 مىڭ (2011). يېڭى دېھلى بىلەن كونا دېھلى بىرلەشتۈرۈلۈپ، دېھلى شەھىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ ئىككى شەھەرنىڭ ئارىلىقى تەخمىنەن 9 كىلومېتىركېلىدۇ، ھازىر بۇ ئىككى شەھەر ئەمەلىيەتتە بىرلىشىپ كەتكەن. كونا دېھلى شەھىرى جومونا دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان، ئۇ ھىندىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى مۇھىم سودا-سانائەت مەركىزى.
كىلماتى
يېڭى دېھلى ئىسسىق بەلباغ پەسىللىك شامال كىلىماتىغا تەۋە. قىش پەسلىدە شەرقىي شىمال شامىلى تەسىر كۆرسىتىدۇ، ياز پەسلىدە غەربىي جەنۇب شامىلى تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھاۋارايىنىڭ مۆتىدىل. بىر يىلدىكى سالقىن پەسلى (10-ئايدىن كىيىنكى يىلى 3-ئايغىچە)، ئىسسىق پەسىلى (4-ئايدىن 6-ئايغىچە) ۋە يامغۇر پەسلى (7-ئايدىن 9-ئايغىچە). سالقىن پەسىلدە ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 14 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا، ئىسسىق پەسىلدە ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 38 گىرادۇس ئەتراپىدا.
ئۇ جايدا پاختا، يۇڭ توقۇمىچىلىق، خىمىيە، ياغاچچىلىق، مېتالچىلىق، نەشرىياتچىلىق، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق سانائەت تارماقلىرى بار. بۇ جاينىڭ قول ھۈنەر مەھسۇلاتلىرى بەك داڭلىق بولۇپ، ئالتۇن، كۈمۈش، ئېسىل تاشلار، پىل چىشىدىن ياسالغان زىننەت بۇيۇملىرى ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.