دۆڭكۆۋرۈك

دۆڭكۆۋرۈك

دۆڭكۆۋرۈك شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي ئازادلىق يولىغا جايلاشقان. مىللىي پۇراققا ئىگە، ئۆزگىچە مەھسۇلاتلار توپلانغان خەلقئارالىق سودا مەركىزى.

ئۇيغۇرچە نامى دۆڭكۆۋرۈك
خارەكتىرى شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھرىنىڭ يەر نامى
ئېلىش ۋاقتى پۈتۈن كۈن
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
خەنزۇچە نامى 二道桥
ئورنى ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي ئازادلىق يولى
كىرىش بېلىتى ھەقسىز

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دۆڭكۆۋرۈك ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى دۆڭكۆۋرۈك، مىللەتلەر كوچىسى قاتارلىقلار جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە شىمالى شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ شۇنداقلا غەربىي ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مال ئالماشتۇرۇش مەركزى. 100 يىلدىن كۆپرەك ئۆزگرىىش جەريانىدا، نۆۋەتتىكى دۆڭكۆۋرۈكنى مەركەز قىلغان مىللي سودا رايونى، بولۇپمۇ قويۇق بولغان مىللىي ئالا ھىدىلىكى ۋە شىنجاڭچە يەرلىك ئالاھىدىلىكى كۆپلىگەن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى سياھەتچىلەرنى جەلىپ قىلغان. دۆڭكۆۋرۈك دېگەن بۇ نام خەلق ئارىسىدا قوللىنىۋاتقانلىقىغا 100 يىلغا يەتكەن.

دۆڭكۆۋرۈك بازىرى چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى يىللاردا باشلانغان. دۆڭكۆۋرۈك قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىككە، جانلىق بولغان سودا ئۇلۇبىغا ئىگە بولغانلىقتىن قەدىمكى يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ ھەم داڭلىق ئارامگاھ بولۇپ قالغان، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە مەزكۇر رايوننىڭ تاۋارلىرى يىغىلغان بولۇپ، جۇڭگو-چەت ئەل سوداىگەرلىرىنىڭ غەربىي يۇرتتىكى چوقۇم ئۆتىدىغان يۇرت بولۇپ قالغان. تۇرپان ئۈزۈمى، قۇمۇل قوغۇنى، قەشقەرنىڭ تۇبۇئاي، خوتەن گېلىمى، يىپەك، كۇچا سوپۇنى، قاراشەھەر موگۇسى . . . . . قاتارلىقلار دۆڭكۆۋرۈك بازىرىنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى.

دۆڭكۆۋرۈك

 نۆۋەتتە، پەقەت دۆڭكۆۋرۈك بازىرىدا بار بولغان ماللاردىن 13 چوڭ تۈر، 2 مىڭ نەچچە خىلى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە مىللىي تىجارەتچىلەر %80 نى ئىگىلەيدۇ .  تاۋارلار مىللىي كىيىم–كېچەك، بۆك، مىللىي پىچاق، مىللىي زىبۇ زىننەت، مىللى قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى، مىللىي مۇزىكا، شىنجاڭ قوغۇن دۆلىتى، پاكىستان مىس قورال، مىللىي تېبابەت دورىلىرى (قارلەيلىسى، بۇغىنىڭ يۇمران مۈڭگۈزى، مېھرىگىياھ، قىزىل گۈللۈك، قۇرۇت ئوتى، ھىڭ، كىرەش، ئادەمگىياھ قاتارلىقلار)، ھەر خىل مىللىي گىلەم، تام گىلىمى ۋە تۈركىيە ئىمپورت قىلىنغان ئىلمە توقۇلمىلار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تاۋار بازىرى قويۇق مىللىي پۇراققا ئىگە.[1]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    100%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#