ئاقبۇلاق يايلىقى
ئاقبۇلاق يايلىقى باي ناھىيەسىدىكى قېيىر يېزا مەركىزىنىڭ شىمالىغا 61 كىلومېتىر كېلىدىغان تەڭرىتاغ تىزمىسى باغرىدا بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 4835 مېتىر ئېگىز.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئاقبۇلاق يايلىقى باي ناھىيەسىدىكى قېيىر يېزا مەركىزىنىڭ شىمالىغا 61 كىلومېتىر كېلىدىغان تەڭرىتاغ تىزمىسى باغرىدا بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 4835 مېتىر ئېگىز. يايلاققا بارىدىغان يولدا بوز كېرىگى دەرياسى، ئاقبۇلاق كۆلى، يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان تونېل، داۋان بار. بۇ يول قەدىمدە «ئۇيسۇن يولى» دەپ ئاتىلىپ، جەنۇب بىلەن شىمالنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان مۇھىم سودا يولى بولغان. ئاقبۇلاق يايلىقىنىڭ ئىككى تەرىپى ئىلى ئوبلاستى ۋە بايىنغولىن ئوبلاستى بىلەن تۇتىشىدۇ. تاغ باغرىدا قىش–ياز توختىماي ئېقىپ تۇرىدىغان زۇمرەتتەك سۈزۈك سۇ، كەڭرى كەتكەن يايلاق، يىل بويى ئاپئاق قار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدىغان چوققىلار، ھۈپپىدە ئېچىلغان تاغ گۈللىرى، بۈك باراقسان قارىغاي، تەبىئىيلىكى بۇزۇلمىغان ئېكولوگىيە ئورمانلىرى، كېيىك، سۇغۇر، بورسۇق، كىرپە قاتارلىق ياۋايى ھايۋان ۋە ئۇچار قۇشلار ئاقبۇلاق يايلىقىنى ئاجايىپ گۈزەل تۈسكە كىرگۈزگەن. بۇ يايلاق تەبىئىي ئېكولوگىيىسى بۇزۇلمىغان گۈزەل تەبىئەت باغچىسى بولۇپ، ساياھەت قىلىشقا تولىمۇ ماس كېلىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.