ما يۈن ‹‹ئالى بابا›› گۇرۇھىنىڭ ئاساسلىق بەرپاچىسى، ئۇ ھازىر ‹‹ئالى بابا›› گۇرۇھى مۇدىرىيەت ئىدارىسىنىڭ رەئىسى، ياپونىيە رۇەنيىن شىركىتىنىڭ مۇدىرى، خەلقئارا تەبىئەتنى قوغداش جەمئىيىتى (TNC) جۇڭگو كېڭىشىنىڭ رەئىسى، قوشۇمچە يەرشارى مۇدىرىيەت كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، خۇايى قېرىنداشلارنىڭ شىركىتىنىڭ مۇدىرى، ھاياتلىق ئىلمى يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتى فوندى جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرى.

ئىسىمى مايۈن
باشقا نامى Jackma
مىللىتى خەنزۇ
ئۇقۇش تارىخى تۇلۇق كۇرۇس
كەسپى كارخانىچى
خەنزۇچە ئىسمى 马云
تۇغۇلغان ۋاقتى 1964-يىلى9-ئاينىڭ10-كۈنى
تۇغۇلغان يىرى جېجىياڭ ئۆلكىسى خاڭجوۋ شەھىرى
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگۇ
خىزمىتى ئالىبابا گوروھىنىڭ قۇرغۇچىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ما يۈن 1964-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجوۋ شەھىرىدە تۇغۇلغان، ما يۈننىڭ بوۋىسى ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە تۈتۈن بېگى بولغان، ئازادلىقتىن كېيىن ‹‹بەش قارىلار›› دېگەن ئاتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئوغلىغا ‹‹ما يۈن›› دەپ ئىسىم قويۇپ، ما يۈننىڭ كېيىن چېچەن، ئىش ئۇقىدىغان، جېدەل تېرىمايدىغان ئادەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلغان. ما يۈن 12 يېشىدا بىر كىچىك رادىيو سېتىۋېلىپ، كۈندە رادىيودىن ئىنگلىزچە پىروگراممىلارنى ئاڭلاشقا باشلايدۇ، 13 يېشىدىن باشلاپ، ما يۈن باشقىلار بىلەن تولا ئۇرۇشقانلىقتىن ئەسلىدىكى مەكتىپىدىن خاڭجوۋ شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپكە يۆتكىلىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. كېيىن ما يۈن ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، ئىككى يىلدا ئاران ئادەتتىكى بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە بىر قېتىم ماتېماتىكىدا 31 نومۇر ئالىدۇ.

1995-يىلى 3-ئايدا، ما يۈن خاڭجوۋ ئېلېكتىرون سانائەت ئىنىستىتۇتىدىن ئىستېپا بېرىپ، ئۆزى ئالتە-يەتتە مىڭ يۈەن چىقىرىپ، سىڭلىسىدىن يەنە 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق قەرز ئېلىپ، جەمئىي 20 مىڭ يۈەندەك پۇل توپلاپ ئىگىلىك تىكلەشكە تەييارلىق قىلىدۇ. 

1995-يىلى 4-ئايدا، جۇڭگودىكى تۇنجى ئېنتېرنېت سودا شىركىتى خاڭجوۋ ‹‹خەيبو›› كومپيۇتېر مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتى قۇرۇلىدۇ. بۇ شىركەتنىڭ ما يۈن، ما يۈننىڭ

ئايالى جاڭ يىڭ ۋە خې يىبىڭدىن ئىبارەت ئۈچلا خىزمەتچىسى بار ئىدى.

1995-يىلى 5-ئايدا، ما يۈن جۇڭگودىكى تۇنجى سودا تور بېتى ـــ ‹‹جۇڭگو سېرىق بېتى››نى رەسمىي قۇرۇپ چىقىدۇ، ما يۈن ئەتراپىدىكى دوستلىرىدىن باشلاپ سودا قىلىشنى باشلايدۇ. بۇ چاغدا جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىنتېرنېت بىلەن ئۇچرىشىشىغا پەقەت ئۈچ ئايلا قالىدۇ.1995-يىلى 7-ئايدا، ‹‹جۇڭگو سېرىق بېتى›› جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىنىڭ تور بېتىنى ياساپ بېرىپ، جېجياڭنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئىشلىرىنى توردا تەشۋىق قىلىدۇ، بۇ ‹‹ئالتۇن كەپتەر قۇرۇلۇشى›› دەپ نام ئالغان.

1996-يىلى 3-ئايدا، خاڭجوۋ تېلېگراف شىركىتىمۇ بىر ‹‹جۇڭگو سېرىق بېتى›› ياسايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ما يۈن خاڭجوۋ تېلېگراف شىركىتى بىلەن بىرلىشىشنى قارار قىلىدۇ. جۇڭگو سېرىق بېتى 600 مىڭ يۈەن باھا قويۇپ، % 30 پاينى ئىگىلەيدۇ، خاڭجوۋ تېلېگراف شىركىتى 1 مىليون 400 مىڭ يۈەن نەق پۇل مەبلەغ سېلىپ، % 70 پاينى ئىگىلەيدۇ.

1997-يىلى، تاشقى ئىقتىساد-سودا مىنىستىرلىقىنىڭ بېيجىڭدا جۇڭگو خەلقئارا ئېلېكتىرونلۇق سودا مەركىزى (EDI) قۇرۇش تەكلىپىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ما يۈن ‹‹جۇڭگو سېرىق بېتى››دىن ۋاز كېچىشنى قارار قىلىدۇ. ئۇ ‹‹جۇڭگو سېرىق بېتى››دىكى ئۆزى ساقلاپ قالغان % 21 لىك پاينىڭ ھەربىرىنى ئىككى، ئۈچ مولۇق باھا بىلەن شىركەتكە سېتىپ، 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى قايتۇرۇپ كېلىدۇ. كېيىن ما يۈن ۋە ئۇنىڭ ئەترىتى بېيجىڭدا ئىقتىساد-سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئورگان تورى، جۇڭگو تاۋار سودىسى بازىرى، جۇڭگو تېخنىكا ئىمپورت سودىسى جەمئىيىتى، جۇڭگو سودىگەر چاقىرىش، جۇڭگو تاشقى ئىقتىساد-سودىسى قاتارلىق بىر قاتار تور بەتلەرنى ياساپ چىقىدۇ.

 1993-يىلى 3-ئايدا، ما يۈن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن رەسمىي ئىستېپا بېرىپ، 18 كىشىلىك ما يۈن ئەترىتىنى باشلاپ خاڭجوۋغا قايتىپ كېلىپ، 500 مىڭ يۈەن پۇل توپلاپ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىگىلىك تىكلەشكە باشلاپ، ‹‹ئالى بابا›› تورىنى قۇرىدۇ.

1999-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى، ‹‹ئالى بابا›› تورى رەسمىي ئېچىۋېتىلىدۇ، Invest AB نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سەي چوڭشىن ‹‹ئالى بابا››نى ئاڭلىغاندىن كېيىن، خاڭجوۋغا بېرىپ مەبلەغ سېلىشنى كېڭىشىدۇ، ئۇ ما يۈن سۆھبەتلىشىپ تۆت كۈندىن

كېيىن، ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، ‹‹ئالى بابا››غا كىرىشنى قارار قىلىدۇ.

1999-يىلى 10-ئاي ۋە 2000-يىلى 1-ئايدا، ‹‹ئالى بابا›› ئىككى قېتىم ‹‹رۇەنيىن›› شىركىتى قاتارلىق خەلقئارا مەبلەغ سېلىش ئورگانلىرىدىن جەمئىي 25 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ يۈرۈشتۈرىدۇ.

2000-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى، ما يۈننىڭ سۈرىتى ئامېرىكىدا چىقىدىغان ‹‹فوربېس›› ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋىسىغا بېسىلىدۇ. 

2003-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، ما يۈن ‹‹تاۋباۋ›› تورىنى قۇرۇپ، eBay››-يىچۈ›› بىلەن C2C بازىرىنى تالىشىدۇ.

2004-يىلى 12-ئايدا، ما يۈن 3-تەرەپ توردا چىقىم قىلىش سۇپىسى چىقىمدانىنى تەسىس قىلىدۇ.

2005-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى، ‹‹ياخۇ›› شىركىتى 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى نەق پۇل ۋە ‹‹ياخۇ›› جۇڭگودىكى بارلىق مۈلكىنى بەدەل قىلىش بىلەن بىرگە، بىر مىليارد دوللارلىق مەبلەغ سېلىپ، ما يۈن قۇرغان ‹‹ئالى بابا››نىڭ % 40 لىك پاي چېكى بىلەن % 35 لىك ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى جاكارلايدۇ، ما يۈن جۇڭگو ‹‹ياخۇ›› مۇدىرىيەت ئىدارىسىنىڭ مۇدىرلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.2007-يىلى 11-ئايدا، ما يۈن قۇرغان ‹‹ئالى بابا›› تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ شياڭگاڭدىكى بىرلەشمە سودا ئورنى چەكلىك شىركىتى ۋىۋىسكا ئېسىپ بازارغا كىرىدۇ.

2008-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى، ‹‹ئالى بابا›› چەكلىك شىركىتى بىلەن خاڭجوۋ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ھامكارلىشىپ خاڭجوۋ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ‹‹ئالى بابا›› سودا ئىنىستىتۇتىنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىدۇ، ما يۈن باش مۇدىرلىققا تەيىنلىنىدۇ.

2009-يىلى، ما يۈن خەلقئارا تەبىئەتنى قوغداش جەمئىيىتى (TNC) جۇڭگو كېڭىشىگە ئەزا بولۇپ كىرىدۇ.

2009-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى (APEC) سودا-سانائەت مەسلىھەتچىلىك كومىتېتى (ABAC) ما يۈننى 2010-يىللىق سودا-سانائەت مەسلىھەتچىلىك كومىتېتىنىڭ ھەرىكەت پىلانى ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بايلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەيدۇ.

2010-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى، ما يۈن تەبىئەتنى قوغداش جەمئىيىتى يەرشارى كېڭىشىگە كىرىدۇ.

2013-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، ما يۈن ‹‹ئالى بابا›› گۇرۇسىنىڭ باش دىرېكتورلۇقىدىن رەسمىي ئىستېپا بېرىدۇ، لۇ جاۋشى ئۇنىڭ چىقىپ، ما يۈننى ‹‹ئالى بابا›› گۇرۇھىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىقىغا تەيىنلەيدۇ.

2013-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى، ما يۈن خەلقئارا تەبىئەتنى قوغداش جەمئىيىتى (TNC) جۇڭگو كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلىنىدۇ.

2013-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، ‹‹ئالى بابا›› گۇرۇھى يىنتەي گۇرۇسى، فۇشىڭ گۇرۇھى، فۇچۈن گۇرۇھى، شۈنفېڭ گۇرۇھى، جۇڭتۇڭ گۇرۇھى، يۈەنتۇڭ گۇرۇھى، يۈندا گۇرۇھى قاتارلىق نۇرغۇن خەلق ئىگىلىكىدىكى تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرى بىلەن بىرلىكتە سەينياۋ تور پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ چىقىدۇ ھەمدە جۇڭگو ئاقىللار تايانچ تورى (CSN) تۈر قۇرۇلۇشىنى باشلايدۇ، ما يۈن سەينياۋ تور پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى بولىدۇ.

2013-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى، UC يوۋشىنىڭ توققۇز يىللىق ھارپىسىدا، UC يوۋشىنىڭ باش دىرېكتورى يۈ يوڭفۇ بىلەن شىركىتىدىكى بارلىق خادىملارغا پوچتا يوللانمىسى ئەۋەتىپ، ما يۈننىڭ UC يوۋشىنىڭ شىركەت مۇدىرىيىتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغانلىقىنى جاكارلايدۇ.

2013-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى، ‹‹ئالى بابا›› گۇرۇھىنىڭ بەرپاچىسى ما يۈن ۋە ئۇنىڭ خانىم جاڭ يىڭ ياردەم بەرگۈچى سالاھىيىتىدە ھاياتلىق ئىلمى يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتى فوندى جەمئىيىتىگە رەسمىي ئەزا بولۇپ كىرىدۇ، ئىككىيلەن ھەر يىلى ھاياتلىق ئىلمىي يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتى فوندى جەمئىيىتىگە 3 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلىدۇ، ما يۈن يەرشارى ھاياتلىق ئىلمى يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتى فوندى جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى بولىدۇ.

2014-يىلى 4-ئايدا، ما يۈن ئۆزىنىڭ ئانا مەكتىپى خاڭجوۋ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا 100 مىليون يۈەن ئىئانە قىلىپ، خاڭجوۋ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ما يۈن مائارىپ فوندى جەمئىيىتى قۇرىدۇ. 

2014-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى، ‹‹ئالى بابا›› گۇرۇھىنىڭ نيويوركتىكى ئاكسىيە سودا ئورنىغا رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىلىپ بازارغا كىرگەن. 

2015-يىلى 1-ئايدا، ما يۈن ئاسىيا ۋە ئوكئانىيە رايونىدىكى بىردىنبىر خۇسۇسىي تىجارەت تارمىقىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە، يەرشارى ئىنتېرنېت تەرتىپكە سېلىش ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان.

2015-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى، يەرشارى ئىنتېرنېت تەرتىپكە سېلىش ئىتتىپاقى بىرازىلىيەنىڭ سانپاۋلودا ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى ئېچىپ، بىرلەشمىنىڭ ئۈچ نەپەر رەئىسىنى سايلاپ چىقىدۇ. ‹‹ئالى بابا›› مۇدىرىيەت ئىدارىسىنىڭ رەئىسى ما يۈن كېڭەشنىڭ بىرلەشمە رەئىسلىكىگە سايلىنىدۇ.

2015-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ‹‹سۇنىڭ›› پاي كونترول گۇرۇھى ئۇيۇشتۇرغان تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹ئىنتېرنېت + پارچە سېتىش›› زىجىن ئۇچرىشىشى نەنجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو ‹‹ئالى بابا›› گۇرۇھى ‹‹سۇنىڭ›› گۇرۇھىغا 28 مىليارد 300 مىليون يۈەن خەلق پۇلى ئىستراتېگىيەلىك مەبلەغ سېلىپ، ‹‹سۇنىڭ›› گۇرۇھىنىڭ 2-چوڭ پايچېكى بولۇپ قالدى.

2000-يىلى، ما يۈن دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى تەرىپىدىن 2011-يىللىق يەرشارى بويىچە ‹‹كەلگۈسىدىكى 100 نەپەر داھىي››لارنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. 

2004-يىلى، ما يۈن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن ‹‹ئىقتىسادىي ساھەدىكى 10 چوڭ شەخس››نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.2008-يىلى، ما يۈن ياپونىيە جامائەتچىلىكى تەرىپىدىن ‹‹10-نۆۋەتلىك كارخانىچىلار مۇكاپاتى››غا ئېرىشكەن.

2008-يىلى، ما يۈن ئامېرىكا ‹‹سودا ھەپتىلىك ژۇرنىلى›› تەرىپىدىن ‹‹ئىنتېرنېت كەسپىدىكى ئەڭ تەسىر كۈچگە ئىگە 25 نەپەر شەخس››نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. 

2009-يىلى، ما يۈن ئامېرىكا ‹‹سودا ھەپتىلىك ژۇرنىلى›› تەرىپىدىن ‹‹2009-يىللىق ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە 40 كىشى››نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.

2009-يىلى، ما يۈن 21-ئەسىر جۇڭگو ئىقتىسادى يىللىق يىغىنىدا، ‹‹2009-يىللىق جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىقتىسادىي داھىيسى›› بولۇپ باھالانغان.

2009-يىلى، ما يۈن ئامېرىكا ‹‹دەۋر›› ژۇرنىلى تەرىپىدىن ‹‹2009-يىللىق ئەڭ تەسىر كۈچگە ئىگە 100 شەخس››نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.

2009-يىلى، ما يۈن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن ‹‹جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ 10 يىللىق سودىسىدىكى 10 چوڭ داھىي››نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. 

2012-يىلى، ما يۈن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن ‹‹جۇڭگو ئىقتىسادىدىكى يىللىق شەخس›› بولۇپ باھالانغان.

2012-يىلى، ما يۈن ئامېرىكا ‹‹بايلىق›› ژۇرنىلى تەرىپىدىن ‹‹جۇڭگودىكى ئەڭ تەسىر كۈچگە ئىگە 50 نەپەر سودا داھىيسىنىڭ بىرى›› بولۇپ باھالانغان. 

2012-يىلى، ما يۈن جۇڭگو كارخانىچىلار گېزىتى باھالاش كومىتېتى تەرىپىدىن ‹‹2012-يىللىق جۇڭگو كارخانىلىرىدىكى 10 چوڭ خەۋەر ـــ خەلق ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ ئاخباراتىدىكى شەخس›› بولۇپ باھالانغان.

2013-يىلى، ما يۈن ئەنگلىيە ‹‹پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى›› تەرىپىدىن ‹‹2013-يىللىق ئاتاقلىق ئەرباب›› بولۇپ باھالانغان.

2013-يىلى، ما يۈن جۇڭگو خەير-ساخاۋەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ‹‹2013-يىللىق خەير-ساخاۋەتنى ئىلگىرى سۈرگۈچى›› بولۇپ باھالانغان.

2013-يىلى، ما يۈن ‹‹جۇڭگو سودا-سانائەت›› ژۇرنىلى تەرىپىدىن ‹‹مىللىي ئىگىلىككە تۆھپە قوشقان تۆھپىكار كارخانىچى›› بولۇپ باھالانغان. 

2014-يىلى، ما يۈن ‹‹فوربېس›› ژۇرنىلى خەنزۇچە نەشرى تەھرىر بۆلۈمى تەرىپىدىن ‹‹فوربېس يىللىق سودا ئەربابى›› بولۇپ باھالانغان.

2014-يىلى، ما يۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹ئۆزگىرىش ياسىغۇچى›› تىزىملىكىنىڭ بېشىغا تىزىلغان.

2014-يىلى، ما يۈن ئامېرىكا ‹‹بايلىق›› ژۇرنىلى تەرىپىدىن ‹‹يەرشارىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ 50 نەپەر داھىي››نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.

2015-يىلى، ما يۈن خەلق تورى ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتتە ‹‹2014-يىللىق جۇڭگو ئىنتېرنېتىدىكى يىللىق شەخس›› بولۇپ باھالانغان.

2015-يىلى، ما يۈن شىنلاڭ شىركىتى تەرىپىدىن ‹‹2014-يىللىق ئاتاقلىق ئەربابلار تىزىملىكى››گە كىرگەن.

مايۈن

ئالى بابا گۇرۇھى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى-مايۈن ئۆزىنىڭ ئانا مەكتىپى- خاڭجۇ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتىغا 100 مىليون يۈەن پۇل ئىئانە قىلىپ، <خاڭجۇ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتى مايۈن مائارىپ فوندى جەمئىيىتى> قۇرۇپ بەردى. 

2014-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى، جېجياڭ ئۆلكىسى خاڭجۇ شەھىرى، شۇ كۈنى 2014-يىللىق دۇنيا يۈرەك كېسەللىكلىرى كۈنى بولۇپ، ئالى بابا جامائەت پاراۋانلىقى ئەييوۋ خەير-ساخاۋەت فوندى جەمئىيىتى بىلەن بىرلىكتە خاڭجۇ شەھىرىدىكى ئالى بابا گۇرۇھى شىشى سانائەت باغچىسىدا ‹ جىياڭزى بىرلىكتە› ناملىق جامائەت پاراۋانلىقى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. ئالى بابا گۇرۇھى پائالىيەت نەق مەيدانىدا بىر مىليون يۈەنلىك خەير-ساخاۋەت ئىئانىسى ئاساسىدا يەنە 10 مىليون يۈەن پۇل ئىئانە قىلغان بولۇپ، ئالى بابا گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى مايۈن بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە ئۆزى شەخسەن قاتناشتى.

  ما يۈننىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى جاڭ يىڭ بولۇپ، ئىككىيلەن ئالىي مەكتەپتە ساۋاقداشلاردىن ئىدى، ئۇلار ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىنلا توي قىلغان. ما يۈن ئىگىلىك تىكلىگەندە جاڭ يىڭ شىركەتتە ياردەملىشىدۇ، 2004-يىلى جاڭ يىڭ ‹‹ئالى بابا›› گۇرۇھى جۇڭگو ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ باش دىرېكتورلۇق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ، باشقۇرۇش قاتلىمىدىن چېكىنىپ چىقىپ، ئائىلە ئايالى بولىدۇ. 

 

مەن تېخنىكا بىلمەيمەن ئەمما تېخنىك خادىملارنى ھۆرمەتلەيمەن.

ئادەمدە تەسەۋۇر بۇلىشى كىرەك،ئەتە ئەمەلگە ئېشىپ قالسىچۇ.

مايۈن ئۈزۈندىلىرى

* مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ۋاقتىڭىزدا، دېگەنلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى ھەقىقەت بولىدۇ. 

* ئەرلەرنىڭ قەددى-قامىتى بىلەن ئۇلارنىڭ ئىستېداتى تەتۈر تاناسىپ تۈزىدۇ. 

* بۈگۈن تولىمۇ شەپقەتسىز، ئەتە تېخىمۇ شەپقەتسىز، ئۆگۈن ھەقىقەتەن گۈزەل. ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر پەقەت تولىمۇ شەپقەتسىز بۈگۈندىن ھالقىپ، تېخىمۇ شەپقەتسىز ئەتىدىكى كەچقۇرۇندا ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ، پەقەت شەپقەتسىز ئەتىنى چىدامچانلىق بىلەن ئۆتكۈزەلىگەن قەھرىمانلارلا كېيىنكى كۈندىكى قۇياشنى كۆرەلەيدۇ.

 * مەن ھەرقاچان خادىملىرىمىز بىرىنچى، ئابونت ئىككىنچى دەپ قارايمەن. ئەگەر خادىملىرىمىز بولمىغان بولسا، بۇ تور بېكەت بولمىغان بولاتتى. خادىملىرىمىزنىڭ كۆڭلى شادلىققا تولغانلىقى ئۈچۈن، نۇرغۇن ئابونتلىرىمىز بۇ شادلىقتىن تەڭ بەھرىمان بولدى.

* بىز داۋاملىق بازارنى بىزنىڭ ماي قاچىلاش پونكىتىمىز دەپ قارايمىز، ئەمما ماي قاچىلاش پونكىتىغا يېتىپ بارماي تۇرۇپلا، توختاپ قالىمىز ياكى ماڭالمايمىز. مېنىڭچە، يولغا چىققان ئىكەنمىز، ماي قاچىلاش پونكىتىغا بارماي بولمايدۇ، چوقۇم داۋاملاشتۇرۇپ مېڭىش كېرەك.

* ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرى پۇل تېپىشتا غەيرەتكە تايىناتتۇق، 90-يىللىرى مۇناسىۋەتكە تاياندۇق، ئەمما ھازىر بىلىم-ئىقتىدارغا تايانمىسىڭىز پۇل تاپالمايلا قالماستىن، بەلكى بىكاردىنلا قەرزگە بوغۇلۇپ قالىسىز.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

كومپىيۇتېر ۋە تۇرمۇش 2011-يىللىق 2-سان

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (17 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    76.5%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    5.9%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    11.8%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    5.9%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#