كۈنجۈت دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. كۈنجۈت (خام دورا)
  2. كۈنجۈت ()
خام دورا
كۈنجۈت

كۈنجۈت كۈنجۈت ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، كۈنجۈتكە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، كۈنجۈت ئۇقرۇقىنىڭ بەدەننى سەمرىتىش، سۈت ۋە مەنىينى كۆپەيتىش، باھنى قۇۋۋەتلەش، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، بوۋاسىر قېنىنى توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى كۈنجۈت ئۇرۇقى
چىقىش ئورنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 芝麻子
تەبىئىتى بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كۈنجۈتكۈنجۈت كۈنجۈت ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، كۈنجۈتكە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، غولى تىك، تۆۋەندىكى قىسمى يۇمىلاق، ئۈستۈنكى قىسمى ئادەتتە تۆت قىرلىق كېلىدۇ. يوپۇرمىقىدا تۈكچىلىرى بولىدۇ، گۈلى ئاق، غوزا مېۋىسىنىڭ قىرلىرى بار، يوپۇرمىقى كىچىك ھەم ياپىلاق، ئاق، قارا، سېرىق، قوڭۇر قاتارلىق ئوخشىمىغان رەڭلەردە بولىدۇ.

بەدەننى سەمرىتىش، سۈت ۋە مەنىينى كۆپەيتىش، باھنى قۇۋۋەتلەش، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، بوۋاسىر قېنىنى توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

دورىلىق قىسمى

كۈنجۈتنىڭنىڭ ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ.

تەبىئىتى

بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق.

ئىشلىتىش مىقدارى

ئەھۋالغا قاراپ 15 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.

ئۆسۈملۈكنىڭ غوزىلىق مېۋىسى پىشقاندا يىغىۋېلىپ، قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.

كۈنجۈتكۈنجۈتنى شاراب بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، چايان، يىلان چاققان كىشىلەرگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.

مۇۋاپىق مىقداردىكى كۈنجۈتكە تەڭ مىقداردا شېكەر، خەشخاش، يېرىم مىقداردا پوستى ئېلىنغان بادام مېغىزى، ئوندىن بىرىچە بىخ ئەبيەس قوشۇپ، ھەر كۈنى 30 گرامدىن ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بەدەننى سەمرىتىپ، باھنى كۈچلەندۈرۈپ، بۆرەككە ياغ پەيدا قىلىدۇ.

كۈنجۈتنى ئېزىپ، شىرىسىنى چىقىرىپ، ناۋات بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، ئاشقازان ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

ئالتە گرام كۈنجۈتنى ئۈچ گرام كۆيدۈرۈلگەن ياڭاق بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بوۋاسىرنىڭ قېنىنى يوقىتىدۇ.

كۈنجۈتنىڭ قاينىتىلغان سۈيىنى نوقۇت بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇپ، ھامىلىنى چۈشۈرىدۇ. كۈنجۈتنىڭ قاينىتىلغان سۈيىدىن 60 گرامنى 30 گرام شاراب ۋە ۋاسالغۇ چىلانغان سۈ، 51 گرام كۈنجۈت يېغى، 15 گرام رۇمبەدىيان بىلەن قوشۇپ ناشتىدا ئىچىپ بەرسە، قاننىڭ ئۆزگىرىشى ۋە بەلغەمدىن بولغان قىچىشقاقنى يوقىتىپ، تېرىنى يۇمشىتىدۇ.

كۈنجۈت بىلەن لوئۇق تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە، يۆتەل ۋە كۆكرەك كېسەللىكى، ئۆپكىنىڭ يىرىڭلىق چاقىلىرى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. كۈنجۈتنى زىغىر بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، باھنى قۇۋۋەتلەپ، مەنىينى كۆپەيتىدۇ.

كۈنجۈتنى ئېزىپ شاراب بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، قۇلۇنجىنى يوقىتىپ، مۈڭگۈزلۈك يىلان چاققان زەھەرنى قايتۇرىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#