بوغۇز دەرياسى
بوغۇز دەرياسى شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى تەۋەلىكىدىكى ئاتۇش بوستانلىقىنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى بولغان ئاساسلىق دەريالاردىن بىرى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بوغۇز دەرياسى ئاتۇش بوستانلىقىنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى، ئاتۇش شەھىرى تەۋەسىدىكى ئاساسلىق دەريالاردىن بىرى، بۇ دەريا تەڭرىتاغدىكى جەنۇبىي تاغ تىزمىسىنىڭ ساندال تېغىنىڭ باغرىدىكى ئېدىرلىقتىن باشلانغان بوغۇز دەرياسى سۇ سىستېمىسىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى.
بوغۇز دەرياسى تەڭرىتاغدىكى جەنۇبىي تاغ تىزمىسىنىڭ ساندال تېغىنىڭ باغرىدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4525 مېتىر جەنۇبىي ئىدىرلىقتىن باشلانغان. دەريا مەنبەسىدىن تاغ ئېغىزىغىچە بولغان دەريانىڭ ئۇزۇنلۇقى 102 كىلومېتىر، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى بويىنچە ئاقىدۇ، ئاتۇش شەھىرى نىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى تاغلارنى كېسىپ ئۆتىدۇ، تۈگۈرمىتى گە كىرىپ، ئاغۇ كەڭ جىلغىسىدىن ئۆتىدۇ، بىر تارمىقى شەرقىي جەنۇبتىن توغراق سۇ ئامبىرىغا قۇيۇلىدۇ، ئاندىن باش باچاڭ تاغ ئېغىزىدىن ئېقىپ چىقىپ، بوغۇز دەرياسى تۈزلەڭلىكىگە قۇيۇلىدۇ.
بىر تارمىقى داۋاملىق جەنۇبقا قاراپ ئېقىپ، بوغۇز تاغ ئېغىزىدىن چىقىپ، شەرقىي جەنۇبقا بۇرۇلۇپ كىرىپ بوغۇز تېغىنىڭ ئالدى ئېتىكىدىكى تۈزلەڭلىكنىڭ ئوتتۇرىغا كىرىپ، توقاي سۇ ئامبىرىغا قۇيۇلىدۇ.
بوغۇز دەرياسىنىڭ ئېقىم مىقدارى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 3.23 كۇپ مېتىر ھە سېكۇنتقا يېتىدۇ، يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئېقىم مىقدارى 720 كۇپ مېتىر ھەر سېكۇنتقا يەتكەن، ئەڭ كىچىك ئېقىم مىقدارى 1.00 كۇب مېتىر ھەر سېكۇنتقا يەتكەن. كۆپ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى 1.043 مىليون كۇب مېتىر بولغان. يانتۇلۇقى ‰ 18.2. ئاساسلىق سۇ ئېقىمى يەر ئاستى سۈيىنى تولۇقلايدۇ، تولۇقلاش مىقدارى % 50، ئېقىن مىقدارى بىر قەدەر مۇقىم. ئاساسلىق سۇغىرىش رايۇنى ئاغۇ جىلغىسى، بوغۇز تېغىنىڭ ئالدى ئېتىكىدىكى تۈزلەڭلىك ۋە ئاتۇش شەھىرى دىكى يېزا-بازارلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدۇ.
بوغۇز دەرياسىنىڭ سۈيى بىرقەدەر تەكشى ئاقىدۇ، لېكىن دەرغەزەپكە كەلگەن چاغدا يەنە كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە ئاقىدۇ، 1944-يىلى 6-ئايدا 12 كېچە-كۈندۈز، دەريا سۈيى ئۆرلەپ كەتكەن، ئەينى ۋاقىتتىكى ئاتۇش ناھىيە بازىرىدىن دەرھال بىپايان دېڭىزغا ئايلانغان، ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ئۆيى كەلكۈندە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، ھەتتا يەنە ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ تامغىسىنىمۇ كەلكۈن ئېقىتىپ كەتكەن.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.