چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ماتېرىياللارئاق ئۇن بىر كىلوگرام، سۈت 280 گرام، ئەبجەش ياغ 140 گرام، سودا ئازراق، تۇخۇم ئۈچ دانە، قارىقات ياكى ئالما مۇرابباسى مۇۋاپىق، ئاق شېكەر 140 گرام.

1.قاچىغا تۇخۇمنى سېلىپ ئۇنىڭغا ئەبجەش ياغ، سودا، ئاق شېكەر سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، قوچۇپ كۆپۈك ھالەتكە كەلتۈرۈپ، ئۈستىگە سۈتنى قۇيۇپ يەنە قوچۇپ، ئاندىن ئۇننى سېلىپ، پېچىنە خېمىرىنى قاتتىقراق يۇغۇرۇلىدۇ. بۇ خېمىرنى ئۈچ بۆلەككە بۆلۈپ، ئىككى بۆلەك خېمىرنى لىسنىڭ چوڭلۇقىدەك قىلىپ نېپىز يېيىپ تەييارلىنىدۇ. 

2. قارىقاتنى ئىشلىتىشتىن ئىككى سائەت بۇرۇن ئىسسىق سۇغا چىلاپ يۇمشىتىلىدۇ؛ ئەگەر ئالما مۇرابباسى ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، ئۇنى ئېزىپ يۇمشىتىلىدۇ. 

3. دوخاپكىنىڭ لىسىنى ياغلاپ، يېيىلغان بىر پارچە خېمىرنى سېلىپ، ئۈستىگە يۇمشىتىلغان قارىقات ياكى ئالما مۇرابباسىنى تەكشى يېيىتىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە بىر قەۋەت خېمىر يېپىلىدۇ.

ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە قارىقات ياكى مۇراببانى سۈركەپ، قالغان بىر پارچە خېمىرنى پىلتە قىلىپ ئۇزۇنچاق توم سوزۇپ، پىلتىلارنى بەلىشنىڭ ئۈستىگە بىر-بىرىنى كېسىپ ئۆتىدىغان قىلىپ تىزىپ كونگور شەكلىدە گۈل چىقىرىپ، يېرىم سائەت تۇرغۇزۇلىدۇ. ئاندىن دوخاپكىغا سېلىپ، نورمال ئوتتا پىشۇرۇلىدۇ. پىشقان بەلىشنى سوۋۇتۇپ، خالىغان شەكىلدە كېسىپ تەخسىلەرگە تىزىپ داستىخانغا قويۇلىدۇ. قارىقات ياكى مۇرابباغا تاماققا ئىشلىتىدىغان قىزىل رەڭ ئارىلاشتۇرسا كۆركەم بولىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#