BT ئۇرۇقى

تونۇش بەلگىسى

BT نىڭ تۇلۇق ئاتىلىشى ‹‹BitTorrent›› بۇلۇپ، P2P پىرىنسىپى ئاساسىدا ياسالغان بىر خىل كومپيۇتېر(torrent.) چۈشۈرۈش يۇمشاق دېتالى ھۆججىتى.

ئۇيغۇرچە نامى BT ئۇرۇقى
دەسلەپكى نەشىرى BitTorrent Deadman Walking
ئىجادچىسى Bram Cohen
خەنزۇچە ئاتىلىشى BT种子
يۇمتال تۈرى چۈشۈرۈش
سىغىمى 10-200KB

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

BT نىڭ تۇلۇق ئاتىلىشى «BitTorrent» بۇلۇپ، P2P پىرىنسىپى ئاساسىدا ياسالغان چۈشۈرۈش يۇمشاق دېتالى.

BT نىڭ خىزمەت پىرىنسىپى بولسا: تۇنجى مەنبە ھۆججەت يوللىغۇچى مەلۇم ھۆججەتنى Z بۆلەككە بۈلۈپ مۇلازىمىتىرغا يوللايدۇ. A تەرەپ مۇلازىمىتىردىن خالىغان N بۆلەك ھۆججەتنى چۈشۈردۇ، B تەرەپمۇ مۇلازىمىتىردىن ئوخشاشلا خالىغان M بۆلەك ھۆججەتنى چۈشۈردۇ. بۇ ۋاقىتتا A تەرەپنىڭ BT سى ئەھۋالغا قاراپ B تەرەپنىڭ ئاللاقاچان چۈشۈپ بولغان M بۆلىكىنى چۈشۈردۇ. يەنە ئوخشاشلا B تەرەپنىڭ BT سىمۇ ئەھۋالغا قاراپ A تەرەپنىڭ ئاللاقاچان چۈشۈپ بولغان N بۆلىكىنى چۈشۈردۇ. شۇنداق قىلىپ مۇلازىمىتىرغا چۈشۈدىغان بېسىم يىنىكلەيدۇ.ھەم تىخى ئىككىلا تەرەپنىڭ (Aتەرەپ، B تەرەپ) نىڭ چۈشۈرۈش سۈرئىتى تىزلىشىدۇ.ئۈنىمى يۇقۇرى كۆتۈرۈلىدۇ. ئوخشاش رايوندىكىلەرنىڭ چەكلىمىسى تىخىمۇ ئاز بۇلىدۇ. مەسىلەن مۇلازىمىتىردىن چۈشۈرسىڭىز تاق مەنبەلىك ھۆججەتنى ئاستا چۈشۈرىشىڭىز مۇمكىن، لىكىن BT دا A تەرەپ ۋە B تەرەپنىڭ كومپيۇتېرىدىكى ھۆججەتنى ناھايتى تىزلا چۈشۈرۋالالايسىز.شۇڭا ئېشلىتىدىغان ئادەم قانچە كۆپ بولسا، چۈشۈرىدىغان ئادەم قانچە كۆپ بولسا چۈشۈرۈش سۈرئىتىمۇ شۇنچە تىزلىشىدۇ. BT نىڭ ئەۋزەللىكى مانا مۇشۇ.  سىز ھۆججەت چۈشۈرۋاتقان ۋاقىت دەل سىزنىڭ ھۆججەت چىقىرۋاتقان ۋاقتىڭىزدۇ. بۇ ئىككىسى بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلدۇ. (سىز چىقىرۋاتقان X بۆلەك ھۆججەتنى باشقىلار چۈشۈرۋاتقان بۇلىدۇ.) شۇڭا سىز بىر ھۆججەتنى چۈشۈرۋاتقان ۋاقىتتا باشقىلارنىڭمۇ شۇ ھۆججەتنى نورمال چۈشۈرشىگە تۆكپە قوشقان بۇلىسىز.

قانچە كۆپ  ئادەم چۈشۈرسە، چۈشۈرۈش سۈرئىتى شۇنچە تىز بۇلىدۇ. «مەن ھەممە ئۈچۈن، ھەممە مەن ئۈچۈن» دەيدىغان روھ بىلەن تۆكپە قۇشۇسىز.BT ئۇرۇقىنى ئېشلىتىپ چۈشۈرگەندە كىچىك جەھەتتىن ئىجتىمائىي ئەخلاققا پايدىلىق، چوڭ جەھەتتىن ئىيتقاندا ئىنسانىيەت جەمئىيتىنىڭ تەرەقىياتىغا پايدىلىق.

BT نىڭ مۇقۇم مەنبە تەمىنلىگۈچىسى يوق. ئەگەر ھىچكىم ‹‹ئۇرۇق›› تەمنىلەشنى خالىمىسا بەلكىم ھۆججەتنى تۇلۇق چۈشۈرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن. بۇ كەمچىللىكنى تۈگۈتۈش پۈتۈنلەي كىشىنىڭ ئەخلاق ساپاسىغا باغلىق بىر ئىش. ئەگەر ھەربىر چۈشۈرۈپ بولغۇچى ئاڭلىق ھالدا بىر بۆلەك ۋاقىتلىق ئۇرۇق تەمىنلىيەلىسە، ئۇنداقتا BT نىڭ كەمچىللىكى بولمايدۇ. 

لىكىن ئىچى تار ئادەملەر ھامان بۇلىدىكەن. ئەلۋەتتە BT نىڭ كەمچىللىكىمۇ مەۋجۇت بۇلىدۇ.

لازىملىق يۇمشاق دېتال:Bitcomet

سىغىمى:9.4M

ئۇيغۇرچە تىل قۇشۇلغان.

 1- Bitcomet نى كومپيۇتېرغا قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن، قوزغۇتۇپ پىروگىراممىنىڭ ئۈستىدىكى قورالبالداقتىن ھۆججەت (文件) دىن Torrent ياساش (制作Torrent文件) نى تاللايمىز.

2-چىققان كۆزنەكتىن ئىھتىياجىمىزغا ئاساسەن تاق ھۆججەت (单个文件) ياكى كۆپ ھۆججەت (整个目录,多文件) نى تاللاپ  BT ئۇرۇقى ياسىماقچى بولغان ھۆججەتنى ياكى كىنونى تاللاپ بەرسەك بۇلىدۇ. ئاستىدىكى تۈرلەردىن ئۆزىڭىزنىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن تەڭشەك ئېلىپ بارسىڭىز بۇلىدۇ.

3-ئۇرۇقنى ياساپ بولدىڭىز. بىراق تىخى بۇ ئۇرۇق ئۈنۈمىسىزئۇرۇقتۇر. كۆزنەكتىكى ھاسسىللانغان ئۇرۇقنى ئوڭنى چىكىپ باشلاش (开始) نى بېسىپ مۇلازىمىتىرگە يوللايسىز. ئاندىن ئۇرۇق كۈچكە ئىگە بۇلىدۇ.

ئادەتتە ئۇرۇقنىڭ نورمال يوللىنىشى ئۈچۈن سىستېمىدىن بىر قانچە مۇلازىمەتلەرنى تەلەپ قىلدۇ. كۆزنەكنىڭ سىستاتىسكا (统计) كۆزنىكىنى ئاچسىڭىز قايسى مۇلازىمەتنىڭ نورمال ئېشلىمىگەنلىكىنى كۆرىسىز. مەسلەن ھەرخىل ئىغىز(端口)، ئوتتام (防火墙) قاتارلىقلارنىڭ نورمال ياكى نورمال ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىشقا بۇلىدۇ. بۇنىڭىدا ئاساسلىق تولا خاتالىق چىقىدىغان مۇلازىمەتتىن UPnP NAT ئىغىزى نورمال ئىشلىمەسلىكىتىن ئۇرۇقتىن مەسلە چىقدۇ.

ئادەتتە BT ئۇرۇقىنى مۇستەققىل نۇركابىللىق توردا ھاسىىلىغاندا ئۈنىمى ئەڭ زور دەرىجىدە ياخشى بۇلىدۇ. بىراق ئائىلىدە بۇ شارائىت تازا تۇلۇق ئەمەس. بۇ ئىغىز ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان مودىم (路由器) نىڭ تەكشىكىدە بۇلۇپ شۇ يەردىن قوزغىتىشقا بۇلىدۇ. 

بۇنى ئېچىش ئۇسۇلى تور كۆرگۈگە 192.168.1.1 ياكى 192.168.0.1 ئادىرسىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق مودىم باشقۇرۇش بېتىگە كىرىپ رەسىمدىكىدەك تەڭشىسىڭىز بۇلىدۇ.

شۇنداق قىلىپ ھەقىقىي ئۈنىمى بولغان BT ئۇرۇقىنى مۇۋاپىقىيەتلىك ياساپ چىقتىڭىز. چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئوخشاشلا Bitcomet يۇمشاق دېتالى چاقماق(迅雷) ياكى بەيدۇ تور دىسكىسى(百度网盘) قاتارلىق چۈشۈرۈش يۇمشاق دېتاللىرىنى ئېشلەتسىڭىز بۇلىدۇ.

مەزكۇر يۇمشاق دېتال ۋە ئېشلىتىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ تورغا دۆلىتىمىز چەكلىگەن ھەرخىل قانۇنىسز سىن، تەشۋىقات ھۆججەتلەرنى تورغا چىقىرىشا ياكى باشقىلارغا تەمىلەشكە بولمايدۇ. كىلىپ چىققان ئاقىۋەتكە BT ئۇرۇقى تەمىنلىگۈچى مەسئۇل. يېشىل ساغلام بولغان تور مۇھىتى يارىتايلى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#