سۆسۈن كاللەكبەسەي

سۆسۈن كاللەكبەسەي

سۆسۈن كاللەكبەسەي، يەنە كاپۇستا، قىزىل كاللەكبەسەي دەپمۇ ئاتىلىدۇ؛ كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسى، كۆك يازلىق يېسىۋىلەك ئۇرۇقدىشى كاللەكبەسەي تۈرىنىڭ ئىچىدىكى بىر خىل ئۆزگەرگەن كاپۇستا ئىچىدىكى بىر تۈرى. تاشقى يوپۇرماق ۋە شارچە يوپۇرماق رەڭگى بېغىررەڭ بولغاچقا، سۆسۈن كاللەكبەسەي دەپ ئاتالغان، بىنەپشە كاپۇستا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يوپۇرمىقى قىزغۇچ بىنەپشە رەڭ بولۇپ، يوپۇرماق يۈزىدە موم، يوپۇرمىقى يۇمىلاققا يېقىن شەكىلدە بولىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى سۆسۈن كاللەكبەسەي
تارقالغان رايونلار ئېلىمىزنىڭ شەرقىي قىسمى
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى كەپە تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى كۆك يازلىق يېسىۋىلەك ئۇرۇقدىشى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 紫甘蓝
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسى
تۈرى كاپۇستا، كاللەكبەسەي

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سۆسۈن كاللەكبەسەيسۆسۈن كاللەكبەسەي، تۈپىنىڭ ئېچىلىشى 50 سانتىمېتىر ئەتراپىدا، سىرتقى يوپۇرمىقى 20 پارچە ئەتراپىدا بولىدۇ، يوپۇرمىقى يۇمىلاقراق بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 33 سانتېمېتىر، كەڭلىكى 30 سانتىمېتىر، بېغىر رەڭ، يوپۇرماق تومۇرلىرى ئەتراپىدىكى يېشىل رەڭلىك سېسىق شىلىمشىق سۇيۇقلۇق بار، قېنىق قىزىل رەڭلىك ئوتتۇرىسىدا قاتتىق قوۋۇرغا تومۇرى بولىدۇ، يوپۇرماق ئاق توزانلىرى كۆپ، شارچە يوپۇرمىقى يۇمىلاق، ئېگىزلىكى 12 سانتىمېتىر ئەتراپىدا، توغرىسىغا دىئامېتىرى 20 سانتىمېتىر ئەتراپىدا، پارقىراق بىنەپشە رەڭ، يوپۇرماق شارچىسىنىڭ ئېغىرلىقى 1.5 كىلوگرامدىن 2 كىلوگرامغىچە.

كىلماتى 

سۆسۈن كاللەكبەسەيسۆسۈن كاللەكبەسەي ئۇرۇقدىشى يېرىم سوغۇققا چىداملىق كۆكتات بۇلۇپ، سالقىنراق كىلىماتنى ياقتۇرىدۇ.  ماس كېلىدىغان تېمپېراتۇرا ℃20~ ℃25 قا يەتكەندە يوپۇرماق ئۆسىدۇ.

تۈگۈلۈش مەزگىلىدە مۇۋاپىق نەملىك ℃25 ~ ℃15 بولسا بولىدۇ. سۆسۈن كاللەكبەسەي سوغۇققا قارشى تۇرۇش كۈچى بىر قەدەر كۈچلۈك، ℃7 ~ 5 تىن تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا قىسقا ۋاقىت بەرداشلىق بېرەلەيدۇ.

كۈن نۇرى 

كاللەكبەسەي ئۇزۇن كۈنلۈك ئۆسۈملۈك، بىرىنچى يىلى يوپۇرمىقى شەكىللىنىدۇ، كېيىنكى يىلى ℃2 ~ 6 لۇق تۆۋەن تېمپېراتۇرا شارائىتىدا، كۈننىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن شارائىتقا دۇچ كەلسە گۈلى ئېچىلىپ، مېۋە بېرىدۇ. 

سۇ ۋە تۇپراق 

سۆسۈن كاللەكبەسەينىڭ سۇغا بولغان ئېھتىياجى كۆپرەك، ئازوتلۇق ئوغۇت ئوزۇقلۇق ماددىلارغا نىسبەتەن ئېھتىياجى بىر قەدەر كۆپ. تۇپراققا ماسلىشىشچانلىقى كەڭ بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى تۇپراق قاتلىمى قېلىن، مۇنبەت، سۇ چىقىرىۋېتىشى ياخشى قۇمساڭ ئەت تۇپراق ياكى سېغىز ئەت تۇپراققا تېرىسا ئەڭ ياخشى.

سۆسۈن كاللەكبەسەيسۆسۈن كاللەكبەسەي ئوزۇقلۇق ماددىغا باي بۇلۇپ، بولۇپمۇ تەركىبىدە مول بولغان قان بۇزۇلۇشقا قارشى ۋىتامىن C، مېتىل مېتىئونىن يودىد () ۋە بىر قەدەر كۆپ ۋىتامىن E ۋە B تۈركۈمدىكى ئۇزۇقلۇق ماددىلار بار.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#