كۆك قاشقىرى ئۈزۈم

كۆك قاشقىرى ئۈزۈم

كۆك قاشقىرى ئۈزۈم سورتى شىنجاڭنىڭ قەدىمكى سورتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىدا ئۆستۈرۈرلىدۇ. 

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كۆك قاشقىرى ئۈزۈم سورتى شىنجاڭنىڭ قەدىمكى سورتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىدا ئۆستۈرۈرلىدۇ . 

بۇ خىل ئۈزۈم شىمالىي شىنجاڭدا 9 - ئاينىڭ ئاخىرلىرى ، 10 - ئاينىڭ باشلىرى ، تۇرپاندا 9 -ئاينىڭ باشلىرى پىشىدۇ .

كۆك قاشقىرنىڭ نوتىلىرى سېرىق يېشىل رەڭدە ، يوپۇرماق ئالدى ۋە كەينىدە نۇرغۇنلىغان ئاقۇچ تۈكچىلىرى بار ، يوپۇرمىقى ئاقۇچ كۆرىنىدۇ. قىرىغان يوپۇرماقلىرى يۇمىلاقراق چوڭ - كىچىكلىكى ئوتتۇراھال ، چوڭقۇر بەش يېرىقچىسى بار . ساپىقى توم ، گۈلى قوش 14.23 * 14.45 جىنىسلىق گۈل ، مېۋىسى يۇمىلاق بولۇپ ، بىر ساپاق ئۈزۈمنىڭ ئۇزۇنلۇقى 25.3 سانتىمېتىر ،كەڭلىكى 16 سانتىمېتىر ، ئوتتۇرىچە ئېغىرلىق 445 گرام ، ئەڭ چوڭىنىڭ ئېغىرلىقى 2 كىلوگرام كېلىدۇ . 

مېۋە دانىسىنىڭ ئېغىرلىقى 4.89 - 5.66 گرام ، مېۋە پوستى قېلىن ، ئېتىدىن ئاسان ئاجرىمايدۇ ، مېۋىسى كۆك ، پىشقاندىن كېيىن يېشىل رەڭگە ئايلىنىدۇ ، ئېتى ، يېشىل ، يۇمشاق ، شىرنىلىك ، قەنىت مىقدارى % 19 - 17 ، كىسلاتا مىقدارى % 0.44 ، تەمى سۇس چۈچۈمەل ، پۇراقسىز ، سۈپىتى ئوتتۇراھال ، ئۇرۇقى چوڭ ھەم كۆپ ، ھەر بىر دانىسىنڭ ئىچىدە تەخمىنەن ئۈچ تال ئۇرۇق بولىدۇ. 

تۈپىنىڭ ئۆسۈش كۈچى كۈچلۈك ، مېۋە شېخى ئۆستۈرۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن ھەرخىل بولىدۇ .[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#