سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى

سوزۇلما ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى

قورساق ئاغرىش، قورساق مۇسكۇلى جىددىيلىشىش، ئىچى سۈرۈش، ئورۇقلاش، سېرىقلىق چۈشۈش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

غەرب تېبابىتى نامى سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى
تەۋە بۆلۈم ئاشقازان كېسەللىكىلىرى بۆلۈمى
خەنزۇچە نامى 慢性胰腺炎
كېسەللىك ئورنى ئاشقازان

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھەرخىل سەۋەبلەردىن ئاشقازان ئاستى بەز كانالچىسى توسۇلۇپ، ئاشقازان ئاستى بەز ياللۇغلىنىپ، كلىنىكىدا قورساق ئاغرىش، قورساق مۇسكۇلى جىددىيلىشىش، ئىچى سۈرۈش، ئورۇقلاش، سېرىقلىق چۈشۈش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، 40~60ياشلاردىكى كىشىلەردە، ئاياللارغا قارىغاندا ئەرلەردە كۆپ ئۇچرايدۇ.

سوزۇلما ئاشقازان ئاستى بەز ياللۇغى ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «ئىلتىھابى لەبلەبىيە مۇزمەن»دەپ ئاتىلىدۇ.

1. ئاشقازان ئاستى بەز كانىلى ۋە ئۆت باش كانىلىنىڭ توسۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئۆت تېشى ۋە سازاڭ قۇرتلارنىڭ كەپلىشىۋېلىشىدىن ئۆت باش كانىلى ۋە ئاشقازان ئاستى بەز كانىلى بوشلۇقى توسۇلۇپ، ئاشقازان ئاستى بەز سۇيۇقلۇقىنىڭ نورمالنى ئېقىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، ئۆت سۇيۇقلۇقى تەسىرىدە ئاكتىپلىشىپ تەدرىجىي كەينىگە يېنىپ ئاشقازان ئاستى بەز توقۇلما شىللىق پەردىلىرىنى غىدىقلاپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. ئاشقازان ئاستى بەز سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشى زىيادە كۈچىيىپ كېتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئۇزۇن مۇددەت ھاراق ئېچىش، دائىم تويۇنۇپ تاماق يېيىش، بولۇپمۇ مايلىق تاماقلارنى تويۇنۇپ يېيىشكە ئادەتلەنەەن كىشىلەردە ئاشقازان ئاستى بەز سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشىشى ھەددىدىن زىيادە كۈچىيىپ، ئاشقازان ئاستى بىزنىڭ سىغىمچانلىقى ئېشىپ بېسىمى زىيادە يۇقىرىلاپ كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاشقازان ئاستى بەز پۈۋەكچىلىرى يېرىلىپ توقۇلما ئارىلىق سۇيۇقلۇقى بىلەن بىرىكىش جەريانىدا زىيادە ئاكتىپلىشىپ، ئاشقازان ئاستى بېزى شىللىق پەردە توقۇلمىلىرىنى غىدىقلاپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

يۇقىرى كالىيلىق قان كېسىلى، يۇقىرى مايلىق قان كېسىلى، ئىممۇنىتېت خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر قاتارلىقلار سەۋەبىدىنمۇ ئاشقازان ئاستى بېزىدە ياللۇغلىنىش كېلىپ چىقىدۇ.

4. ئېرسىيەت ئامىلى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

5. ئۆتكۈر ئاشقازان ئاستى بەز ياللۇغىغا قارىتا ۋاقتىدا ياخشى داۋالاش ئېلىپ بارماي، تەرەققىي قىلىشىدىن سوزۇلما ھالەتكە ئۆزگىرىپ سوزۇلما ئاشقازان ئاستى بەز ياللۇغى كېلىپ چىقىدۇ.

90%-60بىمارلاردا سول تەرە پيۇقىرى قورساق قىسمى ياكى يۇقىرى قورساق ئوتتۇرا قىسمى تۇتقاقلىق سانجىپ، بېسىلىش خاراكتېرلىك   ئاغرىيدۇ. ئاغرىق تارغاق قىسىملىرىغىچە تارقىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە كۆڭلى ئېلىشىپ، قۇسىدۇ، ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ، ئىچى سۈرىدۇ، مايلىق تەرەت كېلىپ سېسىق پۇرايدۇ، بەزىدە كۆپۈك ئارىلاش كېلىدۇ، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەپ، ئوزۇقلىنىش ناچارلىشىدۇ، مۇسكۇللار كۈچسىزلىنىدۇ.

1.تىپىك ئالامىتى ۋە كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

سول تەرەپ يۇقىرى قورسقا ساھەسى ئاغرىش، ئاغرىق سول تەرەپ تاغاق قىسىملىرىغىچە تارقىلىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، مايلىق سېسىق پۇرالىق ئىچى سۈرۈش، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش، مۇسكۇللار كۈچسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولۇش بىلەن بىرگە ئىلگىرى ئۇزۇن مۇددەت ھاراق ئىچكەنلىك، مايلىق تاماقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلغانلىق ۋە ئۆت تاش كېسىلى، سازاڭ مەددەت قۇرت كېسىلى، ئۆت كانىلى ۋە ئاشقازان ئاستى بىزى ئورتاق كانىلى توسۇلۇش قاتارلىق كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىغانلىق تارىخى بولىدۇ.

2. قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

 (1 لابوراتورىيىلىك تەكشۈرۈش: قاندىكى كراخمال فېرمېنتى، ماي فېرمېنتى ۋە قەنت يۇقىرىلايدۇ. قاندىكى كالتسىي تۆۋەنلەيدۇ، چوڭ تەرەتنى تەكشۈرگەندە چوڭ تەرەتتىكى ماي مىقدارى يۇقىرىلايدۇ.

 (2 رېنتگېندە تەكشۈرۈش: ئاشقازان ئاستى بېزى كالتسىيلىشىش ۋە تاش پەيدا بولۇشنىڭ ئىپادىسى كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئاشقازان ئاستى بېزىدە سۇلۇق ئىششىق ۋە خالتىلىق ئىششىق كۆرۈلىدۇ.

 B (3 تىپلىق ئاۋازدىن تېز دولقۇندا تەكشۈرۈش: ئاشقازان ئاستى بېزى كانالچىسىنىڭ ئىچكى دىۋارى سىلىق بولمايدۇ. دىئامېتىرى تەكشى بولمايدۇ، ئىچكى دىئامېتىرى كېڭىيىدۇ ياكى تارىيىدۇ.

 CT (4 دا تەكشۈرۈش: ئاشقازان ئاستى بېزى ھەجىمى كىچىكلىگەنلىكى ياكى تالالاشقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئاشقازان ئاستى بېزى تالالىشىش، كالتسىيلىشىش ۋە سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولۇشنىڭ ئىپادىسى كۆرۈلىدۇ.

ئاشقازان ئاستى بېزى راكىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

بۇنىڭدا ھۈجەيرە ئىلمىلىك تەكشۈرۈش ۋە تىرىك توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

ۋاقتىدا ياخشى داۋالاش ئېلىپ بېرىلسا كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلىنىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا ياخشى داۋالاش ئېلىپ بېرىلمىسا، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ قەنت سىيىش كېسىلى، ئاشقازان ئاستى بەز راكى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

1. باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا شۇ خىل كېسەللىككە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىپ سەەبى يوقىتىلىدۇ.

2. ياللۇغ قايتۇرۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

ياللۇغ قايتۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

ھۆل ئىتئۈزۈمى يوپۇرمىقىنىڭ سۈيى، ھۆل كاسىنە كۆكىنىڭ سۈيى، سېرىقچېچەك كۆكىنىڭ سۈيىنى 50مىللىلىتىردىن ئېلىپ، ئارىلاشتۇرۇپ كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50مىللىلىتىرنى دىنار شەربىتىدىن 25مىللىلىتىر بىلەن قوشۇپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

گۈل بىنەپشە، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، زىغىر، ئىتئۈزۈم، ئىكلىلمىلىك، بابۇنە، شومشا 10گرامدىم، ئارپا 30گرام، گۈل يېغى 30مىللىلىتىر ئېلىپ قائىدە بويىچە زىماد تەييارلاپ سول تەرەپ يۇقىرى قورساق قىسمىغا چېپىلىدۇ. ئەگەر ئاغرىق بەك كۈچلۈك بولۇپ كەتسە، پوستى خەشخاش ۋە تۇخۇمى خەشخاش  قوشۇپ چېپىلىدۇ.

مەستىكى ئالتە گرام، ئىكلىلمىلىك ئىككى گرام، ئاق لەيلى يىلتىزى، شۇمشا، بابۇنە، سېرىقچېچەك 15گرامدىن، بىنەپشە، مورمەككى 18گرامدىن، سەبرى 12گرام، موقەل، كەتىرا، كۈندۈر، ئەفسەنتىن 46گرامدىن، توخۇ يېغى، كالا ئىلىكى 60گرامدىن، موم 84گرام ئېلىپ، يېلىم دورىلارنى گۇلابتا ئېزىپ، باشقا دورىلارنىڭ تالقىنى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قائىدە بويىچە زىماد تەييارلاپ، سول تەرەپ يۇقىرى قورساق ساھەسىگە چېپىلىدۇ.

ئارپا ئۇنى، ئاق لەيلى ئۇرۇقى 12گرامدىن، بابۇنە گۈلى 10گرام، شۇمشا ئۇرۇقى ئالتە گرام، تەمرى ھىندى مېغىزى 36گرام ئېلىپ قائىدە بويىچە زىماد تەييارلاپ سول تەرەپ يۇقىرى قورساق ساھەسىگە چېپىلىدۇ.

ئەرقى شوخلا كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80مىللىلىتىردىن، ئەرقى چۆبچىن كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80مىللىلىتىردىن، شەربىترى ئۆشبە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50مىللىلىتىردىن، مەجۇنى چۆبچىن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10گرامدىن، مەجۇنى ئۆشبە كۈندە ئىككى قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10گرامدىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش مەقسىتىدە قۇرسى تاباشىر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 5~3 دانىدىن ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. تاباشىر، ئانار ئۇرۇقى، مەستىكى، كەتىرا، سەمغى ئەرەبى، ھەببۇلئاس، قىزىلگۈل، گىل ئەرمىنى 10گرامدىن قائىدە بويىچە سىفوف تەييارلاپ، كۈندە بىر قېتىم تاماقتىن كېيىن 10گرامدىن ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كېيىن ھەزىمنى ياخشىلاش، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەپ، تەبىئەت كۈچىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە ئامىلە نوشدارى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10گرامدىن، جاۋارىش ئامىلە كۈندە ئىككى ق ېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10گرامدىن، ئامىلە نوشدارى لۆلۆۋى كۈندە ئىككى قېتىم، تاامقتىن كېيىن ھەر ېتىمدا 10گرامدىن، جاۋارىش ئەنبەر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10گرامدىن، ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

1. تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، مايلىق يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.

2. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى بولغان يېمەك-ئىچمەكلەر مىزاجىغا قاراپ تاللاپ بېرىلىدۇ.

3.كۆپ ھەرىكەت قىلىشتىن، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلىشتىن، زىيادە چارچاشتىن، غەم-ئەندىشە قىلىشتىن، ئاچچىقلىنىشتىن، ھاراق ئېچىشتىن، تويۇنۇپ تاماق يېيىشتىن، زىيادە يىرىك يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.

4.مۇۋاپىق ئارام ئېلىش، يەڭگىل ھەرىكەت قىلىش، روھىي جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇش، توغرا تۇرمۇش ئادىتى ۋە ئوزۇقلۇق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش لازىم.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=816

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#