گلاسگوۋ

گلاسگوۋ

ئەنگلىيىنىڭ شىمالىدىكى شوتلاندىيىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى، مۇھىم پورتى، ئەنگلىيىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان مۇھىم سودا-سانائەت، مەدەنىيەت ھەم قاتناش مەركىزى. گلاسگوۋ شوتلاندىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى پەس جايغا ، كلايد دەرياسىنىڭ ئىككى ياقىسىغا جايلاشقان.

ئىسمى گلاسگوۋ
باشقا ئىسمى Glasgow
جايلاشقان ئورنى ئەنگلىيىنىڭ شىمالى
نوپۇسى 585090 ئادەم (2003-يىل)
خەنزۇچە ئىسمى 格拉斯哥
تەۋەلىكى شوتلاندىيە
كۆلىمى 198 كۋادرات كىلومېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كۆۋرۈك

گلاسگوۋ مىلادىيە 6-ئەسىردە قۇرۇلغان، 19-ئەسىرگە كەلگەندە تەرەققىي قىلىپ مۇھىم كېمىسازلىق، پولات-تۆمۈر، ماشىنىسازلىق، توقۇمىچىلىق قاتارلىق سانائەت مەركىزىگە ئايلانغان. ئەنگلىيىنىڭ شىمالىدىكى شوتلاندىيىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ، مۇھىم پورتى، ئەنگلىيىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان مۇھىم سودا-سانائەت، مەدەنىيەت ھەم قاتناش مەركىزى. گلاسگوۋ شوتلاندىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى پەس جايغا، كلايد دەرياسىنىڭ ئىككى ياقىسىغا جايلاشقان. گلاسگوۋ شەھىرىنىڭ غەربتىكى دەريا ئاغزىغا قەدەر بولغان ئارىلىقى 35 كىلومېتىر كېلىدۇ. كلايد دەريا ئاغزىدىن دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا قاراپ يۈرگەن پاراخوتلار گلاسگوۋ شەھىرىگە كىرەلەيدۇ .ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن يېڭىدىن ئېلېكترون، رادار، نېفىت ئايرىش قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى قۇرۇلغان. ھازىر ئۇ ئەنگلىيىنىڭ مۇھىم كېمىسازلىق سانائەت مەركىزى بولۇپ، كېمىسازلىق سانائىتى بىلەن ئەنگلىيىدە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن بۇلۇپ ھىسابلىنىدۇ .

ئىگىز بىنالاركلايد دەرياسىنىڭ ئىككى ياقىسىدا 10 نەچچە كېمىسازلىق زاۋۇتى بار. بۇنىڭدىن باشقا يەنە كۆمۈركان، مېتاللۇرگىيە، ماشىنىسازلىق(ئاپتوموبىل، ئېلېكتر ماشىنىلىرى) ، توقۇمىچىلىق، نېفىت ئايرىش قاتارلىق سانائەتلەرمۇ تەرەققىي قىلغان. گلاسگوۋ ئەنگلىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى مۇھىم مەدەنىيەت مەركىزى .

كۇچا

گلاسگوۋ ئەنگلىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى مۇھىم سۇ، قۇرۇقلۇق، ھاۋا قاتناش تۈگۈنى، گلاسگوۋ شەھىرىدىن قانال ئارقىلىق شەرقتىكى فيورت ئوف فورت قولتۇقىغا چىققىلى بولىدۇ، بىرقانچە تارماق تۆمۈر يول، تاشيوللار ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ھەرقايسى چوڭ شەھەرلىرىگە بارىدىغان ھاۋا يوللىرىمۇ بار. كلايد دەرياسىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى شەھەرلەر كۆۋرۈكلەر ئارقىلىق تۇتىشىپ تۇرىدۇ. شەھەردە 96 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول بار.

 ھازىر ئۇ ئەنگلىيىنىڭ مۇھىم كېمىسازلىق سانائەت مەركىزى بولۇپ، كېمىسازلىق سانائىتى بىلەن ئەنگلىيىدە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن بۇلۇپ ھىسابلىنىدۇ .

گلاسگوۋ چوڭ چېركاۋىئۇ جايدا 1451-يىلى قۇرۇلغان گلاسگوۋ داشۆسى ، مۇزېيلار، ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى ،  روۋى سەنئەت بىلەن مۇزېيى ، تىياتىرخانا ، مۇزېي ۋە رەسىم كارىدورى ،گلاسگوۋ چوڭ چېركاۋى ، خەلق سارىيى ، گلاسگوۋ قاتناش مۇزېيى ،  1896-يىلى قۇرۇلغان 10.5 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يەر ئاستى تۆمۈر يولى .قاتارلىقلار بار.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#