ﺧﯩﻴﺎر ﺷﻪﻧﺒﻪر
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ﺑﯘ دەرەﺧﻨﯩﯔ ﺷﺎﺧﻠﯩﺮى ﻳﺎﯕﺎق دەرﺧﯩﻨﯩﯔ ﺷﺎﺧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪۇ، ﻳﻮﭘﯘرﻣﯩﻘﻰ ﻳﺎﯕﺎﻗﻨﯩﯖﻜﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﭽﯩﻜﺮەك. ﻣﯧﯟﯨﺴﻰ ﺋﯘزۇن، 60 ﺳﺎﻧﺘﯩﻤﯧﺘﯩﺮ ﺋﯘزۇﻧﻠﯘﻗﺘﺎ. ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ - ﺗﻮﻣﻠﯘﻗﻰ ﺑﺎش ﺑﺎرﻣﺎﻗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﭼﻮﯕﺮاق ﻛﯧﻠﯩﺪۇ.
ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﺴﯩﺪا ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﭘﻪردﯨﺴﻰﺑﻮﻟﯘپ، ﻗﺎرا ﮬﯚﻟﻠﯜك ﺋﯘﻳﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪەك ﭼﺎﭘﻠﯩﺸﺎﯕﻐﯘ ﻧﻪرﺳﻪ ﺑﺎر، ﺑﯘﻧﻰ «ﺧﯩﻴﺎر ﺷﻪﻧﺒﻪر ﺋﻪﺳﻠﻰ» دەپ ﺋﺎﺗﺎﻳﺪۇ. ﮬﻪر ﭘﻪردﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﺴﯩﺪا «ﭘﯘﻧﯘس» ﺑﻮﻟﯩﺪۇ، ﮬﻪم ﺋﺎزراق ﺋﯘرۇﻗﻰ ﺑﺎر، ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩﺪە ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ «ﺋﻪﺳﻠﻰ» ﺑﻮﻟﯘپ، ﻣﯘﺷﯘ «ﺧﻴﺎر ﺷﻪﻧﺒﻪر» ﻧﺎﻣﯩﺪا دورﯨﻐﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪۇ، ﺑﻪﺗﺒﯘي پۇرايدۇ.
مېۋىسى
ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏـلار. ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﯩﺸﺸﯩﻘـلار، ﺑﻮﻏﯘم ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻠﯩﺮى، ﮔﺎل ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻰ، ﮬﻪﻳﺰ ﺗﯘﺗﯘﻟﯘش، ﮬﻪﻳﺰﺗﻮﺳﯘﻟﯘش، ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺗﯘﻏﯘت، ﺳﯜﻳﺪۈك راۋان ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، ﻳﯚﺗﻪل، دەم ﺳﯩﻘﯩﺶ، ﻛﯚﻛﺮەﻛﻨﯩﯔﻳﯩﺮﯨﻜﻠﯩﻜﻰ، ﺟﯩﮕﻪر ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ، ﻗﻪۋزﯨﻴﻪت ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘـلارﻏﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪۇ.
ﻣﯧﯟە ﺑﯩﻠﻪن ﻣﯧﯟە ﺋﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭻﺳﯜرۈش ﺗﻪﺳﯩﺮى ﺑﺎر،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻛﯚپ ﻣﯩﻘﺪاردا ﺋﯩﺸﯩﺘﯩﻠﺴﻪ ﻛﯚﯕﯜل ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﺶ، ﺋﺎﺷﻘﺎزان، ﻗﻮرﺳﺎق ﺋﯧﺴﯩﻠﯩﺶ، ﻗﻮرﺳﺎق ﺋﺎﻏﺮﯨﺶ ﺋﺎلاﻣﻪﺗﻠﯩﺮى ﻛﯚرۈﻟﯩﺪۇ. ﻣﯧﯟﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﯨﻴﻪ ﺗﻮرﻣﯘزـلاش ﺗﻪﺳﯩﺮى ﺑﺎر. ﺑﯘ ﺋﺎﻟﺘﯘن رەﯕﻠﯩﻚ ﺋﯜزۈﻣﺴﯩﻤﺎن ﺷﺎرﭼﻪ ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﯨﻴﻪ، ﺑﻮﻏﻤﺎق ﺗﺎﻳﺎﻗﭽﻪﺑﺎﻛﺘﯧﺮﯨﻴﻪ، ﺋﯜﭼﻪي ﻛﯧﺰﯨﻜﻰ ۋە ﺋﯜﭼﻪي ﺗﺎﻳﺎﻗﭽﻪ ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﯨﻴﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮرﻣﯘزلاﻳﺪۇ.
ﻗﻮرﺳﺎﻗﻨﻰ ﺋﺎﻏﺮﯨﺘﯩﺪۇ، ﻛﯚﯕﯜﻟﻨﻰﺋﯧﻠﯩﺸﺘﯜرﯨﺪۇ.
بۇنىڭ ياخشىسى ﻗﺎرا، ﭘﺎرﻗﯩﺮاق، ﭘﻮﺳﺘﻰ ﻧﯧﭙﯩﺰ، ﻗﯘۋۋەﺗﻠﯩﻚ، ﺋﻪﺳﻠﯩﺴﻰ ﻛﯚﭘﺮەك ﺑﻮﻟﻐﺎن، ﺷﯧﺮﯨﻦ ﭘﯘرﯨﻘﻰ ﺋﺎز ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪۇر. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن، ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﻗﻪﻟﻪم ﻗﯩﻠﯩﭗﺋﻮت ﻗﯩﺰﯨﺘﯩﭗ ﺳﯘﻧﺪۇرۇپ، ﺋﻪﺳﻠﯩﺴﻰ ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﯩﭗ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎدام ﻳﯧﻐﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎرﯨـلاﺷﺘﯘرۇپ ﻳﺎﻏـلاپ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪۇ.
1. 15 ﮔﺮام ﺧﯩﻴﺎر ﺷﻪﻧﺒﻪرﻧﯩﯔ ﺷﯩﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ، 15 ﮔﺮام ﻛﯜﻧﺠﯜت ﻳﯧﻐﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﻮﺷﯘپ ﺋﯩﭽﺴﻪ، ﮬﻪﻳﺰﻧﻰ راۋاﻧـلاﺷﺘﯘرﯨﺪۇ.
2. ﮔﯜل ﺑﯩﻨﻪﭘﺸﻪ، ﺷﻮﺧـلا، ﺧﯩﻴﺎرﺷﻪﻧﺒﻪر، ﺳﻪرﭘﯩﺴﺘﺎن، ﺋﺎق ﻟﻪﻳﻠﻰ ﺋﯘرۇﻗﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘـلاردﯨﻦ10 ﮔﺮاﻣﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ دەﻣﻠﻪپ ﺋﯩﭽﺴﻪ، ﺋﯜﭼﻪي ﺋﯩﺸﺸﯩﻘﻰ ۋە ﺑﺎﻟﯩﻴﺎﺗﻘﯘ ﺋﯩﺸﺸﯩﻘﯩﻐﺎ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻠﯩﻚ.
3. ﺧﯩﻴﺎر ﺷﻪﻧﺒﻪر 6 ﮔﺮام، ﺋﯩﺴﭙﯩﻐﯘل، ﺑﯧﮭﻰ ﺋﯘرۇﻗﻰ10 ﮔﺮاﻣﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ، دەﻣﻠﻪپ ﺋﯩﭽﺴﻪﺗﻮﻟﻐﺎﻗﻘﺎ ﭘﺎﻳﺪا ﻗﯩﻠﯩﺪۇ.
4. 30 ﮔﺮام ﺧﯩﻴﺎر ﺷﻪﻧﺒﻪر ﺑﯩﻠﻪن 300 ﻣﯩﻠﻠﯩﻠﯩﺘﯩﺮ ﺳﯜﺗﻨـﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﯩﭽﺴﻪ ﻳﺎﻛـﻰ ﻏﺎر - ﻏﺎر ﻗﯩﻠﺴﺎ ﮔﺎل ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﯩﻐﺎ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪت ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﺋﯩﺸﺸﯩﻖ ﺗﺎرﻗﯩﺘﯩﺪۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.