ئاق چوغلۇق

ئاق چوغلۇق

ئاق چوغلۇق  بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى «چۇغلۇق»، «سەللىگۈل» ياكى «ئاق شويىگۈل» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.ھەيزنى نورماللاشتۇرۇش قاتارلىق  خۇسۇسىيىەتلەرگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى ئاق چوغلۇق
ئىنگلىزچە White Peony r
خەنزۇچە نامى 白芍
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاق چوغلۇقئاق چوغلۇق بولسا چۇغلۇق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ئاق چۇغلۇق بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى «چۇغلۇق»، «سەللىگۈل» ياكى «ئاق شويىگۈل» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.رايونىمىزدىن ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن چىقىدۇ.

ئىشلىتىلىشى

يۇقىرى قان بېسىمى، قورساق گۆشىنىڭ تارتىشىپ قېلىشى، پاچاق پېيىنىڭ تارتىشىپ قېلىشى، ھەيىزنىڭ كۆپ كېلىشى، قان يىرىڭلىق قۇرۇق ئىنجىق، كۆپ تەرلەش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

خۇسۇسيىتى

تەشەننۇچنى بوشىتىش، ھارارەتنى پەسەيتىپ، قاننى سوۋۇتۇش، جىگەرنى يۇمشىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، ھەيزنى نورماللاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

خىمىيىلىك تەركىبى

پـائوتـى فـلـورىـن (Paeohiflorin)، ئـالـىـبـى فلورىن (Albl-florin)، بىنزول پائونى فلورىن(benzoyl paeni florin)، موزا كىسلاتاسى قاتارلىقلار بار.

ئەكىس تەسىرى

بۇ دورىنى مارالقۇلاق بىلەن قوشۇپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

فارماكولوگىيىلىك تەسىرى

ئىممۇنىتنى تەڭشەش، ھەرقايسى بەزلەرنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاغرىق توختىتىش، تىنچلاندۇرۇش، ياللۇغ قايتۇرۇش، قان تومۇرلارنى تارايتىش، تېمپىراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش، جىگەرنى قۇۋۋەتلەپ، باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش، چوڭ تەرەتنى راۋان قىلىش تەسىرى بار.

ئاق چوغلۇق1. ئاق چۇغلۇقتىن 3 گرام، جۇخار گۈلىدىن 3 گرام، خام ئەگرى سۇنايدىن 8 گرام، ياز غازىڭىدىن 16 گرام، سازاڭدىن 12 گرام، جىنتىيانادىن 3 گرام ئېلىپ، قاينىتىپ ئىچسە، يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

2. ئاق چۇغلۇقتىن 5 گرام، چۈچۈكبۇيىدىن 3 گرام ئېلىپ قاينىتىپ ئىچسە، قورساق گۆشىنىڭ تارتىشىپ قېلىشى ۋە پاچاق پېيىنىڭ تارتىشىپ قېلىشىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

3. قۇرۇغان ئاق چۇغلۇقتىن 2 گرام، خام ئەگرىسۇنايدىن 3 گرام، ۋاسىتىلىك ئېرىتىلگەن ئېشەكيىلىمىدىن 3 گرام، ئەمەن يوپۇرمىقىنىڭ تالقىنى 1 گرام، چۈچۈكبۇيىدىن 1 گرام ئېلىپ قاينىتىپ ئىچسە، ھەيىزنىڭ كۆپ كېلىشىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

4. قان يىرىڭلىق قۇرۇق ئىنجىقتا ئاق چۇغلۇقتىن 2 گرام، قارا ئەندىز 1 گرام، مامىرانچىنىدىن 4 گرام، چۈچۈكبۇيىدىن 2 گرام، ئاقۋاشئوتتىن 5 گرام ئېلىپ قاينىتىپ ئىچسە، قان يىرىڭلىق قۇرۇق ئىنجىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.

5. ئاق چۇغلۇقتىن 5 گرام، كەتىرادىن 8 گرام، ئەينۇلىدىن 2 گرام ئېلىپ قاينىتىپ ئىچسە، ئۆزلۈكىدىن تەرلەشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.

مىقدارى

1.5~3 گرام

تۈزەتكۈچىسى

زەنجىۋىل

ئورۇنباسارى

بادام

ئاق چوغلۇق قايناتمىسى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=542

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#