بومباي

ھىندىستاننىڭ غەربىگە جايلاشقان بومباي ئارىلىدىكى چوڭ شەھەر، بۇ ئارال چوڭ قۇرۇقلۇقتىن 16 كىلومېتر يىراق تۇرىدۇ. ھازىر بومباي ئارىلىغا جايلاشقان بومباي شەھىرى كۆۋرۈك ھەم توسما ئارقىلىق چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى.

نامى بومباي
دۆلىتى ھىندىستان
نوپۇسى 9 مىليوندىن ئاشىدۇ (1981)
چەتئەلچە نامى Mumbai
خەنزۇچە نامى 孟买
يەر مەيدانى 603 كۋادارات كىلومېتر
مەمۇرىي رايون تۈرى شەھەر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بومبايھىندىستاننىڭ غەربىگە جايلاشقان بومباي ئارىلىدىكى چوڭ شەھەر، بۇ ئارال چوڭ قۇرۇقلۇقتىن 16 كىلومېتر يىراق تۇرىدۇ. ھازىر بومباي ئارىلىغا جايلاشقان بومباي شەھىرى كۆۋرۈك ھەم توسما ئارقىلىق چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى. بومباي ھىندىستاننىڭ ئەڭ مۇھىم سودا سانائەت شەھىرى، مەدەنىيەت مەركىزى، ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ پورتى. بومباي شەھىرى ئەسلىدە بومباي، پىل قاتارلىق يەتتە ئارالدىن تەركىب تاپقان، كېيىن سانائەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ يەتتە ئارال ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلۇپ ھازىرقى قۇرۇقلۇقنىڭ بىر يېرىم ئارىلىغا ئايلانغان، شەھەرنىڭ كونا قىسمىنىڭ مەيدانى 58 كۋادرات كىلومېتر بولغان بولسا، يېڭى كېڭەيگەن قىسمىنىڭ مەيدانى 603 كۋادارات كىلومېترغا يېتىدۇ. شەھەر ئاھالىسى 9 مىليوندىن ئاشىدۇ (1981) .

بومبايبومباينىڭ تارىخىي ئۇزۇن ئەمەس، ئۇ 11-ئەسىردە بىر بېلىقچىلىق يېزىسى بولغان. 1534-يىلى پورتۇگالىيىلىكلەر تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 1664-يىلى پورتۇگالىيە مەلىكىسى كابلىن ئەنگلىيە پادىشاھى كارىل Ⅱ گە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. 19-ئەسىرگە كەلگەندە تەرەققىي قىلىپ چوڭ شەھەرگە ئايلانغان. 1838-يىلى بىرىنچى قېتىم بومبايدىن ئەنگلىيىگە بارىدىغان ھاۋايولى ئېچىلغان. 1857-يىلى پۈتۈن ھىندىستان بويىچە بىرىنچى زامانىۋى پاختا توقۇمىچىلىق فابرىكىسى بومبايدا قۇرۇلغان. ھازىرقى بومباي شەھىرى ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ غەربىي دەرۋازىسى ھېسابلىنىدۇ. بومباي پورتىنىڭ سۈيى چوڭقۇر، ئۈسكۈنىلىرى خېلى زامانىۋى بولۇپ، ھەرخىل ئوكيان پاراخوتلىرى توختىيالايدۇ. بومبايدا ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ پاختا تۇقۇمىچىلىق، تېرە-خۇرۇم، خىمىيە سانائەت، نېفىت، دورىگەرلىك، ماشىنىسازلىق، يېمەك-ئىچمەك، كىنو ستودىيىسى قاتارلىق ئورۇنلار بار. بومباينىڭ نېفىت، خىمىيە، خىمىيىۋى ئوغۇت، ئاتوم ئېلېكتر قۇۋىتى قاتارلىق سانائەتلىرىمۇ تېز تەرەققىي قىلماقتا. بومباي ھىندىستان ئىقتىسادىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇنىڭ ئاھالىسى پۈتۈن ھىندىستان ئاھالىسىنىڭ %1.2 نى تەشكىل قىلىدۇ.

بومباي بومباي ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ دېڭىز، قۇرۇقلۇق، . ھاۋا قاتناش تۈگۈنى. ئۇ 50-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ پورتى بولۇپ كەلمەكتە. بۇ پورت ئارقىلىق پاختا، پاختا مەھسۇلاتلىرى، ئۇن، خاسىڭ، كەندىر، يۇڭ، تېرە، شېكەر قاتارلىق ئېكسپورت قىلىنىدۇ. بومباي پورتى ئارقىلىق بىر يىلدا بىر تەرەپ قىلىنىدىغان ماللار 17 مىليون توننىدىن ئارتۇق بولۇپ، دۆلەت بويىچە بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. بومبايدا دۆلەتنىڭ ھەرقايسى چوڭ شەھەرلىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان نۇرغۇن تارماق تۆمۈريول، تاشيول، ھاۋا يوللىرى بار. شەھەرنىڭ ئىچكى قاتناش ترانسپورتى تەرەققىي قىلغان. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#