يەر شارى

يەر شارى

يەر شارى قۇياش سىستېمىسىدىكى قۇياشقا يېقىن ئۈچىنچى پلانېتا. شار شەكلىدە بولۇپ، سەل ياپىلاقراق كېلىدۇ. ئېكۋاتوردىكى رادىئۇسى 63782 كىلومېتىر، قۇتۇپتىكى رادىئۇسى 6356.8 كىلومېتىر.

ئۇيغۇرچە نامى يەر شارى
چەتئەلچە نامى Earth
ھەمراھى ئاي شارى
خەنزۇچە نامى 地球
باشقا نامى 盖亚(Gaia)

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يەر شارى چەكسىز ھاياتى كۈچكە تولغان سامان يولى سىستىمىسىدىكى قۇياش سېستىمىسىغا قاراشلىق بىر ئاددى پىلانىت. يەر شارىدا سانسىزلىغان جانلىقلار بىرلىكتە ھايات كەچۈرىدۇ. ئالىملار بىردەك ناھايىتى ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى يەر شارى پۈتۈنلەي ئۈزلۈكسىز پارتىلاپ تۇرغان يانار تاغلار ۋە يانار تاغ لاۋلىرى بىلەن قاپلانغان ھاۋا كىلىمات ئۆزگىرىشى ئىنتايىن تىز بولغان، ئوت دىڭىزى بولۇپ، بۇ ۋاقىتلاردا ھىچقانداق ھاياتلىقتىن ئېغىز ئىچىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى، كېيىن مەلۇم تارتىش كۈچى نەتىجىسىدە يىغىلىشى بىلەن يەر شارى بارلىققا كەلگەن دەپ قارايدۇ. 

يەر شارىيەر شارى قۇياش سىستېمىسىدىكى قۇياشقا يېقىن ئۈچىنچى پلانېتا. شار شەكلىدە بولۇپ، سەل ياپىلاقراق كېلىدۇ. ئېكۋاتوردىكى رادىئۇسى 63782 كىلومېتىر، قۇتۇپتىكى رادىئۇسى 6356.8 كىلومېتىر، ئۆز ئوقىدا بىر قېتىم ئايلىنىش ۋاقتى بىر كېچە-كۈندۈزگە تەڭ، ئەتراپنى ھاۋا قەۋىتى ئوراپ تۇرىدۇ. يۈزىدە قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ئىنسانىيەت، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر بولىدۇ. بىر ھەمراھى بار، ئۇ بولسىمۇ ئايدۇر.

يەر شارىنڭ ئېغىرلىقى : (6000.000.000.000.000.000.000.) توننا يەنى 6×10^24 كىلوگىرام كېلىدۇ .

قۇياش بىلەن يەر شارىنىڭ ئارىلىقى : تەخمىنەن 1 يېرىم مىلىيون كىلومېتىر، يەر شارىنىڭ قۇياشنى ئايلىنىش ئوربىتاسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 924 مىلىيۇن 375 مىلىيۇن 700 كىلومېتىر كېلىدۇ. قۇياشنى بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىش ۋاقتى بىر يىل.

ھەجىمى : قۇياشنىڭ ھەجىمى يەر شارىنىڭ ھەجىمىنىڭ 1مىلىيون 300مىڭ ھەسسىگە توغرا كېلىدۇ .

يەر شارى يادروسىنىڭ تېمپىراتۇرىسى : تەخمىنەن 5700سېلسىيە گىرادوس كېلىدۇ.

يېشى : يەر شارى تەخمىنەن 4 مىليارت600 مىلىيۇن ياشقا كىردى.

ئايلىنىش سۈرئىتى : يەر شارى سىكۇنتىغا 29.7 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن ھەر 24 سائەتتە ئۆز ئوقىدا بىر قېتىم ، سىكۇنتىغا 11.186كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن ھەر 365 كۈندە قۇياشنى بىر قېتىم غەرپتىن شەرققە قاراپ ئايلىنىپ چىقىدۇ.

يەر شارى ئايلانغاندا ئېكۋاتورنى نۆل دەپ قارىغاندىكى 23.26 گىرادۇسقىچە قۇياش نۇرىغا تىك چۈشىدۇ، يەر شارى بىر يىل ئىچىدە جەنۇبى ۋە شىمالىغا ئىككى قېتىم قىيپاش بولىدىغانلىقتىن جەنۇبى ۋە شىمالى تىروپىك سىزىقى مۇشۇ ئىككى گىرادۇسنى ئۆلچەم قىلىپ شەكىللەنگەن بولىدۇ.

رادىئۇسى : يەر شارىنىڭ جەنۇپتىن شىمالغا بولغان رادىئۇسى 6356 كىلومېتىر، غەرپتىن بولغان ئېكۋاتور رادىئۇسى تەخمىنەن 6371 كىلومېتىر ، ئايلانمىسى 40 مىڭ 75 كىلومېتىر، ھەجمى 1 تىرلىيۇن 83 مىليارت 200 مىلىيۇن كۇپ كىلومېتىر كېلىدۇ. يەنى ھازىرقى سائىتىگە 800 كىلومېتىر ئۇچىدىغان ئەڭ ئىلغار يولۇچىلار ئايرۇپىلانغا ئولتۇرغاندا يەر شارىنى تولۇق ئايلىنىش ئۈچۈن 50 سائەت ۋاقىت كېتىدۇ.

يەر شارىنىڭ يۈزى :  510 مىليۇن كۇۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە سۇ يۈزى 361 مىليارت 745 مىلىيۇن كۇۋادرات كىلومېتىر بولۇپ %70.8 نى ئىگەللەيدۇ، قۇرۇقلۇق يۈزى 148 مىلىيارت 939 كىلومېتىر بولۇپ %29.2 نى ئىگەللەيدۇ.

يەر شارى ئاتموسفىراسىدا ئازوت %78.5 نى، ئوكسېگىن %21.5 نى ئىگەللەيدۇ. يەر شارىدا تەخمىنەن 7 مىلىيادقا يېقىن ئىنسان بار.

يەر شارىنۆۋەتتە ئىنسانلار بىلگەن پىلانېتلار ئىچىدە پەقەت يەر شارىدىلا جانلىقلارنىڭ مەۋجۈت بولۇپ تۇرالىشىدىكى ئاساسىي شارائىتلار ھاازىرلانغان . مەسىلەن، يەر شارنىڭ ئاتمۇسفىرا قاتلىمىدىكى مول ئوكسىگىن مۇتلەق كۆپ سانلىق جانلىقلار ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر . ناۋادا ئوكسىگىن بولمىسا ، بىز نەپەسلىنەلمەيمىز؛ يەنە كېلىپ يەر شارنىڭ تېمپۇراتۇرىسى سوغۇقمۇ ئەمەس ، ئىسسىقمۇ ئەمەس بولۇپ ، ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ ؛ ئۇنىڭدىن باشقا ، سۇ ھاياتلىقنىڭ مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ تېخىمۇ مۇھىم بىر شەرتى بولۇپ ، يەر شارىدىن باشقا سەييارىدە سۇيۇق ھالەتتىكى سۇنىڭ بارلىقىنى تېخىمۇ بايقىمىدۇق . بىزنىڭ ياشاش شارائىتىغا بولغان تەلىپىمىز ئىنتايىن قاتتىق ، شۇڭا ھازىرچە پەقەت يەر شارىلا بىزنىڭ ياشىشىمىزغا ماس كېلىدىغان پىلانېتتۇر.[1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ياردەم تورى

http://yardam.com/baike/view/2135/

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (4 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    50%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    50%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#