ھەربىي ئىشلار ئىلمى

ھەربىي ئىشلار ئىلمى

ھەربىي ئىشلار ئىلمى ئۇرۇشنىڭ ماھىيىتى ۋە قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان، ئۇرۇشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى يېتەكلەيدىغان ۋە ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ئۇنىۋېرسال ئىلىمدۇر.

ئۇيغۇرچە نامى ھەربىي ئىشلار ئىلمى
چەتئەلچە نامى military science
خەنزۇچە نامى 军事科学
ئىشلىتىلشى ئۇرۇشنىڭ ماھىيىتى ۋە قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىش

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھەربىي ئىشلار ئىلمىھەربىي ئىشلار ئىلمى ئۇرۇشنىڭ ماھىيىتى ۋە قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان، ئۇرۇشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى يېتەكلەيدىغان ۋە ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ئۇنىۋېرسال ئىلىمدۇر. ئۇرۇش ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە پەيدا بولغان بولۇپ، قۇلدارلىق جەمئىيەت، فېئوداللىق جەمئىيەت، كاپىتالىستىك جەمئىيەت قاتارلىق بىر قاتار ئىجتىمائىي فورماتسىيىلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئۇرۇشنىڭ دائىرىسى تەدرىجىي كېڭىيىپ، ۋاستىسىمۇ كۈنسېرى قەبىھلەشكەن.  ھەر قايسى سىنىپ، جەمئىيەت، دۆلەت ۋە سىياسىي گۇرۇھلار ئۇرۇشقا پۇختا تەييارلىق قىلىش ۋە جەڭدە غەلىبە قازىنىش ئۈچۈن، زور كۈچ بىلەن ئۇرۇشنىڭ قانۇنىيىتىنى تېپىپ، جەڭ قوراللىرىنىڭ قۇدرىتىنى نامايان قىلىپ، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق، دائىرىسى كەڭ، مەزمۇنى مول بولغان ھەربىي ئىشلار ئىلىم سىستېمىسىنى تەشكىل قىلغان.

ئۇرۇش بولسا ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەرەققىي قىلىپ مۇئەييەن باسقۇچقا كەلگەندە پەيدا بولغان ئىجتىمائىي ھادىسە. ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدىكى قەۋم ياكى ئىتتىپاقلار ئوتتۇرىسىدىكى قوراللىق توقۇنۇش ئۇرۇشنىڭ ئەڭ دەسلەپكى شەكىللىرى بولۇشى مۇمكىن. بۇ خىل قەۋم ئۇرۇشلىرى ئاساسلىقى ياشاش شارائىتلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، شەخسىي مۈلۈك ۋە سىنىپ شەكىللەنگەن ۋە بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۇرۇشنىڭ خاراكتېرىدىمۇ ئۆزگىرىش بولغان. سىنپىي جەمئىيەتكە قەدەم قويغاندىن كېيىن، ئۇرۇش سىنىپ، مىللەت، دۆلەت ۋە سىياسىي گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت-توقۇنۇشنىڭ ئەڭ ئاساسىي شەكلى بولۇپ قالغان. پەقەت پۈتۈن دۇنيادا ئومۇميۈزلۈك كوممۇنىزىم تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن كېيىنلا، سىنىپ ۋە دۆلەت ئۇقۇمى يوقىلىدۇ، تەبىئىيكى، بۇ چاغدا ئۇرۇشمۇ ئۆزلۈكىدىن يوقىلىدۇ. ھەربىي ئىشلار ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئاساسىي مەركەز قىلغان ئىجتىمائىي پائالىيەتتۇر. مەسىلەن، قورال كۈچىنىڭ تەشكىللىنىشى، ھەربىي تەييارلىق ۋە ئۇرۇش تاكتىكىسى قاتارلىقلار ھەممىسى ھەربىي ئىشلارنىڭ ئەڭ ئاساسىي ئىپادىسىدۇر. ئۇرۇش قوراللىرىنىڭ ياسىلىشى، ئىشلەپچىقىرىش ۋە پايدىلىنىش، تاكتىكا، ئۇرۇش ئۇسۇللىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنى ئىشلىتىش، ئۇرۇش تەمىناتلىرىنى تەييارلاش ۋە تەمىنلەش، دۆلەت مۇداپىئەسىنى پىلانلاش ۋە ئۇنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئارقا سەپ كۈچىنى تەشكىللەش، قۇرۇش ۋە تولۇقلاش قاتارلىق ھەممىسى ھەربىي ئىشلار كاتىگورىيىسىگە كىرىدۇ. ھەربىي ئىشلار ھەرگىزمۇ ئايرىم مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان پائالىيەت ئەمەس، ئۇ بىر دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى، پەن-تېخنىكىسى، مەدەنىيەت، تەربىيىلەش قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلىرىگە ھەتتا ئاڭ فورماتسىيىسىگىمۇ چېتىشلىق بولۇپ ھەم يۇقىرىقى ئامىللارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ ھەم ئۇلارغا ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ھەربىي ئىشلار ئىلمىھەربىي ئىشلار ئىلمىنىڭ ئەڭ تۈپكى ۋەزىپىسى، ئوبىكتىپ ئەمەلىيەتنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان ھالدا، مۇرەككەپ ئۇرۇش ھادىسىلىرى ئارقىلىق، ئۇرۇشنى تەھلىل قىلىش ۋە ئۇنىڭ قانۇنىيىتىنى تېپىپ چىقىشتۇر. ئۇرۇشنىڭ خاراكتېرى دېگىنىمىز، ئۇنىڭ سىياسىي-ئىجتىمائىي خاراكتېرى، مەسىلەن، ئادالەتنى ياقلايدىغان ئۇرۇش، ھەققانىيەتسىز ئۇرۇش ياكى ئاكتىپ ئۇرۇش، پاسسىپ ئۇرۇش. بۇنىڭدىن باشقا يەنە جەڭنىڭ دائىرىسى، داۋاملىشىش ۋاقتى ۋە ئۇرۇش قوراللىرى شۇنداقلا ئۇرۇش تاكتىكىسى قاتارلىق ئامىللارنىڭ ھەممىسى ئۇرۇشنىڭ خاراكتېرىنى بەلگىلەيدۇ. ئۇرۇش قانۇنىيىتى بولسا، ئۇرۇش زىددىيەتلىرىنىڭ تۈپ ماھىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر يۈزلىنىشىنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئۇرۇش قانۇنىيىتى ئادەتتە ئادەتتىكى قانۇنىيەت ۋە ئالاھىدە قانۇنىيەت دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. 

ھەربىي ئىشلار ئىلمىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى ئۇرۇشتۇر. ھالبۇكى ئۇرۇش بولسا مۇئەييەن زامان ۋە ماكان شارائىتىدا، پۈتكۈل جەمئىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىجتىمائىي پائالىيەت شەكلىدۇر، شۇڭا ھەربىي ئىلىم ئۇنىۋېرساللىققا ۋە روشەن سىنپىيلىققا ئىگە بولىدۇ. تەبىئىي پەن جەھەتتە قولغا كەلگەن نۇرغۇن ئۇتۇقلار، ھەربىي ئىشلاردا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىدۇ. ھەربىي تېخنىكا قورال كۈچىنى تەشكىللەش ۋە ئۇرۇش ئېلىپ بېرىشتىكى ماددىي ئاساس ۋە تېخنىكىلىق ۋاستە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەربىي قوشۇننىڭ ئۇرۇش جەڭگىۋارلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى ئاساسىي كۈچ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئۇرۇش قوراللىرىنىڭ تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقىرىش، ئىشلىتىش، تۈزەش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دۇنيادا توختىماستىن قىسمەن ئۇرۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئومۇميۈزلۈك دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ھەر قاچان كۆرۈلۈش خەۋپى بار. ئېلىشىش ئۇزاق مۇددەتلىك بولىدۇ، شۇنىڭغا ماس ھالدا ھەربىي ئىشلار ئىلمىمۇ كۈنسېرى مۇكەممەللىشىپ، تەرەققىي قىلىپ بارماقتا. كەلگۈسىدە سىنىپ ۋە دۆلەتنىڭ يوقىلۇشىغا ئەگىشىپ، ئۇرۇشنىڭ تۈپ يىلتىزىنى يوقىتىپ، ئىنسانىيەتنى تىنچ، خاتىرجەملىككە ئىگە قىلىش، ھەربىي ئىشلار ئىلمىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قىبلىنامىسىدۇر.

ھەربىي ئىشلار ئىلمىدۆلىتىمىز سىرتقا قارىتا ئىزچىل تۈردە مۇستەقىل، ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇشتەك تىنچلىق سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، جاھانگىرلىككە زور كۈچى بىلەن قارشى تۇرۇپ، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئەڭ زور كۈچىنى نامايان قىلىۋاتىدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى زامانىۋىي دۆلەت مۇداپىئەسىنى بەرپا قىلىش، مۇۋاپىق نىسبەتتە دۆلەت مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش شۇنداقلا بۇندىن كېيىنكى تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنىڭ ئېھتىماللىقىغا ئاساسەن، ھەربىي ئىشلار ئىلمىنى تېخىمۇ توغرا يۆنىلىشكە باشلاپ تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە ئۆزىنىڭ تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#