مەلھىمى پەرپىيۇن
مەلھىمى پەرپىيۇن تېرىنى قىزىتىش ۋە غىدىقلاش تەسىرىگە ئىگە.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بۇ قىزغۇچ سېرىقرەڭلىك مەلھەم دورا.
نامى | مىقدارى | نامى | مىقدارى | نامى | مىقدارى |
---|---|---|---|---|---|
پەرپىيۇن | 10 گرام | ئاقىر قەرھا | 10 گرام | نۆشۈدۈر | 200 گرام |
كۇچىلا | 250 گرام | ھەببۇلمۈلۈك | 35 گرام |
يۇقۇرىدىكى 5 خىل دورىدىن كۇچىلىدىن باشقا 4 خىل دورىنى سوقۇپ يۇمشاق تالقانلاپ،ئەلگەكلەپ تەييارلايمىز؛ كۇچىلىغا سۇ قوشۇپ 3قېتىم قاينىتىمىز، ھەر قېتىمدا 2 سائەتتىن، دورا سۈيىنى بىرلەشتۈرۈپ، سۈزۈپ،سۇزۇلمىنى قىيام ھالەتكە كەلتۈرۈپ مۇئاپىق مىقتاردىكى لانولىن قوشۇپ تەكشى ئارلاشتۇرۇپ ئاندىن يۇقۇرىدىكى تالقان بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، 1000 گرام مەلھەم تەييارلىنىدۇ.
بۇ دورا مەلھەم ياسالمىسىغا ئالاقىدار ھەر خىل بەلگىلىمىلەر (جوڭگو دورا قامۇسى 2010-يىلى بىرىنچى بۆلۈم،قوشۇمچە IR) گە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم.
بۇ دورىدىن 20 گرام ئېلىپ،ml50(10∶1)خلوروفورم-ئېتانول ۋە قۇيۇق ئاممونياكتىن 0.5ml قوشۇپ،ئېغىزىنى ھىم ئېتىپ، 5 مىنۇت چايقاپ، 2 سائەت تۇرغۇزۇپ، سۈزۈپ،سۈزۈلمىنى سىناق ئېرىتمىسى قىلىپ تەييارلايمىز. سىترىخنىن، بروتسىن سېلىشتۇرما دورىسىدىن ئېلىپ،خلوروفورم قوشۇپ ھەر 1ml سۇيۇقلۇقتا 2مىىلىگرام دورا تۇتقان ئارىلاشما ئېرىتمە تەييارلاپ، بۇنى سېلىشتۇرۇلىدىغان ئېرىتمىسى قىلىمىز.نېپىز قەۋەتلىك رەڭ سىپېكتىر ئۇسۇلى (قوشۇمچە Ⅵ B) سىنىقى تەجرىبىسىگە ئاساسەن،يۇقۇرىدىكى 2خىل دورا ئېرىتمىسىدىنµl10 دىن شۈمۈرۈپ ئېلىپ،نېپىز قەۋەتلىك سىلىكاگىل گرام لىق تاختا ئۈستىدىكى ئايرىم-ئايرىم نوقتىغا تېمىتىپ، تولۇئول-ئاتسىتون-ئېتانول-قۇيۇق ئاممونياك ئېرىتمىسى(4∶5∶0.6∶0.4)نى يېيىلدۇرغۇچى قىلىپ يېيىلدۇرۇپ، شامالدىتىپ قۇرۇتۇپ، تاختا ئۈستىگە،سۇيۇق كالىي- بىسموت يودىد ئېرىتمىسىنى پۈركۈيمىز. سىناق قىلىنغۇچى دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىرىدا، سېلىشتۇرۇلىدىغان دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىرىدىكى مۇناسىپ ئورۇندا ئوخشاش رەڭلىك داغ توچكىلىرى كۆرۈنىدۇ.
تەنھەركەتچىلەر ئېھتىيات بىلەن ئىشلىتىش لازىم.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.