جېڭ فېڭرۇڭ
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
جېڭ فېڭرۇڭ 16 يېشىدىن باشلاپ ئېگىزگە سەكرەش مەشقىگە كىرىشكەن، نەتىجىسىمۇ ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس ئىدى، ئەمما قەتئىي تەۋرەنمەس روھى ئۇنى شاڭخەي تەنتەربىيە ئىنستىتۇتىغا ئىمتىھان بېرىپ كىرگۈزدى. كېيىن يەنە بېيجىڭ تەنتەربىيە ئىنستىتۇتىغا يۆتكىلىپ، داڭلىق يېنىك ئاتلېتىكا ترېنېرى خۇاڭ خەننىڭ يېتەكلىشىگە ئېرىشتى.
1954-يىلى ئۇ 45.1 مېتىر ئىگىزلىكتىن ئۆتۈپ، ئەينى چاغدىكى مەملىكەتلىك رېكورتنى ياراتتى.
1956-يىلى جېڭ فېڭرۇڭ 63.1 مېتىرلىق نەتىجە بىلەن مەملىكەتلىك يېڭى رېكورتنى ياراتتى.
1957-يىلى 8-ئايدا جېڭ فېڭرۇڭ فېدېراتىپ گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا يېنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقىسىدە 72.1 مېتىر ئېگىزلىكتىن ئۆتۈپ، يەنە مەملىكەتلىك رېكورتنى يېڭىلىدى ھەمدە كۈچلۈك ماھىرلارغا تولغان ئېلىشىشتا چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى. 10-ئايدىن 11-ئايغىچە ئۇنىڭ نەتىجىسى تىك سىزىق بويىچە ئۆرلەپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تۆت قېتىم مەملىكەتلىك رېكورتنى يېڭىلاپ، ئاخىرىدا 77.1 مېتىرلىق نەتىجە بىلەن دۇنيا رېكورتىنى ياراتتى.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.