- شېكەر قۇمۇشى (خام دورا)
- شېكەر قۇمۇشى (ئۆسۈملۈك)
شېكەر قۇمۇشى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئۈنۈملۈك تەركىبى
ھەر 100گرام ئىستېمال قىلىنىدىغان قىسىمىدا 84گرام سۇ، 0.2 گرام ئاقسىل ماددىسى، 0.5 گرام ماي، 12گرام كاربون سۇ بىرىكمىلىرى 8 مىللىگرام كالتىسىي، 4 مىللىگرام فوسفۇر، 1-3 مىللىگرام تۆمۈر تۇتىدۇ. شېكەر قومۇشنىڭ شەربىتىدە كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتاسى ، ئاسپاراگىن، ئاسپاگىن كىسلاتاسى، گلۇتامىك كىسلاتا، ئالما كىسلاتاس، لىمون كىسلاتاسى قاتارلىقلار بار. غول بوغۇملىرىدا يەنە ۋىتامىن 6B بولۇپ، بۇ ئۈستى تەرىپىدىكى يۇمران غولىدا كۆپرەك مىقداردا تۇتىدۇ. غولدا يەنە ۋىتامىن C بار.
قان كۆپەيتىش، جىگەرنى، ئومومىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، چوڭ تەرەتنى يۇمشىتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئۇسسۇزلۇق پەسەيتىش، چىش مىلكىنى چىڭىتىش ۋە تازىلاش، ئېغىزنى خۇش پۇراق قىلىش، توسالغۇلارنى ئېچىش.
1. شېكەر قومۇشىدىن 10گرامنى ساپال كوزىغا سېلىپ، سىرتتا شەبنەمگە قويۇپ ئەتىگىنى ئېلىپ ئىچسە، سۆزنەككە پايدا قىلىدۇ.
2. 15گرام شېكەر قومۇشىنىڭ شىرنىسىنى چىقىرىپ ئىچىپ بەرسە بۆرەك دوۋساقتىكى تاشنى چۈشۈرىدۇ.
3. شېكەر قومۇشى شىرنىسى 15گرام، تاتلىق ئانار سۈيى 20گرام، ئىككىسىنى ئارلاشتۇرۇپ، بۇنىڭغا 1.5گرام زەپەرنى سوقۇپ تالقىنىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىچسە قان ئازلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
كۈزنىڭ ئاخىرىدا كېسىپ، يىغىۋېلىندۇ .
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.