كۆممىقوناق دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. كۆممىقوناق ()
  2. كۆممىقوناق (خام دورا)

كۆممىقوناق

كۆممىقوناق

كۆممىقوناق باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى بويى ئەڭ ئېگىز بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى تەخمىنەن 1 ~4 مېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. يىلتىز سىستېمىسى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، شامالغا قارشى تۇرالايدىغان تىرەك يىلتىزلىرى بولىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى كۆممىقوناق
تەۋەلىكى ئۈسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى تاق پەللىلىك ئۈسۈملۈكلەر سىنىپى
خەنزۇچە ئىسمى 苞米
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۈسۈملۈكلەر تىپى
ئائىلىسى باشاقلىقلار ئائىلىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كۆممىقوناقكۆممىقوناقنىڭ ئەسلىي ماكانى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى پېرۇ بولۇپ، شۇ جايدىكى ئىندىئانلار 7000 يىل ئىلگىرىلا ئۇنى تېرىپ ئۆستۈرگەن. كۆممىقوناق مېكسىكىلىقلارنىڭ بىردىنبىر ئاشلىق زىرائىتى بولغاچقا، قەدىمكى دەۋردە كىشىلەر تۇنجى پىشقان كۆممىقوناق باشىقىنى «كۆممىقوناق ئىلاھەسى» گە تەقدىم قىلىدىكەن. 

كولومبو  1492-يىلى يېڭى چوڭ قۇرۇقلۇقنى تاپقاندىن كېيىن، ئىسپانىيىلىكلەر ئامېرىكا قىتئەسىدىن كۆممىقوناق ئۇرۇقىنى ئالغاچ كەلگەن ھەم ئۇنى «ئىندىئانلارنىڭ ئاساسلىق زىرائىتى» دەپ ئاتىغان. كېيىن، ناھايىتى تېزلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان. كۆممىقوناقنىڭ مېۋە باشىقىدا نۇرغۇن ساقالچىلىرى بولۇپ، تۈركىيىلىكلەرنىڭ ساقال-بۇرۇتىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بولغاچقا، 16-ئەسىرلەردە ياۋروپالىقلار ئۇنى ئومۇميۈزلۈك «تۈرك بۇغدىيى» دەپ ئاتاپ كەلگەن. 

كۆممىقوناق ئېلىمىزگە تەخمىنەن 16-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كىرگۈزۈلگەن. ئەينى چاغدا چەت ئەللىكلەر خان ھۇزۇرىغا كىرگەندە خانغا كۆممىقوناق باشىقىنى سوۋغات بۇيۇمى سۈپىتىدە تەقدىم قىلغان بولغاچقا، «خان بۇغدىيى» دەپ ئاتالغان. كۆممىقوناق ئەسلىدە غەربتىن كىرگەن بولغاچقا، ئەينى چاغدىكى كىشىلەر ئۇنى غەربىي ئەل بۇغدىيى دەپمۇ ئاتىغان. شاڭخەينىڭ شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى بەزى دېھقانلار كۆممىقوناقنى ھازىرمۇ چەت ئەل بۇغدىيى دەپ ئاتىشىدۇ. 

كۆممىقوناقكۆممىقوناق باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى بويى ئەڭ ئېگىز بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى تەخمىنەن 1 ~4 مېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. يىلتىز سىستېمىسى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، شامالغا قارشى تۇرالايدىغان تىرەك يىلتىزلىرى بولىدۇ. غولى توم ۋە بوغۇملىرى بار بولۇپ، بوغۇم ئارىلىقىدا كۆپ شىرنىلىك ئۆزەك قىسمى بولىدۇ ھەمدە بۇ يەردە ئوزۇقلۇق ماددىلار زاپاس ساقلىنىدۇ. يوپۇرمىقى كەڭ ھەم چوڭ، تاسمىسىمان تىمىنە شەكىللىك بولۇپ، ئوتتۇرىسىدا قاتتىق قوۋۇرغا تومۇرى بولىدۇ. يوپۇرماق گىرۋەكلىرى دولقۇنسىمان پۈرلىشىپ تۇرىدۇ. كۆممىقوناقنىڭ گۈللىرى تاق جىنسلىق بولۇپ، ئانىلىق ۋە ئاتىلىق گۈللىرى بىر تۈپتە ئۆسىدۇ. ئاتىلىق گۈللىرى غولنىڭ چوققىسىدا ئۆسۈپ، كونۇسسىمان گۈل رېتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئانىلىق گۈللىرى يوپۇرماق قولتۇقىدا ئۆسۈپ، گۆش باشاقسىمان گۈل رېتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. چاڭلاشقاندىن كېيىن قىلتىرىقلىق مېۋە − كۆممىقوناق دانلىرىنى ھاسىل قىلىدۇ. دانلىرى ئادەتتە سورتىغا قاراپ سېرىق، ئاق، قىزىل، سۆسىن ۋە چىپار رەڭلەردە بولىدۇ. 

كۆممىقوناق ئادەتتە بالدۇر پىشىدىغان، مەھسۇلاتى يۇقىرى، سوغۇققا چىداملىق بولغاچقا، ھازىر ئۇ دۇنيا خاراكتېرلىك ئاساسلىق ئاشلىق زىرائىتىگە ئايلاندى. ئۇ ئېلىمىزدە ئاساسلىقى شەرقىي شىمال، شىمالىي جۇڭگو ۋە غەربىي جەنۇبتىكى تاغلىق رايونلارغا تارقالغان.

كۆممىقوناقنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى بىرقەدەر يۇقىرى، شۇنداقلا تەركىبىدىكى ماي مىقدارى گۈرۈچنىڭكىگە قارىغاندا تۆت ھەسسە كۆپ بولغاچقا، كۆممىقوناق يېگەندە قورساق ئاسانلىقچە ئاچمايدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#