چىغىرتماق يىلتىزى
چىغىرتماق يىلتىزى بولسا ئۆسۈملۈك شورلۇق چىغىرتماقتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى «ئىرسا» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.نېرىپلارنى قۇۋۋەتلەش، ئاغرىق پەسەيتىش.رولى بار .
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
چىغىرتماق يىلتىزى بولسا ئۆسۈملۈك شورلۇق چىغىرتماقتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى «ئىرسا» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. يىلتىزىنىڭ سىرتقى يۈزى ساغۇچ ئاق رەڭلىك،ئىچكى قىسمى قوڭۇر رەڭلىك، سەل قاتتىق، شىرشىم كېلىدۇ، يىلتىزسىمان غولى ئازراق پۇراقلىق بولىدۇ.تەمى ئاچچىق،شىنجاڭدىن كۆپرەك چىقىدۇ ھەم رۇسىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا، يۇنانىستان قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ.
توسالغۇلارنى ئېچىش، ماددىلارنى يۇمشىتىش، بەدەننى قىزىتىش، تېرىنى پارقىرىتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش، پەي، نېرىپلارنى قۇۋۋەتلەش، ئاغرىق پەسەيتىش.
1. مىكرو ئورگانىزم ۋە پارازىت قۇرۇتلارغا قارشى تەسىرگە ئىگە، 2. قان پىسلاستىنكىچىلىرىنىڭ توپلىشىشىغا قارشى تۇرۇپ، تىقىلمىلارنى ئېرىتىش رولىغا ئىگە. 3. قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىش ئۆسمىگە قارشى تۇرۇش تەسىرىگىمۇ ئىگە.
1. 1~5 گرام چىغىرتماق يىلتىزىنى ئېزىپ گۈل يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، باشقا چاپسا ياكى سوقۇپ تاماكا تەرىقىسىدە چەكسە، كونا باش ئاغرىقىنى يوقىتىدۇ.
2. چىغىرتماق يىلتىزى بىلەن يوپۇرمىقىنى قاينىتىپ ئىچسە، كۆز قاراڭغۇلىشىش، يۈرەك قوزغىلىش، پالەچ، لەقۋالارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
3. 5 گرام چىغىرتماق يىلتىزىنى ئېزىپ سىركە بىلەن قوشۇپ، يەرلىك ئورۇنغا زىمات قىلسا تال ئىششىقى، قورساققا سۇ چۈشۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
4. چىغىرتماقنىڭ گۈلى ۋە يىلتىزىدىن ياغ تەييارلاپ يەرلىك ئورۇننى ياغلىسا، پەيلەرنى يۇمشىتىدۇ.
زۇكام جەۋھىرى، شەربىتى زۇپا، زەرۇرە مامىرانچىنى، ھەببى مامۇرانچىنى.
كۆكرەك پەردە ياللۇغى، تىترىمە كېسەل، پالەچ، لەقۋا، بوغۇم ئاغرىقى، ئولتۇرغۇچ نېرۋا ئاغرىقى، تال ئىششىقى، بويۇن بەز سىلى، باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش، زۇكام، يۈزدىكى داغ ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى ئىككىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.