ئوچاق چالمىسى
ئوچاق چالمىسى بولسا قالانغان ئوتۇن ۋە ئوت − چۆپلەردە ئىسلىنىپ كۆيگەن سارغۇچ قىزىل ئوچاق چالمىسى بولۇپ، قۇسۇشنى ۋە ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش، قان توختىتىش خۇسۇسىيىتى بار.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئۇچاق چالمىسى بولسا قالانغان ئوتۇن ۋە ئوت − چۆپلەردە ئىسلىنىپ كۆيگەن سارغۇچ قىزىل ئوچاق چالمىسى بولۇپ، «ئوچاق چالمىسى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ .بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىدىن تېپىلىدۇ.
تال ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش ، ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، قۇسۇشنى ۋە ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش، قان توختىتىش خۇسۇسىيىتى بار.
H2SiO3، Fe2O3، Al2O3،K2O ،Na2O،Ca3PO4، CaO،MgO قاتارلىقلار بار.
ھامىلىدارلىقتىكى قۇسۇش، سوزۇلما ئۈچەي ياللۇغىدىن بولغان ئىچى سۈرۈش، قان قۇسۇش، بۇرۇن قاناش، بالىياتقۇ قاناش، ئاق خۇن كۆپ كېلىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
1. ئوچاق چالمىسى بىلەن قەغەز كۈلىنى ئارىلاشتۇرۇپ، يەرلىك ئورۇنغا بېسىپ بەرسە قان توختىتىدۇ.
2. ئوچاق چالمىسىنى گۈلقەنتكە ئارىلاشتۇرۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا يەپ بەرسە، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەپ، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.